تۇمانلىق ساھىل  (ھېكايە)

ھىچكىم يوق  (ھېكايە)

(تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان)

قۇياش دەرىزىدىن ئۇنىڭ يۈزىگە چۈشكەندە ئۇ ئويغاندى،ئاز ئۇخلىغاچقا يەنىلا مادارسز ئىدى، بۇرۇن سەھەرچى ئىدى، ھازىر ئشلار ئۆزگەردى.ئۆزگەرگەن نەرسلەر ئىچىدە كىچە بىلەن كۇندۇز ئەڭ روشەن نەرسە ئىدى،كىچىسى ئۇخلىيالمايتتى،ئۇنىڭ پىغانلىرى ئۇنى غەلىتە ئنسانغا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى.ئۇ  ئورنىدىن تۇرۇش-تۇرماسلىق ھەققىدە خىلى ئۇزۇنغىچە بىر قارارغا كىلەلمىدى،چۇنكى يەنە ئورنىدىن تۇرسا ئوخشاش غەم ،ئوخشاش ئالدىراشلىق،ئوخشاش ئازاپ،يەنە يالغۇز ئاتتەك چاپماق. ئۇنىڭ  تۇرۇش-تۇرماسلىقى ھىچبىر ئشنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ،،،سەن بولساڭ،بولمىساڭ قۇياش چىقىۋىرىدۇ…ھايات يەنە ئوخشاش داۋام قىلىدۇ،ئنسانلار يەنە ئۆز غېمىدە…ئەمما تۇرساڭ يەنە  ئوخشاش شەخسى ئازاپ داۋام قىلىدۇ،بۇنداق ئويلىسا، ئۇنىڭ قەتئى تۇرغۇسى يوق ئىدى.

بىردەم ياتقاندىن كىين ئۇ يەنە خيال باشلىدى،مەن بەربىر تۇرۇپ كەتسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ،ئەگەر تۇرمىسام ،يېتىۋىرەمدىم؟يېتىپ ئۆلۇش پىلانىم يوق،ئۇنداقتا يېتىۋەرسەم نىمە نىمە پايدىسى بار، بېشم ئاغرىيدۇ،قورسقىم تېخى ئاچىدۇ،بەلكىم تۇرسام ئۇلۇغۋار ئش قىلمىساممۇ بىرەر قۇشنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسام،بىرەر كىچىك بوۋاقنى كۆرسەم،يېڭى ئىچىلغان گۈلنى كۆرسەم..ئوڭىشلىپ قالارمەن دىدى ئۇ،ئۇ يەنىلا ئەقلى ئويلايتتى، ھاياتتى سۆيەتتى.

ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ،ناشتا قىلدى.پۇت-قولىغا جان كىردى.توۋا،ھەممە ئشلار مۇشۇنداق سۈنئى بولىدۇ ھە،ئەگەر تۇرمىسام ناشتا قىلمىسام جانسز پىتى قالاتتىم،دىمەك ھەرىكەتلا قىلسا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ،كەيپىياتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە دىدى ئۇ ئۆزىگە.

ئۇ يەنە رىئال دۇنياغا قايتىپ كەلدى،كۇندىلىك مەشغۇلاتنى باشلىدى،كىتاپ،كومپيۇتىر ،تىلفۇن 20 مىلىيونغا يېقىن تەقدىرداشتىن ئايرىلغان ئۇنىڭغا ھاياتنىڭ ئاساسى ۋە  قىممىتىنى بىرىدىغان بىردىنبىر ۋاستە ئىدى.ئىچىگە چۆكۈپ كىتەتتى ، سۇغۇرالمايتتى، ئولتۇراتتى ، قوپالمايتتى.ئۇنىڭغا ئنسانلار تىلفۇن ئىچىگە كىرىۋالغاندەكلا تۇيۇلاتتى،چۇنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئازاپلىنۋاتقانلارلا ئنساندەك تۇيۇلاتتى،ئازاپلىنىۋاتقان ئنسانلار بولسا ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تىلدىكى كىشلەر بولۇپ،ئۇ ئۇلار بىلەن پەقەت تىلفۇندىلا سۆزلىشەتتى.

بىر ھازا كىرىشپ ئشلىگەندىن كىين، ئورنىدىن تۇرۇپ تالاغا ماڭدى.قۇياش پارلىغان،دەرەخلەر يەنىلا يېشل،كىشلەر يەنە ئالدىراش،دىمەك ھايات يەنىلا داۋام .ئۇ ئۆيىدىن چىقسلا پايتەختنى قورشىغان پوتوماك دەريا بويىغا چىقاتتى،دەريا بويى شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات ئستىراھەت مەنزىرسى بولۇشىغا قارىماي ،ئادەملەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئىدى،ئۇ  يولدا ،ساھىلدا ،ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خۇشال كۇلۇشۇپ ماڭغان جۇپ-جۇپ   بەختىيار ياشلارنى،ئويناۋاتقان بالىلارنى،غازلاردىن ھوزۇرلىنىۋاتقان قىرىلارنى ،چەمبىرەك بولۇپ ئولتۇرۇپ مۇڭدىشۋاتقان بىر ئائىلە كىشلىرىنى كۆردى،ئۇلارنىڭ بەختىگە ئۇ ئازراقمۇ زوقلانمىدى،ئەكسچە ئىچىدە بىر ئاچچىق خيال ھۆكۈم سۈردى :مىلىيون ئنسانلار ئۆلۇۋاتىدۇ،سنىڭ تىلىۋىزۇرۇڭ بۇزۇق بولسا،تىلفۇنۇڭدا كۆرىسەن،ھىچبولمسا خەقتىن ئاڭلايسەن،سەنلەرنىڭ ھىچنىمە بىلەن كارىڭ يوق،سنىڭ بېشىڭغا كەلگەندە بىلىسەن،مۇشۇ ھاڭۋاقتىلىق بىلەن ماڭساڭ ،بىزنى بوزەك قىلغان ئنسانىيەتنىڭ ئەڭ رەزىل دۇشمىنى سنىڭمۇ بېشڭغا مىنىدۇ،ھاۋارايى مەڭگۇ مۇشۇنداق ياخشى بولارمۇ ئەجبا ؟بۇنداق ياخشى كۇنلەرنى چەۋرىلىرىڭ كۆرەلەرمۇ،ئېست !

ئنساننىڭ زىھنى،ھاياتى،ئىنىرگىيەسى چەكلىك،خۇددى ئاللاھ پۈتۈن غەمنى ئۇنىڭغىلا تاشلىغاندەك،دۇنيادا ئۆزىلا قالغاندەك ھەم دەرتمەن ھەم جاپاكەش ھس قىلاتتى.

ئشەنچ ۋە مۇھەببەتتىن ئايرىلغان ئاۋام ۋە مەسئۇلىيەتسز گۇرۇھلارنىڭ ماجرالىرى قۇلاقنى يەيدىغان كۇنلەردە ئۇنىڭغا دەريا بويىدا ئولتۇرۇپ،ئۆزى بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى بولمىسمۇ ئەمما شەخسيەتچىلىكى بىلەن ئنسانىيەتنىڭ غېىمىدىن مۇستەسنا ياشايدىغان ئنسانلاردىن ئۆزىنى ئىلىپ قېچىپ،يىراقتا دەرياغا شۇڭغۇغان بىلقچى قۇشلارغا ،ئارىدا سىگنال بىرىپ ،مۇزىكا ياڭرتىپ ماڭىدىغان ساياھەت كارتىرىغا قاراپ ھۇزۇر ئىزدىمەكچى بولاتتى،توۋا،مەن بۇنىڭدىن ئېسل،چىرايلىق  مەنزىرلەرنى كۆرگەن،بۇ يەرگە كەلمىسەممۇ ئۇنى تەسەۋۇر قىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندەك تۇيغۇغا چۆمۇلەيمەن،ئەجىبا بۇ يەرگە كىلىپ نىمىگە ئېرىشتىم ؟ھىچنىمە،خۇددى ھەممە ئۆزىنى ئالداۋاتقاندەك،مەنمۇ ئۆزۇمنى ئالداۋاتىمەن،مىنىڭ ئەسلى ئارام ئىلىش ھەققىم يوق ئىدى.ئۇخلاش ھەققىم يوق،چۇنكى مىنىڭ تەقدىرداشلىرىمدا ئۇيقۇ يوق ،ئارام يوق،ئۇ يەردە پەقەت ئۆلۈملا بار،ئەگەر شۇ يەردە بولسام،ئۆلگەن بولاتتىم،بىر مىنۇت نەپەسمدە مىڭ جاننىڭ قەرزى بار ، ئۇ شۇلارنى ئويلىدى.ئۇ چارە ئىزدەش  بىلەن بەنىت بولغۇسى بار ئىدى،ئەمما پارادوكۇسقا تولغان ھايات ھەممىنى مۇرەككەپ كۆرستەتتى،مۇرەككەپنى يەشسەڭ ،پارچىلارغا بۆلۇنەتتى،يالغۇز جىنىڭغا ئۇنچە كۆپ پارچىلارغا يەنىلا ئامالسز ئىدىڭ،دۇنيا ئامالسزلىق بىلەن تولغانىدى.ئەنە شۇ چاغدا غايەت كۇچلۇك بىر قارا تۇمان پوتوماك دەرياسنىڭ ئۇستىنى قاپلىدى.غازلار قاچتى،قارلىغاچلار پەس ئۇچۇشتى ،كىشلەر يېغىش ئالدىدا تۇرغان يامغۇردىن قېچىپ قايتشتى،تېخنىكىغا تايانسمۇ ھاۋارايىغا تەييارلىق قىلمىغان بۇ ئەقىللىق كىشلەر تەبىئەتكە ئامالسز ئىدى،يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئۇلار كىچىككەنىدى ،چىلىق -چىلىق سۇغا چۆمۇلدى ،ئۇ يامغۇرغا پەرۋاسز ئىدى،قالمىغان يامغۇرمۇ بۇ ،يوقاتقۇدەك نىمە بار ؟نوپۇسنىڭ كۆپلۇكى ۋە ئۇلارنىڭ قارا نىيتىمۇ ھاياتنىڭ ،تەبىئەتنىڭ بىر قسمى ،ئاشلىق ۋە زېىمىن ئۇلارنىڭ ھاياتى ،ئۇلار ئۇنىڭغا مەڭگۇ مۇھتاج،ئاچلىقتىن ئۆلگۇدەك بولغاندا،سەن قانداق قىممەت قاراشقا ئەگىشسەن ؟ سنىڭ ھايۋانىلىقىڭ ئەڭ زۆرۈر ئىھتياجىڭ ئالدىدا ئاشكارە.بۇ ئنسانلار قارا تۇماندىن مۇداپىئەلىنىش ئۇچۇن  بەك كىچىكىپتۇ..

چالا ئۇيقۇ ۋە مادارسز يالغۇز ئنسان بۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇن دەريا ساھىلىدىكى بىر ئىگىزلىككە قويۇلغان ئورۇندۇققا چىقتى ۋە ۋاقىرىدى:شەرقتن بىر قارا تۇمان كىلىۋاتىدۇ،ناھايتى كۇچلۇك بىر قارا تۇمان ئاستا-ئاستا كىلىۋاتىدۇ،ئۇ سلەرنىڭ قىممەت قارشىڭلارنى سۇپۇرۇپ تاشلىماقچى،تۇپرىقىڭلارنى كۆككە سورىماقچى،ئىززىتىڭلارنى يەرگە ئۇرماقچى،چۇنكى مەن ئۇلارنى بىلىمەن،ئۇلار بىزنى ئالدىغان ۋە بىزنى چشلەپ پۇركۇگەن،توغرا مەن يامغۇردا قالدىم ،ماڭا ئەمەس ،ئۆزۇڭلەرگە قاراڭلار،ماڭا ئەمەس ئۆزۇڭلەرگە ياردەم قىلىڭلار،مەن سلەردىن ياخشى،مەن سلەردىن كۇچلۇك ،ئۆيۇڭلەرنى سەل باسماستا ،يىراققا توغان سلىڭلار ،سلەر ياخشى ئادەملەر،ئەمما ئۇلار ئۇنداق ئەمەس….

كىشلەر يامغۇردا ئۇنىڭغا قارىغۇدەك بولمىدى.ئادەمسز ساھىل قاراڭغۇغا ئايلاندى،ئاۋات رەستە شاۋقۇنلىرى تىزلا ئۆچتى.جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.پەقەت بىر ئنسان خۇددى  كىلىۋاتقان ئېقىمغا قارشى توغان ياساپ شەرققە ماڭماقچى بولغاندەك دەريا بويىدا دولقۇن ۋە تۇمانغا قاراپ تۇراتتى.ئۇ ئۇيقۇسز ئىدى.ئۇ يالغۇز ئىدى.بەلكىم تۇماندىن بۇرۇن بىر-بىرىگە سەۋەپلىك بۇ ئىككىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن ئىدى.،قارا تۇماندا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن شەرەپ،بايلىق ،ھوزۇر،نېمەت ھەممىسى بىر-بىرلەپ ئۆتتى،ھەممىگە ئېرشىپ بولغاندىن كىين ئايرىلغان ئۇ ئەمدى ھىچنىمىگە مۇھتاج ئەمەس ئىدى ،مۇشۇ قارا تۇمان بولسا ھىچنىمىنىڭ قىممىتى يوق دەپ ۋاقىرىدى ئۇ دەرياغا قاراپ.

،

`