چاقماق خەۋەر: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دوۋيىنغا (抖音) قارىتا تەكشۈرۈشنى باشلىدى

(2019-يىلى 2-نويابىر)

كۆپلىگەن مېدىيالارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دوۋيىن ئەپ دېتالىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتى ھەققىدە تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى، نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى ۋە باشقا مېدىيالارنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا چەتئەل مەبلىغى كومىتېتى (Committee on Foreign Investment in the United States) دوۋيىننىڭ باش شىركىتى بولغان بېيجىڭ زىجې تياۋدۇڭ شىركىتىنىڭ (北京字节跳动公司) 2017-يىلى «Musical.ly» دېگەن ئەپنى قوشۇۋېلىشىغا ئائىت تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

يېقىندا بىر قانچە نەپەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى دوۋيىننىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلىشى ۋە سەزگۈر ئۇچۇرلارنى چەكلىشىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ماركو روبىيو بېيجىڭنىڭ دوۋيىندىن پايدىلىنىپ جاسۇسلۇق قىلىشىدىن ئاگاھلاندۇرغان.

بېيجىڭ زىجې تياۋدۇڭ شىركىتى «Musical.ly»نى سېتىۋالغاندىن كىيىن دوۋيىننىڭ خەلقئارا نۇسخىىسى تىك توك (TikTok) بىلەن بىرلەشتۈرگەن. «Musical.ly» ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.

مەنبە: 德国之声،CBS News
https://p.dw.com/p/3SMhO
https://www.cbsnews.com/…/tiktok-video-app-reportedly-unde…/

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز