نېمە ئۈچۈن ئامىركا شىركەتلىرى خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا  چېتىشلىق شىركىتگە ئىشلەپ بېرىدۇ؟

 

ئەسلى ئاپتۇرى: ئىسساك ستون فىش(ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى)

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 21-سېنتەبىر

تەرجىمان: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئ‍اگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

 

خىتايدىكى جازا لاگىرى ئۈچۈن نازارەت قىلىش كامىرالىرىنى تەمىنلەيدىغان خىتاينىڭ خىكۋىزىيون(Hikvision) دەپ ئاتىلدىغان چوڭ تېخنىكا شىركىتى ئامىركىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن  نۇرغۇن ياردەمگە ئېرىشىدۇ.  بۇرسۇن-مارستەللەر(Burson-Marsteller) دەپ ئاتىلدىغان ئاممىۋى مۇناسىۋات شىركىتى  خىكۋىزىيوننىڭ ئامىركىدىكى تارماق شىركىتىگە «ئ‍ستراتىگىيلىك پىلان ۋە يول كۆرسىتىش» ئارقىلىق ھەر ئايدا 25 مىڭ دوللار پۇل تاپىدۇ. سىدلېي ئاۋستىن ( Sidley Austin ) ناملىق بىر لوبىيچىلىق شىركىتى ئامىركا ھۆكۈمىتىنىڭ خىكۋىزىيوننىڭ كامىرالىرىنى چەكلىشىگە قايتارما زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىلگىرى 14 نۆۋەت ئامىركا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بولغان رىك بوشىر(Rick Boucher) نى خىكۋىزىيونغا ياردەم بېرىشكە ياللىغان.  ئامىركىنىڭ ئىنتەل(Intel) شىركىتى زاۋتلاردىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاپتۇماتلاشتۇرۇش جەھەتتە خىكۋىزىيون شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. ئامازون ( Amazon)  شىركىتى خىكۋىزىيوننىڭ يۈزلەرچە مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدۇ.

 

خىكۋىزىيون بولسا خىتايدىكى بىر دۆلەت ئېگىلىكىدىكى شىركەت بۇلۇپ دۇنيا بويىچى ئەڭ چوڭ  نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان ۋىدىئ‍و كامىرالىرىنى ئىشلەپ چىقىارغۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ شىركەت خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان) رايونىدا مىليۇنلىغان مۇسۇلمانلارنى قاماش ئۈچۈن ئەڭ كۆپ يان تاياق بولغان شىركەتلەرنىڭ بىرى. شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان) رايونىدا بىر مىليۇنچە كىشىلەر ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش» مەركەزلىرىدە ئازاب ئ‍وقۇبەت چېكىۋاتماقتا، قاماق سىرتىدىكى نەچچە مىليون كىشىلەر يەنىلا تېخنىكا-دىستوپىيەن شەكىلدىكى مەۋھۇم تۈرمە كەبى جەمىيەتتە ياشىماقتا. خىتايلار شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان) رايونىدا يۈز تۇنۇتۇش تېخنىكىسى بىلەن سۈنئى ئەقلى ئىقتىدار تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ پۈتۈن بىر مىللەتنى نازارەت ئاستىدا كونترول قىلماقتا. ئا ف پ(AFP)مۇخبىرى بەن دۇلى مۇنداق يازغان: « مەسچىتتە نامازغا باش بولغان ئماملار، رېستۇراندا تاماق يەۋاتقان كىشىلەر ۋە دوكانلاردا باھا تالىشىۋاتقان خېرىدارلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل كامىرالارنىڭ نازارىتى ئاستىدا.»

 

 

 

يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان نازارات ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان كامىرالارنىڭ نۇرغۇنلىرى خىكۋىزىيون شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلدۇ. بەن دۇلىنىڭ ئاخباراتىغا ئاساسلانغاندا بۇ شىركەت 2017-يىلى 270 مىليون قىممىتىدىكى بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك بەش چوڭ توخىتامنى قولغا كەلتۈرگەن. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە بۇ شىركەت شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان) رايونىدا يۈز مىڭلىغان نازارەت قىلىش كامىرالىرىنى تەمىنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 900 دىن ئارتۇق مەسچىت ۋە جازا لاگىرلىرىدا ئىشلىتىلدىغان ئالتە  ۋىدىئولۇق كۆزۈتۈش سېستىمىسىنىڭ كامىرالىرىنى دەل بۇ شىركەت تەمىنلىگەن.  (خىكۋىزىيون شىركىتى ياكى ئۇنىڭ ئامىركادىكى تارماق شىركىتنىڭ ۋەكىللىرى بىزنىڭ پىكىر ئېلىش تەكلىپىمىزگە جاۋاپ قايتۇرمىدى.)

 

بېيجىڭدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «تېرورىزىم»غا قارشى ھەركەت دەپ  قارايدۇ. ئەمما، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ ئەپتى بەشىرىسى دۇنيا مىقياسىدا تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارلىنىشىغا ئ‍ەگىشىپ غەرب دۆلەتلىرىدىكى شىركەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرىشىغا چېتىشلىق بولغان شىركەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا ئويلۇشىدۇ دەپ ئويلاش تەبئي. ئۇنداقتا غەرب ئەللىرىدىكىلەر جازا لاگىرى ئۈچۈن نازارەت كامىرالىرىنى ياسايدىغان خىتاي شىركىتى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ ھېچقانداق.

 

 

ئامازون شىركىتى بۇ خەۋەرگە قارىتا پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى. سىدلى ئاستىن دىگەن لوبىچىلىق شىركىتىمۇ «مۇلايىملىق» بىلەن پىكىر قىلىشنى رەت قىلدى. ئىنتەل شىركىتى بىر قىسقا بايانات بېرىپ ئۇلارنىڭ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ « خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئىستىھمالچىلار تەرەپىدىن ئىشلىتىلدىغانلىقى»نى بىلدۈردى، ئەمما يەنىمۇ ئىچكىرلەپ پىكىر قىلىشنى رەت قىلدى.  پائول مانافورت (Paul Manafort)ئۇكرائىنىيە دۆلىتىنىڭ ئىناۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ياللىغان مېركۇرى ئاممىۋى مۇناسىۋەت شىركىتى(Mercury Public Affairs)ۋە گلوۋىر باغچىسى(Glover Park)گوروھىدىكى لوبىچىلارنىڭ ئىككىلىسى خىتاينىڭ خىكۋىزىيون شىركىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ھەمدە بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ھېچقايسى بۇ خەۋەرگە قارىتا پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى. بۇرسۇن-مارستەللەر شىركىتىدىكى ئاممىۋى  مۇناسىۋەتلار ۋە ۋەقەلەر باشقارمىسىنىڭ دېرىكتورى سۇسان لاگانا (Susan Lagana)  خىتاينىڭ خىكۋىزىيون شىركىتى بىلەن توخىتام تۈزۈشكە مەسئۇل بولغان.مەن  ئۇنىڭدىن پىكىر ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىلاشقاندا مېنى شىركەتنىڭ باياناتچىسىغا گەپ قىل دەپ يولغا سالدى.

 

مەن مۇنداق سۇئاللارنى سورىدۇم: « بۇرسۇن-مارستەللەر شىركىتى خىكۋىزىيوننىڭ جازا لاگىرىدىكى كامىرالىرىدىن خەۋىرى بارمۇ؟» ، «ئەگەر بۇرۇن بىلمىگەن بولساڭلار ھازىرى ھەقىقى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن قانداق ئويدا بولدۇڭلار؟»  ئۇلارنىڭ باياناتچىسى ئىلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: « خىكۋىزىيون شىركىتى بۇرسۇن-مارستەللەر شىركىتىگە خىكۋىزىيوننىڭ ئامىركا قوشما شىتاتلىرىدىكى ئالاقە ئىشلىرىنى قىلىشقا ياردەمدە بۇلۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقان. » ئەمسە جازا لاگىرغا قانداق قارايسىلەر دەپ سورىسام ئۇ باياناتچى مۇنداق دېدى:« بىزنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق گېپىمىز يوق.»

 

مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاممىۋى مۇناسىۋەت ساھەسىدىكى گىگانىت ۋە WPP گوروھى تارمىقىدىكى شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان بۇرسۇن-مارستەللەر شىركىتى ئۈچۈن بۇ ئۇنىڭ ئەسىلگە قايتىشى يەنى ئەسلى ماھىيتى. بۇرسۇن-مارستەللەر ئىلگىرى نىگىرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ 1967-1970 يىللىرىدىكى بىئافران ئۇرۇشى جەريانىدا سادىر قىلىنغان قىرغىنچىلىقنىڭ ئەكىس تەسىرىنى بېسىقتۇرۇشقا ياردەملەشكەن.  يەنە 1970- يىللىرىدىكى ھەربى ئۆزگۈرۈشتىن كېيىنكى مىڭلارچا كىشىلەرنى غايىپ قىلىۋېتىپ سېسىق نامى پۇركەتكەن ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھىندونوزىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ  ھىندونوزىيەنىڭ شەرقى تېمۇردا پۇقرالارنى قىرغىن قىلىش قىلمىشىنى يۇشۇرۇشقا ياردەملەشكەن. بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى خەرولد بۇرسۇن 2017-يىلدا چىقارغان بىر كىتابىدا ئۇنىڭ قانداق قىلىپ بۇ خىلدىكى «مۇنازىرە پەيدا قىلىدىغان» خېرىدارلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدىغانلىقى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق يازغان: « مەن ئۈچۈن بۇ بىر ئەخلاقى مەسلە ئەمەس بەلكى بىر سودا قارارى.»

 

ھازىرچە، خىكۋىزىيون بىلەن ھەمكارلىشىش  تامامەن بىر ئەقىللىق سودا قارارى. ئەدىليە مىنىستىرلىگىنىڭ تەمىنلىگەن ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، شىركەتنىڭ ھەرئايدا كىرىم قىلىدىغان 25مىڭ دوللارنىڭ ئىچىدە يۇقرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن سائىتىگە 650 دوللار ۋە ئادمنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە پىراكتىكانتلار ئۈچۈن سائىتىگە 85 دوللار ھەق ئېلىش ئۆلچىمى يولغا قويۇلغان.

 

A barrage of around 30 CCD cameras and spotlights monitor life near Hangzhou Hikvision Digital Technology Co. Ltd in Hangzhou, China, in 2014. (VCG via Getty Images)

 

ئىنسان ھەقلىرىىنى ئاياغ ئاستى قىلغان خىتاي شىركىتىگە  ياردەم قىلىۋاتقان بۇ ئامىركا شىركەتلىرىنىڭ ھېچقايسى ھازىر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھېسابلانمايدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋال ناھايتى تېزلا ئۆزگۈرىشى مۇمكىن. 29-ئاۋغۇست ئامىركىدىكى دېمۇكراتلار (دېمۇكراتچىلار پارتىيىسى)  ۋە رىپابلىكلار  (جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيىسى) دىن تەركىب تاپقان 17 ئامىركا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ئامىركا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىگىنىڭ سېكىرتارى مايك پامپەيئو ۋە ئامىركا مالىيا مىنستىرلىگىنىڭ سېكىرتارى سىتىۋىن منۇچىنغا مەكتۇب يېزىپ  شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى جازا لاگىرىغا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە نازارەت ئەسۋابلىرىنى ياسايدىغان خىكۋىزىيون ۋە داخۇۋا قاتارلىق ئىككى  شىركەتكە ئىمبارگو(جازالاش) يۈرگۈزۈشكە دەۋەت قىلدى. ماي ئېيىدا ئامىركا ئاۋام پالاتاسى قانۇن ماقۇللاپ دۆلەت بىخەتەرلىگىدىن ئەنسىرگەنلىكى سەۋەبلىك  ئامىركا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىىڭ خىكۋىزىيون ۋە باشقا بىر نەچچە شىركەتلىرىدىن نازارەت قىلىش كامىرالىرىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلىدى. ئەگەر ئامىركا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىگى خىكۋىزىيوننى جازالاش تىزىمىلىكىگە كىرگۈزسە بۇرسۇن-مارستەللەر شىركىتىنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرىدۇ، ھەمدە بۇ شىركەتنىڭ «ئەخلاقسىز» قارارلىرىنى ئاقلىشىنى تېخمۇ تەشلەشتۈرىدۇ.

 

Joe Magee for Foreign Policy

1937-يىلى ئ‍ى ب م (IBM) نىڭ قۇرغۇچىسى توماس ۋاتسون ناتسىست گېرمانىيەنىڭ ئالى رەھبىرى ئادولف گېتلېر تەرىپىدىن «گېرمانىيە ئېمپىريەسىگە تۆھپە قوشقان» دىگەن نام بىلان بېرىلگەن مېدالنى قۇبۇل قىلغان. ناتسىستلار IBM  ئەسۋابلىرنى يەھۇدىيلارنى ساناشقا ئ‍ىشلەتكەن، ئامىركادىن كەلگەن تېخنىكلار تاكى 2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلىغىچە بۇ ئەسۋابلارنى ئاسراش ۋە رىمۇنت قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.  خىتاي تېخى ناتسىست گېرمانىيە ئەمەس،  خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى مۇسۇلمانلار تېخى زور كۆلەمدە قىرىلۋاتقىنى يوق، بۇ لاگىرلار  ئۈلۈم لاگىرلىرى ئەمەس بەلكى تۈرمە لاگىرلىرى. ئەمما IBM شىركىتى 1940-يىلى گېرمانىيەدىكى تارماق شىركىتى تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىستىن بۇرۇنلا گېرمانىيەدىن چىقىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئىدى. بەلكىم، 1933-يىلى گېرمانىيە پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا يەھۇدىلارنى چەكلەشنى يولغا قويغاندا IBM ئ‍ىككىلىنىپ قالغانلىقىنى توغرا چۈشۈنىش مۇمكىن، ئەمما 1937-يىلىدىكىىنى توغرا چۈشەنگىلى بولمايدۇ.

 

بورسۇن ئەپەندى ئۇنىڭ خېرىدارلار ئەكەلگەن دىلولارنى قۇبۇل قىلغاندا قانداق تاللايدىغانلىقىنى چۈشۈندۈرۈپ مۇنداق دېدى:« بىز ھەربىر دىلونى تاللىغاندا ئەسلىدە بار بولغان خېرىدارلىرىمىزنى ۋە خىزمەتچىلىرىمىزنى راھەتسىزلەندۈرمەيدىغان ئاساستا قارار چىقىرىمىز.» ھۆرمەتلىك سۇسان لاگانا ۋە بۇرسۇن-مارستەللەر شىركىتىنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى: ئوبدان راھەتلىنىۋېلىڭلار. شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان)دىكى ئەھۋال ناھايتى تېزلا ياخشى بوپ كېتىشمۇ مۇمكىن، ياكى ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا ئايلىنىپ قېلىشىمۇ ھەم مۇمكىن. پەقەت سىلەر شى جىنپىڭنىڭ دېگىنىنى قىلىدىغان ئىجرا قىلغۇچىلار قاتارىغا كىرىپ قالماڭلار.

 

 

مەنبە: https://www.washingtonpost.com/news/democracy-post/wp/2018/09/21/why-are-u-s-companies-working-for-a-chinese-firm-thats-implicated-in-ethnic-cleansing/?utm_term=.9a50d103008d