خىتاينىڭ ئىقتىسادى تاجاۋۇزچىلىقى ئاستىدىكى ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلار: « تاغلىقلارنىڭ ماتەم ناخشىسى»(Hillbilly Elegy) دىن تەسىراتىم

 

ئاپتورى: ئوكيان

تەھرىر: مەنزىل

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

بۇ يىلقى ئەڭ قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان «ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى» غا ھەممەيلەن دىققەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن. بۇ يىلقى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى يىغىندا ئامېرىكا خىتاينى «ئىستىراتېگىيەلىك رەقىب» ى دەپ بېكىتكەن، يەنى خىتاي ئامېرىكىغا نىسبەتەن «تېرورىزىم» دىنمۇ چوڭ تەھدىت دېيىلگەن[1]. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايىك پېنىسنىڭ نۇتۇقى «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نىڭ باشلىنىشى دەپ قارالماقتا، بۇ ھېنرى كېسسىنگېرنىڭ 1971-يىلدىكى خىتايغا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىنكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋېتىنىڭ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان[2]. خىتاينىڭ تەھدىتىنى ئاۋال ئۇنىڭ دۇنياغا ئىقتىسادىي كېڭەيمىچىلىك ئېلىپ بارغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئۇنداقتا خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە ئامېرىكىقلارغا ۋە ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟

يېقىندا مەن «تاغلىقلارنىڭ ماتەم ناخشىسى» (Hillbilly Elegy) دېگەن كىتابنى ئوقۇدۇم ۋە ئاپتورنىڭ كەچۈرمىشىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم[3]. ئاپتور ج.د. ۋانس ئوخايو شىتاتىدىكى بىر كىچىك يېزىدا چوڭ بولغان، بۇ كىتابتىمۇ ئۆزىنىڭ چوڭ بولۇش جەريانىدىكى سەرگۈزەشتلىرىنى يازغان. ئاپتور گەرچە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى تارتقان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ئۆز تۇرمۇشىنى قۇرۇپ چىقالىغان، «ئوخايو دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى» ۋە «يېل ئۇنۋېرسىتېتى قانۇن كەسپى» نى پۈتتۈرگەن. ئاپتور بۇ ھېكايىسىدە ئۆز يۇرتىدىكى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئېرلاندىيە ۋە شوتلاندىيە ئەۋلادلىرىدىن بولغان «ئاق تەنلىك ئىشچىلار سىنىپى» (White  Working Class)  ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ باشقا توپلۇمىدىكى كىشىلەرگە يەنى قارا تەنلىكلەر، لاتىن ئامېرىكىلىقلار، ئاسىيالىقلارغا ئوخشاش بىر ئاز سانلىق گۇرۇپپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاپتور كىچىك ۋاقتىدا ئۆز دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئاپىسى چېكىملىككە خۇمار بولىدۇ ۋە نۇرغۇن قېتىم تۇرمۇش قۇرۇشتا مەغلۇپ بولىدۇ، چوڭ دادىسى بولسا بىر زاباي بولۇپ، ئاخىرىدا ئۇشتۇمتۇت يۈرەك كېسىلى بىلەن قازا قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇپ، ئاپىسى ئىشتىن قالىدۇ، كېيىن ئىش تېپىشمۇ قىيىن بولىدۇ. ج.د.ۋانس ئاخىرى چوڭ ئاپىسىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ قالىدۇ، نورمال بىر ھاياتقا ئېرىشىدۇ ۋە ئاخىرى ئۇنىۋېرسىتېتقىچە ئوقۇپ ئۆز تۇرمۇشىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، ئۇ بۇ جەرياندا ئۆز مەھەللىسىدە داۋاملىق كۆزگە چېلىقىدىغان بۇنداق «ئائىلە زوراۋانلىقى»، «ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى»، «ھاراق،چېكىملىككە خۇمار بولۇش» قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي جەمىيەت ھادىسىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ. ئاپتور گەرچە بۇ مەسىلىلەرنى ئاساسلىق مۇشۇ توپلۇمدىكى كىشىلەرنىڭ كۈلتۈرى ۋە پىسخولوگىيەسىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەن بۇ يەردە بۇ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ يەنە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى خەتەر تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆز پىكرىمنى بايان قىلماقچى.

ج.د. ۋانس ياشىغان ئوخايو شىتاتى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي ۋە شەرقىي شىمال قىسىملىرىدىكى «داتلىشىش بەلبېغى» (Rust Belt) دەپ ئاتالغان رايونلارغا جايلاشقان. بۇ رايون ئەسلىدە تەرەققىي قىلغان تۆمۈر-پولات ئىشلەپچىقىرىش بىلەن داڭلىق بولۇپ، 1970-يىلدىن باشلاپ زاۋۇتلارنىڭ تاقىلىشى ۋە شەھەرلەرنىڭ چېكىنىشى بۇ رايونلارنىڭ مۇشۇنداق ئاتىلىشىغا سەۋەپ بولغان. بۇ رايوندا يەنە بىر قانچىلىغان سىياسىي «تەۋرەنمە شىتاتلار» (Swing States)  بار بولۇپ، بۇ داتلىشىش بەلبېغىدىكى پۇقرالار پرېزىدېنت سايلىمىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ[4].

2016- يىلى دونالد تىرامپنىڭ سايلامدا يېڭىشىنىمۇ مۇشۇ رايوندىكى «ئاق تەنلىك ئىشچىلار سىنىپى» سايلىغۇچىلىرىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى دونالد تىرامپ ئۆزىنىڭ سايلام رىقابىتىدە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ سودىدا سەمىمىيەتسىزلىك قىلغانلىقى، ئادىل رىقابەت قىلمىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا قارىتا تەدبىر ئالىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن [5]. بۈگۈنكى «سودا ئۇرۇشى»  دەل دونالد تىرامپ ئۆز ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقنىڭ بەلگىسى، مەسىلەن: ئىمپورت ماللىرىغا قارىتا بۇ يىلدىن باشلاپ %25 پولات بېجى ۋە %10 ئاليۇمىن بېجى ئېلىش پەرمانىنى ئىمزالىدى[6].

«خىتاي تەرىپىدىن ئۆلۈم» (Death by China) دېگەن كىتابنىڭ ۋە ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئاپتورى پېتىر ناۋاررو (Peter Navarro) ھازىر ئامېرىكا ئاق ساراي دۆلەتلىك سودا كېڭىشىنىڭ دېرىكتورى، پېرىزدېنت دونالد تىرامپنىڭ سودا ۋە سانائەت سىياسىتى مەسلىھەتچىسى[7].  ئاپتورنىڭ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدىكى[8] مۇنداق سان-سېفىرلار ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ:«خىتاي ئامېرىكىغا ئېكىسپورتنى باشلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى 57 مىڭدىن ئارتۇق زاۋۇت خىتايغا كۆچۈپ بارغان، 25 مىليوندىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىغان.» ئامېرىكىلىق ئىشچىلار قاتلىمىدىكىلەر بۇ جەرياندا چوڭ تەسىرگە ئۇچرىغان. بۇمۇ نېمە ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنىڭ دونالد تىرامپنىڭ خىتايغا قارىتا سودا سىياسىتىنى قوللىغانلىقىنىڭ سەۋەبى دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.

ئۇنداقتا خىتاي نېمە ئۈچۈن خەلقئارالىق كارخانىلارنى جەلپ قىلالىغان؟

  1. خىتاينىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى؛
  2. خىتاينىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش كۈچى، بازار.

خىتاي ئىقتسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ بىر ئامىلى ئېكىسپورت تىپىدىكى سودىغا تايانغانلىقىدا. خىتاينىڭ مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا بازاردا نېمىشقا تۆۋەن باھادا رىقابەتلىشەلەيدۇ؟ چۈنكى كارخانىلار ئىشچىلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئىشچىلارنىڭ خىزمەت ۋاقتى ۋە خىزمەت كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقارغانلىقى، گەرچە بۇ قىلمىش خىتاينىڭ قانۇنىغا خىلاپ بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن. دېمەك « Made in China» دېگەن تامغا «ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى» دەپ ئاتالغان مىليونلىغان دېھقان ئىشچىلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە ئۇرۇلغان.

چەتئەل مەبلىغىنىڭ خىتايغا ئېقىپ كىرىشى: خەلقئارا كاپىتالنىڭ نەزىرىدە خىتاي بىر چوڭ مەبلەغ بازىرى، بىر مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە خىتاينىڭ سېتىۋىلىش كۈچىنى ھېسابلىساق، گەرچە خىتايدا ئەمەلىي سېتىۋىلىش كۈچى بار نوپۇس 300 مىليون بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سان تەرەققىي قىلغان ئەللەر ئۈچۈن يېتەرلىك ئىدى، شۇڭا نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېدىئولوگىيە ۋە ئىنسان ھوقۇق ئەھۋاللىرىغا ئېتىبار بەرمىسىمۇ بولىدىغان دەرىجىگە كەلگەن. دېمەك ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋە زور سوممىلىق سودا توختامى ئالدىدا خىتايغا باش ئەگكەن[9].

دېمەك، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن شىركەتلەرنى ئۆزىگە تارتىپ كېتىشى، بولۇپمۇ ياساش كەسپىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدىن خىتايغا يۆتكىلىشى ئامېرىكىلىق ئىشچىلارنىڭ ئىشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋاسىتىلىك ھالدا ئامېرىكىدىكى «ئاق تەنلىك ئىشچىلار سىنىپى» دىن ئىبارەت بۇ ئاز سانلىق توپىدىكى كىشىلەرنى ئىشسىزلىق يولىغا باشلىغان دېسەكمۇ ئورۇنلۇق دەپ قارايمەن.

ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت ئىقتىسادىي خەتەر تۇيغۇسى بىلەن ج.د. ۋانسنىڭ ھېكايىسىدىكى «ئائىلە زوراۋانلىقى»، «ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى»، «ھاراق، چېكىملىككە خۇمار بولۇش» قاتارلىق ئومۇمىي جەمىيەت ھادىسىسىنىڭ بىر باغلىنىشى بارمۇ-يوق؟

تۆۋەندە مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چەكلىمە، بىۋاستە ئىشسىزلاشتۇرۇش ۋە بۇنىڭ ئىجتىمائىي نەتىجىسى ھەققىدە پىكرىمنى بايان قىلىمەن.

2013- يىلى نويابىردا ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتى نوپۇس تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتى «خىتاينىڭ مىللەت، كۆچمەنلىك ۋە جەمئىيەت قاتلىمى: ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىسپات» تا ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى نوپۇس ئۆزگىرىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىم ئەھۋالى ھەققىدە بايان بەرگەن ۋە بۇنى يەرلىك خىتايلار ۋە كۆچمەن خىتايلار بىلەن سېلىشتۇرغان[10].

ئاپتور بۇ رايوندىكى تەتقىقات ئوبيېكتىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىغان:

  1. ئۇيغۇرلار
  2. يەرلىك خىتايلار
  3. كۆچمەن خىتايلار

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئىقتىسادىي ساھەدىكى دۆلەت قايتا تەقسىملەش كۈچى بارغانسېرى رىقابەتلەشكەن ئەمگەك كۈچى بازىرىغا يول بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ باراۋەرلىكنى قوغداش كۈچى ئاجىزلىغان، بۇ ئارقىلىق كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇشتەك پىرىنسىپ ئىقتىسادىي ئەركىنلىشىش قەدىمىدە بارغانسىرى كەينىگە چېكىنگەن. مۇۋاپىق باشقۇرۇش ئۇسۇلى كەم بولغانلىقتىن، كۈنسايىن ئاشقان خىتاينىڭ ئەمگەك بازارىدا مىللىي كەمسىتىش كەڭ تارقالغان. ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقى گەرچە ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى ئورگانلاردا چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسىنىڭ بازارلىشىشىدا بۇ پەرق زورايغان.

يۇقىرىدىكى ئۈچ گۇرۇپپا كىشىلەر ئىچىدە يەرلىك خىتايلار ئەڭ ياخشى ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى پايدىسىز ئورۇندا تۇرغان، مەسىلەن: ئەمگەك بازىرىدا كۆرۈنۈشچان ئالاھىدىلىكىگە يەنى مىللىتى، جىنسىي قاتارلىقلارغا قاراپ ئىشقا ئېلىش بار بولغاچقا،  ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارىلىپ كەمسىتىلىشكە دۇچار بولغان بولسا، خىتاي كۆچمەنلىرى نوپۇس يۆتكەش تۈزۈمىنىڭ تەسىرىدە يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى ئورگانلاردىن خىزمەت تېپىشى چەكلىمىلىككە ئۇچرىغان. ئەمما رايونلۇق ۋە شەھەر-يېزا پەرقىنىڭ ئېشىشى ئۇيغۇرلارنى ئىقتىساد پۇرسىتى ئىزدەپ كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتە تېخىمۇ پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈۋەتكەن.  1-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى  1949-يىلدىن 2004-يىلغىچە بولغان ئۇيغۇر-خىتاي نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى بولۇپ، خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېشىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

1-رەسىم ئۇيغۇر-خىتاي نوپۇسىنىڭ ئ‍ۆزگىرىش جەريانى (1949-2014)

 

ئەسلىدە رايوندا بار بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن يەرلىك خىتايلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت كۆچمەن خىتايلارنىڭ تۈركۈملەپ كېلىشى بىلەن تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشكەن. يەرلىك خىتايلار نوپۇس ۋە مائارىپ قاتارلىق جەھەتتىكى ئىمتىيازلىرى، خىتاي كۆچمەنلىرى تېخىمۇ ئاز مائاش بولسىمۇ ئىشلەشكە رازى بولۇشتەك ئەھۋاللار ئۇيغۇرلارنى قىيىن ئەھۋالغا قويغان.

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نۇقتىنەزىرىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى پەقەت رايوندىكى تەبئىي بايلىقلارنى ئېچىش، يەرلىك خىتايلار ۋە كۆچمەن خىتايلار بۇ ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتدارى بولغانلىقىدا. بۇندىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى باستۇرۇش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى ئاز سانلىقلارنىڭ ئاپتونومىيەسىنى ئاجىزلاتقان ۋە تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي توقۇنۇشلارنى بارغانسېرى كەسكىنلەشتۈرگەن دەپ ئەيىپلەنگەن.

ئاپتور يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك بازىرىدا كەمسىتىلىشكە ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبىنى بىر جەھەتتىن بەلكىم شەخسىي سەۋىيە جەھەتتىن، مەسىلەن خىتايچە سەۋىيەسى يېتەرلىك بولماسلىق، مۇناسىۋەت تورىنىڭ ئاجىز بولۇشى قاتارلىقلاردىن بولغان بولسا، يەنە بىرجەھەتتىن بەلكىم خىزمەت بەرگۈچى خىتايلارنىڭ ئۇلارنىڭ خىزمەت نىزامى، مەدەنىيتى ۋە دىنىغا بولغان بىر تەرەپلىمىلىك كۆز قارىشىدىن كەلگەن دەپ چۈشەندۈرگەن.

رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى يېزا-ئىگىلىكنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئاپتور بۇ تەتقىقاتىدا شەھەردىكى كىشىلەرنى غەيرى يېزا-ئىگىلىك كەسىپلىرى بويىچە سېلىشتۇرغان (2- رەسىمگە قارالسۇن).

2- رەسىم ئۇيغۇر، خىتاي ۋە كۆچمەن خىتايلارنىڭ غەيرى يېزا-ئىگىلىك كەسپلەرگە كىرىشىنىڭ ئالدىن مۆلچەر ئېھتىماللىق گرافىگى

 

غەيرى يېزا-ئىگىلىك كەسىپلەرنى تۆت تۈر بويىچە ئايرىغان (2-رەسىمدە سولدىن-ئوڭغا قاراپ تىزىلغان):

  1. ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى ئورگانلار ( Government and Public Institutions )
  2. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ( Public Enterpirse/SOE )
  3. شەخسىي ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ( Private Enterprise )
  4. يەككە تىجارەت ( Self Employment )

بۇ تۆت تۈرنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى ئورگانلاردا خىزمەت قىلىش ئېھتىماللىقى خىتايلارغا قارىغاندا يۇقۇرى بولۇپ، كىرىم جەھەتتىنمۇ خىتايلارنىڭ بۇ تارماقتىكى كىرىمى بىلەن ئوخشاش بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئەسلىي مەقسەتتە مىللىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەرغىب قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بازار كۈچىنىڭ تەسىرىدە بۇ دۆلەت سىياسىتى ئاجىزلىغان، بۇ خىل ئۆزگىرىش تەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى ئورگانلاردا خىزمەت قىلىش پۇرسىتى بارغانسىرى ئازلىغان ۋە يەككە تىجارەت ساھەسىگە سىقىپ چىقىرىلغان.

بىرىنچى تۈردىن باشقا قالغان ئۈچ تۈردىمۇ ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن كەسكىن رىقابەتكە چۈشكەن، كىرىم جەھەتتە ئىنتايىن پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا ئۇيغۇرلار يەرلىك خىتايلار بىلەن رىقابەتكە چۈشسە، كۈنسايىن گۈللەنگەن شەخسىي ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا باشقا ئۆلكىلەردىن كەلگەن كۆچمەن خىتايلار ئۇلارنىڭ رىقابەتچىسى بولغان. ھەتتا يەككە تىجارەتتىمۇ ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي جەھەتتە يەرلىك خىتايلاردىن ناچار ئورۇندا تۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچى پۇشقان ھالدا «ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي پۇرسەتلەر خىتايلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى» دېيىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس.

3- رەسىمدە ئۇيغۇرلار بىلەن كۆچمەن خىتايلارنىڭ تۆت تۈردىكى كىرىمنىڭ يەرلىك خىتايلار بىلەن نىسبىتى كۆرسىتىلگەن، يەرلىك خىتايلارنىڭ كىرىمى گرافىكتىكى «1» كۆرسەتكەن گورىزۇنتال سىزىق بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە كۆچمەن خىتايلارنىڭ كىرىمى شۇنىڭغا نىسبەتەن سېلىشتۇرۇلغان. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى پەقەت ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى ئورگانلاردىلا مىللىي باراۋەرلىك نىسبەتەن ساقلىنىپ قالغان، ئەمما باشقا ئىقتىسادىي ساھەلەردە مىللىي باراۋەرسىزلىك بارغانسېرى چوڭايغان.

3-رەسىم ئۇيغۇر ۋە كۆچمەن خىتايلارنىڭ يەرلىك خىتايلار بىلەن غەيرى يېزا-ئىگىلىك ساھەسىدىكى كىرىم ئەھۋالىنىڭ سېلىستۇرمىسى

ئاپتور ماقالىدە يەنە 1997-يىلىدىكى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال ۋەقەسىنى مىسال قىلىپ، غۇلجا ۋە جەنۇبىي رايونلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېغىر ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقىنىمۇ ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىسادىي كىرىمنىڭ مەنبەسى، تۇرمۇشنىڭ كاپالىتى. ئەگەر خىزمەت يوق بولسا، بىر كىشى نامراتلىشىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ دېگەن گەپ، نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىسىزلىق ۋە نامراتلىق قاينىمىغا كىرىپ كېتىشىگە قاراپ تۇرىدۇ؟

غۇلام ئوسماننىڭ «ئەينەك» دېگەن كىتابىنىڭ [11] «نامراتلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەقسىتى» دېگەن تېمىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. كومۇنىست مۇستەملىكىچىلىرى ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ باي بولۇشىنى خالىمايدۇ، چۈنكى يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى ياكى مىللىي سانائەت تەرەققىياتى ئىقتىسادنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرگىلى، بۇنىڭدىن بارلىققا كەلگەن مىللىي بۇرژۇئازىيە مىللەتنىڭ ئاڭلىق تەبىقىسى بولۇپ، مىللىي سانائەت ئىشچىلار سىنىپىنى پەيدا قىلىدۇ، ئىشچىلار سىنىپى مىللىي ئىنقىلاپ، ئىسلاھات ۋە باشقا يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكەتلىرىدە ئىلغار سىنىپ بولۇپ، ئاۋانگارتلىق رول ئوينايدۇ.

ئىقتىساد-ئىنساننىڭ كۆزىنى ئاچىدۇ، ئىقتىساد-خەلقنى ئويغىتىدۇ، ئىقتىساد-ئىنقىلابنى ماددى ئاساسقا ئىگە قىلىدۇ، ئىقتىساد-تەبئىي رىقابەت ئېڭىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئىقتىساد-مىىللەتنى تونۇتىدۇ. مەسىلەن يەھۇدىيلار 2000 يىللىق ۋەتەنسىزلىك، مىللىي خورلۇقتىن قۇتۇلۇپ، دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە قازىغا ئايلاندى ھەم دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇ ئاساسەن پۇلنىڭ كۈچىدىن بولدى.

غۇلام ئوسماننىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق يولىدا ئىزدىنىش 2 » دېگەن كىتابىدا  [12]مۇنداق بايان قىلىدۇ: « ئىقتىسادىي بېقىندىلىق-سىياسىي بېقىندىلىقنىڭ ئاساسى، ئەكسىچە ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق-سىياسىي مۇستەقىللىقنىڭ بىخى، باشلىنىشى، ئاساسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىلدۇر. مۇستەملىكە مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ھامان شۇ مىللەتنىڭ بايلىرى تەرىپىدىن تەشكىللىنىدۇ ياكى ئاساس يارىتىلىدۇ،چۈنكى تەشكىللىنىش نوپۇزنى شەرت قىلىدىكەن، ئۇ ھالدا نوپۇز ھامان كۆپ ھاللاردا بايلاردا ياكى بايلار تەرىپىدىن دەستەكلەنگەنلەردە بولىدۇ، مەلۇم ئىقتىسادىي كۈچكە ، يەنى مۇستەقىل ئىقتىسادىي ئاساسقا ئىگە بولغان مىللەتلەر تەدرىجىي تەشكىللىنىپ مۇستەقىلىققە ئېرىشىدۇ. ئىقتىسادىي كۈچى بولمىغان مىللەتلەردە ئۇيۇشۇش كۈچىمۇ بولمىغاچقا تەشكىللىنەلمەيدۇ. ئىقتىسادىي بېقىندىلىق سىياسىي قۇللۇقنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ. سىياسىي قۇللۇق-ئىقتىسادىي جەھەتتىن قەد كۆتۈرۈشنى چەكلەپ تۇرىدۇ.»

دېمەك، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چەكلىمىسگە تارىختىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبىنى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىساق « ئىقتىسادىي كۈچ ۋە ئەركىنلىك كىشىلەرنى سىياسىي جەھەتتىكى كۈچكە ۋە ئەركىنلىككە يېتەكلەيدۇ». شېڭ شىسەي 1936-يىلىدىكى بايلارنى تازىلىشىدا نەچچە ئون مىڭ باينى يوشۇرۇن تۇتقۇن قىلىپ يوقىتىۋەتكەن بولسا، خىتاي كومۇنىستلىرى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىمۇ بايلارنى كاپىتالىستلارغا چېتىپ يوقاتقان، بۈگۈنمۇ شەرقىي تۈركىستاندا بايلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇن قىلىش نىشانى بولۇشى دەل مۇشۇ سەۋەپتىندۇر، مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەردىكى باي سودىگەرلەردىن قەشقەر ۋىلايىتى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل ھاجىمنى 2017-يىلى 18يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان[13].

ئامېرىكىلىق پىسخولوگ ئابراھام مەزلوۋنىڭ 1943-يىلى ئېلان قىلغان « ئىنسان مۇددىئاسىنىڭ نەزەرىيەسى»دە، ساغلام ئىنساننىڭ بىر قانچىلىغان ئېھتىياجىنىڭ بولىدىغانلىقى، بۇ ئېھتىياجلارنىڭ دەرىجىلەرگە بۆلۈنىدىغانلىقى ( مەسىلەن ئاساسىي ۋە پىسخىكىلىق ئېھتىياج قاتارلىقلار) نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «ئېھتىياجلارنىڭ دەرىجىگە ئايرىلىشى» دەپ ئاتىغان. (4-رەسىمگە قارالسۇن)

4- رەسىم ئېھتىياجنىڭ دەرىجىگە ئايرىلىش گىرافىگى

بۇ بەش دەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:[14]

  1. فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياج: يېمەكلىك، سۇ، ئىللىقلىق، ئارام
  2. بىخەتەرلىك ئېھتىياجى: ئامانلىق، خەۋپسىزلىك
  3. مەنسۇپلۇق ۋە مۇھەببەت ئېھتىياجى: يېقىن مۇناسىۋەت، دوستلۇق
  4. ھۆرمەت ئېھتىياجى: شۆھرەت ۋە ئۇتۇق تۇيغۇسى
  5. ئۆزىنى رېئاللاشتۇرۇش ئېھتىياجى: ئۆزىنىڭ تولۇق يوشۇرۇن كۈچىگە يېتىش، بۇ يېڭىلىق يارىتىدىغان پائالىيەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

فىزىئولوگىيەلىك ۋە بىخەتەرلىك ئېھتىياجى ئىنساننىڭ ئاساسىي ئېھتىياجى دەپ ئاتىلىدۇ. مەنسۇپلۇق ۋە مۇھەببەت، ھۆرمەت بولسا ئىنساننىڭ پىسخولوگىيەلىك ئېھتىياجى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆزىنى رېئاللاشتۇرۇش ئېھتىياجى بولسا ئۆزىنى نىشانغا يەتكۈزۈش ئېھتىياجىنى كۆرسىتىدۇ.

دېمەك ئىنساننىڭ فىزىكىلىق جەھەتتىكى مۇھتاجلىقى ئورۇنلانغاندا، ئاندىن يۇقىرى ئۆرلەپ باشقا جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، مەسىلەن، «تاغلىقلارنىڭ ماتەم ناخشىسى» نىڭ ئاپتورى ج.د.ۋانس كىچىك ۋاقتىدا قالايمىقان، كۆڭۈلسىز، نامرات مۇھىتتا ھېچ بىر خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ، پەقەت چوڭ ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە مۇقىم، بىخەتەر، ئىللىق بولغان ئائىلە مۇھىتىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۆز ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرى يېل ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھۆرمەت ئېھتىياجىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

بىر ئۇيغۇر ياشمۇ ئەگەر ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجىدىن چىققاندا، ئاندىن باشقا ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن تىرىشالايدۇ. رابىيە قادىر بىر زىيارەت خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ ۋەتەندە تىجارەت قىلىش جەريانىدا يېزا قىشلاقلارغىچە بارغانلىقىنى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۇيغۇرلارنى شۇنداق نامراتلاشتۇرغانلىقنىڭ تۈپ سەۋەبىنى تېپىپ چىققانلىقىنى، بىر كىشى نامرات بولغاندا ئۆزىنىڭ ئەتىسىنى، ۋەتىنىنى، خەلقىنى، ئۆزىنىڭ ئەۋلادىنى ئويلاشقا ۋاقتى قالمايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

«تاغلىقلارنىڭ ماتەم ناخشىسى» دا ج.د. ۋانس «ئائىلە زوراۋانلىقى»، « ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى»، «ھاراق،چېكىملىككە خۇمار بولۇش» قاتارلىق ئومۇمىي جەمىيەت ھادىسىلىرىنى بايان قىلغان، بۇنداق ھادىسىلەر نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلىرى، بولۇپمۇ ئىشسىز توپلۇمدىكىلىرىدە كۆپ كۆرۈلۈدۇ ؟ مەن بۇ ئەھۋاللارنى ئۇيغۇر رايونىدىكى يەنە بىر جەمئىيەت ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇردۇم. ‏

ئىشسىزلىق ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى

« خىتاينىڭ مىللەت، كۆچمەنلىك ۋە جەمئىيەت قاتلىمى : ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىسپات» تا 1997-يىلىدىكى غۇلجىدا يۈز بەرگەن 5-فېۋرال ۋەقەسىنى مىسال قىلىپ، غۇلجا ۋە جەنۇبتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېغىر ئىشسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقىنمۇ ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ. «5- فېۋرال ۋەقەسى» گە ئائىت يەنە بىر ماقالىدىمۇ غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ، بۇ ئەسەردە غۇلجىدىكى 21 زاۋۇت-كارخانىنىڭ مىسالى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدىن كېيىن ئۇيغۇلارنى نۇقتىلىق ھالدا ئىشسىزلىق يولىغا ھەيدىگەنلىكى بايان قىلىنغان[15]. بۇ يەردە مېنى ئويلاندۇرغان يەنە بىر مەسىلە شۇكى غۇلجىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى بولغانسېرى، بۇ رايوندىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى. بۇنىڭدا نېمە ئۈچۈن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەت بار؟

ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە سۆز بولۇنسا كىشىلەر بەلكىم «ئەخلاقى ناچار بولغاچقا، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەچكە مۇشۇنداق كېسەل بولغان» دېيىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ مەسىلىنى پەقەت ئەخلاق نۇقتىسىدىنلا چۈشەندۈرۈشنى مەن ئانچە توغرا تاپمىدىم، چۈنكى بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە يەنە ئېغىر بولغان بىر ئىجتىمائىي سەۋەپ مەۋجۇد. تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىغان بەزى پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرغا قويىمەن:

ئۇيغۇر رايونى گەرچە ئىقتىساد، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا ئارقىدا بولسىمۇ، ئەمما يەنە مەلۇم جەھەتلەردە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، مەسىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە ئاجرىشىش نىسبىتى قاتارلىقلار.

2007- يىلىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتى تۆۋەندىكىچە [16]:

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى، 1995-يىلى بۇ رايوندا تۇنجى يۇقۇملانغۇچى ( بۇ كىشى ئىچكىردىن چىققان بىر خىتاي)  بايقالغاندىن بۇيان، كېسەللىكنىڭ يامرىشى تېز بولغان،2007-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە رايوندىكى 15 ۋىلايەت شەھەر ئوبلاست ۋە 84 ناھىيەدىكى يۇقۇملانغۇچى ئومۇمىي سانى 19882 گە يەتكەن، بۇ جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا تۇرغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە:

  1. يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىقى 20 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغانلارنى تەشكىل قىلىدۇ.
  2. ئوكۇلنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق قان بىلەن يۇقۇش ئاساس بولغان.
  3. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن.
  4. ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ناچار.
  5. يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىقى غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق بىر قانچە ئوتتۇرا چوڭ شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن.

دېمەك، يۇقارقى خىتاينىڭ ئېلان قىلغان مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ، مۇنداق يەكۈننى چىقىرىشقا بولىدۇ: ئۈرۈمچى ۋە غۇلجىغا مەركەزلەشكەن شەھەر ئۇيغۇرلىرى ئىچىدە، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئىچىدە، زەھەرلىك چېكىملىككە بېرىلىش ئارقىسىدا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار سانى مۇشۇ رايوندىكى خىتاي يۇقۇملانغۇچىلار سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى نېمە؟

ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تىببىي ئىنستىتوتىنىڭ « خۇمار بولۇش» ھەققىدىكى ماقالىسى «خۇشاللىق پىرىنسىپى» دا [17] ئىنسان مېڭىسىنىڭ مەيلى ناركوز قىلغۇچى دورا ۋە چېكىملىكلەر ئارقىلىق بولسۇن ياكى پۇلغا ئېرىشكەن، تەملىك تاماقنى يېگەن ۋاقتىدىكى ئېرىشكەن خۇشاللىق سېزىمىنىڭ ئەسلىدە مېڭىنىڭ يادرو تەنچە قىسمىدىن قويۇپ بېرىلدىغان دوپامىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ھەم مۇشۇ خىل ماددىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئەستە ساقلىنىپ قېلىنىشى ئارقىلىق كىشىلەرنى داۋاملىق شۇ « خۇشاللىق تۇيغۇسى» غا ئۈندەيدىغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن فىزىكىلىق جەھەتتىكى خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

گوللاندىيە ئامېستىردام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر پېتىر كوھىن [18] «چېكىملىككە خۇمار بولۇش» ھەققىدە پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىن جاۋاب بەرگەن، يەنى ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، « چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قېلىش ئەمەس، بەلكى باغلىنىپ قېلىش.» ئىنسانلار تۇغۇلىشىدىنلا بىر باغلىنىشقا ئېھتىياجى بولىدۇ، ئادەم خۇشال ھەم ساغلام بولغاندا باشقىلار بىلەن ئۆز ئارا باغلىنىدۇ، ئەمما تۇرمۇش تەرىپىدىن ئوڭۇشسىزلىق، يەكلىنىش ياكى زەربىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئادەم بىر نەرسىگە باغلىنىش ئارقىلىق ئۆزىدە يېنىكلەش تۇيغۇسىنى ئىستەيدۇ. دېمەك كىشىلەر ئۆزىنىڭ مۇشۇ پەيتتىكى ھاياتىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ۋە ئازراق بولسىمۇ خۇشاللىق ئىزدەشكە، روھىي بېسىمدىن قۇتۇلۇش ھەققىدە ئىزدىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاراق، زەھەرلىك چېكىملىك ياكى قىمار قاتارلىقلارغا خۇمار بولۇپ قېلىش كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇيغۇر ياشلىرىدىكى ئىشىسىزلىقتىن ئىبارەت بۇ جەمئىيەت ھادىسىسى ئۇلارنىڭ ئىنساننىڭ ئەڭ تۈپكى ئېھتىياجى بولغان ئاساسىي ئېتىياجى يەنى فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياج ۋە بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىغان، بۇنىڭ بىلەن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي بىخەتەرسىزلىك تۇيغۇسى بەزى ياشلارنىڭ ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشىنى، ھەم ئۆزلىرى ياشىغان شۇ مۇھىتتىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قېچىش تۇيغۇسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ ئارقىلىق زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالغان ياشلار بارغانسېرى كۆپەيگەن ۋە ئوكۇلنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلى بۇ ياشلار ئارىسىدا يامراپ كەتكەن. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، ھەر قانداق تۈردىكى يوللۇق تەلەپ « خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققانلىق» دەپ ئەيىپلىنىدىغان ھەم سۆز ئەركىنلىكىمۇ كونترول قىلىنغان بولغاچقا، بۇ ياشلارنىڭ ئارزۇسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلگەن دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ، بۇمۇ غۇلجا 5-فېۋرال ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا مۇقىملىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان بولغاچقا، سەھىيە جەھەتتىكى مەبلەغ سېلىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈش يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارايمەن. بۇ نۇقتىلاردا يەنە داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ كېسەلنى ئۇيغۇر ياشلىرنىڭ ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت بۇ جەمئىيەت كىرزىسىنىڭ بىر ئالامىتى دەپ ئاتىساق بولىدۇ.

بۇ ئارقىلىق «تاغلىقلارنىڭ ماتەم ناخشىسى» دا  ج.د. ۋانس بايان قىلغان ئامېرىكا « ئاق تەنلىك ئىشچىلار سىنىپىدىكىلەر» نىڭ جەمئىيەت ھادىسەلىرى بىلەن «ئۇيغۇر ياشلىرى» جەمىيەتىدىكى ھادىسىلەرنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقى ھەم كېلىپ چىقىش سەۋەبىدە ئىقتىسادىي ئامىلنىڭمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇيغۇر خەلقى 1949-يىلدىن باشلاپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر خىل ئىقتىسادىي زىيانكەشلىكلىرىگە بىۋاستە ئۇچراپ كەلگەن بولسا، ئامېرىكىدىكى « ئاق تەنلىك ئىشچىلار سىنىپى»  « ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى» دىن كېيىن خىتاينىڭ ۋاسىتىلىك زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان.

 

پايدىلانغان ماتېرياللار:

  1. https://www.nytimes.com/2018/01/19/us/politics/military-china-russia-terrorism-focus.html
  2. https://www.wsj.com/articles/mike-pence-announces-cold-war-ii-1539039480
  3. https://en.m.wikipedia.org/wiki/Hillbilly_Elegy
  4. https://www.businessinsider.nl/regions-america-bible-belt-rust-belt-2018-4/?international=true&r=US
  5. https://www.bbc.com/news/av/world-us-canada-36185275/china-accused-of-trade-rape-by-donald-trump
  6. https://www.bbc.co.uk/programmes/p060m0hg
  7. https://en.m.wikipedia.org/wiki/Peter_Navarro
  8. https://m.youtube.com/watch?v=mMlmjXtnIXI
  9. http://heqinglian.net/2004/06/30/china-authoritarian-rule
  10. https://www.psc.isr.umich.edu/pubs/pdf/rr13-810.pdf
  11. https://www.elkitab.org/wp-content/uploads/2017/06/Eynek.pdf (149-بەت)
  12. https://www.elkitab.org/wp-content/uploads/2017/06/ShTAYI_2.pdf (20-21 بەت)
  13. https://www.rfa.org/english/news/uyghur/wealthiest-01052018144327.html
  14. https://www.managementstudyguide.com/maslows-hierarchy-needs-theory.htm
  15. http://www.uyghurnet.org/cn/最富饶的土地上的伊犁维吾尔人的下岗代价/
  16. http://www.ts.cn/special/content/2007-11/29/content_2319396.htm
  17. https://www.health.harvard.edu/newsletter_article/how-addiction-hijacks-the-brain
  18. http://www.cedro-uva.org/cohen/

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن