ئىلى قوزغىلىڭى – شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت تارىخىدىن پارچە

”ئىلى قوزغىلىڭى“
ئاپتورى :لىندا بەنسون
تەرجىمە قىلغۇچى : تۇغلۇق ئابدۇرازاق
8 – باب

ئوكلەند ئۇنىۋېرىستىتى (Oakland University) پروفېسسورى لىندا بېنسون (Linda Benson) نىڭ « ئىلى قوزغىلىڭى» (Ili Rebellion ) ناملىق كىتابى1944 -يىلدىن1950- يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئەڭ ياخشى ،مۇكەممەل بىتەرەپ يېزىلغان بىر ماتېرىيال دەپ قارايمەن. 1944 يىلى 12- نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەزكۇر كىتابنىڭ 8 – بابىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم . شۇ شانلىق تارىخىمىزنى بىرەر قۇر ئەسلەپ ئۆتۈشىمىزگە پايدىسى بولۇپ قالار. – تۇغلۇق ئابدۇرازاق

1944 – يىلدىكى قوزغىلاڭدىن كېيىن قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ غۇلجا، چۆچەك ،تارباغاتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت رايونىغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان دائىرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا جەڭ ئىلان قىلدى .شۇ سەۋەبىدىن ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى قايتا كونتىرول قىلىۋېلىش ھەم خىتاي دۆلىتىگە قايتۇرىۋېلىش ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىۋالغان . ئەمما قوزغىلاڭنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرىدىن باشلاپلا ، مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ «يېڭىزىمىن مەسىلىسى» نى ھەل قىلىشتىكى تەدبىرىلىرىنى شۇ مەزگىلىدىكى خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچكى ۋەزىيەتلىرى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكەن بولدى.
مەزكۇر رايون سوۋېت ئىتىپاقى،ئەنگىليە مۇستەملىكىلىرىدىن ھىندىستان بىلەن پاكىستان ،ئاڧڧانىستان ۋە موڭغۇلىيە( 1945 يىلدىن كىيىن ) لەر بىلەن چېگرىداش بولغان بولۇپ، سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر رايون ئىدى . بۇ رايون خىتاي ھۆكۈمىتىگىلا ئەمەس،بەلكى خەلقئارادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئاسيانىڭ كەلگۈسىگە تۈزىۋاتقان تاكتىكىلىرىغىمۇ زور ئەھمىيىتى بار ئىدى . شۇ تۈپەيلىدىن ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قايتا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىشى باشقا قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ باغلىق ئىدى.


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھېچقاچان ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كونتىروللۇقى ئاستىدا چۈشۈپ باقمىغانلىقى،ھەمدە خىتايدىن ئايرىلىپ كېتىشكە تاسلا قالغانلىقى توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرگە بەك سەزگۈر ئىدى. بۇ ئىنقىلاب باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ،بۇ رايوننى چەتئەلدىكى قۇدرەتلىك كۈچلەر ئىگىلىۋالماقچى بولغان، ئۇزۇندىن تارتىپ خىتاي تېرىتورىيىسىگە تەۋە بولۇپ كەلگەن رايونلار سوۋېت ئىتىپاقى تەسىرىگە كىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھىندىستان بىلەن چېگرىداش بىر قىسىم رايونلارمۇخەلقئارالىق تالاش-تارتىش ئاستىدا قالغان. دېمەك،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەركىزىگە بەك يىراق كېلىدىغان بۇ قۇرغاق رايوننى باشقۇرۇشتىكى ئاجىزلىقى، شۇ رايونىنىڭ ئىلگىرلەپ پارچىلىنىپ كېتىشىگە بولغان ئەنسىرىشىنىڭ ئاساسى بار،ئەلۋەتتە.


خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئاز دەپ ،خىتاي ھۆكۈمىتى ،1944- يىلىغا كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا بارغانسېرى قارشىلىق قىلىۋاتقان بىر رايونغا ۋارىسلىق قىلدى. قەستلەپ ئۆلتۆرۈشلەر ،قوزغىلاڭلار،خىتايلار بىلەن يەرلىك مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى توختىماس توقۇنۇشلار خىتاي مىلىتارىستلىرى قول ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانىنىڭ 20- ئەسىردىكى تارىخىنى خارەكترلىگەن بولۇپ، خىتاي ئەنە شۇ قانلىق مىراسنى قولىغا ئالغان ئىدى. مەركىزىي ھۆكۈمەت گەرچە شەرقىي تۈركىستاننى ھېچقاچان باشقۇرۇپ باقمىغان بولسىمۇ ،يەرلىك مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئىيتىقاندا ،1944- يىلىدىكى يىڭى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى خەلقنى ئېزىپ كەلگەن شىڭ شىسەي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرنىڭ زوراۋان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ داۋامى دەپ قارىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ،مەركىزىي ھۆكۈمەت شۇ دەۋىردىكى ئۆزى سەۋەبچى بولمىغان بارلىق مەسىلىلەرگە ۋە ئېغىر ۋەزىيەتكە ۋارىسلىق قىلغان بولدى.


ئىلى قوزغىلىڭى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەڭ ئاجىز بولغان بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بولدى. چۈنكى ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشلىق تۇرۇش جەريانىدا خىتاي ئارمىيىسى زور دەرىجىدە كېمەيگەن بولۇپ،نۇرغۇنلىغان قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلىقى تۆۋەنلىگەن ھەم يىراقلارغا تارقىلىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئىلىدىكى مەسىلىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان يەنە بىر ئامىل ھۈكۈمەتنىڭ قوزغىلاڭنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىدۇر. قوزغىلاڭ باشلانغاندىلا ،خىتاي ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭغا ئىلىدىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنى سەۋەبچى دەپ قارىدى. 1945-يىلىنىڭ بېشى، ئىلىدىكى مەسىلىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى ئېنىق بولغان ۋاقىتتا، مەركىزىي ھۈكۈمەت مەزكۇر مەسىلە يەرلىك مۇسۇلمانلاردىن كېلىپ چىققان ئەمەس بەلكى يەرلىك مۇسۇلمان تۈركلەر قىياپىتىگە كىرىۋالغان سوۋېتلىكلەر سەۋەبچى بولغان دەپ قارىغان ئىدى. ئوقۇغىنىڭلاردەك ،قوزغىلاڭ توغرىسىدىكى دەسلەپكى دوكلاتلاردىن باشلاپ ،خىتاي سوۋېت ھۆكۈمىتىنى ھەربىي ئادەم كۈچى ھەم قورال-ياراقلارنىڭ مەنبەسى بولغان دەپ يازغان بولسا، ئاخىردا پۈتۈن ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى سوۋېت ئىتىپاقىغا ئارتىپ قويغان .1945-يىلى سېنتەبىردە خىتاي ھۆكۈمىتى سوۋېت ھۆكۈمىتىگە يالۋۇرۇش ئارقىلىق ئۇرۇشنى توختاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا دەل سوۋېت ئىتتىپاقى بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. خىتاي ھەربىي قوماندانلىرى بولسۇن ياكى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەزالىرى بولسۇن،شۇ كۆز قاراشنى شۈبھىسىز قۇبۇل قىلغان .
خىتاينىڭ چېگرا رايونلىرىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالغاندا، يۇقارقى چۈشەنچىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكى بىلىنەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى موڭغۇلىيە مۇستەقىللىق ھەركىتىگە چوڭقۇر قول سالغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ناھايىتى ئايان. موڭغۇلىيىنىڭ غەرب تەرىپىگە ،شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان تاڭنۇتۇۋا دەپ ئاتىلدىغان رايون 1944-يىلى موڭغۇليە تېرىتورىيىسىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن. شۇ ۋەقەگە ئاساسلىنىپ ئېيتقاندا ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلى قوزغىلىڭىغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارلاشقانلىقى توغرىسىدىكى قىياسىنى ئەمەليەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دېگىلى بولمايتتى.


ئالدىنقى بابلاردا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمدەك،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى قوزغىلىڭىدا رول ئوينىغانلىقىمۇ راست .شۈبھىسىزكى،1944- ۋە 1945- يىللىرى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئۇلاردىن ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،سوۋېت ھۆكۈمىتى سىياسىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ،سوۋېت ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى بەلكىم شۇ ھەربىي لازىمەتلىكلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا بارغان بولىشى مۇمكىن .
بىراق بۇ يەردىكى ماتېرىياللار قوزغىلاڭنى سوۋېت قۇتراتقانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. يۇقۇرىدا ئىسپاتلاپ ئۆتكىنىمدەك ،تارىخىي ۋە ئىقتىسادىي ئامىللار ،يېڭىدىن تونۇلغان قابىلىيەتلىك ھەم مىللەتپەرۋەر رەھبەرلەرنىڭ ئىلى رايونىدا پەيدا بولىشى شۇ قوزغىلاڭغا سەۋەبچى بولغان .1944 ۋە 1945- يىللاردا شەرقىي تۈركىستان ھەركىتىنى ئۈچ ۋىلايەتتە ياشايدىغان پۇقرالارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىشى ھەم سەۋەب بولغان. شۇنداق بولسىمۇ ،خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ «سوۋېت قۇتراتتى» نەزىرىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، شۇ دەۋردە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىنىمۇ شۇ كۆز قاراشنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولدى.


يۇقۇرىدا كۆرسىتىلگەن چەكلىملەر ۋە مۇرەككەپلىكلەر تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوزغىلاڭنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بىرىنچى ئامالى خەلقئارا دىپلوماتىيەگە تايىنىپ بىر تەرەپ قىلىشتۇر. جىياڭ جيېىشى (蒋介石) نىڭ كۆز قارىشىچە، بۇ ئىشقا سوۋېت ئىتتىپاقى بىۋاستە ئارلاشقانلىقى ئۈچۈن ،سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن شۇ ئىش توغۇرلۇق سۆزلىشىش زۆرۈر ئىدى. بىراق سوۋېت ئىتىپاقى مەزكۇر ئىشنى مۇزاكىرە قىلىشنى 1945- يىل يازغا كېچىكتۈردى. شۇ ۋاقتقىچە ،جىياڭ جيېشى خىتايغا ئىتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تەسىرىدىن ئامالسىزلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىرقانچە تەلەپلىرىگە ماقۇل كەلتۈرۈلگەن. شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولغان«سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئارلاشماسلىق» نى 1945-يىلى «خىتاي-سوۋېت دوستلۇق شەرتنامىسى» ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلدۇردى. ئاشۇ شەرتنامىگە قول قويۇلغاندىن كېيىن، جىياڭ جيېشى شەرقىي تۈركىستان مەسىلسىنى بىرتەرەپ قىلىش چارىسى تېپىلدى دېگەن يەكۈن چىقارغان بولدى.


بىراق ،شەرقىي تۈركىستاندىكى توپىلاڭلار ،يەرلىك مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقى ئۇنداق ئاسانلا بىر تەرەپ قىلىنىدىغان مەسىلە ئەمەس بولۇپ،تۈپ مەسىلىنىڭ يەنىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆزىدە ئىدى. گومىنداڭ شۇ رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش جەريانىدا، باشتىن ئاخىرى «مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى» دېگەن چاقىرىق بىر چەتتە قايرىلىپ قېلىپ ، خىتايلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەن. ھەربىيلەر ھۆكۈمەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئىشلارغا چېپىلىۋالىدىغان ئەھۋاللار گومىنداڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ توختىماي كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئېغىرلىشىپ كەتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي قارارلىرىنى يۈرگۈزۈشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالغان. ئۇنى ئازدەپ ،شۇ مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالمۇ تەدرىجىي ھالدا ناچارلىشىپ، 1948- يىللىرى تارىختىكى ئەڭ كاسات ھالەتكە چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ،شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە داۋاملىشىپ،بارلىق رايونلارغا تۈرك مىللەتچىلىكىنى تارقىتىپ كۆچەيتىۋەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ،گەرچە خەلقئارادىكى بەزى دۆلەتلەر ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇرۇشنى توختىتىپ،گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 7 ۋىلايەتتىكى (شۇ مەزگىلدە شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي 10 ۋىلايەت بار ئىدى)ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ،ئۆلكە تەۋەسىدىكى مەسىلىلەر داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەرگەن ئىدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇشبۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مەغلۇب بولغان بولدى .


گومىنداڭچىلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشى
مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا ،بۇ مەغلۇبىيەت خىتاي ھۆكۈمىتى كونتىرول قىلالمايدىغان تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىققان. بىراق ،گومىنداڭنىڭ شۇ مەغلۇبىيىتى ئاساسەن ئىككى سەۋەبتىن پەيدا بولغان بولۇپ،ھەر ئىككىسىنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بىر تەرەپ قىلالىغان بولاتتى .
بىرىنچىدىن،خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى ”ئادەتتىكى“بىر خىتاي ئۆلكىسىنىڭ ئورنىدا تۇتۇپ مەملىكەت مىقياسىدا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسەتلىرىگە بويسۇنۇشقا مەجبۇرلىدى .


ئىككىنچىدىن ،ھەربىي دائىرىلەر ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك سىياسەتلىرىگە داۋاملىق چېپىلىۋالىدىغان بولدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مەملىكەتلىك سىياسەتلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى خىتاينىڭ ئومۇميۈزلۈك سىياسىتىنىڭ بىر تەركىبى قىسىمى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى قىلىۋالماقچى ئىدى. ھالبۇكى ،ئەگەر بۇ رايون مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كۆرسەتكەن يوللىرىدىن چېكىنىپ ياكى مەملىكەتلىك سىياسەتلەرگە بويسۇنماي قالسا ،شەرقىي تۈركىستان خۇددى جاڭ جىژجۇڭ(张治中) ھۆكۈمىتى ئەيىبلىگەندەك، تەدرىجىي ھالدا بىرلىككە كەلگەن خىتايدىن ئايرىلىپ كېتىش يولىغا مېڭىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، 1944-يىلدىن باشلاپ 1950- يىلغىچە بولغان مەزگىلدە ،مەركىزىي ھۆكۈمەت ”يېڭى زىمىن“ ئۆلكۈلۈك بىرلەشمە ھۆكۈمەتگە ،رايوننىڭ مەدەنىي ،دىننىي ۋە ئىجتىمائىي،ئېقتىسادىي جەھەتتىن خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكىگە قارىماستىن ،خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە ئەگىشىپ مېڭىش شەرتىنى قويغان ئىدى .
مەسىلەن،شەرقىي تۈركىستاندىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ «11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىم» ۋە باشقا قوشۇمچە كېلىشىملەرگە ئاساسەن،ئۆلكە دەرىجىلىك ئەزالارنىڭ ئىچىگە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى كېرگۈزۈلگەن. بىراق،مۇشۇ تەتقىقاتىمدا ئىسپاتلىغىنىمدەك ،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقى خۇددى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە ئوخشاش خىتاي بەلگىلەپ بەرگەن ھوقۇقدارلارنىڭ قولىدا چىڭ ساقلىنىپ قالغان .1946-يىلى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىقلەنگەن ھۈججەت بويىچە ،ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خىتايلارنىڭ نىسبىتى 70:30 بولۇش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمىلىيلەشمىگەن . 1946- يىلدىكى سايلام نەتىجىسىگە بويسۇنماستىن ،ھۆكۈمەتنىڭ مۇتلەق كۆپ تارماقلىرىدا خىتايلار داۋاملىق يۇقىرى ئورۇنلارنى ئىگىلىۋالغان. كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك ،1947-يىلدىن كېيىن ،خىتايلارنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىچىدىكى رولى مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن بەلگىلەنگەن كىشلەرنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا قوشولۇشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەن بولدى.
خىتاي ئىچىدە شۇ مەزگىلىدە بولىۋاتقان قالايمىقانچىلىقنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن ساقچى ۋە ھەربىيلەرنى ئىشلىتىپ يۈرگۈزىلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش ھەركىتى شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئېلىپ بېرىلغان. بۇ باستۇرۇش ھەركىتى مەسھۇد سابىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ناچارلىشىغا ئەگىشىپ ، تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان بولدى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ،ئەسلىدىنلا كۈچلۈك بولغان ساقچى ئىدارىسى تېخىمۇ كۆچەيتىلىگەن بولۇپ، خىتاي مىلىتارىستلىرى ئىچىدىكى قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرى ئارقىلىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشىنىدىغانلارنى رىغبەتلەندۈرگەن بولدى. ساقچى ئىدارىسىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ساقچىلار خىتايلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ ئەمىلىيەت خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە نورمال ئەھۋال دەپ قارالسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندا بۇنداق ساقچى كۈچلىرى خىتايلار يەرلىك تۈركلەرگە زوراۋانلىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر قورال دەپ قارالغان،ھەم كۆپلىگەن ئىرقىي ۋە دىنىي توقونۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .1947- يىلى ڧېۋرال بىلەن مارتتا ئۈرۈمچىدە يۈزبەرگەن ۋەقەلەر ساقچى قوشۇنى بىلەن يەرلىك تۈركلەر ئارسىدا قاتتىق توقونۇشلار بولغانلىقىنىڭ دەلىل ئىسپاتى. شۇ ۋەقەلەرنىڭ نەتىجىسىدە مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ ئۇلغايدى.


خىتاي ئۆلكىلىرىدە ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار «ئادەتلەنگەن» قاملاشمىغان قىلىقلار، مەسىلەن، پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك ئىشلىرى گومىنداڭنىڭ تەسىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا پەيدا بولۇپ ،ئەمەلدارلار ئۆز ھوقوقلىرىدىن چەكلىمىسىز پايدىلىنىشقا باشلىدى. مەملىكەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقمۇ شەرقىي تۈركىستانغا تەسىر يەتكۈزۈشكە باشلىدى. بىرلەشمە ھۆكۈمەت شەكىلىنىشتىن بۇرۇن، رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى باشقا ئۆلكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ياخشى ئىدى .


.1940-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى پۇل پاخاللشىش ئەھۋالىمۇ ئىچكىرىي ئۆلكىلەرنىڭ «ئاددەتتىكى» ئالامەتلىرىنىڭ بىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
مەركىزى ھۆكۈمەت خىتاي ئۆلكىلىرىنى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئۆز پېتىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلىتىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلاھات قىلىش پۇرسىتىدىن ئايرىپ قويدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تىنچلىق بىتىمىدىكى ماددىلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،ئىسلاھات قىلىنغان بىر يېڭى يەرلىك ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز كونتىرولى ئاستىدىكى خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېقىپ يۈرگەن، بىر تۈركۈم بالا تەرگۈچىلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ كەلدى.


ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەغلۇپ بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ھەربىيلەرنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت سىياسىتىگە چوڭقۇرلاپ قول تىقىشىدۇر. بۇنداق ئارلىشىشلار خىتاينىڭ ئىچكىرىي ئۆلكىلىرىدە ئادەتتىكى بىر ئەھۋال بولغان بىلەن،شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1944-يىلىدىكى شارائىتىغا زادى ئۇيغۇن كەلمەيتتى.
چۈنكى 1944-يىللىرى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى بەك ئاجىز ۋاقىتلار ئىدى . ۋۇ جۇڭشىن (吴忠信) شەرقىي تۈركىستانغا ھۆكۈمدار بولغان 1944-يىلىدىكى مەزگىلدە ۋاقتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھوقوقى مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا بولۇشى لازىم ئىدى. ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە ،گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەربيىلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارلىشىش ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولدى .


1944-يىلىدىن باشلاپ ،ھەربىي قوماندانلارنىڭ ھوقۇقلىرى،مەيلى كىچىك ناھىيىلەردە بولسۇن ياكى چوڭ شەھەرلەردە بولسۇن تەدرىجىي ھالدا كۈچىيىشكە باشلىدى. شۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە مۇئاۋىن رەئىس بولغان ئەخمەتجان قاسىمى يەرلىك سايلاملارنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇپ كەتكەنلىكىنى،سەۋەبى يەرلىك ئەمەلىي ھوقوقلار ھەربىيلەرنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ھەربىي قوشۇنلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ،ھەربىيلەرنىڭ ھوقوقنى قالايمىقان ئىشلىتىشى ۋە چىرىكلىشىش ئەھۋاللىرى بارغانسىرى ئېغىرلاشقىلى تۇردى. ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىش ئەھۋالى ھەسسىلەپ كۆپەيگەندىن كىيىن، ھەربىيلەرنى يۆتكەپ كېتىش توغرىسىدىكى ئەرىزلەرمۇ كۆپىيىشكە باشلاپ ،خىتاي ھەربىيلىرى يەرلىك تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق نارازىلىق بىلدۈرۈش نىشانى بولۇپ قالدى. شۈبھىسىزكى ، يەنە بىر مۇھىم ئامىل – رايوننىڭ جەنۇبىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ خەلققە بەكەرەك زوراۋانلىق قىلىپ كەلگەچكە، نارازىلىق تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.


ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىچىدە ھەربىي كۈچلەرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارلىشىشىنى ئاساسلىق قوللىغۇچى گېنىرال سۇڭ شىليەن (宋希濂) ئىدى. ھەربىي ئەمەلدار بولۇش سۈپىتى بىلەن ،مەزكۇر گېنىرال ھەربىي كۈچگە تايىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھاكىميىتىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنەتتى. سۇڭنىڭ يەرلىك سىياسەت ئۈچۈن قانداق تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقى ڧېۋرالدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىن ئىسپاتلاندى. سۇڭنىڭ نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن زەربە بېرىشى گېنىرال جاڭ جىجۇڭ بىر يىلدىن بۇرۇن يەرلىك تۈرك رەھبەرلىرى بىلەن تىكلىمەكچى بولغان يېقىن مۇناسۋەتكە زور ئەكس تەسىر يەتكۈزگەن بولۇپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ تەستە تىكلىگەن ئابرويىغا چوڭ زىيان يەتكۈزگەن بولدى .1947-يىلى 7-ئايدا سۇڭنىڭ قوراللىق قوشۇن بىلەن مەسھۇد سابىرىغا قارشى نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقى ،ئۇنىڭ قورال ئارقىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتەتتى.


مۇشۇنداق ئاشكارە ئالامەتلەردىن سىرت ،سۇڭنىڭ يوشۇرۇن ھالدا قازاق رەھبىرى ئوسمان باتۇر ۋە ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن ئارلاشقانلىقى ئاشكارىلاندى.1946-يىلىدىن باشلاپلا ،سۇڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىچىدىكى گومىنداڭنى قوللايدىغان قازاقلار ئارقىلىق ئوسمان بىلەن ئالاقىلاشقانكەن. شۇ ۋاقىتتىكى گېزىت خەۋەرلىرىدە ،سۇڭنىڭ چەتئەل كونسۇل خادىملىرىغا سۆزلىگەن سۆزلىرىدە ۋە كېيىنكى چاغلاردا تۈرك تىلىدا يېزىلغان ماتىرىياللاردا، شەرقىي تۈركىستاندىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى بىلەن قازاق رەھبىرى ئارىسىدىكى مۇناسۋەتلەر كۆرسىتىلگەن. ئوسمان باتۇرنىڭ 1947- يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە بولغان ئۈچ ۋىلايەت رايونىغا باستۇرۇپ كىرىپ،ھۇجۇم قىلىش پىلانىدىن سۇڭنىڭ خەۋىرى بارلىقى ناھايتى ئېنىق ئىدى. ئۇ شۇ ئىشلارغا يول قويۇپ سىياسەتكە قارىمۇقارشى ئىشلارنى قىلغان بولدى. جاڭ جىجۇڭ ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقاندا، سۇڭ ئاكتىپ ھالدا ماجرا چىقىرىشقا تىرىشقان بولدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزىلىدىغان يەرلىك سىياسەتنى مەملىكەتلىك سىياسەتكە ماسلىشىشقا مەجبۇرلىشى ،ھەربىي قوشۇننىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئارلىشىۋېلىشتىن ئىبارەت ئىككى ئامىل گومىنداڭچى خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرى ئارىسىدىكى مۇناسۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا خىتاينىڭ مەغلۇب بولىشىنىڭ سەۋەبلىرىدۇر. يۇقارقى ئىككى ئامىل مەزكۇر رايوندا خىتاي ھۆكۈمدارلىرىغا بولغان نارازىلىق ۋە تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ كۆچىيىشىنىڭ ئۈنۈملۈك مەنبەيى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئىتىپاقلىشىشىغا سەۋەبچى بولغان بىر ئورتاق دۈشمەننى يارىتىپ بىرىش ئارقىلىق ،خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرك مىللەتچىلىرىگە ئەڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بەرگەن بولدى . خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەدە قىلغان ئىسلاھاتنى ئېلىپ بارماسلىق ، ھەربىي قوشۇنلارنىڭ يەرلىكنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىۋېلىشىغا يول قويۇش ئارقىلىق مىللىي قوزغىلاڭنى بىۋاستە ئوزوقلاندۇرغان بولۇپ،1940- يىلىغا كەلگەندە قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەسىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغا تارقاتتى.


تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىشى


1940-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن،دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەت مەركەزلىرگە بەك يىراق ھەم ناتونۇش بىر رايون ئىدى. شۇ سەۋەبتىن ،بۇ رايوندا ياشايدىغان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن ،ساۋاتسىزلىق ھەتتا چوڭ شەھەرلەردىمۇ بەك ئېغىر بولغاچقا، پۇقرالىرى ناھايتى ساددا ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ،شەرقىي تۈركىستان سىياسىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىر بوشلۇق ئەمەس. ئىلى قوزغىلىڭىمۇ سىرتنىڭ ھېچقانداق تەسىرىسىز ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغان ۋەقە ئەمەس. بۇ رايوندىكى شەھەر ۋە ناھىيەلەردە ياشايدىغان زىيالىيلار شەرقىي تۈركىستاندىكى بوستان ۋە قۇملۇقلارنىڭ سىرتىدىكى كەڭ دۇنيادا بولۋاتقان ئۆزگىرىشلەردىن ئانچە -مۇنچە خەۋەر تېپىپ تۇرغان. روسىيە ۋە خىتايدا ئېلىپ بېرىلۋاتقان ئىنقىلابلار بۇ رايونغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ،پانتۇرانىزم ۋە پانتۈركىزم قاتارلىق ئۇقۇملار 1920-يىللىرى بۇ زىمىنغىمۇ كىرىپ بولغان بولۇپ ، بۇ رايوندىكى دىنىي ۋە مەدەنىي كۈچلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن .
شەرقىي تۈركىستانغا تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر ئامىل- زامانىۋىيلىشىۋاتقان ۋە دىنىي تۈزۈمگە بېرىلىپ كەتمىگەن تۈرك قۇۋۇملاردۇر. مەسھۇد سابىرىغا ئوخشاش بايلارنىڭ پەرزەنتىلىرى ئىستانبۇل ياكى ئەنقەرەگە بېرىپ ئوقۇيدىغان بولغان. ئۇلار ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ،ئالىم سۈپىتى بىلەن ئاممىنىڭ زور ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەرنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، رايونغا بولغان تەسىرى بەك زور بولغان بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ،ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، مەككىگە ھەجگە بېرىپ،تۈركىيە ئارقلىق قايتىپ كەلگەن قازاق ۋە ئۇيغۇر تۈركلەر ئوتتۇرا شەرق ئارقىلىق قايتىپ كېلەتتى. ئۇ ياقنىڭ بىر قەدەر تەرەققىيپەرۋەر چۈشەنچىلەرنى ئۆز ۋەتىنىگە ئېلىپ كېلەتتى.


روسيە ئىنقىلاۋى دەۋرىدىن باشلاپ ،شەرقىي تۈركىستان خەلقى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا چېگرىداش بولغان ئوتتۇرا ئاسيا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلغان . ئۇ ياقلارغا بارغان سودىگەرلەر ۋە سوۋېت ئىتىپاقىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ئوقوغۇچىلار ئوقۇشنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەن. بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئوينايدىغان رولىنى ۋە شۇ رولنى خىتاينىڭ غەربىي-شىمال سېستىمىسىگە قانداق قوبۇل قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئانا يۇرتىدىكى شەھەر-ناھيەلىرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشنى ئويلاشقا باشلىغان. رايوندا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلارنى ئاز بىر قىسىم زىيالىيلارلا تەشكىل قىلسىمۇ،خىتايلارغا قارشى كۆز قاراشتىكى ھەم قارشى ھەرىكەتتىكى پۇقرالار ئاز ئەمەس ئىدى.
خىتاي جۇمھۇرىيىتى (جۇڭخۇا مىنگو) دەۋرىدە ،ياڭ زېىشىن(杨增新) تۇنجى ھۆكۈمدار بولغان چاغدىن باشلاپلا ،ساددا ھەم ئوقۇمىغان پۇقرالار خىتاي ھاكىميىتىگە بولغان ئۆچمەنلىك ئاساسىدا بىرلىشىپ ،تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ،خىتايغا قارشى يەر ئاستى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان. بۇندىن باشقا يەنە بىر قاتار ئامىللارمۇ بار، ئەلۋەتتە. خىتاي بىلەن مۇسۇلمانلارنى پەرقلەندۈرىدىغان ئىسلام ئېتىقادى،يەرلىك مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرگەن بىر مۇھىم كۈچتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاش ،مۇتلەق كۆپ قىسىم يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تۈرك تىلىنى ئىشلىتىدىغانلىقى ھەم ئورتاق مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقىمۇ ئۇلارنىڭ ئىتىپاقلىقى ئۈچۈن چوڭ رول ئوينىغان. مۇستەقىل تۈركىستان قۇرۇشتىن ئىبارەت غايە (بۇ ئارزۇنى ياقۇب بەگ دەۋرىدىن باشلانغان دەپ قاراشقا بولىدۇ ) بەزى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر ئامىلىدۇر.
1933-يىلى ،خىتايغا قارشى ھېسىياتتىكى شۇنداقلا تۈرك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كۈچلەر، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا بىھۇدە ئۇرۇنۇپ باققان بولدى. ئىتتىپاقسىزلىق ،يۇرتۋازلىقتىن خالىي بولالمىغان تۇنجى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى شىڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنىپ يوقىتىۋەتكەن بولسىمۇ ،ئۆز ۋاقتىدىكى ھۆكۈمەت ئەزالىرى ئامان قالغان بولۇپ ،تۈرك دۆلىتى قۇرۇش ئۆچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىپ تۇرغان .1930-يىللىرى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرى مەۋجۇت ئىدى. نەتىجىدە ، تۇنجى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارمار قىلىنغان بولسمۇ شۇ غايە داۋاملىق ساقلىنىپ قالغان.
شىڭ شىسەي ھاكىميىتى ئاستىدا ،كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ كەتكەن زوراۋانلىققا بولغان نارازلىق خەلقنىڭ خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكىگە سەۋەب بولۇپ،ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش ئارزۇسىنى بىر قەدەر كۈچەيتكەن بولدى. شىڭ ھاكىميىتىنىڭ ئاخىرىدا ،مىللەتچىلەرنىڭ تۈرك يېزىقىدىكى تەشۋىقات ۋەراقلىرى ئۆلكىنىڭ پايتەختى ۋە ئۈچ ۋىلايەتتە پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شۇ تەشۋىقاتلاربارلىق مۇسۇلمانلارنى بىرلىشىپ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئەركىنلىكنى قوللاپ، مۇستەقىل مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرغان ئىدى.


گەرچە ئۇ ماتېرىياللاردا (مىساللىرىنى كىتابىمنىڭ ئاخىردىكى قوشۇمچە قىسىملاردىن كۆرۈۋېلىڭلار) مۇرەككەپ سىياسىي پىلانلار كۆرۈنمىسىمۇ ،ئۇلارنىڭ چاقىرىقى بىر قەدەر ئېنىق بولغان مىللەتچىلىك چۈشەنچىلىرىدىن ئىبارەتتۇر. يەنى، ئورتاق مەدەنىيەت ۋە تىل ،ئورتاق دىنىي ئېتىقاد ،ئورتاق ئىقتىسادىي ئېھتىياج بىلەن ئېنىق بەلگىلەنگەن تېرىتورىيىدىن ئىبارەت ئورتاقلىقلارغا ئاساسلانغان. بۇ ئورتاقلىقلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى زامان مىللەتچىلىكىنىڭ تەركىبلىرى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت خەلقىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. بۇ ھەرىكەتنى تەدرىجىي ھالدا ئۆلكىدىكى بارلىق خەلقلەر كەڭ كۆلەمدە قوللايدىغان بولغان.
شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئۆزى تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۆچىيىپ كەتكەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى. قولىمىزدا بار مەلۇماتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى،شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرى مىللەتچى مۇسۇلمانلار بولۇپ،ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئىسلامىي تۈزۈمدە بولىدىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ «تۈركىستان» نى قۇرۇپ چىقىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ،بىرقانچە يىل مەۋجۇت بولۇش ئارقىلىق ،شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام ھاكىميىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقورۇپ كېتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى رەھبەرلىكىدىكى يىڭى ھۆكۈمەت ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسۋىتىنى ناھايتى ياخشى بىر تەرەپ قىلدى. شەرقىي تۈركىستانغا سوۋېت تەرەپتىن ھەربىي تەمىنات داۋاملىق كىرىپ،قوزغىلاڭنىڭ غەلبىسىگە كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن بولغان مۇھىم سودا مۇناسۋىتى قايتىدىن تىكلەندى. خىتاي بىلەن بولغان مۇناسۋەتتە ،شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرى سۆھبەتلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇھىم كېلىشمىلەرنى تۈزىۋېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەمدە سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دېموكراتىك ھۆكۈمەت تىكلەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.


ئۇنىڭ ئۆستىگە ،تىنچلىق بىتىمىدىكى ماددىلارغا ئاساسەن ،شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا تۇنجى قېتىم رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈلدى. بىز كۆرۈپ ئۆتكەندەك ،شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى سايلامنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئۆلكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارغاچ ئۆزلىرىنىڭ مىللەتچىلىك كۆز قاراشلىرىنى رايوننىڭ بولۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تارقىتالىغان بولدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ياشلار تەشكىلاتى» (پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابچىل ياشلار تەشكىلاتى،تەرجىماندىن) دەپ ئاتىلدىغان سىياسى تەشكىلاتى پائاليەتلىرىنى ئۆلكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۈچلەندۈرۈلگەن بولدى .1947-يىلى گېزىتتە بولغان «ئۇرۇش»لار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى،قوزغىلاڭنىڭ رولى ئىلى ۋەكىللىرىنىڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشقانلىقىدىن ئاجىزلاپ كەتكەن ئەمەس .1947-يىلى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى پۈتكۈل رايوندىكى تۈركلەرنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن بولۇپ ،جاڭ جىجۇڭ قەشقەرنى زىيارەت قىلغىلى بارغان ۋاقىتتا ،ئىلى قوزغىلىڭىنىڭ جەڭگىۋار روھى تېخى ئۇنىڭغا قوشۇلمىغان جەنۇبقىمۇ تارقالغانلىقى ئېنىق بولدى.
شۇنىڭ ئۆچۈن،«شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلاۋى» دىن نۇرغۇن «مېۋىلەر» يارىتىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ بىر قەدەر ئىلگىرلىگەن ھالدا پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئومۇملاشقانلىقىدۇر. مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان شۇ تارىخى دەۋىردە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7 ۋىلايەتتىكى ھاكىميىتى توختىماي رىقابەتكە ئۇچىرغان بولدى. شۇ سەۋەبىدىن خىتايلار ئاساسلىق رول ئوينايدىغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تامامەن ھەربىي قوشۇنلارغا تايىنىپ رايوننى باشقۇرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.


شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بىرى «بىخلىنىۋاتقان» مىللەتچىلىك، ئىلىدىكى قوزغىلاڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشى ئارقىلىق ئاشكارە بولدى. 1945-يىلدىن 1946-يىلغىچە داۋام سۈرگەن تىنچلىق بەرپا قىلىش باسقۇچى ۋە شۇنىڭ نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت مەزگىلىدە ،شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان خەلقلەر ئۆلكە بويىچە ئىسلام ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنى خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ھەم ئۇلارنىڭ سىياسى ھوقوقىنى قوغدايدىغان ،زامانىۋىلاشقان بىر ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقىش ئىشلىرىغا ئارلاشقان بولۇپ ،يېڭى شەكىلدىكى تۈرك كۈچ قۇدرىتىنى نامايەن قىلغان بولدى. نەتىجىدە ،شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتچىلىك تەدرىجىي ھالدا كۈچىيىپ، دەل ئامېرىكا كونسۇلى روبېرت 1948-يىلى ئېيتقاندەك «بىر ئۈنۈملۈك ئىش بولدى». گومىنداڭچى خىتاينىڭ شۇ ئويغانغان مىللەتچىلىكنى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشتا مەغلۇب بولغانلىقى ،مىللەتچىلەرنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىغا رىقابەت قىلغانلىقىغا خىتاينىڭ ئىقرا بولمىغانلىقى،1944-يىلدىن 1949-يىلىغا قەدەر ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان ئىگىلىك ھوقوقىغا زور دەرىجىدە تەھدىت سالغان بولدى.
(ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : تۇغلۇق ئابدۇرازاق)