خىتايلار ئۇيغۇرلارنى زادى قانچىلىك تەتقىق قىلدى؟

تېررورىزم: «شەرقىي تۈركىستانچىلار»نىڭ مىللەتچىلىكتىن پايدىلىنىپ كۈشكۈرتۈشى

ۋۇ شياۋگاڭ

چەتئەل مەنپەئەتى تەتقىقاتى

 

ئېلان قىلنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 7-ئۆكتەبىر

 تەرجىمان: ئابدۇقادىر ئابلىز

تەھرىر: ئابدۇقادىر ئابلىز

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

مەدەنىيەت، سالاھىيەت ۋە سىياسىي سەپەرۋەرلىك

تېررورىزم: «شەرقىي تۈركىستانچىلار»نىڭ مىللەتچىلىكتىن پايدىلىنىپ كۈشكۈرتۈشى

يازغۇچى: ۋۇ شياۋگاڭ، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى

ماقالە مەنبەسى: تېررورلۇققا قارشى تەتقىقات

 

شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى كۈچلىرىنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە ئوخشاش بىر قىسىم ئاممىۋى خاراكتېرلىق زوراۋانلىق تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى تار مىللەتچىلىكنى كۈشكۈرتۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ تار مىللەتچىلىكنى كۈشكۈرتۈشىنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەتىنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن تاللاپ ۋە پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئۇنى مىللىي توپنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندۇرۇپ، كۆز قاراشلارنى توپلاپ، تونۇشنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىگە ئاممىۋى ئاساس تەمىنلىگەن. بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئىنتايىن نازۇك خىزمەت، پەقەت ھەر خىل تاللاشلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلاپ ۋە دەڭسىگەندىن كېيىن، ئاندىن ئەڭ ئېنىق بولغان مىللەت توپى بەلگىسى ۋە ئەڭ كۈچلۈك سەپەرۋەر قىلىش شوئارىنى تاللاپ چىقالايدۇ. بۇ ماقالە شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ مىللەتچىلىك سەپەرۋەرلىك خىزمىتىدە تەدبىر تاللىشىغا نىسبەتەن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر قايسى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ئارىسىدا، نېمە ئۈچۈن تىل ئۇلارنى شۇنچە جەلپ قىلغانلىقى چۈشەندۈرۈلۈدۇ.

 

ئەنئەنىۋى ئىنسانشۇناسلىق مەدەنىيەتنىڭ سىياسىيلىقىنى ئانچە ئويلاشمايدۇ، كروئېبېر (A. L. Kroeber) ۋە كلاكھون (C. Kluckhohn) لار 1871-يىلىدىن 1951-يىلىغىچە بولغان مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى خۇلاسىلاپ، مەدەنىيەتنىڭ 14 خىل تەتقىقات تېمىسىنىڭ ھەممىسىدە بۇنىڭغا چېتىلمىغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى مىللەتچىلىك ھەرىكىتىدە مەدەنىيەت بىلەن سىياسىي ئەمەلىي، دراماتىك ھالدا بىرلەشكەن، مىللەتچىلىك تەتقىقاتىنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە، ئىلىم ساھەسى مەدەنىيەت بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتىگە پىكىر يۈرگۈزگەن. ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ئۇلار خام ئەشيا سۈپىتىدە ئۈزلۈكسىز تاۋلىنىپ، پىششىقلاپ ئىشلىنىپ، ئاخىرىدا مەلۇم سىياسىي مۇددىئا ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان، مەدەنىيەت ئاساسىي گەۋدىدىن مۇستەقىل ئوبيېكت ھادىسە بولماي قالغان، ئۇنىڭ سىياسىي تەرەپبازلىقى پەيدا بولغان، كىشىلەر مەدەنىيەتنى ئاڭسىز ھالدا مەجبۇرىي ۋە ئېزىلەڭگۈلەرچە قوبۇل قىلمايدىغان بولغان، مەدەنىيەتتىن پايدىلانغىلى، تىزگىنلىگىلى ھەتتا ئىجاد قىلغىلى بولىدىغان بولغان.

1-ئەمەلىي سىياسىيغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەدەنىيەتنىڭ ھالقىلىق قىممىتى، ئۇنىڭ ئاممىۋى توپقا ئېنىقلىما بېرىپ، قۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلالىشىدا. بۇ خىل سوبيېكتىپ مەنىدىكى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنىڭ ياردىمىدە، ئۆز توپى بىلەن باشقا توپنىڭ پەرقى تەكىتلىنىدۇ، ئۆز توپىنىڭ قارىشى كۈچەيتىلىدۇ. تەبىئىي مۇھەببەتنىڭ تارتىش كۈچىگە ئىگە بولغانلىقتىن ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ تەۋەلىك ۋە سادىقلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولغاچقا، مەدەنىيەت ئاسانلا مىللەتچىلەرنىڭ سىياسىي سەپەرۋەرلىك قورالىغا ئايلاندۇرۇلۇدۇ.

2-شۇڭلاشقا، «مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بىر خىل مۇتلەق شەيئى ئەمەس، ياكى ئاددىي ئەقلىي تىپ ئەمەس، بەلكى يۆتكەپ ئىشلىتىپ كىشىلەرگە سالاھىيەت تەمىنلەيدۇ، بۇ خىل سالاھىيەت مەنپەئەت تەلىپىنى قانۇنىيلاشتۇرىدۇ، مەدەنىيەت-جەمئىيەتتىكى قىس مەنبەنى تالىشىشتىكى تەدبىر ۋە قورال.»

3-بىر مىللەت توپىدىكى مەدەنىيەت كۆپ مىقداردىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما بىر ياكى بىر قانچىسى مىللەت توپىنىڭ سىمۋولى ۋە مىللەت چېگراسىنىڭ بەلگىسى بولالايدۇ. مەدەنىيەتنى مىللەت توپى كۆز قارىشىنىڭ جۇغلانمىسىغا ئايلاندۇرماقچى بولغاندا، تەبىئىيلا بۇ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ئارىسىدىن تاللاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ زۆرۈر ھالقىسى. لىنتون (林顿) ۋە خالوۋېر(豪勒威尔)، مىللەتچىلىك ھەرىكىتى پايدىلانغىنى «پەقەت مەدەنىيەتتىكى مەلۇم ئېلېمېنتلار، مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسى ئەمەس… (بۇ ئاز بىر قىسىم مەدەنىيەت ئېلېمېنتى) تاللاپ چىقىلىپ كۈچەيتىلىپ، سىمۋوللۇق قىممەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.» -ئۇنداقتا، كۆپ مىقداردىكى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىدىن قانداق تاللىنىدۇ؟ مىللەتچىلىكنىڭ مەدەنىيەتنى تاللاش پىرىنسىپى نېمە؟

 

بۇ ماقالە ئۇيغۇر مىللىتىنى مىسال قىلىپ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىدۇ، ئۇيغۇر مىللىتى تارىخ، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، تىل، دىن شۇنداقلا جىسمانىي ئالاھىدىلىك جەھەتلەردە روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە. بايقىشىمىزچە، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى مىللەت بەلگىسى دەپ قارىلىدىغان شەيئى تىل، دىن ۋە خاس خاراكتېر، ئەمما بۇ ئۈچ خىل خاراكتېرنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ئوخشاش ئەمەس، شەرقىي تۈركىستانچىلارغا نىسبەتەن، ئۇيغۇر تىلى ئەقلىي سېلىشتۇرمىدىن ئۆتكەن ئەڭ ئۈنۈملۈك مىللەت توپى بەلگىسى.

 

بىرىنچى، مىللەتچىلىكنىڭ جاكارچىسى سۈپىتىدىكى جىسمانىي ئالاھىدىلىك، دىن ۋە تىل

جىسمانىي ئالاھىدىلىك، دىن ۋە تىل شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ ئۈچ چوڭ ئاساسلىق مىللەتچىلىك جاكارچىسى، ئىچكى تاشقى دەپ ئايرىغىلى بولۇپلا قالماي يەنە مىللەتچىلىك كۆز قارىشىنى قوزغاتقىلىمۇ بولىدۇ، ئىچكى جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتەلەيدۇ، ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، ئەمەلىي سىياسىي تەلەپلەر ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس تەمىنلىيەلەيدۇ.

 

  1. جىسمانىي ئالاھىدىلىك

زور كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار جىسمانىيىتى جەھەتتە خىتايلار بىلەن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا بەزى ئۇيغۇرلار بۇ نۇقتىنى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ بەلگىسى قىلىدۇ. جىسمانىيەت مەسىلىسى مىللەت مەنبەسى، تارىخ، ئەجداد، زېمىن قاتارلىق باشقا مەسىلىلەرگە چېتىلغاچقا، ئۇ ئوڭايلا تار مىللەتچىلەرنىڭ مىللەتچىلىك جاكارچىسىدىن بىرى بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. تارىم دەرياسى بوستانلىقىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ ھايات كەچۈرۈۋاتقان يەرلىك خەلقلەر ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى… ئىتنولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇغى، قامىتى، جىسمانىيىتى بىلەن قەدىمكى تارىم ۋادىسىدىكى يەرلىك پۇقرالار بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىدۇ، ھەممىسى ئاق تەنلىكلەر. تارىم ۋادىسىدىن قېزىلغان قەبرىلەردىكى سۆڭەكلەردىن بۇلارنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ، شۇ جايدا ساقلىنىپ قالغان تاش غار رەسىملىرىدىكى كىشىلەرنىڭ رەسىملىرىدىنمۇ ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.  يېقىندا بايقالغان خەن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى قەدىمكى جەسەت (موميا) كە خىمىيەلىك ئىلمىي تەھلىل يۈرگۈزۈشتىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار بىلەن تارىم ۋادىسىدىكى يەرلىق خەلقلەرنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى ئىنتايىن روشەن.

1. بۇ ئابزاسنى ئىشلىتىشنىڭ سەۋەبى ئىچكىرىدىكى مىللەتلەر بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىك جەھەتتىكى پەرقنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادىنىڭ شىنجاڭ (-شەرقىي تۈركىستان-ت) دىكى يەرلىك خەلق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش، ‹شىنجاڭ (-شەرقىي تۈركىستان-ت) ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭ (-شەرقىي تۈركىستان-ت)ى› دەيدىغان تار مىللەتچىلەرنىڭ تەشەببۇسىنىڭ قانۇنىيلىقىغا ئاساس تەمىنلەش. ھالبۇكى، ئىلمىي تەتقىقات «ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدىغانلار تارىم ۋادىسىدىكى يەرلىك خەلق» دەيدىغان قاراشنى قوللىمايدۇ. قەدىمكى تارىم ۋادىسىدىكى يەرلىك ئاھالە كاۋكازلىقلار ئېرىقىدىكىلەردۇر، ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ گېنىدا كاۋكازلىقلارنىڭ گېنى ئارىلاشقان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەت، ئەمما ئېرسىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئېرسىيەت مۇساپىسىدا موڭغۇل ئېرىقىغا تېخىمۇ يېقىن.

2.ئۇيغۇرلارغا ئائىت تارىخ ھەققىدە، ئىلىم ساھەسى ئادەتتە ئۇلارنىڭ ئەسلى زاتىنى ھونلار دەۋرىدىكى دىڭلىڭلارغىچە سۈرۈشتۈرىدۇ. مىلادىيە 3-ئەسىردىن كېيىن خىتايچە تارىخلاردا تېلى دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ كىشىلەر موڭغول ئېرىقىغا تەۋە بولۇپ، موڭغول ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلغان، مىلادىيە 744-يىلى ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. مىلادىيە 840-يىلى خانلىق ۋەيران بولغان، ئۇيغۇرلار غەرب ۋە جەنۇبقا كۆچكەن، غەربكە كۆچكەنلەرنىڭ بىر قىسمى شىنجاڭ (-شەرقىي تۈركىستان-ت) شۇنداقلا يېقىن ئەتراپتىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا بارغان. بۇ ئۇيغۇرلار دەل ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى زاتى، ئۇلار شۇ جايدىكى قەدىمكى مىللەتلەر بىلەن نەچچە يۈز يىللىق قوشۇلۇش نەتىجىسىدە، 16-ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇيغۇرلارنى شەكىللەندۈرگەن.

3.ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ تار مىللەتچىلەرگە قىلغان ئەڭ ئەجەللىك زەربىسى شۇكى، ئۇ شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا كەلگەن ۋاقتى خىتاي، چاڭلاردىن كېيىن تۇرىدۇ. بۇنداق پايدىسىز ئىسپاتقا قارىتا، ئۇيغۇر تار مىللەتچىلىرى ئۆزىنىڭ مىللەت مەنبەسى تارىخىنى ئۇستىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى زۆرۈر. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىللىك كىشى تۇرغۇن ئالماس، ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتابىدا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان نەچچە مىڭ يىللىق يازما تارىخى بار ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى.» ھازىردىن 8000 يىل ئىلگىرى، ھازىر جەنۇبىي سېبىرىيە، ئالتاي ئېتەكلىرى، جۇڭغار دالاسى ۋە تارىم ۋادىسى، يەتتە سۇ دەپ ئاتىلىدىغان جۇغراپىيەلىك دائىرىلەرگە، ئۇيغۇرلار خۇددى يۇلتۇزلاردەك تارقالغان. تەخمىنەن بۇنىڭدىن 8000 يىل ئىلگىرى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىتىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ئاسىيانىڭ شەرق ۋە غەربىگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي بۆلىكى بولغان تارىم ۋادىسىدا ياشايدىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ئالتاي ئارقىلىق كۆچۈپ، ھازىرقى موڭغۇلىيە ۋە بايقال كۆلى ئەتراپلىرىغا كەتكەن. مىلادى 840-يىلى موڭغۇلىيەدىن شىنجاڭ (-شەرقىي تۈركىستان-ت) غا كۆچكەن شەرقىي ئۇيغۇرلار بولسا بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇن تارىم ۋادىسىدىن موڭغۇلىيەگە ۋە بايقال كۆلى ئەتراپلىرىغا كۆچكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەۋلادى ئىدى. 4. بۇ خىل قاراش دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى 8000 مىڭ يىللار ئىلگىرىگە سۈرۈپ، موڭغۇل ئېگىزلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر دەپ توقۇپ، «شىنجاڭ (-شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ماكانى» دەيدىغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، خىتاي قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنىڭ «كۆچمەن مىللەت» لىك ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىپ، رىئال مىللەتچىلىك تەلىپىگە تارىخىي ئاساس ھازىرلىغان. ئەمما بۇ خىل قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق، سېپى ئۆزىدىن توقۇلغان «تارىخ». ئامېرىكىلىق ئالىم جونى سمىت: «ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچىلىك سىياسىي كۆز قارىشىنىڭ ئاساسى: شىنجاڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى، ئۇلارنىڭ قانۇنىي تۇپرىقى.» دېگەن. ئەمما يايلاقتىكى ئۇيغۇر خانلىقى (ھازىرقى موڭغۇلىيەدە) بىلەن باغلاش مۇنداق ئەمەلىيەتنى كۆرسىتىدۇ: قەدىمكى ئۇيغۇرلار ھازىرقى شىنجاڭ (-شەرقىي تۈركىستان-ت)دا ياشىمىغان.

 

  1. دىن

ئۇيغۇرلارنىڭ يايلاقتىكى ئەجدادى ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. مىلادىيە 8-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىسىدا، مانى دىنى تاڭ سۇلالىسى ئارقىلىق شىمالىي چۆللۈككە تارقىلىپ، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دۆلەت دىنىغا ئايلانغان. مىلادىيە 840-يىلى، ئۇيغۇر خانلىقى ۋەيران بولۇپ، كۆپ قىسىم ئۇيغۇر قەبىلىلىرى غەربكە كۆچۈپ، ھازىرقى شىنجاڭ ۋە پامىرنىڭ غەربىگە كۆچكەن. مىلادىيە 1000 يىلىغا كەلگەندە، شىنجاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ئەھۋالى: غەرب تەرىپى ئۇيغۇرلار قۇرغان قاراخانىلار خاندانلىقى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ؛ شەرق تەرىپى ئۇيغۇرلار قۇرغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، بۇددا دىنى، مانى دىنى ۋە نېستۇرى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ؛ جەنۇب تەرىپى يەرلىك مىللەتلەر قۇرغان خوتەن (ئۇدۇن) خانلىقى، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يەكەن خانلىقى مەزگىلى (1514-1680) دە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلاملىشىشى تاماملىنىپ، ھازىرقى ئۇيغۇرلار شەكىللەنگەن.

 

ھازىرقى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق، دېھقانلارنىڭ دىنىي قارىشى مىللەت قارىشىدىن كۈچلۈك، دىنغا بولغان قىزىقىشى مىللەت تارىخىغا بولغان قىزىقىشىدىن تېخىمۇ روشەن، كۆپ سانلىقلىرى تارىختىكى ئەجدادلىرىنىڭ باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى تېخى بىلمەيدۇ، ئەكسىچە، ئۇلار ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىنلا بار ئالاھىدىلىك دەپ تونۇيدۇ. دىن ئۇيغۇر ئاممىسى ئارىسىدا چوڭقۇر كەڭ ئاممىۋى ئاساسى بولغانلىقتىن، ئۇ ئاممىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئۈنۈملۈك قورالغا ئايلانغان. ئۇيغۇر تار مىللەتچىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دىننىڭ ئاساسلىق رولى شۇكى، دىنىي ئەركىنلىكنى تەرغىب قىلىش نامىدا ھۆكۈمەتنى ئەيىپلەيدۇ ھەمدە ئامما ئارىسىدا ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقنى كېڭەيتىدۇ.

 

»ئۇيغۇر لىنىيەسى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئىلھام توختى «ئۇيغۇر لىنىيەسى دوكلاتى» تىدا مۇنداق دەپ يازغان:

دىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت ۋە دىنىي مىراسلىرىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان. ھۆكۈمەت ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقى ئىزچىل يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچراپ كەلدى، شىنجاڭ (-شەرقىي تۈركىستان-ت) ھۆكۈمىتى «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» كە زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىغا دىنىي بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ھوقۇقىنى چەكلىدى.

 

شىنجاڭ (-شەرقىي تۈركىستان-ت) ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تۇرمۇشىنى خالىغانچە بېسىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئەگەر شىنجاڭ (-شەرقىي تۈركىستان-ت) ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى داۋاملىق چەكلەپ، ئۇيغۇرلارنى بېسىپ ۋە چەتتە قالدۇرسا، ئۇيغۇرلار نارازىلىقىنى بىلدۈرىدىغان يول تاپالمىسا، ئۇنداقتا تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنڭ ئاشقۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن، قىسمەن ئۇيغۇرلار زورلۇق كۈچكە مۇراجەت قىلىشى مۇمكىن. شىنجاڭ (-شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر تۈركۈم ۋەقەلەر بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى.

 

ھۆكۈمەتنى ئەيىپلەشتىن سىرت، دىننىڭ يەنە بىر قىممىتى ئۆز توپىنى ساپلاشتۇرۇش. 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ (-شەرقىي تۈركىستان-ت) قەشقەر ھېيتگاھ مەسجىدىنىڭ ئىمامى خاتىپ جۈمە تايىر پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلدى. پۈتكۈل مەملىكەتتىكى مۇسۇلمانلار قايغۇرۇۋاتقاندا، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ باياناتچىسى ئىلشاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاخۇننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى «كىشىنى شادلاندۇرىدۇ»، چۈنكى ئۇ ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ، ئەمەلىيەتتە ئاتىزمنى يۈرگۈزۈۋاتقىنى راست: «جۈمە تايىر ئىسلام دىنىي تونىغا ئورۇنۇۋالغان، ئاتىزمچى كوممۇنىست قىزىل ئالۋاستىلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تەشۋىقاتىنى يۈرگۈزىدىغان ئالۋاستىسى، جۈمە تايىر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناپىقى، ئىسلام ئىتىقادىنىڭ نومۇسى»  دىندىن خالىي مىللەتچىلىك دىندىن پايدىلىنىپ دىندار كىشىلەرنى ئاشكارە سوتلىيالايدۇ، بۇ تار مىللەتچىلىكنىڭ دىننى باسىدىغانلىقىنى يېتەرلىك ئىسپاتلايدۇ.

 

  1. تىل

باشقا مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىگە نىسبەتەن، تىل مىللەتچىلىك بىلەن تېخىمۇ مەھكەم بىرلەشكەن بولۇپ، تىلنىڭ مىللەتچىلىك ئىپادىسى تېخىمۇ ئومۇملاشقان. بۇ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە كۇبىك مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدە تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلەندى، شەرقىي تۈركىستانمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ.

 

بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر تىلى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان خەتەرگە دۇچ كېلىپ، خىتايچىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان تەھدىدىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار كۈچلۈك بىر خىل مىللىي كىرىزىس تۇيغۇسى ھېس قىلماقتا:

 

ئۇيغۇر تىلى- 30 يىلدىن كېيىن مەن ساڭا ئابىدە تىكلەيمەن… ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىغا ئابىدە تىكلىسەك، ئۇنداقتا بىز مەڭگۈلۈك جىنايەتكار بولۇپ، ئۆلۈپ كەتكەن ئەجدادلارنىڭ يۈزىگە قارىيالمايمىز.

 

مىللەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى تىل، نۆۋەتتە شىنجاڭ (-شەرقىي تۈركىستان-ت) دا خىتايچە ئۇيغۇرچە قوش تىل قوللىنىلىدۇ، ئۇيغۇر تىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى، بۇ شەكسىزكى ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش.

 

ئەگەر پەقەتلا ئانا تىلغا بولغان سۆيگۈنى ئىپادىلەش بولغان بولسا، ئۇنداقتا مىللەتچىلىك سەپەرۋەرلىكىنىڭ ئۈنۈمىگە يېتەلمەيدۇ، يەنە خىتايچە ۋە خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكنى نامايەن قىلىشى زۆرۈر. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا، تىل ئەڭ روشەن ئىپادىلىنىدىغان پەرق، شۇڭلاشقا «مىللەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى» دەپ قارىلىدۇ، ئۇ چوقۇم مىللەت چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ، باشقىلار بىلەن ئۆزىنى قارشىلاشتۇرۇشتا پايدىلىنىلىشى كېرەك. يەنە تۆۋەندىكى بىر كۇبلىت شېئېرغا قاراپ باقايلى، يازغۇچى يەنە شۇ «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ باياناتچىسى ئىلشات:

ئۇيغۇر تىلى كۆمۈلمەيدۇ!

خىتاي دەيدۇ: ئۇيغۇر تىلىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى،

ئۇيغۇر دەيدۇ: ياق، ئانا تىل مېنىڭ تارىخىم؛ ئۆتمۈشنى يارىتىپلا قالماي، بىز ئۇنى شانلىق تارىخ ياراتقۇزىمىز!

خىتاي دەيدۇ: ئۇيغۇر تىلى بەك قالاق،

ئۇيغۇر دەيدۇ: ياق، ئۇيغۇر تىلى ئىلگىرى تارىخنىڭ ئېقىمى ئىدى؛ بىر ئەۋلاد خانلارنى يېتەكلەپ، ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەسىنى بويسۇندۇرغان.

خىتاي دەيدۇ: ئۇيغۇر تىلى شاللىنىشى كېرەك،

ئۇيغۇر دەيدۇ: ياق، ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ جېنىم؛ ئۇيغۇرلارلا بولىدىكەن، ئۇيغۇر ئانا تىلى مەڭگۈ مەۋجۇد بولىدۇ!②

بۇ شېئىرنىڭ كۈچلۈك تەسىر كۈچى بار، بۇ ئۇنىڭ كۈچلۈك سەنئەت كۈچىدىن كەلگەن: ھەمىشە ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەتنىلا ئىپادىلەپ قالماي يەنە خىتايلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ، بىر خىل توقۇنۇشۇۋاتقان جىددىي كەيپىياتنى ياراتقان، مۇشۇنداق بولغاندا ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەت تولۇق ئىپادىلىنىپ، خىتايلارغا بولغان نەپرەتمۇ تېخىمۇ كۈچلۈك ئاشكارىلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى تېكىستنى شېئىر دېگەندىن كۆرە سەپەرۋەرلىك شوئارى دېگەن تۈزۈك.  مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ئېنىق ئىپادىلەنگەن بۇ شىئېردا، مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىنىشى قوشۇمچە، نەپرەتنىڭ تارىلىشى ئاساس، ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەتنى يېزىشتىكى مەقسەت ئۇيغۇر بىلەن خىتاينى قارشىلاشتۇرۇپ كۆرسىتىش شۇنداقلا مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئويغىتىش.

 

ئىككىنچى، شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ تاكتىكىسى

 

مىللەتچىلىك ھەرىكىتىدە، يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدىغىنى ئادەتتە شۇ مىللەتتىكى مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دىندىن خالىي سەرخىللاردۇر، شەرقىي تۈركىستانچىلار مۇشۇنداق بىر توپ كىشىلەردۇر. بۇ ماقالىدىكى «سەرخىللار» كەڭ دائىرىلىك ئۇقۇم، بۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئاممىۋى سۆھبەتلەرگە قاتنىشىپ ئاممىنىڭ كۆز قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ تىزگىنلەش، ئۇلار قىممىتىنى باھالاپ، ۋەزىيەتكە ئېنىقلىما بېرىپ، ئاممىۋى تەسىر پەيدا قىلالايدىغان مەسىلە ۋە ۋەقەلەرنى تاللايدۇ. بۇ دېگەنلىك بۇ سەرخىللارنىڭ ھەممە كۆز قاراشلىرىنى بارلىق ئامما قوبۇل قىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى كۆپچىلىك ھەممەيلەن بىلىدۇ دېگەنلىك، ئۇلار ئاممىنى قايىل قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلارغا ئىگە، باشقا كۆز قاراشلارنى بېسىپ ياكى چەتكە قاقىدىغان ئەڭ سۈپەتلىك مەنبەلەرگە ئىگە.

 

ئالدىنقى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرلۈك مەزمۇنى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىدىن تاللاپ، شۇ ئارقىلىق مىللەت توپىغا ئېنىقلىما بېرىپ سەپەرۋەرلىك مەقسىتىگە يېتىش. تۆۋەندە تاللاش خىزمىتىدە رىئايە قىلىدىغان پىرىنسىپلارنى بايان قىلىمىز.

 

بىرىنچى، ئۆز توپى بىلەن باشقا توپلارنى ئايرىش لازىم. ئۆز توپىنىڭ ئېنىقلىمىسى بىر تەرەپتىن ئۆز ئىچىگە ئېلىشقا تېگىشلىك كىشى سىرتتا قالدۇرۇلسا بولمايدۇ، بولمىسا سىياسىي كۈچى ئاجىزلايدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن سىرتقى كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولمايدۇ، «بىز» بىلەن «ئۇلار» چوقۇم پەرقلىنىشى ھەتتا قارىمۇ قارشى بولۇشى زۆرۈر، مۈجمەل مىللەت چېگرا ئامىلى مەۋجۇت بولسا بولمايدۇ.

 

ئىككىنچى، ئۆز توپىدىكى مەدەنىيەتتىن مەلۇم ئالاھىدىلىكنى تېپىپ، ئۆز توپىنىڭ بەلگىسى قىلىپ، بۇ ئالاھىدىلىكنىڭ ئۆز توپىدا مەۋجۇت بولۇپ، باشقا توپتا كۆرۈلمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.

 

ئۈچىنچى، بۇ ئالاھىدىلىك ھەم سەرخىللار قوشۇنىدا، ھەم ئاممىدا مەۋجۇت بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم. سەرخىللار بىلەن ئاممىنىڭ ئالاقىسى سەپەرۋەرلىك ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئىككىسى ئارىسىدىكى ئورتاق نۇقتىلار تەكىتلىنىپ، پەرقلەر كىچىكلىتىلىدۇ ھەتتا پەرۋا قىلىنمايدۇ.

 

تۆتىنچى، تاللانغان ئالاھىدىلىك چوقۇم كۈچەيتكىلى بولۇشى كېرەك، ھېچ بولمىغاندا سەرخىللارنىڭ ئۆز توپىدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ئورنىنى ساقلىيالىشى كېرەك. چۈنكى سەرخىللار ئالدى بىلەن ئاقىل كىشى، ئۇنىڭ ھەرىكەت پىرىنسىپى: (1) كۆپ خىل تاللاشقا دۇچ كەلگەندە، قارار چىقىرالايدىغان بولۇشى كېرەك؛ (2) ئۆز مەنپەئەتىگە ئاساسەن ھەر خىل تاللاشلارنى دەڭسىيەلەيدىغان بولۇشى كېرەك؛ (3) تاللاش ئىمكانىيەتلىرىدىن ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەڭ ئەلاسىنى تاللاش كېرەك.

 

ئۈچىنچى، شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى  ئۇيغۇر تىلى

ئالدىنقى قىسىمدىكى باياندىن مەلۇم بولدىكى، ئۈچ خىل مىللەتچىلىك ھوقۇقىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتايلارغا قارىتىلغان، مەيلى جىسمانىي ئالاھىدىلىكى، دىن ۋە ياكى تىل ھەممىسى ئۇيغۇر خىتايدىن ئىبارەت ئىككى توپنىڭ مىللەت چېگراسى. ئەمما ئەمەلىيەتتە، شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ ياقتۇرىدىغىنى تىل بولۇپ باشقا ئىككىسى ئەمەس، «ئۇيغۇر لىنىيەسى»، «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» شۇنداقلا باشقا ئوخشاش خىلدىكى شەرقىي تۈركىستان تور بېكەتلىرىدە، كىشىلەرنىڭ تىلغا بولغان دىققىتى جىسمانىي ئالاھىدىلىك ۋە دىندىن تېخىمۇ ئۈستۈن، بۇ تاسادىپىي ئەمەس بەلكى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللىغانلىقنىڭ نەتىجىسى. بىز يۇقىرىقى 4 تۈرلۈك پىرىنسىپنى ئۆلچەم قىلىپ ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى تەھلىل قىلىپ سېلىشتۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن تىل شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىمىز.

 

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار جىسمانىي ئالاھىدىلىك جەھەتتە ھەقىقەتەن روشەن پەرق مەۋجۇت، ئۇيغۇرلار ئورا كۆز، قاڭشارلىق، يۈزى سوزۇنچاق. ئىرق تاكتىكىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ بىۋاستە كۆرۈنۈشچانلىقىدا ئەمما ئۇنىڭ كەمچىلىكىمۇ زور. ماقالىنىڭ بېشىدا چۈشەندۈرگەندەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى قەدىمكى ئۇيغۇرلار، شىمالىي ئاسىيا موڭغۇل ئىرقىغا تەۋە، قەدىمكى ئۇيغۇرلار شىنجاڭغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن يەرلىكلەر بىلەن نەچچە يۈز يىللىق قوشۇلۇش جەريانىدا بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنى شەكىللەندۈرگەن. يەرلىكلەر غۇرلارنى ئاساس قىلىدۇ، كاۋكاز ئىرقىغا تەۋە، تارىم ئويمانلىقىغا مەركەزلەشكەن، شۇڭلاشقا ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلارنىڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىكى موڭغۇل ئىرقى بىلەن كاۋكاز ئىرقىنىڭ قوشۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى. شۇڭلاشقا بۈگۈنكى كۈندە بايقىشىمىزچە، بەزى ئۇيغۇرلار ئاق تەنلىكلەرگە بەكرەك ئوخشايدۇ، بەزىلەر سېرىق تەنلىكلەرگە بەكرەك ئوخشايدۇ، شىنجاڭدا شەرققە سۈرۈلگەنسېرى،  موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئېنىقلىما بېرىلسە، ئۇنداقتا تۇرپان ۋە قۇمۇلدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار چىقىرىۋېتىلىدۇ، ھەتتا بەزى تار مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ ئۆزىمۇ سىرتتا قالىدۇ، بۇ ئېنىقلا بىرىنچى پىرىنسىپقا خىلاپ.

 

شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ ھەممىسى دىندىن خالىي سەرخىللار ۋە زىيالىيلاردۇر. دۇ لېينىڭ دىققەت قىلىشىچە، بۇ كىشىلەر ئاشقۇن دىننى قوللىمايدۇ، ئۇلار خىتايلارغا غەيرىي دىندىكىلەرنىڭ كۆزىدە قارىمايدۇ، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىشىنى غازات دەپمۇ قارىمايدۇ. ئۇلار بەزىدە دىننى تىلغا ئالىدۇ، ئەمما ئۇ ئىتىقاد مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى دىندىن خالىي پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىدۇ، مەسىلەن ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق (مەسىلەن ماقالىنىڭ بېشىدا كۆرسىتىلگەندەك). شەرقىي تۈركىستانلىق دىندىن خالىي سەرخىللارنىڭ دىنغا پەرۋا قىلماسلىقىدا ئەلۋەتتە سىرتقى ئامىلنىڭ تەسىرى بار. 2001-يىلى ئامېرىكا «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن بۇيان، غەرب ئىسلام دىنىغا نىسبەتەن گۇمانلىنىش ۋە دۈشمەنلىك نەزىرىدە قارىدى، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا دىن تەكىتلەنسە، ئۇنداقتا غەرب جەمئىيىتىنىڭ بىزارلىقىنى قوزغاپ، مەبلەغ، جامائەت پىكرى ۋە سىياسىي قوللاشتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم سەۋەب شۇكى: ئالدى بىلەن، دىندىن خالىي سەرخىللار دىنىي جەھەتتە نوپۇزغا ئىگە ئەمەس. ئاممىنىڭ قارىشىچە، دىنىي جەھەتتە، دىندىن خالىي سەرخىللار بىلەن ئۆزلىرى ئارىسىدا پەردە بار، دىندىن خالىي سەرخىللار دىندىن پايدىلانماقچى بولسا، چوقۇم ئاممىغا ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ئۇلۇغ، تېخىمۇ تەقۋادار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى زۆرۈر. شۇ سەۋەبتىن دىن دىندىن خالىي سەرخىللار تىزگىنلىيەلەيدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىكى ئۈچىنچى پىرىنسىپ. ئۇنىڭدىن قالسا، دىننى تەكىتلەش دىنىي زاتلارنىڭ ئورنىنى ئۆستۈرىدۇ، بۇ ھال دىندىن خالىي سەرخىللارنىڭ مىللەتچىلىك ھەرىكىتىدىكى رەھبەرلىك نوپۇزىغا تەھدىت سالىدۇ. بۇنى ئەلۋەتتە ئۇلار خالىمايدۇ، بۇ تۆتىنچى پىرىنسىپ. ئاخىرىدا، ئىسلام دىنى گەرچە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا چېگرا شەكىللەندۈرەلىسىمۇ ئەمما ئۇلار بىلەن بىللە تۇڭگان، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرمۇ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ،  ئەگەر ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارغىلا خاس بولمىغان  ئالاھىدىلىك ئارقىلىق ئۇيغۇرغا ئېنىقلىما بېرىلسە، مىللەتچىلىك شوئارى ئۇنچە كۈچلۈك بولمايدۇ، بۇ ئىككىنچى پىرىنسىپ.

 

جىسمانىي ئالاھىدىلىك بىلەن دىنغا ئوخشىمايدىغىنى، تىل بۇ 4 شەرتنى پۈتۈنلەي قاندۇرىدۇ. گەرچە ئۇيغۇر تىلى بىلەن قىرغىز تىلى، قازاق تىلى نىسبەتەن يېقىن بولسىمۇ ئەمما مىللەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ خاسلىقىنى داۋراڭ سېلىشىغا دەخلى قىلمايدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرغىلا خاس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارلىق ئۇيغۇرغا تەۋە، ئۇنداقتا ئۇ ئەڭ كۈچلۈك سىمۋوللۇق ئۈنۈمىگە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىل دىندىن خالىي سەرخىللارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئەڭ باب كېلىدۇ.

 

شۇنداق بولۇپلا قالماي يەنە، تارىخىيلىق ۋە «ئەسلىيلىك» تىلغا تەبىئىي سېھىر ئاتا قىلغان، ئۇ ئۆزىدىكى كۈچلۈك ھېسسىي كۈچ ئارقىلىق كىشىلەرنى تەۋەلىك تۇيغۇسىغا جەلپ قىلغان. كىشىلەر تىلغا نىسبەتەن بىر خىل رومانتىكلىق تەسەۋۋۇرغا ئىگە، ئۇنى «ئانا تىل» دەپ ئاتايدۇ ھەمدە «ئانا» دىن ئىبارەت ئۈمىد ۋە كۈچلۈك مۇھەببەت ئۇرغىتىدىغان مەبۇد بىلەن باغلايدۇ، تۆۋەندىكى بىر ئابزاس بۇ خىل مايىللىقنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ:

 

ئانا بىزگە ھاياتلىق ئاتا قىلدى، ئانا تىل سالاھىيىتىمىزنى تىكلىدى. بوۋاق ۋاقتىمىزدا، ئانا تىلدا «دادا»، «ئانا» دېيىشنى ئۆگەنگەن؛ بالىلىق ۋاقتىمىزدا، ئانا تىلدا مەرىپەت ئىشىكىنى ئاچقان؛ بالاغەتكە يەتكەندە ئانا تىلدا يىلتىزىمىزنى ئىزدەپ، دۇنيانى بىلگەن. ئانا تىل يىلتىز، ئۇ تۇپراققا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، زېمىندىن ئوزۇق ئالغاندىلا، ئاندىن كۆككە تاقاشقان دەرەخكە ئايلىنالايدۇ؛ ئانا تىل چىراغ، ئۇ قاپقاراڭغۇ كېچىدە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتقاندىلا، نىشاندىن ئازمايمىز.

 

ئەلۋەتتە بۇ خىل رومانتىك ھېسسىيات بىلەن مىللەتچىلىك كۆز قارىشى بىرلەشكەندىن كېيىن، تىلنىڭ سىياسىي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ. تىلنى سىياسىي سۈپىتىدە جايلاشتۇرۇش پىرىنسىپىنى كۆپلىگەن مىللەتچىلەر قوغلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، تىل مىللىي پەرقنىڭ سىرتقى بەلگىسى، بىر مىللەت مەۋجۇتمۇ ئەمەسمۇ، ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش ھوقۇقى بارمۇ يوق، ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم دەل بۇ بىر توپ كىشىنىڭ ئۆز تىلى بارمۇ يوق.

 

تۆتىنچى، ئاخىرقى سۆز

 

شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچى كۈچلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن مىللەت قارىشىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. گەرچە ئامما مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى بولسىمۇ، ئەمما مىللەت قارشىنى كۈچەيتىش، تەشۋىقات ۋە مىللەتچىلىك ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق قىلىش كەم بولسا، بۇ مىللەت ئاممىسىدا كۈچلۈك بىر سىياسىي كۈچ بولۇپ شەكىللىنەلمەيدۇ.

 

مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى تاللاپ ھەمدە سوبيېكتىپ مەناغا ئىگە قىلىش، شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ مىللەتچىلىك ھەرىكىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان ۋەزىپە. سىياسىي سىمۋولغا ئېھتىياجلىق، مۇھەببەت ئۈمىدكە ئېھتىياجلىق، پەقەت رىيال مەقسەتنى ھىسسىيلاشتۇرۇپ، ئاندىن ھىسسىياتنى ئوبيېكىتلاشتۇرغاندىلا ئاندىن «ئەركىن» مىللەت قارىشى «ئۆزلۈك» مىللەتچىلىك كەيپىياتىغا  ئۆزگىرىپ، ئاخىرىدا ئاممىنى سەپەرۋەلىك قىلىدىغان سىياسىي مەقسەتكە يېتىدۇ.

 

شەرقىي تۈركىستانچىلار مىللەت ئالاھىدىلىكىنى تاللىغاندا، مۇئەييەن تەدبىر قوللانغان، بىر يۈرۈش پىرىنسىپلارغا بويسۇنغان، جىسمانىي ئالاھىدىلىك، دىن ۋە تىلغا نىسبەتەن ئەقلىي، ئېھتىياتچانلىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۇلار ئاخىرىدا تىلنى سىياسىي سەپەرۋەرلىكنىڭ شوئارى قىلىپ تاللىغان، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلار كۈچلۈك مىللىي بەلگىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ دىندىن خالىي سەرخىللارنىڭ ئورنى ۋە مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىمىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر تىلى شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ مىللەتچىلىك سەپەرۋەرلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى تەدبىرىگە ئايلانغان.

 

 

مەنبە: http://www.sohu.com/a/252588247_465554