«دېموكراتىك قاراش» زومىگەرگە باش ئەگدىمۇ؟

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

2019-يىلى 8-ئۆكتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

NBA راكىتا كوماندىسىنىڭ باش دىرىكتورى مورىنىڭ خوڭكوڭ ھەققىدە تىۋىتىردا تارقاتقان تىۋىتى خىتاي توپ مەستانىلىرى ۋە خىتاي تەرەپتىن قاتتىق «زەربىگە» ئۇچرىدى. ھەتتا ئاخىرى كەچۈرۈم سوراش باسقۇچىغا يەتتى.

4-ئۆكتەبىر كۈنى مورى تىۋىتىر سەھىپىسىدە «ئەركىنلىك كۈرىشىدە خوڭكوڭ بىلەن بىللە تۇرىمىز» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى تارقاتقان ئىدى. دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە ئەكىس تەسىر كۆرسەتمىگەن بۇ گەپ زومىگەرلىكنى قوللاشنى ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتچىلىك دەپ چۈشىنىۋالغان خىتاي توپ مەستانىلىرى ۋە خىتاي تەرەپتە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆرەش نورمال ئىش ئىدى. مورى تېخى خوڭكوڭنىڭ مۇستەقىللىقى ھەققىدە گەپ قىلمىدى. شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي زومىگەرلىك بىلەن ئىش بېجىرىپ كۆنگەن خىتاي ھۆكۈمىتى راكىتا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى خىتاي تېلېۋىزيە ئىستانسىسىدا تارقاتماسلىق، كوماندا كىيىملىرىنى سېتىشىغا يول قويماسلىق قاتارلىق راكىتا كوماندىسى بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ ئىقتىسادى زىيان بىلەن قورقۇتماقچى بولدى. خىتاينىڭ راكىتا كوماندىسىنىڭ ۋاسكىتبول مەستانىلىرىمۇ بۇنىڭغا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ ئۈلگۈردى.

2002-يىلى ياۋمىڭنىڭ راكىتا كوماندىسىغا كىرىشى بىلەن خىتاي توپ مەستانىلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان بۇ كوماندا ئىقتىسادى جەھەتتىن كۆپ يۈكسەلگەن ئىدى. بۇ قېتىملىق مورىنىڭ تىۋىتى بۇ كوماندىغا قاتتىق ئىقتىسادى بېسىم ئېلىپ كەلگەنلىكتىن باش دىرېكتور مورى كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرى بولدى ۋە ئارقا-ئارقىدىن ئۆزۈر ئېيتىش مەنىسىدىكى ئىككى تىۋىت يوللىدى.

مەسىلىنىڭ مۇھىم تەرىپى ئەڭ ئەقەللىي بىر ئىش بولغان ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادىلەشمۇ خىتايدا قوبۇل قىلىنماسلىقى، ئەڭ ئېچىنىشلىقى ئىقتىسادى بېسىم ئىشلىتىپ باشقىلارنى مەجبۇرلاپ ئۆزىنىڭ ھارۋا چاقىغا باغلىماقچى بولىشىدۇر. مىنىڭ مەنپەئەتىمگە پايدىلىق گەپ قىلمىغان ھەرقانداق بىرى دۈشمىنىم دېگەن قاراشتىكى زومىگەرلىك ئىدىيىسىدۇر.

قاراپ باقساق شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە قارشى ئىقتىسادى بېسىم بىلەن ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا گۇرۇھ توپلىشى يەنە ئوخشاش مەسىلە.بىلگىيەدەك ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى جايلاشقان دۆلەت خىتايدەك چوڭ دۆلەتكە قارشى چىقالمايمىز دەپ بىر ئايال تۆت كىچىك بالىنى كونسۇلخانىسىدىن چىقىرىۋېتىشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.

كانادادا خوڭكۇڭلۇقلارنى قوللاپ نامايىش قىلىۋاتقان مەيدانغا داڭلىق ماركىلىق ماشىنا ھەيدىۋالغانلار كېلىپ قارشى نامايىش قىلغان. ماشىنىدا كانادانىڭ تاختا نومۇرى بولغاندىن باشقا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي ھەيئەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى  مەخسۇس قوللىنىلىدىغان ماشىنا نومۇر تاختىسى تاقالغان ئىدى.

بۇ ھادىسە خىتاينىڭ باينىڭ گېپى ئوڭ نامراتنىڭ گېپى توڭ دېگەن قارىشىنىڭ ئىپادىسىدۇر. چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك چاغلايدىغان خىتايلار يەنە شۇ پۇل بىلەن ھەممە ئىشنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت ناچار پىسخىكىسىدىن قۇتۇلالمىغان. يۇقارى ئۈچ ئىش بىزگە خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ پۇل بىلەن دۇنيا قۇرۇلمىىسنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت يامان نىيتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

ئاخىردا بىز ئۇيغۇرلار بۇ ھادىسىلەردىن قانداق دەرس ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكرار ئەسكەرتىمىز!

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز