خىتاي زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسنى مايىك پومپىيو ۋە سىڭلىسىغا قارشى مەجبۇرى سۆزلەتكۈزدى!

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 

 2019-يىلى، 14-ئۆكتەبىر 

زۇمرەت داۋۇت (30) ئۈرۈمچىلىك بولۇپ، 2018 -يىلى يازدا قامىلىپ ئۈچ ئايدىن كىين پاكستانلىق يولدىشنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئارانىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قويۇپ بىرىلگەن. 2019-يىلى ئاپرىلدا ئائىلسى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن .

ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۈرۈمچى لاگىرىدا ياتقان سەرگۈزەشتىسىنى ئورتاقلاشقان. شۇنىڭدىن ئۈچ كۈندىن كىين، ھەمشرىمىز زۇمرەت داۋۇتنىڭ دادىسى قازا قىلدى. قازا قىلغاندىن كىين، خىتاي كومپارتىيسى -زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسىنى سڭلىسى زۇمرەتنىڭ بايانلىرىغا، مايىك پومپيونىڭ بايانلىرىغا قارشى مەجبۇرى سۆزلەتكۈزدى. بۇ ختتاينىڭ ئىنتايىن رەسۋا ۋە ۋاستە تاللىمايدىغان پەسكەشلىكىنى كۆرستىپ بېرىدۇ.