كۆز-قاراش: تۈركىيە ۋە ختتاي مەسىلىسىدە ھادىسە ۋە ماھىيەت

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

2019-يىلى 6-ئۆكتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

يېقىنقى ئۈچ يىلدا تۈركىيە بىلەن ختتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلاشقانلىقىنى كۆردۇق. بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىش بەدىلىگە تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس.

تۈركىيەدە ختتاي مەبلىغىنىڭ ئېشۋاتقانلىقى، تۈركىيەدە ختتاي ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى، ختتايچە يېزىقلىق لوزۇنكىلارنىڭ كۆپلەپ ئېسلىشى بىر تاشقى كۆرۈنمە ھادىسىلەر بولۇپ، بۇنىڭ ماھىيەتلىك سەۋەبى بىرىنچىدىن تۈركىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە بۇ سەۋەپلىك ختتاي ياردىمىگە تايىنىپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى-تۈركىيە ئىقتىسادىدا پەن-تېخنىكا، سانائەتنىڭ ئاجىز بولۇشىدىن كېلىپ چىققان. بۇنىڭ مەنبەسى بولسا -زامانىۋى ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ  تەتقىقاتىغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئاجىز ۋە ئاز، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئىچىش، سودا، ئەنئەنىۋى ئىگىلىكنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغانلىقىدىن ئىبارەت.

بۇنىڭ سەۋەبى بولسا-ئومۇمى خەلق ئارىسىدا يەنىلا دىنى ھېسسىيات، ئاممىۋى سەنئەت ۋە سەھنە چولپانلىقى، تەنتەربىيە ۋە كوچا قەھرىمانلىقى، مىكرافون نوچىلىقى ۋە چايخانا مەدداھلىقى قاتارلىقلارنىڭ زىيادە ئالقىشلىنىپ، تەجرىبىخانا، ئ‍ىشخانا ۋە كۇتۇپخانىلاردا كېچە-كۈندۈز يالغۇز ۋە نامسىز تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشكە ئۆزىنى بېغىشلىغان كىشىلەرنىڭ يېتەرلىك ئورۇن ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشمەسلىكى-ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياشلارغا بېرىلىۋاتقان خاتا سىگنال بولۇپ، چوڭقۇر چۆكمەيدىغان، باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەيدىغان ۋە تىز ئۇتۇق قازىنىشنى ئويلايدىغان بىر ئەۋلادنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشتىن ئ‍ىبارەتتۇر. بۇ رېئاللىق-غۇرۇرى كۈچلۈك، تارىخنىڭ سۇلتانى بولغان تۈرك مىللىتىنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنى قىينايدۇ. ئۇلار بۇ رېئاللىقنى ئ‍ۆزگەرتمىگۈچە دۇنيا سەھنىسىدە ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان ئورنىنى قايتۇرۇپ ئالالمايدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ شوئار ياكى مەدەنىيەت دۆلىتى ئەمەس، كۈچلۈك ئىقتىسادى ۋە ھەربى، تېخنىكا دۆلىتى بولالماسلىقى -ئۇنىڭ  رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەردە ھەمىشە كۈچلۈكلەرگە جۈملىدىن بىردە غەرب مەركەزچىلىكى يولىغا بىردە روس ۋە ختتاي يادروسىدىكى ياۋۇزلار ئوق مەركىزىنى بويلاپ ئەگەشمە يولدا مېڭىشىغا سەۋەب بولىدۇ ۋە ئاتا-تۈرك قۇرغان بۇ بۈيۈك جۇمھۇرىيەتنىڭ تۈپكى پرىنسىپلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسىنى يوقىتىدۇ.

تۈركىيەنىڭ دۆلەت قۇرۇشتىكى تۈپكى پرىنسىپلىرىدىن بولغان ھەققانىيەت، ئادالەت ۋە ئ‍ئىنسانپەرۋەرلىك پرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلالماسلىقىنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى-ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسزلىكىدىن كىلىدىغان بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ  ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتى ۋە تۈرك خەلقىنىڭ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى-تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلغۇچى ھۆكۈمەت ۋە رەھبەرلىكنىڭ  مەيدانى ۋە ئىقتىدارى تەرىپىدىن سۈيئ‍ستىمال قىلىنىپ، مەزكۇر ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سىنىپنىڭ دېموكراتىك قائىدە-پرىنسىپلارنى مونۇپۇللاشتۇرۇشى ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە بارلىق بۈيۈك قىممەت قاراش ياكى تۈپكى پرىنسىپلار ئاسانلا دەپسەندە قىلىنىدىغان رېئاللىق شەكىللىنىشكە سەۋەب بولىدۇ. تۈرك خەلقىنىڭ دېموكراتىك پىرىنسپلاردا چىڭ تۇرۇش ئىرادىسى ۋە سۆز قىلىش ئەركىنلىكى -مەزكۇر چىرىكلىكنى تۈگىتەلەيدىغان بىردىنبىر ئامىل بولۇپ، تۈركىيە نۆۋەتتىكى سىستېما ۋە ئىقتساد كىرزىسنى كەم دېگەندە بەش يىل ئەتراپىدا باشتىن كەچۈرۈشى ۋە ئارقىدىن تۈزۈلۈشكە قاراپ مېڭىشى مۇمكىن. ئەمما يۇقىرىقى ئىككى ماھىيەت-نۆۋەتتە تۈركىيەنى غەربتىن ئايرىپ ختتايغا يېقىنلاشتۇرىدىغان بولۇپ، تۈركىيە پات ئارىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجابىي خىزمەتلەرنى روياپقا چىقىرالمايدۇ. بۇ مەلۇم پارتىيىدىن كۆرە ،كەڭ مەنىدىن تۈرك خەلقىنىڭ ئۆز ئىرادىسى ۋە تەرەققىيات كۈچىگە باغلىق.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز