ئىككى ئاي ئىلگىرى غايىب بولغان خىتاي ئايالنىڭ ئۆلۈكى ئۇيغۇرنىڭ ئىتىزلىقىدىن تېپىلدى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019-11-30

مەنبە: تۈركچە ئا خەۋەر

2- ئۆكتەبىر غايىب بولغان خىتاي ئايالنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ ئىستانبۇلدىن 200 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بىر ئىتىزلىق بويىغا كۆمۈلگەنلىكى ئايان بولدى. بۇ قاتىللىققا تۆت نەپەر  خىتاي ۋەتەندىشى گۇماندار سۈپىتىدە قولغا ئىلىندى. 

خىتاي ئايال لى شايۈ بىر يىلدىن بىرى ئىستانبۇلدا ئىقامەت بىلەن خىزمەت قىلىپ ياشاۋاتقان بولۇپ، ئىستانبۇلدا ئۆزىنىڭ بىر خىتاي دوستى بىلەن ئۆي تۇتقان. 31 ياشلىق بۇ خىتاي ئايال 10-ئاينىڭ 2- كۈنى تۇيۇقسىز غايىب بولغان. ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىردىنبىر ئۇچۇر بولسا ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئۆزىنىڭ ئوغۇل دوستىغا كىچىك بىر ماشىنا ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلىقى توغرۇلۇق تىلىفۇن قىلىپ، قاتناش ۋەقەسىنى  كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشماقچى بولغانلىقىنى ئېيىتقان. ساقچىنىڭ قولىغا چۈشكەن بىردىنبىر يىپ ئۇچى مەھمۇت ئەپەندى  مەھەللىسىدە ساقلانغان كامىرالىق كۆرۈنۈش بولۇپ،  ساقچى ئەترەت ئۇ كامىرانى بويلاپ مىڭىپ بىر تاشلاندۇق ئۆينى تاپقان . خىتاي ئايالنىڭ جەسىتى ئىستانبۇل سىرتىدىن 200 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى قىزىل ساراي ئۇۋا يىزىسىدىكى بىر ئېتىزلىققا 60 يەر سانتىمىر چوڭقۇرلۇققا كولىنىپ كۆمۈپ قويۇلغان. جىنايەت گۇماندارلىرى ھازىرغا قەدەر تۇتۇلۇپ تۇرۇلىۋاتىدۇ.

ئودا تىۋى خەۋەر قانىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئايالنىڭ جەسىتى مۇھەممەد ئىسىملىك شەرقىي تۈركىستانلىققا مەنسۇپ ئىتىزلىقتىن تىپىلغان. نۆەتتە ئالتە نەپەر گۇماندار تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىيىتقان. جەسەت قانۇن دوختۇرىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۆلۈش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.

https://odatv.com/cinli-kadini-olduren-kisi-uygur-baglantili-mi-30111953.html

مەنبە: تۈركچە ئا خەۋەر