تىرامپنىڭ خىتايغا قاراتقان يېڭى سوغۇق مۇناسۋەت ئۇرشى قانداق شەكىلدە بولىدۇ؟

خىتاي IPP ئەقىل ئامبىرى

جىڭ يۇڭنەن (郑永年)

ئېلان قىلنغان ۋاقتى : 2018-يىلى 8-ئۆكتەبىر

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : كۆلتېگىن

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ۋە ئىشكنى ئېچۋەتكەندىن بۇيان غەربنىڭ خىتايغا قاراتقان سىتراتگىيسى مونۇ ئۈچ نوقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
0. قورشاش ۋە چەكلەش ئارقلىق خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى چەكلەش ، ھىچبولمىغاندا خىتاينىڭ غەربنىڭ خوجىلىق ئورنىغا خىرس قىلشىنى توسۇش.
0. خىتاينى غەرب دۇنياسى باشچىلىقدىكى دۇنيا سېستمىسىغا كىرشكە رىغبەتلەندۈرۈش ، غەرپ ھەم خىتاينى يوقىتىپ قويغۇسى يوق ئىدى ھەم خىتاينىڭ ئىككىنچى سۆۋىت ئىتپاقىغا ئايلىنىشىنى خالىمايتى.
0. خىتاينى غەرپكە ئوخشايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش.
لىكىن ھازىر بۇلارنىڭ ھىچبىرىنىڭ پايدسى يوق بولۇپ چىقتى. ھازىر غەرپنىڭ يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىددىيسى بولسا ، خىتاينى ھەم چەكلىگىلى ھەم ئۆزگەرتكىلى بولمىغانكەن خىتاينى ئىككىنچى سۆۋىت ئىتىپاقىغا ئايلاندۇرۇش ۋە بۇئارقلىق جوڭگۇ بىلەن يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى قىلشتىن ئىبارەت. بۇنداق قىلغاندا غەرپ دۇنياسى ھىچبولمىغاندا ئىتتىپاقلىشپ ،ئەڭ زور تىرشچانلىق كۆرسىتىپ خىتاينىڭ كىڭەيمىچىلىك قىلشىنى توسايدۇ ۋە خىتاينى يىتىم قالدۇرالايدۇ .

2017-يىلى تىرامىپ ھۆكۈمىتى ۋە 2018-يىلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپئە بۆلىمى ئايرىم ئايرىم ھالدا «دۆلەت بىخەتەرلىك دوكلاتى » ۋە «دۆلەت مۇداپئە ئىستراتگيسى دوكلاتى» نى ئىلان قىلدى. ھەر ئىككىسى خىتاي ۋە روسىيەنى ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق
ئىستراتگىيەلىك رەقىبى دەپ ئاتىدى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ خىتاي ۋە روسىيەنىڭ خىرسىغا تاقابىل تۇرشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئىنتايىن مەنىلىك بولغىنى بولسا، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ بۇ دوكلاتىنى « يېڭى دەۋىردىكى يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتگيسى » دەپ ئاتىدى. بۇ خىل ئاتاش خىتاي رەھبەرلىرى ئوتترىغا قويغان «يېڭى دەۋر»ى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ، تىغ ئۇچىنى خىتايغا قاراتقىنى ئوپئوچۇق ئىدى .

خىتاي بىلەن بولىدىغان بۇ يېڭى سوغۇق ئۇرۇش قانداق ئېلىپ بېرىلدۇ؟

بۇ مەسىلىنى جوڭگۇلۇقلارنىڭ ياخشى دوستى ھېنىرى كىسسىنگىردىن سوراشقا توغرا كېلىدۇ. لىكىن ھېنىرى كىسسىنگىرنىڭ شەخسى ئۆزىدىن سوراش ئەمەس بەلكى ئونىڭ ئەسىرىنى تەتقىق قىلش كېرەك. ئونىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋەت تارىخى ۋە دۇنيا تاشقى ئىشلار تارىخىغا بولغان ئىلمى ئانالىزى ۋە چۇڭقۇر پىكىرلىرىنى تەتقىق قىلش كېرەك. كىسسىنگىر تاشقى مۇناسىۋەتتە سېپى ئۆزىدىن بىر رىئالىزىمچى . شۇنداق دېيشكە بولىدۇكى كىسسىنگىرىزىم ، ماكىئاۋىلىزىمنىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتتىكى ئىپادىلىنشىدۇر.

كىشلەر كىسسنگىرىزىمنى مۇنداق ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلايدۇ؛
0. ئىدولوگىيەدىن خالىي بولۇش . خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە دىپلوماتىيەنى تەھىلىل قىلغاندا، ھىچقانداق بىر ئىدولوگىيەنى ئىشلەتمەسلەك ، يەنى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتنىڭ يادروسى ئوپئوچۇق مەنپەتتۇر. گەرچە بۇ مەنپەت پەقەتلا ماددى مەنپەتنىلا ئۆز ئىچىگە ئالمىسىمۇ .
0. ئەخلاقتىن خالىي بولۇش . ھەرقانداق ئەخلاق كۆز قارشى كۆتۈرۈپ كېلىپ تاشقى مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك .بۈگۈنكى دوست ئەتىكى دۈشمەنگە، بۈگۈنكى دۈشمەن ئەتىكى دوستقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
0. ۋاستە تاللىغاندا ماكئاۋىلىزمچە بولۇش . مەقسەد ۋاستىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.پەقەت دۆلەتنىڭ مەنپەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە ئېلىپ چىقالىسىلا شۇنداقلا دۈشمەننى مەغلۇپ قىلالايدىغان بولسىلا ، ھەرقانداق ۋاستىنى قوللانسا يوللۇق بولىدۇ.

ئامېرىكا نىمىگە تايىنىپ خىتايغا سوغۇق ئۇرۇش ئاچىدۇ؟

تىرامىپ پرىزدىنتلىققا سايلانغان ۋاقىتىدا، ئامېرىكا ھۆكىمىتى ،كىسسىنگىرنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت ئۈچۈن لاھىيلىگەن « رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا قارشى تۇرۇش » پىكىرىنى تارقاتتى. گەرچە بۇ پىكىر «رۇسىيەنىڭ سايلامغا ئارلىششى» سەۋەبلىك توختاپ قالغان بولسىمۇ ، لىكىن بۇ كىسسىنگىرنىڭ لوگىكسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. « رۇسىيە بىلەن بىرلىشپ خىتايغا قارشى تۇرۇش » پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، چۈنكى ئوزۇنغا سوزۇلغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا جەمئىيتىدە شەكىللەنگەن سۆۋىت ئىتپاقى (رۇسىيە) غا بولغان ئۆچمەنلىك ئۇنداق ئاسان يوق بولۇپ كەتمەيدۇ . ھازىر «رۇسيە بىلەن بىرلىشىپ خىتايغا قارشى تۇرۇش» نى تىلغا ئالمايلى ، لىكىن شۇنداقتىمۇ ئامېرىكىنىڭ قولىدا سودا ئۇرشى، چاۋشىيەن يادرو كىرزىسى، تەيۋەن ۋە خەينەن قاتارلىق سوغۇق ئۇرشى قوزغىيالايدىغان ۋاستىلەر مەۋجۇت.

نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكا بىلەن بولغان رىقابەت ھەتتا ئۇرۇشتا قانداق غەلبە قىلش توغرۇلۇق باش قاتۇرۋاتىدۇ. ئەڭ موھىمى يەنىلا خىتاي ـ ئامېرىكا ئوتترسدىكى قوراللىق توقۇنۇشقا مەركەزلىشىۋاتىدۇ. لىكىن ھەر ئىككى دۆلەت چوڭ يادرو دۆلىتى ، ئىككىسى ئوتتۇرسىدا چوڭ كۆلەملىك ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرمەيدۇ دېگىلى بولمسىمۇ لىكىن ئىھتىماللىق بەك تۆۋەن. ئەگەر ئۇرۇش يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ پەقەتلا كىچىك دائىرلىك بولىدۇ شۇنداقلا ئۆز تۇپراقلىرىدا ئەمەس بەلكى باشقا رايۇندا بولىدۇ. نەنخەي دېڭىزدەك بۇنداق بىر يەردىمۇ بىۋاستە قوراللىق توقۇنۇش بولمايدۇ. چۈنكى نەنخەي دېڭىزىدىكى خادا تاشلار خىتايغا تەۋە ، شۇڭا نەنخەي دېڭىزى خادا تاشلار رايۇنىغا ھوجۇم قىلغانلىق خىتاينىڭ زىمنىغا ھوجۇم قىلغانلىق بولىدۇ. ئامېرىكىغا نىسبەتەن قوراللىق كۈچ سىنشىش ئىنتايىن موھىم، لىكىن بۇخىل قوراللىق كۈچ سىنشىش پەقەت تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىر مەيدان سوغۇق ئۇرۇش باشلاش ئۈچۈندۇر. ئامېرىكا ـ سۆۋىت ئىتپاقى ئوتترسىدىكى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ غەلبە قىلش تەجرىبسىدىن قارغاندا، ئامېرىكا خىتاي بىلەنمۇ ئوخشاشلا بىۋاستە ئەسكىرى ئۇرۇشنى ئەمەس بەلكى سوغۇق ئۇرۇشنى تاللايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي، بىۋاستە ھەربىي توقۇنۇش تەھدىدىنى ھەل قىلشقا تىرشىپلا قالماي يەنە ئامېرىكا بىلەن بىر مەيدان سوغۇق ئۇرۇش ئېلىپ بېرشقا جۈرئىتى بولىشى لازىم . ئەڭ يامان ئاقىۋەتكە تەييارلىق قىلىپ ، ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئېلىپ كىلشكە تىرشىشى كېرەك . ئەگەر سودا ئۇرشى ، سوغۇق مۇناسۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كەتسىلا ،بۇ سوغۇق ئۇرۇش كۆپ تەرەپلىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كىتىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ قاپلاش دائىرسى چاۋشىيەن يېرىم ئارىلى، تەيۋەن ، نەنخەي دېڭىزى ، تىبەت ۋە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان ) ھەتتا بىر بەلباغ بىر يول قۇرلۇشى ، مال مۈلۈك سىياستى، ئېچۋىتىش سىياستى، سىياسى تۈزۈلمە ۋە ئىدولوگىيە قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگىچە يېتىپ بارىدۇ.

گىئوپولىتىكانىڭ ئۆزگۈرۈشى شەخسنىڭ ئىرادسىگە قاراپ بولمايدۇ . بىر نەچچە يىل ئىلگىرى كىشىلەر خىتاي ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت « سۇسىدىدىز ئازگىلى-Thucydides’s trap »غا كىرىپ قالامدۇ يوق دېگەن مەسلىنى مۇزاكىرە قىلشاتتى . ( سۇسىددىز ئازگىلى ، خەلقئارا مۇناسۋەتتىكى بىر ئاتالغۇ بولۇپ ، يېڭىدىن بىر دۆلەتنىڭ تىزلكىتە باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ۋە مەۋجۇت ھۆكۈمران دۆلەتنىڭ مەنپەتىگە خىرس قىلشى ياكى خىرس قىلدۇ دەپ قارىلىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقدىغان ساقلانغىلى بولمايدىغان ئۇرۇشنى كۆرستىدۇ ـ تەرجىماندىن ) . بۇخىل ئەندىشە ھەرگىزمۇ ئاساسسىز ئەمەس. خۇددى « سۇسىددىز ئازگىلى» نەزىريىسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى، خارۋارد ئۇنۋىرستىتى پىروففسورى گراھام ئاللسىن يىتەكچىلىك قىلغان تەتقىقات گۇرپسىنىڭ بايقىغىنغا ئوخشاش ، 1500يىلدىن بېرى جەمئي 16 قېتىم ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنىڭ يۆتكىلىش ھادسىىسى يەنى كۈچنىڭ بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە يۆتكىلىش ھادىسسى كىلىپ چىققان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 12 قېتملىقى ئۇرۇش بىلەن نەتجىلەنگەن ، پەقەت 4 قېتملا ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ قالالىغان.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتترسدىكى توقۇنۇشنىڭ ھەتتا ئۇرۇش يۈز بېرشىنىڭ ئىھتىماللىقى ناھايتى يۇقىرى. دەل موشۇنداق ئىشنىڭ يۈز بىردىغانلىقى سەۋەبىدىن ، نەچچە يىلدىن بېرى خىتاي ئامېرىكا بىلەن يېڭى چوڭ دۆلەتلەر خەلقئارا مۇناسۋەت ئەندىزسى ئورنىتىش لاھىيەسىنى ئوتترىغا قويۇپ كىلۋاتىدۇ. مەقسەد «سۇسىددىز ئازگىلى» غا چۈشۈپ كىتشتىن ساقلىنش. لىكىن بۇ ئازگالغا چۈشۈپ كىتشتىن ساقلىنش ئۈچۈن خىتاي ئامېرىكا ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرشچانلىق كۆرستىشى كېرەك .ھازىر ئامېرىكا سودا ئۇرشىنى قوزغىدى. مەقسىدى بولسا ، سودا ئۇرشى ئارقىلىق خىتاينىڭ باش كۆتىرشىنى كەينىگە سۈرۈش ھەتتا توختىتىپ قويۇش . لىكىن ھازىرقى خىتاي بۇرۇنقى خىتايغا ئوخشىمايدۇ، ئامېرىكا بىلەن كۈچ سىنىشىش ئىقتدارىغا ئىگە. گەپنى ئوچۇق قىلغاندا، سوغۇق ئۇرۇش يەنىلا بىۋاستە ھەربىي ئۇرۇشتىن ياخشى.

ئەڭ ئاخىرىدا يەنلا شۇ بىر جۈملە، تارىختا ھىچبىر چوڭ دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنى ھەرگىزمۇ ئاسماندىن چۈشۈپ قالغان ئەمەس، ھەتتا باشقا بىر دۆلەت ھەدىيە قىلغانمۇ ئەمەس ، بەلكى كۈرەش قىلش ئارقلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن .خىتايغىمۇ شۇنداق .

مەنبە:

https://mp.weixin.qq.com/s/RYn18_RybjByqLAHTS_pJw

ئەسكەرتىش: بۈگۈنكى خىتاي ـ ئامېرىكا مۇناسۋىتىنى تېخمۇ ياخشى چۈشىنش ئۈچۈن ، پەقەت ئامېرىكا ۋە غەرپنىڭ نۇقتىنەزرلىرىگىلا ئەھمىيەت بىرىپ قالماستىن ، خىتاي تەرەپنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە چۈشەنچىللىرىدىنمۇ ۋاقىپ بولۇپ تۇرۇش مۇھىم دەپ ئويلىدۇق. بۇ سەۋەپتىن تەرەپسىز ۋە ئىلمي بولغان خىتايچە ماقالىلەرنمۇ تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشنى لايىق تاپتۇق.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن