كوممۇنىست «قېرىندىشىڭىز» بىلەن ھارام لوقما يىيىشكە تەييارلاندىڭىزمۇ؟

«دىن مىللەت باغلىقى» كىشەنىنى چېقىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى

 

ئېلان قىلنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 8-ئۆكتەبىر

 تەرجىمان: ئابدۇقادىر ئابلىز

تەھرىر: ئابدۇقادىر ئابلىز

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

مارالبېشى نۆل ئارىلىق
«دىن مىللەت باغلىقى» كىشەنىنى چېقىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى
(مارالبېشى ناھىيەسى مۇئاۋىن سېكرىتارى، ھاكىم: مۇختەر مەنسۇر)
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى

شى جىنپىڭ باش سېكرىتار كۆرسىتىدۇكى «چەتئەلدە ئۇرۇقى بار، ۋەتەندە تۇپرىقى بار، توردا بازىرى بار، بۇ شىنجاڭ زوراۋانلىق تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ دائىم قايتا قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.» ۋەتەندە تۇپرىقى بارلىقىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى دىنىي ئاشقۇن كۈچلەر كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنى زورلاپ تۇتقۇن قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىنى يۇقۇملاندۇرۇپ سىڭدۈرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ دىنىي تونغا ئورۇنۇۋېلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى جار سېلىپ، ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ جىسمىنى چىرىتىۋاتقان جىنايەت ئىزلىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتىمىز. ئۆتكەنكى قايغۇ-ھەسرەتلەرنى ئەسلەپ، ئويلىنىۋاتىمەن، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە سىڭىدىغان ئوبيېكتىپ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تاللايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاممىسىنى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ئاسانلا قايمۇقتۇرالايدۇ؟ بۇنىڭدا قانداق ئىچكى باغلىنىش بار؟ بۇ خىل يامان سۈپەتلىك دەۋرىيلىكنىڭ زەنجىر ئامىلى زادى نېمە؟ مېنىڭ قارىشىمچە، جاۋابى دەل «دىن مىللەت باغلىقى»

«دىن مىللەت باغلىقى» ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ پايدىلىنىپ ئادەتلەنگەن نەيرىڭى.

ھەر قېتىم ھەر بىر گۇناھسىز ئاممىنىڭ ئالدىنىپ، ئازدۇرۇلۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ يانتايىقى ياكى قۇربانلىقىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگىنىمدە، ئۇيغۇرلارغىمۇ «تېررورچى» بەلگىسى چاپلانغاندا، يۈرۈكۈم چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىيدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى بۇزىدۇ، ئۇلارنىڭ قارا نىيىتىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي تونغا ئورۇنۇپ، ئۆزىنىڭ قىڭغىر يولىنى ئۇيغۇرلارغا چېتىپ، باغلايدۇ، بۇ سېپى ئۆزىدىن «دىن مىللەت باغلىقى» ھىيلىسى. بۇ خىل يىلىمان سۇدا پاقا پىشۇرۇش ئۇسۇلى نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىر، ئاممىنى قويۇق تۇمانغا يولۇققاندەك، دولقۇن بويلاپ ئىلگىرىلەشكە مەجبۇرلاپ ئۆزىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەيدىغان قىلىپ قويدى. ئۇنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتلەر ئارا ئارازلىق، قارشىلىش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاممىنى بىخۇدلاشتۇرۇشىغا يول ئاچتى، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەسىرىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئاخىرىدا ۋەتەننى پارچىلاپ، شىنجاڭدا ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشكەن «ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى، بۇ دەل ئۇلارنىڭ قارا نىيىتى. «دىن مىللەت باغلىقى» يېشىلمىسە، «ئۈچ خىل كۈچ» كۆپىيىدىغان تۇپراقنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتقىلى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتمىگەندە، ئىدىيەدە بىر قېتىملىق چوڭ ئازادلىق، روھتا بىر قېتىملىق چوڭ تازىلاش، ئىدىيەدە بىر قېتىملىق چوڭ ئىنقىلاب بولمىسا، ئىككىلىنىپ بىر ئىزىدا توختاپ قالسا، ئۈنى ئۆچۈپ، ئۇيغۇرلار مەڭگۈ كونا جەمئىيەتتىكى ئىدىيەنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ ئۆزىنى تارتالمايدۇ.

ئۇيغۇر مىللىتى مۇسۇلمانغا تەڭ ئەمەس
ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارلا ئىتىقاد قىلىدىغان دىن ئەمەس

مىللەت بىلەن دىن، ئەسلىدە ئۆز ئارا يېقىن كەلمەيدىغان ئىككى ئۇقۇم، ئەمما شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ئۇيغۇرلارنى «پۈتكۈل مىللەت بويىچە دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان مىللەت» دەيدۇ، ئۇيغۇرنى مۇسۇلمانغا تەڭ قىلىدۇ، دىننىڭ كىشىنىنى دىنغا ئىتىقاد قىلمايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاممىنىڭ بوينىغا چىڭ باغلايدۇ. «ئاساسىي قانۇن» دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ قانۇنى، ئەڭ ئالىي قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى بىكىتىلگەن. «ئاساسىي قانۇن» نىڭ 16-ماددىسىدا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ دىنغا ئىتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار. ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخس پۇقرالارنى دىنغا ئىتىقاد قىلىش ياكى ئىتىقاد قىلماسلىققا مەجبۇرلىماسلىقى، دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان پۇقرا ۋە دىنغا ئىتىقاد قىلمايدىغان پۇقرانى كەمسىتمەسلىكى كېرەك. «دىن مىللەت باغلىقى»، سۆزسىزكى ئۇيغۇر پۇقرالارنىڭ دىنغا ئىتىقاد قىلماسلىق ھوقۇقىنى تارتىۋالدى، بۇ قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىش، ئەمەلىيەتتە بۇ دىنىي قانۇننى دۆلەت قانۇنىنىڭ ئۈستىگە قويغان دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىش كېرەك دېگەنلىكمۇ ئەمەس. ئۇيغۇرلار دىنغا ئىتىقاد قىلماسلىقنى تاللىسا بولىدۇ، قانۇن بۇ خىل دىنغا ئىتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى قوغدايدۇ. تارىختا شىنجاڭ كۆپلىگەن دىنلار تەڭ مەۋجۇت بولغان رايون ئىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئەڭ دەسلەپتە ئىتىقاد قىلغىنى ئىپتىدائىي دىن ۋە شامان دىنى، كېيىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ زوروئاستردىنى، بۇددا دىنى، مانى دىنى، نېستورى دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، 16-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۆكۈمدارى ئۇرۇش قاتارلىق مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن، ئىسلام دىنىنى شىنجاڭدا كېڭەيتىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ئەمما بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاممىسى ھازىرغىچە باشقا دىنغا ئىتىقاد قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر دىنغا پەقەت ئىتىقاد قىلمايدۇ. مەن ئۇيغۇر، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزاسى، ئىتىقادىم ماركىسىزم، مەن ھېچقانداق دىنغا ئىتىقاد قىلمايمەن، مەن ئەسلا مۇسۇلمان ئەمەس. بۇ تەرەپتە، مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە پارتىيە ئەزاسى كادىرلار چوقۇم قەتئىي، دادىل، ئۆلسىمۇ تەۋرەنمەسلىكى كېرەك.

«دىن مىللەت باغلىقى» نى يوقىتىشتا باتۇرلۇق بىلەن يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىكى چەكلەنگەن رايوندىن بۆسۈپ چىقىش كېرەك

«ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش» ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان بولۇپمۇ بۇ يىل 8-ئايدىن بۇيان، ئىدىيەنى ئازاد قىلىشنىڭ باھار شامىلى مارالبېشى تۇپرىقىدا مەۋج ئۇردى، ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى كادىرلار ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان قەدەمدە، «دىن مىللەت باغلىقى» ئىدىيەسىنىڭ قەپىزىدىن قۇتۇلۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى كونا قائىدە-يوسۇننىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئىدىيە ئازاد بولۇشتىكى چوڭقۇر سۇ رايونىغا بۆسۈپ كىردى، بولۇپمۇ دىنىي ئادەتنى چۆرىدىگەن ھالدا غەيرى مۇسۇلمانلار يېمەكلىك ئادىتىدىكى چەكلىمە ھەققىدە كەسكىن ئىدىيە كۈرىشىنى قانات يايدۇردى. ئالدىنقى مەزگىلدە، مەن نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلار بىلەن يولداش يۈسۈپ رىشىت يازغان «دوستۇم، ماڭا ئاتايىن مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئىزدىمىسەڭمۇ بولىدۇ» دېگەن ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىدىيەمدە چوڭقۇر تەۋرىنىش بولدى. ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بىز يولداش يۈسۈپ رىشىتنى تەكلىپ قىلىپ پۈتكۈل ناھىيەدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا كەڭ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، نوچىلارغا تېگىشكە، كۆز قارىشىنى ئاشكارىلاشقا، كونىنى بۇزۇپ، يېڭىنى تىكلەشكە جۈرئەتلىك بولۇپ، ھەر خىل سەپسەتىلەرنىڭ ئارقىسىدىكى يوشۇرۇن سۈيقەستنى ئېچىپ تاشلاشقا يېتەكلىدۇق. يولداش يۈسۈپ رىشىتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىكى چەكلەنگەن رايوننى بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىدىغان بۇ خىل سۆز ھەرىكىتى، نۇرغۇن ئۇيغۇر پارتىيە ئەزاسى كادىرلار دېمەكچى بولغان ئەمما ئىزچىل دېيەلمەيۋاتقان گەپنى دەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئۇيغۇر پارتىيە ئەزاسى كادىرلارنىڭ ئىدىيەسىدىكى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىكى تەشۋىشىنى يوق قىلىپ، ئىدىيەمىزنى ئازاد قىلىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر پارتىيە ئەزاسى كادىرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە بولغان خاتا قارىشىغا بولغان تونۇشىنى تۈزىتىپ ياخشى باشلامچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ناھىيەتلىك سۇ ئىشلار ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ سۇلىڭ، ئاۋات بازىرىنىڭ بازار باشلىقى راھمان ئەيسا يازغان «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر خىتاي كادىرنىڭ ئويغىنىشى» «جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاساسىي مەدەنىيىتىنىڭ يېتەكلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئادەتنىڭ قورچىقى بولمايلى» قاتارلىق بىر يۈرۈش ماقالىلارنىڭ ئىلگىرى كېيىن ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كۆپ قىسىم ماقالىلارنىڭ ئوقۇلۇش مىقدارى 100 مىڭدىن ئېشىپ، بەزىلىرىنىڭ ئوقۇلۇش مىقدارى مىليوندىن ئېشىپ، توغرا كەيپىيات كۈچەيگەن كۈچلۈك جامائەت پىكرى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ھازىر، ئۇيغۇر خىتاي بىرلىكتە ياكى مىللىي كادىرلار خىتاي ئاشخانىلىرىدا تاماق يېيىش مارالبېشى ناھىيىەسىدە مودىغا ئايلاندى. يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسى زىچ مۇناسىۋەتلىك، «دىن مىللەت باغلىقى» زەھەرلىك تۇمانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، غەيرى مۇسۇلمان ئۇيغۇر كادىر ئاممىسى خىتاي ئاشخانىلىرىغا كىرەلمەيلا قالماستىن، يەنە خىتاي كادىر ئاممىسى «مىللەت ئەنئەنىسى» نى ھۆرمەت قىلىشنى ئويلىشىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مادارا قىلىپ مۇسۇلمانچە تاماق ئورۇنلاشتۇراتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى «دىن مىللەت باغلىقى»نىڭ توزىقى. بىز «دىن مىللەت باغلىقى» نىڭ توزىقىدىن قۇتۇلۇشتا، ئېغىزدىن «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نى باشلاپ، يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىن باشلاپ، كۈندىلىك تۇرمۇش، ئات قويۇش، خەتنە توي، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىمدىن باشلاپ، «دىن مىللەت باغلىقى» غا جەڭ ئېلان قىلىپ، يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن دىنىي ئادەتنىڭ تەسىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز كېرەك.

ئۇيغۇر پارتىيە ئەزاسى كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن «دىن مىللەت باغلىقى» نى يوقىتىشى كېرەك

ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى. ئەگەر بىز بۇ بىر ئەۋلاد ئىدىيەدە چوڭ ئازاد بولمىساق، «دىن مىللەت باغلىقى» نىڭ كېڭىيىپ راۋاجلىنىشى، يوشۇرۇن ھالدا ھەرىكەتكە ئۆتىشىگە يول قويساق، ئۇنداقتا چوقۇم دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ، ئاپەتنى ئەۋلادلارغىچە سۆرەپ، ئاممىۋى مەنپەئەت جەھەتتە دۆلەتكە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، شەخسىي مەنپەئەت جەھەتتە ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ. ئويغىنايلى، يولداشلار، ئىدىيەمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئەخلەتلەرنى پاك-پاكىز سۈپۈرۈپ، مىڭىمىزدىكى داغلارنى تازىلاپ، روھىمىزنى پاكلاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى ئېنىق تونۇپ، ئادىتىمىز، مەدەنىيىتىمىزنى ئەسلىگە قايتۇرۇپ، ئېغىزىمىزدىن «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تىن، ئۆزىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن، ھازىردىن باشلايلى. ئىلگىرى، مەن ئىچكىرىگە تەكشۈرۈش ئۆگىنىشكە بارغاندا، كۆپ قېتىم خىتاي ئاشخانىسىدا تاماق يېگەن، «خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم» دەيدىغان ئىدىيەدىكى جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مول رەڭدار ۋە ئالاھىدە سېھرىي كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلغان. يېقىندا، شاڭخەي شەھىرى جىڭئەن رايونى رەھبەرلىرى مارالبېشى ناھىيەسىگە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە كەلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بىناسىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنى يوقلىدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىغا بارغاندا، مەن بىلەن بىللە تاماق يېسە بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىدى، ئەينى چاغدا مەن «چاتاق يوق» دېدىم، مەن بىلەن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار بىرلىكتە تاماق يەپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار بىلەن كۈلكە چاقچاق قىلىشىپ، كۆڭۈل ئېچىپ، مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشتى، دوستلۇقىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، بۇنىڭ بولمايدىغان نېمىسى بار؟

ئەگەر بىر مىللەت ھەمىشە نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىك پاتقىقىغا پاتسا، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىيالمىسا، ئىدىيەسىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتەلمىسە، كەلگۈسىگە پىكىر يۈرگۈزمىسە، ئۇنداقتا بۇ مىللەتتىكى ئۈمىدتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ غەيرى مۇسۇلمان ئۇيغۇر كادىر ئاممىسى، بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى پارتىيە ئەزاسى كادىرلار، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «دىن مىللەت باغلىقى» نى يوقىتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ «دىن مىللەت باغلىقى» غا جەڭ ئېلان قىلىپ زامانىۋى مەدەنىيەتلىك تۇرمۇشنىڭ قوينىغان ئۆزىنى باشلامچىلىق بىلەن ئېتىشى كېرەك. بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە لايىق بۇرچى بولىدۇ، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە لايىق مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، سىز ۋە مېنىڭ ئېغىزىمدىكى كىچىك بىر قەدەم، شىنجاڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى چوڭ بىر قەدەم، دىننىڭ ئۇيغۇرلارغا باغلىغان كىشەنىنى پاچاقلاپ تاشلاشنى بىردەممۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيادا، ھەممەيلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، ئالغا باسمىسا چېكىنىدۇ، بىر ئىزىدا توختاپ قېلىش، چېكىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ، كونىلىققا ئېسىلىۋالسا، چوقۇم شاللىنىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش ياكى چېكىنىشنى، ھەر بىر ئۇيغۇر چوقۇم تاللايدۇ. لۈ شۈن ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «بىزدە قەدىمدىن تارتىپ، باش كۆتۈرمەي جاپاغا چىداپ ئىشلەيدىغانلار بار، جانىنىڭ بارىچە ئىشلەيدىغانلار بار، پۇقرالار ئۈچۈن سۆزلەيدىغانلار بار، ھەقىقەت ئۈچۈن قۇربان بېرىدىغانلار بار، …بۇ جۇڭگونىڭ تۈۋرۈكى. » تېخىمۇ كۆپ ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇر قېرىنداش ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئىدىيەدە چوڭ تازىلاش، چوڭ ئەسلەش، چوڭ ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى كادىرلار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى كادىرلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، دىن نامىدا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بۇزىدىغان قانۇنسىز ئۇنسۇرلارغا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئوغۇل قىزلىرىنىڭ تۈۋرۈكلىرىدىن بولايلى.

مەن ئۇيغۇر، بولۇپمۇ جۇڭخۇاا مىللەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئەزاسى، مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن. مېنىڭ مىڭلىغان ئونمىڭلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىغا ئوخشاش دۆلەتنى پارتىيەنى سۆيىدىغان قەلبىم بار. بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەنتەنىلىك بىلەن ۋەدە بېرىمەنكى: مەن ماركىسىزمنى ئۆزەمنىڭ ئۈمۈرلۈك ئىتىقادىم قىلىشتا چىڭ تۇرىمەن، ئاداققىچە پارتىيەگە سادىق، ۋەتەنگە سادىق، خەلققە سادىق بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ھايات-ماماتلىق جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرىمەن، «ئىككى يۈزلىمىچى» لىكنى پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش بازىسىدا چىڭ تۇرىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدىكى چەكلەنگەن رايوننى بۇزۇپ تاشلاشتا باشلامچىلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزۈم ۋە تۇغقانلىرىم ئىسىم قويۇش، خەتنە توي، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يىتىم بولغاندا دىنىي زاتلارنى قەتئىي تەكلىپ قىلمايمەن، ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ئۇيغۇر پارتىيە ئەزاسى، كادىر، ئاممىنىڭ ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ئاشقۇنلۇقنى توسۇپ، «دىن مىللەت باغلىقى» نى يوقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

مەنبەسى: https://mp.weixin.qq.com/s/3ybuOLJ8ybqBbdJKrF3VKg

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن