ئاياللار 35 ياشتىن ئاشقاندا بۇ بەش خىل ئادەتنى تاشلاش كېرەك

«تاماق قىلالايدىغان، خىزمەت قىلالايدىغان بولۇش» نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئاياللارغا قويغان تەلىپى. ئەگەر ئاياللار كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەقىل، شۇنداقلا ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆز رېتى بويىچە قىلالىسا، ئۇ ئىنتايىن مۇكەممەل بولىدۇ. ئەنگلىيەدىكى «Country Life» ژۇرنىلى يېقىندا پىشقان ئايالنىڭ بىرقانچە تۈرلۈك ئۆلچىمىنى رەتلەپ چىقتى. قىزلار سىلەر قانچە تۈرگە چۈشىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ بېقىڭلار.

1. دائىم كۈلۈمسىرەش ئەڭ ياخشى دورا.

2. ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەر قانداق جايدا رەھمەت ئېيتىشنى بىلىش.

3. تاماق ئېتەلەيدىغان بولۇش.

4. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھېسابات تالونىنى باراۋەر ئاساستا تۆلەشنى تەلەپ قىلىش.

5. ھەر قانداق ئادەمنىڭ (شۇنداقلا ئۆزىنىڭ) يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى بىلىش.

6. رېمونتچى ئۇستامغا بىر ئىستاكان چاي سۇنۇش.

7. ئەرلەرگە بىر قاراپلا ئۇلارنىڭ ئېغىزىنى يۇمالايدىغان بولۇش، بىر قول ئىشارىسى بىلەن ئىتنى يۈكۈندۈرۈش.

8. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پەرزەنتىگە ھېكايە ئېيتىپ بەرگەندە مۈشۈك ۋە ئېيىقلارنىڭ ئاۋازىنى دوراشنى بىلىش.

9. تۇرمۇشتا قانچىلىك بەختكە چۆمۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا كۆز-كۆز قىلماسلىق.

10. بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكەلگەندە، شۇنداقلا كۆكتات سېتىۋالغىلى چىققاندا گىرىم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بىلىش.

11. پۇتىنى ئاغرىتىدىغان ئاياغنى قەتئىي كىيمەسلىك.

12. توخۇ، بېلىق قاتارلىقلارنى ئۆزى ئۆلتۈرەلىسىمۇ، يەنىلا ئەرلەرنى قىلدۇرۇش.

13. توي-تۆكۈن، يىغىلىشلارغا ۋاقتىدا بېرىش.

14. ھاياسىز ئەرلەردىن ئۆزىنى قانداق قاچۇرۇشنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ توي تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلىشنى بىلىش.

15. ئايروپىلانغا ئولتۇرسا جىددىيلىشىدىغان ئادەملەرگە تەسەللىي بېرىش.

16. قورۇق يوقىتىش ئۈچۈن بوتۇلىزىم تاياقچە باكتېرىيەسىنى ئۇرماسلىق.

17. قانداق ۋاقىتتا ئەرلەرگە قارار قىلدۇرۇشنى بىلىش.

18. قايسى ۋاقىتتا ئۆيدىكى ئىشلارنى، قايسى ۋاقىتتا ئۆي سىرتىدىكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىش.

19. بالىلارنى ئەدەپلىك بولۇشقا يېتەكلەش، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەركىن ھالەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش.

20. ئېسىل ماشىنا، ئوت چۆپ قىرقىش ماشىنىسى، شۇنداقلا قار تېيىلىش ماشىنىسى قاتارلىق ھەممىنى ھەيدەشنى بىلىش.

21. قايسى ۋاقىتتا چېچىنى بوياشنى توختىتىشنى بىلىش.

22. ئوغلىغا كىيىمگە دەزمال سېلىشنى، قىزىغا لامپىنىڭ بىخەتەرلىك سىمىنى ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىتىش.

23. بىر يۈرۈش قارا رەڭلىك كۆينىكى بولۇش.

24. يېنىدا قول ياغلىق ئېلىپ يۈرۈش.

25. پاكىزلىقنىڭ ئىچ كىيىمنىڭ روھى ئىكەنلىكىنى بىلىش