ئۇيغۇر ھېكايىلىرى (1) :سەرگەردان سەنئەتكار ئانا

ئۇيغۇر ھېكايىلىرى :سەرگەردان سەنئەتكار ئانا (1)

تايىر ئىمىن ئۇيغۇريان

ئۇيغۇر ھېكايىلىرى -ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تور بېكتىنىڭ چەتئەلدىكى سەرگەردان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاددى تۇرمۇش ھېكايىلىرى بايان قىلىنىدىغان بىر سەھىپىسى بولۇپ،ھەر ھەپىتىدە بىر ھېكايە ئىلان قىلىنىدۇ .ئۆز ھېكايىڭىزنى ئورتاقلىشڭ !

بۇگۇن چۈشتە <<ئۇچۇرچى>>(مەسنجىر)دە بىر ھەدىمىز دەردىنى تۆكۈپ بەردى،مەن ئۇنىڭ ئ‍سمىنى تىلغا ئالماي،دىگەنلىرىنى ئەينەن خاتىرىغا ئالدىم،بۇ بىزنىڭ مۇشۇ سەرگەردانلىق ھاياتىمىزدىكى يۇز مىڭلىغان ھېكايىلىرىمىزنىڭ بىرسى خالاس،،گەرچە ئۆزۈمنىڭمۇ يەتكۈچە دەردىم بولسمۇ ،يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى ياخشى ئاڭلاش،تەسەللى بىرىش،قولىمىزدىن كەلسە مەسلىھەت بىرىش ،پايدىلىق ئۇچۇرنى يەتكۇزۇشمۇ ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئەڭ ئەقەللى شەرتى ۋە نورمال ئ‍نسانى ۋە ۋىجدانى قەرزىمىز بولۇپ قالدى ..

* * * * *

تاھىرجان ياخشى تۇرىۋاتامسز؟ مەن چەتئەلدە سەرگەردان بولغان بېشغا دەرت كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئانا،سز بىلەن سۆھبەتلەشكۇم بار .قولىڭىزدىن كەلسە ياردەم قىلارسز،ھىچبولمىسا مەسلىھەت بىرەرسز !

مەن تۈركىيەدە سەرگەردان بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئانا  ،مەكتەپ يېشىدىكى بىر ئوغلۇم بار،ئۇزۇندىن بىرى سزنىڭ يۈز بېتىك ھسابىتىڭىزغا دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن ،كۆپ ئىككىلىنىپ سزگە ئاخىرى  بېشمغا كەلگەنلەرنى سزگە دېيشنى مۇۋاپىق كۆردۇم ،مەن ۋەتەندىن چىققىلى ئىككى يىل بولدى،ۋەتەندە سەنئەت ساھەسىدە خىزمەت قىلاتتىم،ئون نەچچە يىللىق سەنئەت ھاياتىم (ئەسكەرتىش:كەسپى ئۇسۇلچى ئەمەس ) ئىنتايىن رەڭدار ،گۇزەل كەچمشلەرگە تولغان ئىدى….ئائىلىمىزنىڭ ئىگىلىكى،شركىتى بار ئىدى،ئېقتسادىمىز ياخشى بولغاچقا ،ھەممە نەرسىمىز تەل ئىدى،كەسپىمدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرشكەن ،ئەلنىڭ ھۇرمىتىگە ئېرشكەن ئىدىم ،ئەتراپىمىزدا شۇنداق ياخشى دوسلىرىمىز ،ئىجتىمائى مۇناسۋەت چەمبىرىكىمىز بار ئىدى، ئىككى يىل ئالدىدا ،ساياھەتكە چېقىش سەۋەبى بىلەن تۈركىيەگە كىلىپ ،بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدۇق،كىين كىتىشنى خالىماي تۇرغان چاغلىرىمىزدا،ۋەتەندە چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش باشلاندى،تۇققانلىرىم مىنىڭ سەۋەبىمدىن تۇتۇلدى،ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلدى .ۋەتەندىن ھىچقانداق ئېقتسادىمنى كەلتۈرەلمىدىم،ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز نىمە قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدۇق،

مەن بىر نەچچە يەردە ئ‍شلەپ باقتىم،جاپالىق بولسمۇ تازىلىق خىزمىتى،كېسەللەرگە قاراش،تاماق ئېتىش دىگەندەك ئ‍شلارنى قىلىپ تۇرمۇشىمىزنى قامداپ كەلدىم،ئەڭ ياخشى ئالغان مۇئاشىم 1200 لىرادىن ئاشمىدى،ئەمما ئۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىجارسىنى ئاران تۆلىدىم ، تۇرمۇشۇم يەنىلا قىين،بۇ يەردە پۇل تېپىش پۇرستى ئاز،تۇرمۇش چېقىمى قىممەت ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئ‍وغلۇمنى ئوقۇتمىسام بولمايدۇ،

ئەتراپىمدا بەزىلەر تۈركىيە قېزىل ئاي جەمئىيتى ،ساخاۋەت ئورۇنلىرى ۋە باشقا دىنى جەمىيەتلەرنىڭ ياردىمىنى ئىلىپ   ئېقتسادى ياردەم ئىلىپ تۇرمۇش كەچۈرۋاتىدۇ،ئاز بىر قسمىنىڭ قوشۇمچە ھۈنەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى بىلىمەن ،يەنە كۆپىنچىسى ئۆيدە ئولتۇرىدۇ،ئۇلارنىڭ مەڭگۇ شۇنداق قىلىدىغاندەك باشقا پىلانى يوق ،مىنىڭ ھاياتىمنى ئۇنداق بىكارلا ياشاپ ،ئ‍سراپ قىلغۇم يوق ،يەنە  تۈرك ياكى كۇرت ئەرلىرى بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ خىلى بار  ،بېشى قىيپ گاڭگىراپ قالغان،خاتا يولغا مېڭىپ قالغانلارمۇ بار،ئەمما ئۇلارمۇ تۇرمۇشىدىن رازى ئەمەس،دەردى كۆپ،ئامالسز،مسكىن ياشايدۇ.ھىچكىمدىن خاپا بولىدىغان جاھان ئەمەسكەن….

يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدا بىر ئۆي مۈلۈك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھاجى خنىمغا ئ‍شىنىپ 15 مىڭ دوللار مەبلەغ سالغانىدىم،ئۇ ئايال كىين باشقىلارنىڭمۇ پۇلىنى ئىلىپ قېچىپ كەتتى.

مىنىمۇ بەزىلەر جەمىيەتلەردىن ياردەم سوراشقا دەۋەت قىلدى ، ئ‍ەمما مىنىڭ ئۇنداق ياشىغۇم يوق، مىنىڭ جان تىكىپ ئ‍شلىگۇم بار،ئوغلۇمنى غۇرۇرلۇق چوڭ قىلغۇم بار .ئوغلۇممۇ دائىم ماڭا:ئەگەر خەقنىڭ قولىدىن 100 لىرا پۇل ئالساڭ ،مەن قوبۇل قىلالمايمەن دەيدۇ.مىنىڭ ئ‍نساندەك ياشغۇم بار.. ئۆزۇمنى ئۇلاردىن ئالاھىدە قىلىۋالغنىم ئەمەس،مەن ۋەتەندە ئىگىلىك تىكلەپ باققان،ھازىر قولۇمدا دەسمايە بولمىغاچقا يولۇم قاتتىق،قارا ئ‍شلار بىلەنمۇ ياخشى ياشاپ كېتشكە كۆزۇم يەتمىدى،ھەتتا ئىجارسى ئەرزان يەر ئىزدەپ شەھەر سرتىغا چېقىپ كەتتىم،

مەن ھازىر خۇددى دۈملەپ قويغان بىر قازان ئىچىگە كىرىپ قالغاندەكلا،ماڭىدىغان يولۇمنى يوقتىپ قويغاندەكلا نىمە قىلىشىمنى بىلمەيمەن،ھەتتا دەرت تۆكىدىغان بىرەر تونۇشۇممۇ يوق.

چۇشكۇنلۇشۇپ كەتتىم،يېغا باسىدۇ،نىمە بولۇپ بۇ كۈنلەرگە قالدىم دەپ ئ‍ويلايمەن،نىمىنى خاتا قىلغاندىمەن دەپ  ئويلايمەن…

ئۇنىڭدىن باشقا مىنىڭ ياشاش يولۇم بۇ يەردىكى تۈرك ياردەم جەمىيەتلىرىگە تاينىشنى تاللىغان ئاچا-سڭىللىرىمىزغا ئوخشاپ كەتمەيدۇ.مىنىڭ مىللى مەدەنىيتىمىزنى تىرىلدۇرۇش ،ئۇيغۇر سەنئىتىنى چەتئەلدە جەۋلان قىلدۇرۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى،ئەمما تۈركىيەدەئۇيغۇر سەنئەتكارلار،مۇزىكانتلار كاپىر ،مۇناپىق دەپ چەتكە قېقىلىدىغان ئەھۋال بولغاچقا ئۇلارمۇ جىمجىتلا يوقاپتۇ،سەنئەت كەسپىنى تاشلاپ باشقا يوللار بىلەن تۇرمۇش كەچۇرۇشكە مەجبۇر بوپتۇ.مەنمۇ قورقۇپ كەتتىم،ھەتتا ۋەتەندە سەنئەت بىلەن شۇغۇللانلىقىمنى باشقىلارغا دىيەلمەيمەن،بۇ يەردە مەن كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار <<سەنئەتكار ئاياللارنىڭ ھەممىسى پاھىشە >>دەيدىكەن،لىكىن تۈركلەر ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى بەك چوڭ بىلىدىكەن….

نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ياۋروپا،كانادا،ئامېرىكىلارغا كېتىشنىڭ كويىدا يۇرىۋاتىدۇ،بەزىلەرنىڭ قاچاق يوللار بىلەن ياۋروپاغا ماڭغانلىقىنى ئاڭلىدىم،ۋېزا ئىلىش ئىمكانىيتى ھەققىدە ئۇيغۇرلار توختىماي تىرىشۋاتىمىز…ئەمما تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسدا ياۋروپاغا كېتىش،ۋېيزا ئىلىش ھەققىدە پاراڭ قىلساق،بەزىلەر <<ياۋروپا،ئامېرىكىغا كاپىر ئۇيغۇرلار بارىدۇ ،تۈركىيە دىگەن مۇسۇلمان دۆلىتى،ياۋروپا دىگەن خېرستئان دۆلىتى >>دەپ ئىغىزىمىزنى ئاچۇرمايدۇ،يەنە ئاڭلىساق،بەزى ئۇيغۇرلار ساياھەت شركەتلىرىنىڭ نامىدا ئۇيغۇرلارنى ياۋروپاغا،بۇلغارىياغا  چېقىرىپ قويىمىز دەپ ،4-5مىڭ دوللار ئىلىپ،ئۇلارنى تۈركىيەنىڭ چەت ياقىلىرىغا،ئانتاليانىڭ يېزىلىرىغا ئاپىرىپ تاشلاپ قېچىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار،قويمىچىلىق بىلەن نامى چېقىپ كەتكەن ئۇيغۇر ۋاستىچىلىرىمۇ كىشلەرنى قورقۇتۇۋەتتى.

ھايات بىزنى نەگە ئىلىپ بارىدۇ ،بىلمەيمىز !..

سزدىن ئۆتۇنۇشۇم ،ھازىر قولۇمدا پاسپورتتىن باشقا ھىچقانداق ئ‍ناۋەتلىك دوكۇمنىتىم يوق ،بۇ ئەھۋالدا ياۋروپاغا كىتەلەمدىم؟ ئۇ يەردە ئوغلۇمنى ياخشى ئوقۇتالىشىم مۇمكىنمۇ ؟ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن قايسىدىن بولسا بىرىنىڭ ۋېزىسنى ئالغىلى بولارمۇ ؟ماڭا مۇشۇ جەھەتتە ياردەم قىلسڭىز ،سزدىن خۇرسەن بولاتتىم …ھ

2018-يىلى 6-ماي ،ۋاشنگىتون،تىلفۇن خاتىرسى…بۇ ۋەقە ھەدىمىزنىڭ بايانلىرى ئاساسدا خاتىرىلەندى،ئۇ شەخس سۇپىتىدە كۆرگەنلىرى،ئاڭلىغانلىرىنى ئىيتتى،ئۇنىڭغا ۋە باشقا تالاي ھەمشرىلەرگە ياردەم قىلالمساقمۇ ئۇلارنىڭ شەخيستىگە،ئاخىرقى غۇرۇرىغا ھۇجۇم قىلمايلى،ئۇلار كۆيۇنۇشكە،ھىچبولمسا چۇشۇنۇشكە مۇھتاج.

1 thought on “ئۇيغۇر ھېكايىلىرى (1) :سەرگەردان سەنئەتكار ئانا

  1. ۆۋەندىكى ھېكايىنى ئوقۇپ تۈركىيەدىكى قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلارنىڭ بىرى بولغان بۇ ھەمشىرىمىزگە ھېسداشلىقىم قوزغالدى. شۇنداقلا نۇرغۇن خاتا ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئازراق توختىلىشنى لايىق تاپتىم.
    1. بۇ ھەمشىرىمىز ئېيتقاندەك ئىستانبۇلدا ياشىماق ھەقىقەتەن مۈشكۈل. ھەتتا تۈركلەرنىڭ ئۆزىگىمۇ شۇنداق. ھەممە نەرسە قىممەتچىلىك ۋە مائاش تۆۋەن. باشقا شەھەرلەردە ئۆي ئىجارىسىدىن تارتىپ كۆپ ئەرزانچىلىق. شۇڭا بىر قىسىم ئۇيغۇرلار باشقا شەھەرلەرگە كۆچۈۋاتىدۇ. ئەمما ئوقۇ-ئوقۇتۇش، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ۋە تۇرمۇشتىكى بەزى قولايلىقلارنى ئويلاپ، كۆپىنچە ئۇيغۇرلار يەنىلا ئىستانبۇلدا ياشىماقتا.
    2. بۇ ھەمشىرىمىز ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشايدىغانلىقنى، باشقا ئاياللارنىڭ تەييار ياردەم بىلەن بىكار ياتىدىغانلىقىنى، باشقا ھايات پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىپتۇ. ئەمما بۇ گەپ ھېچ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. ھېكايىدە تىلغا ئېلىنغان قىزىل ئاي ياردەم پۇلى كىشى بېشىغا ئاران 120لىرا، ئەمما ئەڭ ئەرزان ئۆيمۇ 800لىرا، باشقا دەرنەكلەردىن كېلىدىغان ياردەممۇ كۆپىنچە ئۇن، ماي دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن چەكلىنىدۇ. شۇڭا ئىستانبۇلدا جەمئىيەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن بىكار يەپ-ياتىدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس. ئېرى يوق ئاياللار تىككۈچىلىك، پىشۇرۇق، چۆپ چىقىرىش، ئۇششاق سودا-سېتىقلار بىلەن جاپالىق ياشاۋاتىدۇ. ھەممىگە ئاسان ئەمەس.
    3. بۇ ھەمشىرىمىز ئۆزىنى سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىمەن دەپتۇ. قايسى سەنئەت تۈرىنى دەۋاتقىنىنى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم، ئەمما ۋەتەندىكى كۆندۈرۈلگەن ئادىتىمىز بويىچە ئۇسسۇلچى دەپ چۈشەندىم. ئەگەر شۇنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولسا بۇ يەردە ئۇ كەسپىنى قىلالمىغىنى تامامەن توغرا چۈشىنىشلىك. چۈنكى تۈركىيەدىكى كۆپىنچە ئۇيغۇرلار «سەنئەت دېمەك ئۇسسۇل ئويناش دېمەك» دېگەن ئەخمىقانىلىقتىن يىراق ياشاۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى كۆپىنچە ئۇيغۇرلار سەنئەتنى سۆيىدۇ، ھۆرمەت قىلىدۇ. ئەمما سەنئەتكە توغرا ئېنىقلىما بېرىدۇ. ئەقىل ۋە ئەقىدە غەلۋىرىدىن ئۆتكۈزۈپ مۇئامىلە قىلىدۇ.
    »تۈركلەر ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئىتىنى سۆيىدۇ» دېگەن توغرا گەپ. ئەمما ئالدىنقى ئەسىرلەرگىچە مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى بولۇپ كەلگەن بۇ مىللەتمۇ ئاياللارنى ئۇسسۇلغا سېلىشنى سەنئەت، ئەنئەنە دەپ قارىمايدۇ، بەلكى ئېغىر ئالىدۇ. ئاياللارنى تاماشا ئوبيېكتى قىلىش ئۇلارنى خورلىغانلىق دەپ بىلىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە ئاياللارنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتى بار. ئاشخانا رېستۇرانلارغا قارىسىڭىزمۇ مۇلازىملىق قىلىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەرلەر. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھۆرمەت قىلىدىغىنى ئاياللارنى ئۇسسۇلغا سېلىشىمىز ئەمەس.
    تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار مۇزىكانتلارنى كاپىر، مۇناپىق، ئۇسسۇلچى ئاياللارنى پاھىشە دەيدۇ دېگەن سۆزمۇ ھېچ ئاساسى يوق سۆزلەر. بۇنداق سۆزلەرنى ھازىرغىچە ئۇچرىتىپ باقمىدىم، باشقىلارنىڭ شۇنداق دېگىنىنىمۇ باشقىلاردىن ئاڭلاپ باقمىدىم، ھەتتا مەن بىلىدىغان ئەشەددىي تەكفىرچىلەرمۇ بۇنداق سۆزلەرنى ئالدىراپ قىلىپ سالمايدۇ. دېمەك بۇ ئاشۇ ھەمشىرىمىز ئېيتقاندەك ئاساسىي ئېقىمغا، پىكىرگە ئايلىنىپ قالغان ھادىسە ئەمەس. ئەگەر شۇنداق كىشىلەر بار دېيىلسە بۇ ھەمشىرىمىز سانى يوقنىڭ ھېسابىدىكى ئەشۇنداق كىشىلەرگە ئۇچراپ قېلىپتۇ. ئەمما بۇنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا نىسبەت بېرىش توغرا ئەمەس.
    4. ھېكايىنىڭ ئاخىرىدىكى «ياۋروپاغا كەتكەنلەرنى كاپىر دەيدۇ» دېگەن سۆزگىمۇ ياقامنى تۇتۇپ قالدىم. ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن دىندار كىشىلەر ھەتتا مولىلار ياۋروپاغا كېتىشنىڭ گېپىنى قىلىپ تۇرىدۇ. بېرىش-بارماسلىق ھەركىمنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش، قانداقتۇر بېسىم قىلىدىغان، قورقۇتىدىغان، چەتكە قاقىدىغان ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس.
    بۇ ھەمشىرىمىزگە تەۋسىيەم ئەگەر يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى راست بولسا، سىز تولىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان، قاتتىق ئاشقۇن كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ قاپسىز، ئۇلاردىن يىراقلىشىپ، باشقا كىشىلەر بىلەنمۇ ئارىلىشىپ ئۆتكەيسىز. ھەرخىل-پائالىيەت سورۇنلار كۆپ، شۇلارغا قاتنىشىپ مەنىۋىيىتىڭىزنى كۈچەيتىپ تۇرۇڭ.

    ئاخىرىدا قوشۇپ قويىدىغىنىم، ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز قارىشىنى بايان قىلىش، خالىغانچە پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئەمما قىسمەنلىكنى ئومۇملۇققا كۆتۈرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ مۇبالىغە قىلىپ، قەلبلەرنى ئۇزاقلاشتۇرىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىش.
    تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار قاتتىق تىرىشىۋاتىدۇ، تىرىشىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. ياشلار ئوقۇش قىزغىنلىقىدا، ئوقۇيالمىغانلار تىرىكچىلىك قىزغىنلىقىدا. ئاشقۇنلۇقلار بارا-بارا ئازايماقتا، ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسى كۈچەيمەكتە. ئىككى يىل بۇرۇنقى ھالەت بىلەن ھازىرقى ھالەت كۆپ پەرقلىنىدۇ، دېمەككى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. تەسەۋۋۇر كۈچۈڭلار ئارقىلىق دۈشمەن ياسىماي، دىققىتىڭلارنى تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارغا قارىتىڭلار قېرىنداشلار.

Comments are closed.