كورلا ئايرۇدۇرۇمىدا جەنۇبىي ۋە شمال ئۈچۈن ئىككى لېنىيە

كورلا ئايرۇدۇرۇمىدا شمالغا يېڭى لېنىيە ئېچىلدى

كورلا ئايرۇدۇرۇمىدا شمالغا يېڭى لېنىيە ئېچىلدى

ختتاي خەلق تورىنىڭ ئاشكارىلىشچە، 4- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ، كورلا ئايرودۇرۇمى يېڭىدىن كورلا-شىخەنزە-چۆچەك، كورلا-شىخەنزە-ئالتاي ۋە كورلا-خوتەن لىنىيەلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى.

كورلا ئايرۇدۇرۇمىدا شمالغا يېڭى لېنىيە ئېچىلدى
كورلا ئايرۇدۇرۇمىدا شمالغا يېڭى لېنىيە ئېچىلدى

ئىگىلىنىشىچە، 4- ئاينىڭ 23- كۈنى، يېڭىدىن ئېچىلغان كورلا-شىخەنزە-چۆچەك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CRJ900 تىپلىق G54349/50 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلىدىكەن.

بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى بېرىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 08:30 دا كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 09:45 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن، سائەت 10:25 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 11:10 ئۆتكەندە چۆچەك ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 11:50دە چۆچەك ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 12:40تا شىخەنزە ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن، سائەت 13:20 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 14:35 ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

يەنە بىر يېڭىدىن ئېچىلغان كورلا-خوتەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە، ھەر كۈنى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CRJ900 تىپلىق، G54355/56 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلىدىكەن. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار بېرىش مۇساپىسىدە، سائەت 15:15 ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 16:50دە خوتەن ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە سائەت 17:30دا خوتەن ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 19:00دە كورلا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن. مەزكۇر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە ۋە شەنبە كۈنلىرى قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى بېرىش مۇساپىسىدە، سائەت 16:00دە كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 17:35 ئۆتكەندە خوتەن ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە سائەت 18:15 ئۆتكەندە خوتەن ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 19:45 ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېچىلغان كورلا-شىخەنزە-ئالتاي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە بولسا، ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CRJ900 تىپلىق G54333/34- قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئۇقۇش ۋەزىپىسىنى ئىجىرا قىلىدىكەن. نۆۋەتچى ئايروپىلان بېرىش مۇساپىسىدە، سائەت 08:30دا كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 09:45 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن، سائەت 10:25 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 11:35 ئۆتكەندە ئالتاي ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن؛ قايتىش مۇساپىسىدە سائەت 12:15 ئۆتكەندە ئالتاي ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 13:25 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن، سائەت 14:05 ئۆتكەندە شىخەنزە ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:20دە كورلا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

كورلا ئايرودۇرۇمىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، جەنۇبىي ۋە شىمالدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، كورلا ئايرودۇرۇمى يەنە «نەشپۈت يۇرتىدىن ئۇچۇش» ناملىق مۇلازىمەتنىمۇ يولغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدا، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى ھالقىغان ھالدا بوشلۇقتا يۆتكەش كەسپىنى يولغا قويغان، بۇنىڭ بىلەن، يولۇچىلار كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئايروپىلان ئالماشقاندا، يۈك-تاقلىرىنى ئۆزى ئېلىپ يۈرمەيلا بىخارامان ئايروپىلان ئالمىشىشقا بولىدىكەن.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن