گوللاندىيە لىيدىن ئۇنىۋىرسىتىدا ئۇيغۇر توغرۇلۇق ئىسىل بىر لىكسىيە!

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

2019-10-15

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

15- ئۆكتەبىر، گوللاندىيەدىكى داڭلىق ئۇنىۋىرستلاردىن لىيدىن ئۇنىۋىرسىتىدا ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلاردىن رىيان سام، جەنە بۇنىن، ئەلىس ئاندىرسىن (نازاكەت) ۋە ئەنگىلىيەدىن رەھىمە مەھمۇد قاتارلىقلار بۇ لىكسىيەگە ئەزىز مىھمان سۈپىتىدە قاتناشقان بولۇپ، لىكسىيە ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى. 

لىيدىن ئۇنىۋىرسىتى 500 يىللىق تارىخقا ئىگە دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋىرسىت بولۇپ، خەلقئارا ئۇنىۋىرستلار رەت تەرتىپىدە 68- ئورۇندا تۇرىدۇ. لىيدىن ئۇنىۋىرسىتى يەنە ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ، مەزكۇر مەكتەپنىڭ خەلقئارا ئانتىرپولوگىيە فاكۇلتىتى دوكتۇرانت ئوقۇغۇچىلىرىدىن نىكولاس كونتوۋاس قاتارلىق بىر گۇرۇپپا ئەزالارنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا 15- ئۆكتەبىر لىيدىن ئۇنىۋىرسىتىدا لىكسىيە ئۆتكۈزۈلدى. 

لىكسىيەگە تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مىھمانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز كەسپىدە دوكتۇر، تەتقىقاتچى بولغاچ تىڭشىغىلى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ كۆپ ئىدى. لىكسىيە زالى كىچىكرەك، ئورۇندۇقلار كەمچىل بولسىمۇ تىڭشىغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ئەڭ ئاخىرقى بىر رەتتە مەن قاتارلىق ئۆرە تۇرۇپ تىڭشىغۇچىلار 10 دىن ئاشاتتى. 

ئەزىز مىھمانلاردىن  رىيان سام  ئەنگىلىيە نوتتىڭخام ئۇنىۋىرسىتى  تارىخ فاكۇلتىتىنىڭ  پىروففىسور ياردەمچىسى بولۇپ، ئۇ يازغان « ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇقەددەس يولى» ناملىق كىتابى  خارۋارد ئۇنىۋىرسىتى  تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ، 2015- يىلىدا ئۈچ  مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.   يىقىندىن بۇيان ئۇ  يەنە  ھەرقايسى  ئىلمىي  دوكىلات يىغىنلىرىدا  شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرى توغرىىسدا دوكىلات بىرىپ  كەلمەكتە.  بۇ قىتىم  رىيان سام سۆزلىگەن لىكسىيەنىڭ تېمىسى « خىتايدىكى مۇسۇلمانلار نى تۇتۇپ تۇرۇش لاگىرلىرى» تېمىسىدا سۆزلىگەن بولۇپ ، ئۇ  دوكىلاتتا قوللانغان  ئىسپاتلارنىڭ كىلىش مەنبەلىرى، لاگىرلارنىڭ قۇرۇلۇش سەۋەبلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوشۇرۇن تەھدىت دەپ قاراپ سوت ئاچماستىن ناھەق تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقى، لاگىرلارغا چىتىشلىق داڭلىق ماركىلىق كارخانىلار قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆزلىدى. رىيان سام يەنە:« بۇ زۇلۇملارنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ ئۇ يەردە يۈز بەرگەن پارتىلىتىش ۋەقەلىرىدىن ئەمەس، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىنى 250 يىلدىن بىسىۋالغان، بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار ئاسسىمىلاتسىيە بولماي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بولۇپ تۇرغان. شۇڭا  نىمە ئىش بولغىنىدىن بەكرەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى قانداق چۈشەندۈرۈشى مۇھىم» دېدى.

ئاندىن  ئۇيغۇر مۇقام تەتقىقاتچىسى، يىپەك يولى  ساداسى مۇقام چولپىنى  ئەلىس ئاندىرسىن- نازاكەت  ئۇيغۇر مۇزىكىسى ، 12 مۇقامنىڭ سىھرىي كۈچى،  خىتاي مۇزىكىلىرىدىن پەرقى،  ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەتخۇمار خەلق ئىكەنلىكى،  بىراق نۆۋەتتە خىتايلار سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىن مۇقام  كەسپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىيجىڭ  تىياتىرىنى دەسسەتكەنلىكى،  2018- يىلى ئەلىس  ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئۇيغۇر مەھەللىرىنىڭ چېقىلىپ،  ئۇيغۇرلار تارقاقلاشتۇرىلىۋاتقانلىقى، قىزىل ناخشىلار كۆپىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ يەنە سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىگە بارغاندا كىشىلەر ئۇنى تونىغاچ، ئۇنىڭغا پىنھاندا قىزغىن مۇئامىلە قىلغانلىقى، ئۇنىڭدىن خەلقئارا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغانلىقى، بىر ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئىنتايىن ئۈمىدسىز ھالدا :« بىز تۈگەشتۇق»  دىگەنلىكىنى قەتئىي ئۇنتالمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. 

 نازاكەتتىن كىيىن، ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق رەھىمە مەھمۇد خانىم خىتاينىڭ زۇلۇمى ھەرگىزمۇ ئىككى يىل ئاۋال پەيدا بولۇپ قالغان رىجىم بولماستىن، بەلكى تارىخى ئۇزۇن ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن ئەنە شۇنداق دەككە-دۈككىدە چوڭ بولغىنى، تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلۇشى، غۇلجا فىۋرال قىرغىنچىلىقى، ئائىلىسىگە كەلگەن تالاپەت قاتارلىقلارنى سۆزلەش ئارقىلىق  زۇلۇمنىڭ يىلتىزىنى ئىنچىكە ۋە تەسىرلىك چۈشەندۈردى.  

ئاخىرىدا گۇۋاھلىق ۋىدىيو  ئامبىرى  شاھىت.بىز تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى  جەنە  بۇنىن   نۆۋەتتىكى  ۋەزىيەتتە  قولىمىزدىن كىلىدىغان ئۈنۈملۈك ئىشلاردىن:   نامايىش،  مىدىيا،  لوبىچىلىق قاتارلىقلار بار بولسىمۇ، نامايىشنىڭ سىياسىيلىقى كۈچلۈك، مىدىيا  كۆپرەك مەنبەگە تايىنىدىغانلىقى، لوبىچىلىق بولسا ھەركىمنىڭ قىلالىشى تەس،  ئۈنۈمى ئاستا ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ،  گۇۋاھلىق ۋىدىيولىرى ئۈنۈمى تىز ، ئاسان، ھەممە كىشى قىلالايدىغان  ئىش ئىكەنلىكى، ئاز بولسىمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن قايتا جەم بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. 

گەنە بۇنىن يەنە جازا لاگىرىغا سولىنىۋاتقانلار ئۇيغۇرلارلا بولماستىن يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان پۇقرالىرىغا قەدەر كىڭىيىۋاتقانلىقى، بىراق ئۇ دۆلەتلەر ئۆز خەلقىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىمەستىن خىتاينىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بۇ ئىشلارغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى، مىلىيونلىغان كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ،  ئاران نەچچە مىڭ كىشىنىڭ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى، يەنە كىلىپ لاگىر باشلىنىپ بىر يىلدىن كىيىن ئاندىن كىشىلەرنىڭ گۇۋاھلىق بىرىپ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلغانلىقى، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب كىشىلەرنىڭ خىتايدىن قورقۇشى ۋە گۇۋاھلىقنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قارىغانلىقى، نەتىجىدە بۇ قورقۇنچ ۋە پاسسىپلىق ئۆز-ئارا تەسىر قىلىپ كىشىلەردە ئومومىي ئەھۋالغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئىيتىپ ئۆتتى. شۇنداقتىمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي توختىماي سۆزلەپ تۇرۇش، يىزىپ تۇرۇش، بىسىم قىلىش كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 

لىكسىيە ئاياغلاشقاندىن كىيىن، مىھمانلار سۆزلىگۈچىلەرنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى. تىڭشىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىۋىرسىت ئوقۇغۇچىلىرى، خىتايشۇناس، ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلار بولۇپ، بەس- بەستە سۇئال سوراپ، بىر سائەت بولغاندا رىياسەتچى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن لىكسىيەنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى.  جاۋابلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇم ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبىدىن بولماستىن، مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزى خىتاي كومپارتىيىسىدە ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ دۇنياغا، ئادالەتكە تەھدىت ئىكەنلىكى، يالغۇز ئۇيغۇرلارلا ئەمەس تىبەت، خوڭكوڭ،  تىيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقى، فالۇن گۇمپىچىلار، ئىچكى ئەزا سودىسى قاتارلىقلار كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى. 

 مىنى تەسىرلەندۈرگەن بىر مۇھىم نۇقتا: لىكسىيەنى ئورۇنلاشتۇرغان نىكولاس، تەكلىپلىك مىھمانلار ھەممىسى ۋەتىنىمىزگە بارغان، تۇرغان، تىلىنى ئۆگەنگەن تەتقىقاتچىلار بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىيەلەيتى. مەن ئۆتكەن ھەپتە لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرغۇچى نىكولاسقا ئالاھىدە رەھمەت خىتى يىزىپ، ئىمەيىل ئەۋەتكەن ئىدىم، ئۇ مىنىڭ ئىنگىلىزچە خىتىمگە ئۇيغۇرچە جاۋاب قايتۇرغاندا بەكلا مەمنۇن بولدۇم! لىكىسيەدىن كىيىن ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇلار ئالاھىتەن « ئۇيغۇر تىلىدا پاراڭلىشايلى، ئۇيغۇر تىلىدا» دەپ ئۇيغۇر تىلىغا شۇنداق قىزغىنلىق بىلدۈرەتتى. تېخىمۇ تەسىرلىك يىرى، ئۇلار ۋەتىنىمىزنى ئۇيغۇر پەدىسىدە « ۋەتەن» دەپ ئاتايتتى، « ۋەتەنگە بارغان ئىدىم، ۋەتەندە ئوقۇغان ئىدىم» دىيىشلىرىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. 

ئايىغىدا، ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى نامىدىن بۇ لىكسىيەنى ئورۇنلاشتۇرغان نىكولاس، يىغىنغا كەلگەن تەكلىپلىك مىھمانلارنىڭ ھەممىسىگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن! ھارمىغايسىلەر!