ختتاي «ئامېرىكىنىڭ 2017-يىللىق ئىنسانىي ھوقۇق خاتىرىسى»نى ئېلان قىلدى

human right report

خىتاي گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 24-ئاپرېل «ئامېرىكىنىڭ 2017-يىللىق ئىنسانىي ھوقۇق خاتىرىسى» «ئامېرىكىنىڭ 2017-يىللىق ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش خاتىرىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ <<ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش >>ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىشچە ،ئىنسانىي ھوقۇق خاتىرىسى كىرىش سۆز، پۇقرالار ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەخلى-تەرزگە ئۇچرىشى، سىستېمىلىق ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ جەمئىيەتنىڭ بۆلۈنۈشىنى تېزلىتىشى، ئامېرىكىچە دېموكراتىيەدە ساقلانغان ئېغىر نۇقسانلار، باي-كەمبەغەللىككە بۆلۈنۈش ئەھۋالىنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىشى، مۇئەييەن كىشىلەر توپىنىڭ كەمسىتىشكە ۋە ئىنسانىي ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرزگە ئۇچرىشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا داۋاملىق قوپال چېقىلىش قاتارلىق بۆلەكلەرگە ئايرىلغان بولۇپ، تەخمىنەن 10 مىڭ خەت ئەتراپىدا. ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش خاتىرىسى 9000 مىڭ خەتتىن ئارتۇقراق.

ئىنسانىي ھوقۇق خاتىرىسىدە دېيىلىشىچە، <<شۇ جاي ۋاقتى 20-ئاپرېل ئامېرىكا تاشقى ئ‍شلار مېنستىرلىكى «ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ 2017-يىللىق ئىنسانىي ھوقۇق دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، داۋاملىق «ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى» رولىنى ئېلىپ، ئۆزىنى ئەخلاق ھۆكۈمدارى دەپ ھېسابلاپ، دۇنيادا پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى ئەڭ مۇكەممەل بىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرى ۋە ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى يولسىزلىق بىلەن ئەيىبلەپ، يالغان گەپلەر بىلەن خاتا باھا بەرگەن. 2017-يىلىنى ئەسلىسەك، ئازراق ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىنسانىيەت ھوقۇقى خاتىرىسىنىڭ يەنىلا رەزىللىك بىلەن تولغانلىقى، شۇنداقلا داۋاملىق ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدۇ.ئىنسانىي ھوقۇقى خاتىرىسىدە مىسال ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: 2017-يىلى 1-ئۆكتەبىر كەچتە لاس ۋىگاستا ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بېرىپ، تەخمىنەن 60قا يېقىن كىشى قازا قىلغان، 800دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. 2017-يىلى 8-ئايدا، بىر قىسىم ئاق تەنلىكپەرەسلەر چارلوتتېسۋىللى شەھىرىگە يىغىلىپ، ناتسىستلار شوئارىنى توۋلاپ، «ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆچمەنلىك يىغىلىشى»دەپ ئاتالغان يىغىلىش ئۆتكۈزگەن>>

خىتاي ئىلان قىلغان مەزكۇر ئىنسانىي ھوقۇق خاتىرىسىدە خاتىرىلىنىشىچە، <<ئامېرىكا مەملىكەت بويىچە گۇناھىدىن ئۆتۈشنى خاتىرىلەش مەركىزى 2017-يىلى 7-ماي ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن خاتا ھۆكۈم چىقىرىلىش ئېھتىماللىقى ئاق تەنلىكلەرنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە، زەھەر جىنايىتى بىلەن خاتا ھۆكۈم چىقىرىلىش ئېھتىماللىقى ئاق تەنلىكلەرنىڭ 12 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئوخشاش جىنايەتكە قارىتا، ئافرىقا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ئەر جىنايەتچىگە بېرىلىدىغان جاز مۇددىتى ئاق تەنلىك ئەر جىنايەتچىنىڭكىدىن ئوتتۇرىچە %19.1 يۇقىرىكەن.>>