ئسرائىلىيەدە چېقىرىلغان تۇنجى ئۇيغۇر بايرىقى

شەرقى ئىرۇسالىم(قۇددۇس)قەدىمى شەھەر قەلئەسى دەمەشىق دەرۋازىسى ئالدى

شەرقى ئىرۇسالىم(قۇددۇس)قەدىمى شەھەر قەلئەسى دەمەشىق دەرۋازىسى ئالدى

ئسرائىلىيەدە چېقىرىلغان تۇنجى ئۇيغۇر بايرىقى

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

(ئسرائىلىيەدە شەرقى تۈركستان بايرىقى چېقىرىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەيمەن )

 

شەرقى ئىرۇسالىم(قۇددۇس)قەدىمى شەھەر قەلئەسى دەمەشىق دەرۋازىسى ئالدى

2017-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدا ئسرائىلىيەدىن ئايرىلىشنى قارار قىلىپ،ئۇنۋېرستتىن چېقىپ ،ئىرۇسالىم (قۇددۇس) تا بىر ئاي ۋاقىت ئۆتكۇزۇشنى باشلىدىم،دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزى بولغان شەرقى ئىرۇسالىمغا جايلاشقان ئىرۇسالىم قەدىمى شەھەر سېپىلىنىڭ ئالدى تەرىپى ،دەمەشق دەرۋازىسى بىلەن سۇلتان سۇلايمان كوچىسى يېنىغا جايلاشقان ئەرزان باھالىق  <<يېڭى پالما مىھمانخانىسى>>غا جايلاشتىم،بۇ يەردە قەدىمى ئېرۇسالىم بىلەن زامانىۋى ئېرۇسالىم چىگىرلىنەتتى ،ئۇچ مۇقەددەس دىننىڭ تاۋاپگاھ جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  قەدىمى قەلئەنىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك كىرىش ئېغىزى مۇشۇ يەردە ئىدى، رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۇنلىرىدە ،كۇندۇزى ئىرۇسالىمدىكى تارىخى خاتىرىلەر ۋە مۇھىم جايلارنى قايتا-قايتا ئېكسكۇرسيە قىلغاچ،ئەسلى پىلانىمدا ئورۇنداشقا تېگىشلىك ئشلارنى قىلدىم،كەچلىكى ئەقسا مەسجىدىدە دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىن كەلگەن تۈرلۈك ئىرق ،تۈرلۈك تىللاردىكى مۇسۇلمانلار بىلەن ئىپتار،تاراۋىھتا بىللە بولدۇق.

ۋەتەندىن ئايرىلىش ئالدىدا ئەسلى پىلانىم بويىچە،ئسرائىلىيە زېىمىنىدا نۇرغۇن ئشلارنى روياپقا چېقىرىشنى پىلانلىغان ئىدۇق.ھەر قانچە ئەقىللىق بولساقمۇ ،ساھەلەردىكى نۇرغۇن باشلامچى كىشلەرگە ئوخشاش ،ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنى بۇنچە قسقا مۇددەتتە  ئۇ قەدەر يامانلىشپ كېتىشنى قەتئى خيالىمىزغا كەلتۇرمىگەن ئىكەنمىز.  ئۇيغۇر كارخانىچىلار بىلەن يەھۇدى كارخانىلىرى ئوتتۇرىسدا ئېقتسادى ھەمكارلىق ئورنىتىش شۇلارنىڭ ئىچىدىكى رىئال ۋە ئەمەلى بولغان تۈرلەردىن بىرى ئىدى.بۇنىڭغا تۇشلۇق ھالدا،مەنمۇ ئوقۇشتىن سرتقى پائالىيەتلىرىمدە ،ئسرائىلىيەنىڭ سانائەت ۋە تېخىنىكا شەھەرلىرىدىن تىل ئاۋىۋ ۋە خەيفا شەھەرلىرىدىكى ئىگىلىك تىكلەش بازىلىرى ،تېخنىكا-تەرەققىيات رايونلىرى،پەن-تېخنىكا يەرمەنكىلىرىگە قاتنىشپ ،خاتىرە قالدۇرۇپ،ئۇيغۇرغا ئەسقاتىدىغان ،ئۇيغۇرنىڭ كۇچى يېتىدىغان تۇرلەرنى ئىزدەيتتىم ،

<<ئۇيغۇر-يەھۇدى دوسلۇق جەمئىيتى>>قۇرۇش ئشى ئىرۇسالىم ئىبراي ئۇنېۋرستىتىكى ئۇيغۇرشۇناس دوكتۇر تونۇشۇم ئارقىلىق  ئسرائىلىيەدىكى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ھەمكارلىق ئىدارىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە باشلانغانىدى.

تەتقىقات جەھەتتە،  ئەسلى كەسپىمگە يېقىنلىشىدىغان <<ختتاي ۋە ئسرائىلىيە ئنسانى ھوقۇق سىلىشتۇرما تەتقىقات دوكلاتى >>،     <<ئسرائىلىيەدە ئۇيغۇر تونۇلمىسى :يەھۇدى ۋە ئەرەبلەر نەزىرىدە ئۇيغۇرلار >> <<پەلەستىن ۋە ئۇيغۇر مەسلىسدە خەلقئارالىشش دەرىجىسى  سلىشتۇرما تەتقىقاتى>> <<ئسرائىلىيەدىكى ئاز سانلىق مىللەت دۇرۇزلارنىڭ سياسى ئورنى>>.<<بۈگۈنكى يەھۇدىي ياشلىرىنىڭ مىللەت ۋە دۆلەت چۈشەنچىسى >>دىگەن تېمىلاردىكى ئىزلىنىشلىرىم تېخى پۇتمىگەنىدى.

بۇ مۇقەددەس تۇپراقلاردىن ئايرىلىش ئالدىدا قاچان قايتىپ كىلىشىمنى بىلمەيتتىم،

مەن ئۇچۇن يەنىلا يېڭى پېتى قالغان سرلىق بۇ زېمىن ۋە كۈچلۈك  يەھۇدى مىللىتىنىڭ  ئىمكانيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز مىللىتىم ئۇچۇن ياراملىق بىرەر ئش قىلىپ بىرەلمىگەنلىكىم ئۇچۇن ئەپسۇسلىناتتىم،ئاخىرقى بىر ھەپتە شۇنداق ئىچىم سېقىلىش ئىچىدە ئۆتتى ؛

ئاخىرى بۇ پىلانىمنى يەھۇدى تەتقىقاتچى دوسلىرىمغا ئىيتقاندىن كىين ئىبراي ئۇنۋېرستىتىدا بىر مەيدان<< ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇگۇنكى ئەھۋالى >>تېمىسدا بىر مەيدان 30 ئاڭلىغۇچىدىن تەكلىپ تاپقان لېكسيە ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى،مەن تەبئى ھالدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىر-قسمەتلىرىنى ئاڭلاتقاندىن باشقا،ختتاي -ئسرائىلىيە مۇناسۋىتىدە توختىلىپ ،<<ختتاي بىلەن  ئسرائىلىيەنىڭ سەمىمى ھەمكارلاشقۇچى ۋە  دوست >> بولالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى نەرىزىيەرىمنى بازارغا سالدىم ،لېكسيە كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە غەلبىلىك بولدى.سۇئاللار كۆپ سورالدى،ئۇچ ئوقۇغۇچى تەتقىقات تېمىسىغا ئۇيغۇر تېمىسنى تاللايدىغانلىقىنى بىلدۇردى،يەنە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باشقا ۋەدىلەرمۇ بولدى ،كۆپچىلىك ئۇيغۇر ئۇچۇن نىمە قىلىپ بىرەلەيدىغانلىقىنى تەڭ سوراشتى..ئۇچ تۇرلۇك تەكلىپ-پىكىر بەردىم ،بۇلار ئىچىدە <<كەنېسەت >> (ئسرائىلىيە پارلامىنىتى) تاشقى مۇناسۋەت كومىتىتى مەسئۇلى بىلەن كۆرۇشۇش تەلىۋىم لېكسيەگە قاتناشقان بىر پىراففىسورنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئىككىنچى كۈنىلا ئەمەلگە ئاشتى ،تارىختا تۇنجى قېتىم ئسرائىلىيە پارلامنىتى تاشقى مۇناسۋەت كومتىتىغا تىز سۇرئەتتە تەييارلىغان دوكلاتىمنى سۇندۇم (بۇ ھەقتە كىين ئايرىم يازما،سۇرەتلىك ماقالە يازىمەن ).

ئەمما يۇرىكىم يەنە بىر يەرلىرى ئېچىشاتتى،ۋەتەندە ئون يىلنىڭ ئالدىدا ئۇچ دوستۇم بىلەن شۇنداق دىيشكەن ئىدىم (ئالاھىدە تەقۋا چاغلىرىم بولسا كىرەك ،ئنشائاللا ،كۇنلەرنىڭ بىرىدە ۋەتىنىمىزنىڭ بايرىقىنى كۆرۈش ۋە كۆتۈرۈش نېسپ بولسا،ئالدى بىلەن تاھارەت ئىلىپ،ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ ،ئاندىن بايراقنى قولۇمغا ئالىمەن،كۆزۇمگە سۈرتىمىز>>،مەن بۇگۇن ئەركىن دۇنيادا شۇنىڭ ئارزۇسنى ئشقا ئاشۇرۇشۇم كىرەك ،ئەمما بايراق نەدە ؟

قانداق ياسايمەن،نەدە تەييار قىلغىلى بولىدۇ ؟ بۇلارنى بىلمەيتتىم، بايراق ياساش ئىرادىسى ئسرائىلىيەدىن ئايرىلىدىغان ئاخىرقى كۇنۇمگە توغرا كەلگەن بولغاچقا توردىن بۇيرۇتۇش ،رەخت ئىلىپ ياساشقا ئۇلگۇرمەيتتىم،شەرقى تۈركستان مەسلىسنى ئاخىرقى بىر ھەپتە ئىچىدە مەن ئاڭلىتىپ تونۇشتۇرغان تاتار،تۈرك ،كۇرد ،ئەرەب مۇسۇلمان دوسلىرىمدىن ئىككىسى ئەقسا مەسجىدى يېنىدىكى بىر پەلەستىنلىك ئەرەب ئاكىمىزنىڭ دۇكىنىغا باشلاپ كىردى،بۇ كىشى مىنى قەدىمى قەلئە بازىرى ئىچىدىكى ئەرەبلەرنىڭ كېيمگە خەت باسىدىغان بىر دۇكىنىغا باشلاپ باردى، دۇكان بالدۇرلا تاقالغان بولۇپ،بايراق ياساش ئاخىرقى ئۇمىدىم يوققا چىقامدۇ دەپ ئىچىم ئېچىشپ،پاڭڭىدە يېغىلىۋەتتىم، ئەرەب ئاكىمىز ماڭا :قىرىندىشىم ،كۆڭلۇڭنى بۇزما،مەن ئامالىنى قىلاي ،چوقۇم بايرىقىڭنى ياساتقۇزۇپ بىرەي-دىدى،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئسرائىلىيە ۋە پەلەستىن تۇپراقلىرىدا ئۇچراشقان كۆپىنچە ئەرەبلەرنىڭ ئۇيغۇر دىسە بىلمەيدىغانلىقى،كۆپرەك تونۇشتۇرسام :<<بىزنىڭ دەردىمىز ئۆزىمىزگە يېتىپ ئاشىدۇ >>گىپىمگە خۇشياقماس قاراپ تۇرغانلىقىدىن  كۆڭلۇم يېرىم بولسمۇ ،بۇ ئاق كۆڭۇل ئاكىمىزنىڭ غەمگۇزارىم بولۇپ<< بايرىقىڭنى ياساپ بىرىمەن>> دىيېشىدىن خۇددى <<سەن بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇش قىلىمەن >>دىگەندەك شۇنچىلىك غەيرەتلەندىم.ئۇ دۇكان خۇجايىنغا تىلفۇن قىلدى،ئۇ دۇكاننى بىر سائەت ئالدىدا تاقاپ <<بەتلەخەم>> تەرەپكە كەتكەنىكەن،ئۇ كەل دىدى،خۇجايىنغا تازا خوش ياقمىدى،مەن ئۇنىڭغا <<يۇز دوللار بىرەي>> دىدىم،نورمالدا 30 شەكەل (يەنى ئون دوللارغا پۇتەتتىكەن ) ،ئۇ ماقۇل بولۇپ،بىر ھازادىن كىين كەلدى،ئەمما بايراق ئەمەس ،مايكىغا بايرىقىمنى ئۇرۇپ بەردى،بىرنى مايكا قىلىپ كەيدىم،بىكار قىلىنغان سناق قەغەزنى بايراق قىلىپ ياسدىم.

يەھۇدىيلارنىڭ ئاساسلىق تاۋاپگاھى-ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى غايە قىلىدىغان ئىبادەتخانىسى غەربى تام -يىغلاش تېمى قسمىدا ئۇيغۇر بايرىقى
يەھۇدىيلارنىڭ ئاساسلىق تاۋاپگاھى-ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى غايە قىلىدىغان ئىبادەتخانىسى غەربى تام -يىغلاش تېمى قسمىدا ئۇيغۇر بايرىقى

شەرقى ئىرۇسالىم(قۇددۇس)قەدىمى شەھەر قەلئەسى دەمەشىق دەرۋازىسى ئالدى

(مەسجىدى ئەقسادا تونۇشقان بىر تۈرك ۋە بىر تاتار قوللىغۇچى بىلەن قەدىمى شەھەر مۇسۇلمانلار بۆلىكىدە)

بايرىقىمىزنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈچنچى چوڭ مۇقەددەس مەسجىدىمىز بولغان ئەقسا مەسجىدىدە ،پۈتۈن يەھۇدىيلارنىڭ 3000 يىللىق مۇ قەددەس جايى بولغان <<غەربى تام-يېغىلاش تېمى)ئالدىدا ،خىرىستانلارنىڭ 2000 يىللىق ئەڭ مۇقەددەس جايى ھسابلانغان <<ھەزرىتى ئەيسا چىركاۋى>>ئالدىدا لەپىلدىتىپ ماڭىمەن دەپ ئويلىدىم،بەختكە قارشى بىر نەچچە كۇن بۇرۇنلا دۇنيانى زىلىزىلگە << ئەقسا مەسجىدى قوراللىق ۋەقەسى>>گە مۇشۇ قەدىمى شەھەر قەلئەسى ئىچىدە تۇرۇپ شاھىت بولغانىدۇق،مەسجىد ئىچىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ئېتىشش سەۋەبىدىن ئەقسا مەسجىد تاقالدى،تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان ۋەقە <<ئەقسا مەسجىدى جۇمە نامىزىغا تارقىلىش ۋەقەسى>> يۈز بەردى،نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمان ئاممىسى يەھۇدى ساقچىلىرى توسۇۋالغان چىگرا سىزىقلار ئالدىدا ،كوچىلاردا جۇمە نامىزى ئوقۇدۇق، ئارقىدىن باشلانغان ئسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئىدارسنىڭ ئەقسا مەسجىدىگە كىرىش ئېغىزىنى مىتال تەكشۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىش سەۋەبىدىن قوزغالغان مۇسۇلمانلارنىڭ قارشلىق كۆرىستىش نامايشى باشلاندى.ئەقسا مەسجىدى تاكى مەن ئسرائىلىيەدىن ئايرىلغان كۇنىگە قەدەر ئىچىلمىدى،ئەتىسى ماڭىمەن دىگەن كۈنى كەچ سائەت توققۇزدا ئاچىمىز دىدى،گەرچە ئۇ كەچتە تىل ئاۋىۋقا مېڭىشقا كەچ قالساممۇ ساقلىدىم ،كەچلىرى دوسلار تۆت دەرۋزا ئالدىغا ئالمىشپ بىرىپ باقتۇق،مەن ئايرىلىدىغان كۇنى ئىچىلىدىغان بوپتۇ،يەنىلا ئەقسا مەسجىدىدە ئۆزۇم بايراق چېقىش ئارزۇيۇمغا يېتەلمىدىم،:<< ئەقسا مەسجىدىدە بايرىقىمنى لەپىلدىتىش ۋەزىپىسى سلەرگە قالدى،مەن ئەتە ئامېرىكىغا ماڭىمەن،رەسمنى ئەۋەتىپ بىرىڭلار >>دەپ خوشلاشتىم،دوستۇم ئەمرە فايدالى ،مۇستافالار 40-50 پارچە رەسمگە تارتىپ،ۋىدئو ئشلەپ ئەۋەتىپتۇ،خۇرسەن بولدۇم.

 

uighur flag in israel
ئەقسا مەسجىدى توسۇلغاندىن كىين،مەسجىد يان ئ‍شكى ئالدىدا ساقلىغان چاغلار .

خەير-خوش ،ئسرائىلىيە،مەن يەنە قايتىپ كىلىمەن! سالام ئامېرىكا…يەنە بىر ئۇيغۇر !(2017-ئىيۇل-2018-ئىيۇل )

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن