خالمۇرات : ئۇيغۇر مەنپەئىتى ئۈچۈن تۈركىيەنى تەنقىد قىلىش جىنايەتمۇ ؟

ئاپتورى: خالمۇرات

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-10-07

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

تۈركىيىدە ئىقامەتسىز ياشاۋاتقان مىڭلىغان ئادەمنىڭ بارلىقىنى، ياۋرۇپادىكىلەرنىڭ ياكى ئامېرىكىدىكىلەرنىڭ تۈركىيىگە قارشى تەبقىدىي پىكىردە بولۇشىنىڭ ئۇلارغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۇيغۇرلار دەۋا قىلغىلى خېلى بولۇپ قالدى. بۇ يەردىكى لوگىكىنى تازا چۈشىنەلمىدىم. ئەجىبا تۈركىيىدە مىڭلىغان قېرىندىشىمىز شۇنداق ئېغىر كۈندە ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيىنى ياخشى تونۇشىمىزكىرەك. ئۇنىڭ قىلغانلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرىشىمىز، قورقماي تەنقىد قىلىشىمىز لازىم. يېلىنىپ، يالۋۇرۇپ بىر ئىش قىلغىلى بولغان بولسا، يۈزلىگەن ئۇيغۇرغا قايتۇرۇلۇش خېتى بېرىلگەندە بىر ئۇيغۇرنىڭ ياۋرۇپادىن بېرىپ، ئۇيەردە مۇخبىرلار بىلەن، چەتئەللىك دېپلوماتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، توپلىغان ئىسپاتلىرىنى ياۋرۇپاغا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ تۈركىيىگە بېسىم چۈشۈرىشىنىڭ ھاجىتى قالمايتتى. ھەركىمنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلى ۋە مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ.

ئۇ يەردە يىللاپ ئىقامەتسىز تۇرغان، ئىشلەش ھوقۇقى بېرىلمىگەن، كېسەل بولۇپ دوختۇرغا بارالمىغان نۇرغۇن ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداشلار بارلىقىغا كۆز يۇمساق بولمايدۇ. تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيەردە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلدى، بۇنىڭغا كۆز يۇممايمىز، ئەمما ئۇيغۇرلارنى ئۇيەردە تۇرغۇزۇشنى زامانىۋىي باقمىچىلىققا ئايلاندۇرۇپ، خالىغاندا تۇتۇپ ساتىدىغان قىلمىشى بىزنى ئويلاندۇرىشى لازىم. ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشى، پاسپورتى يوقلارغا چەتئەللىك پاسپورتى بېرىشى، ئوقۇش، داۋالىنىش ۋە خىزمەت ئىشلىرىنى ھەل قىلىشى كېرەك. بۇ نۇقتىلارنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلغاندا قانچە ئونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئالدىدا چەتئەللىك مۇخبىرلاردېگەنىدىم. چەتئەللىك دېپلوماتلارغا، تۈركىيىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق كونسۇللۇقلىرىغا دېدىم ۋە دەپ كېلىۋاتىمەن.

بىز نىمىشقا ئۆز مەنپەئەتىمىزنى دائىم باشقىلارغا تاۋاب قىلىشقا قۇربان قىلىمىز؟  مەن تۈركىيە پۇقراسى ئەمەس، تۈركىيىگە ساداقەت بىلدۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق. مىللىي مەنپەئەتىمىزگە زىيان ئېلىپ كەلگەن ھەرقانداق بىرى بولسا قورقماي ئۇنىڭغا رەددىيە بېرەلىگەندە بىز ئۆز مەنپەئەتىمىزنى قوغدىيالايمىز. بىزنى قېرىندىشىم دېسىلا، بىز بىر خەق ئ‍وخشايمىز دەپ، دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى دەپ پۇشماندا قالدىم دېگەن پاجىئەنى قايتا قايتا تەكرارلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. تۈركىيىگىمۇ ھەرقانداق باشقا چەتئەل دۆلىتىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلىدە بولۇشىمىز لازىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتى بىلەن بىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمىز ئايرىم.

مەن تۈركىيە پۇقراسى ئەمەس، تۈركىيىدىمۇ ياشىمايمەن، شۇڭا مېنىڭ تۈركىيىنىڭ قانۇنلىرىنى ھەرزامان ئويلىشىپ ئولتۇرۇشۇم ھاجەتسىز. تۈركىيە تېرىتورىيىسى بولمىغان يەرلەردە، ئاپلا، بۇ تۈركىيىدە بولمايتتى، دېگەن تەپەككۇردا ياشىمايمەن، ھەم ئۇنداق ياشىشىم مەنتىقىگە ۋە بىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن ئەمەس. فىنلاندىيە تۈركىيىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئەمەس. ئەگەر باشقا دۆلەتتە تۇرۇپمۇ يەنە بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلماسلىق بولسا، بۇ دۇنيادا دۆلەت چىگىرىسى، ۋە ئىگىلىك ھوقۇق بولماسلىقى كېرەك.

شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك، ياۋرۇپادىكىلەر ياۋرۇپانىڭ ئۇسلۇبى بىلەن، ئامېرىكىدىلەر ئامېرىكىنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلالىشى، بىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىر بىرىمىزنىڭ پىكىر ۋە پائالىيەت ئەركىنلىكىمىزنى بۇغۇشقا تىرىشماي، ھۆكۈم قىلماي، ئەكسىچە مىللىي مەنپەئەتىمىزنى چىقىش نۇقتىسى قىلىشىمىز زۆرۈر. شۇندىلا بىز كۈچلۈك بۇلالايمىز، شۇندىلا ھېچكىمنىڭ كونتروللىقى ئاستىغا ئۆتۈپ قالمايمىز.

كوللىكتىپ جازالىنىش ياكى جازالاش دىكتاتورلار ھاكىمىيىتى ئاستىدىلا بولىدۇ، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىرى ئۈچۈن جازالىندۇ دېيىش مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس. ئۇنداق دېيىش ئۇلارنىڭ ياشاۋاتقان دۆلىتىنىڭ خىتايدىن پەرق قىلمايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەجىبا سىلەر شۇنداق دىمەكچىمۇ؟ خىتايمۇ بىر قانچىلىغان ھۇجۇملار سەۋەبى ئۇيغۇرلارنى تەربىيلاۋاتىمىز دەيدۇ، ئەجىبا ئۇلارنىڭ لوگىكىسى توغرىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، تۈركىيە دېموكراتىك دۆلەت دېگەننى مۇنازىرىنىڭ ئاساسى قىلىپ تۇرۇپ، يەنە تۈركىيىنى خىتايغا ئوخشاش بىرى قىلغاننىڭ دەردىنى مىڭى تارتىدىغان ئۇسۇلدا بىزنى جازالايدۇ دېگەنلىكىڭلار توغرىمۇ؟ ئەگەر راست شۇنداق بولسا، نىمىشقا مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ سۈرىيىلىكلەرگە ئوخشاش دېڭىزىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرمەيمىز؟ بىز ھايات قېلىش ئۈچۈنلا ياشامدۇق؟

بىزدە شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، ھاياجان بىلەن ھۆكۈرەپ گەپ قىلسا خۇددىي ئۆزىنىڭ توغرا بولۇپ قالىدىغاندەك، باشقىلارنى ئەيىپلەپ گەپ قىلسا توغرا بولۇپ قالىدىغاندەك خىتاي تەپەككۇرى ئېغىر ئىكەن. شۇڭا، ماڭا ھۆكۈرۈپ گەپ قىلىدىغانلاردىن ئۈركۈپ كەتمەيدىغان، ئۇلار ۋارقىرىغاندا كۈلۈپ قۇيىدىغان بولۇپ قالدىم. مىللىتىمگە ئىچىم ئاغرىيدۇ، ھە دېسىلا ئۈركۈپ يۈرگەن. بىرى بىرنەرسە قىلسا، يەتتە باشلىق يالماۋۇزنىڭ قەپىسىدىكى كىشىلەردەك، مەن ئورۇق، ئاۋۇ سېمىز، دەپ توۋلاشنى ئادەت قىلغانلىقىنى كۆرگىنىمدە يۈرىكىم قان يىغلايدۇ. شۇ قەدەر زۇلۇم ئىچىدە يەنە سۈكۈت قىلىشنى تاللىغانلىقىنى كۆرگىنىمدە تېڭىرقايمەن. مەسىلىلەرگە رېئال نۇقتىدىن قارىشىمىز لازىم، مەسىلىنى شۇئار ياكى ئانالىزلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ۋە پائالىيەتلەر بىلەن ھەل قىلالايمىز. ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆگۈنۈشتىن باشلىشىمىز، كەمتەرلىكتىن باشلىشىمىز، يات ئۈچۈن قېرىندىشىمىزنى بېسىشنى ئادەت قىلىشنى تاشلاشتىن باشلىشىمىز لازىم.

ھەممىسى بىزدىن بىر لىدىر چىققان بولسا، شۇنىڭغا ئەگەشكەن بولساق، دېيىشىدىغانلىقىنى كۆپ دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئاڭلىغاندىم. شۇنى ئېنىق تونۇشىمىز لازىم، بىزدىن لىدىر چىقمايدۇ. چۈنكى لىدىر قىلغان ئىشىنى كۆرىدىغان كۆزلەر بولغاندا، قىلغان ئىشىغا قېتىلىپ قىلىدىغان كىشىلەر بولغاندا لىدىر بولىدۇ. مۇستاپا كامال ئۆزى يالغۇز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانمۇ؟ ياق. ئەگەر ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرمۇ مەسخىرە، شەخسىي ھۇجۇمدا بولغان بولسا، ئۇنى ئىچەرمەن، بۇنى چېكەرمەن، ئاۋۇنى ھىجاپسىز، ماۋۇنى ساقالسىز دېگەن بولسا، تۈركىيىدە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تىلىنى ئەمەس، بەلكى ئارستوتىلنىڭ تىلىنى سۆزلەيتتى. شۇڭا، ئىشنى ئ‍ۆزىمىزنى ئىسپاتلاشتىن باشلىشىمىز، تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈچۈن مۇرەككەپ تۈرك ئۇيۇنلىرى ئىچىدە مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى بىلىشىمىز، ئۇنى سېمىز، بۇنى ئاۋات دەپ ھاقارەت قىلىشنى تاشلىشىمىز لازىم. تۈركىيىدىكى دەرنەكلەر شۇيەرنىڭ شارائىتى بىلەن، شۇيەرنىڭ ئۇسلۇبى ۋە قانۇنلىرى بويىچە ھەركەت قىلسۇن، ئۇنى قوللايلى، ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرايلى. ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى قېرىنداشلارمۇ ئ‍ۆزى تۇرىۋاتقان يەرنىڭ ئۇسلۇبى، شارائىتى ۋە قانۇنى بويىچە ھەركەت قىلسۇن، ھەممىسىگە بىر ئۆلچەمنى قۇيىۋالمايلى. شۇندىلا مونوپوللۇقتىن قۇتۇلالايمىز، ھەرخىل ۋە سەرخىل بولىمىز. تېخىمۇ كۈچلۈك بولىمىز. يېلىنىدىغانلار يېلىنىپ، كىنايە قىلىدىغانلار كىنايە قىلىپ، تەنقىد قىلىدىغانلار تەنقىتلەپ، مۇناسىۋەت تورى بارلار باشقىلار ئارقىلىق ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، تۈركىيىدىكىلا ئەمەس، ھەرقانداق يەردىكى ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى قولغا كەلتۈرىشىمىز لازىم.

ئاللاھ ساقلىسۇن، تۈركىيىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياكى ھەرقانداق بىر يەردە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلار بولغاندا، ياۋرۇپادىكى ياكى ئامېرىكىلەر ئۆز ئۇسلۇبى، مۇناسىۋەت دائىرىسى ۋە شارائىتى بىلەن ھەركەت قىلىدۇ، قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. ھەرقانداق بىر كوللىكتىپ ئىش بولغاندا، تىغ ئۇچىنى ئالدى بىلەن ئ‍ۆزىمىزگە قاراتماسلىقىمىز لازىم. تاغدىكىلەرنىڭ قانداق ھەركەت قىلىشى تۈركىيىنىڭ قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغانغا ئوخشاش، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىلەرنىڭمۇ شۇنداق بولۇشى لازىم. ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇر ھەم ياۋرۇپالىق ۋە ئامېرىكىلىق. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيىنىڭ ياكى قازاقىستاننىڭ شەرتىنى ئۇلارغا تېڭىشىمىز، ئ‍ۆز كۈچىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلاتقانلىقىمىز.

ئاخىرىدا دەپ قويىدىغىنىم، مەن تۈرك خەلقىگە ھاقارەت قىلغىنىم يوق. ئەمما، ياۋرۇپادا ماڭا تۈركىيىنىڭ شارائىتىدا ياشاشنى ئۆلچەم قىلىپ باشقىچە ئويلاپ قالسا، ئۇنىڭغىمۇ ئامالىم يوق. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىككى قۇلىقىنىڭ ئارىلىقى ئۆزىنىڭ بوينىدا. رەھمەت

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز