خىتايدا تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالىنىۋاتقانلار كۆپەيمەكتە

ئۇيغۇر سىياسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 16‏- فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا، «خىتايدا 2015‏- يىلى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان مەھكۇملارنىڭ بىر ھەسسە كۆپىيىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېيىلگەن. تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئىشلىرى مەسئۇلى دوكتور سوفىيە رىچاردسون، بۇ ھەقتە توختالغاندا، «بۇ، خىتاينىڭ 2015‏-يىلى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى تەھدىتتىن قوغداشتىنمۇ كۆرە تىنچ ئۆكتىچىلەرنى باستۇرغانلىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. رىچاردسوننىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق تىنچ ئۆكتىچىلەر ۋە قانۇنلۇق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ جازالاپ، «دۆلەت خەۋپسىزلىك تەھدىتى» ئۇقۇمىنى مۈجمەللەشتۈرۈۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئېغىر دەرىجىدە سىياسىيلاشقان ئەدلىيە سىستېمىسىدا كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئەيىبلەشكە قارشى ئۆزىنى ئاقلاش مۇمكىنچىلىكى قالمىغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە «ئىنتايىن گۇمانلىق» دەپ قارالسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىسىدا، 2014-يىلى 712 ئادەم دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالانغانىدى.

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاۋ چياڭ يېقىندا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنغان دوكلاتىدا، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇق بىلەن جازالاشنىڭ 2015‏-يىلى بىر ھەسسە كۆپىيىپ، 1419 ئادەمنىڭ بۇ خىل جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاينىڭ باش سودىيەسى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قانچە ئادەمنىڭ مۇددەتسىز، قانچە ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانچە پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا تېررورلۇققا ئالاقىدار مۇتلەق كۆپ قىسىم دېلولار ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بولۇپ كەلگەن.

ئامېرىكىدىكى ئۆكتىچى «خىتاي پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن – بەلگىلىمىلىرىدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە- ئۇنىڭدىكى ئۆز خائىشچانلىقىنىڭ ئېغىرلىقى ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دېلولاردا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدىغانلىقىنى بولۇپ، ئادەمنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدىكەن. ياڭ جيەنلى مۇنداق دەپ قارايدىكەن: «خىتايدا ئۆز قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئەنئەنە يوق. ئۇلارنىڭ قانۇن ئىجرائاتىدا ئۆز خائىشچانلىقى ئېغىر. مەسىلەن، ئۇ قانۇننى ئۆزىنىڭ خائىشىغا قاراپ ئىجرا قىلىدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى، تېررورلۇققا قارشى قانۇنلىرىنى ئەگەر خائىشىغا قاراپ ئىجرا قىلىدىغان بولسا، ئۇ ئۆكتىچىلەرگە، ئەركىنلىك قوغلىشىۋاتقان ھەر قايسى مىللەت كىشىلىرىگە ناھايىتى زور خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ تېررورلۇق قانۇنى. تېررورچى دېگەن نېمە؟ بۇنىڭ بىر خەلقئارا تەبىرى بار. بىراق ئۇ دائىم شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرغاندا تېررورلۇق ۋەقە دەيدۇ، ئەمما نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى دېمەيدۇ. ئەسلى ئۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىشى كېرەك، خەلقئارا جامائەت شۇنىڭغا قاراپ باھا بېرىدۇ. بىراق ئۇ، ئۇنداق قىلمايدۇ. مانا بۇ خائىشچانلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى ۋە بىزدە ئىنتايىن زور ئەندىشە قوزغاۋاتىدۇ.» ئۇ يەنە خىتاينىڭ 2015‏-يىلى 12‏-ئايدا ماقۇللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ كۈچلۈك قاراتمىلىقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ قانۇننىڭ ناھايىتى زور كەمسىتىش خاراكتېرى بار. ئۇنىڭ بۇ قانۇنى ماقۇللىنىپ قانۇنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىر قورال بىلەن تەمىنلىدى. بىزنىڭ ھەممىمىزدە شۇ تەسىرات بار، ئەگەر بىرەر ۋەقە چىقسا، ئۇ دەرھال بۇ ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى دەپ بېكىتىدۇ. لېكىن ئۇ ئىچكىرىدە خىتايلار ئوخشاش بىر ئىشنى قىلسا، ھېچقاچان خىتاي تېررورچىلىرىنىڭ ھەرىكىتى، دېمەيدۇ. ئۇ تېررورلۇق ھەرىكىتى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ خىتاينى قاتمايدۇ. پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئۇيغۇر تېررورچىلار دېگەننى ئىشلىتىدۇ. بۇ يەردە ناھايىتى ئېغىر بىر كەمسىتىش بار.»

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھىنىڭ قارىشىچە، مەسىلە خىتاينىڭ قانۇن چىقىرىش-چىقارماسلىق مەسىلىسى ئەمەس ئىكەن. خىتاينىڭ تېررورلۇق قانۇنى چىقىرىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق دۇنياغا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنى ئەڭ بىئارام قىلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە‏، خىتايدا دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا ئالاقىدار دىلولارنىڭ مەھكىمىدە ئاقلىنىش نىسبىتىنىڭ ئاساسەن يوقلۇقى، مەھكۇمىيەت نىسبىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرىلىقى بولۇپ، خىتايدا 2015‏-يىلى ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن سوتلانغان بىر مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىچىدە پەقەت 1039 ئادەملا ئاقلىنىپ چىققان، جاۋابكارلارنىڭ مەھكۇمىيەت نىسبىتى 99% نى ئىگىلىگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا بۇ ئەھۋال تەنقىد قىلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي سوت مەھكىمىلىرىدە دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇق دىلولىرىنى ئاقلاش پەۋقۇلئاددە مۈشكۈل. دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان كىشىلەر دائىم نەچچە ئايلاپ ئىز-دېرەكسىز سولاپ قويۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشى چەكلىنىپ، مەھكىمىدە ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن ئادۋوكاتنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلىنىدۇ. گۇۋاھچىلارنىڭ مەھكىمىدە گۇۋاھلىق بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. سىياسىي تۇتقۇنلار سوت ئېچىلىشتىن بۇرۇن تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا چىقىرىلىپ، ئاتالمىش جىنايىتىگە ئىقرار قىلدۇرۇلىدۇ.»

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن