خوڭكوڭ باش ئەمەلدارىنىڭ نىقابنى چەكلىشى ۋە ئارقىسىدىكى «قارا قول»

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

كوررېكتور: سەبرى

2019-يىلى 6-ئۆكتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى ئاخىرلىشىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا بېيجىڭ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئىرادىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان خوڭكوڭ باش ئەمەلدارى كەرى لام خوڭكوڭدا «جىددى ئەھۋال نىزامنامىسى»نى ئېلان قىلدى. بىرىنچى بولۇپ نىقابلىنىشنى چەكلىدى.

«جىددى ئەھۋال نىزامنامىسى» 1922-يىلدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلغان بولۇپ، جىددى ئەھۋال يۈز بەرگەندە قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ قارار چىقىرىشىنى  كۈتمەستىن باش ئەمەلدار ۋە مەمۇرىي رايون يىغىن كومىتېتىنىڭ  قارارى بىلەن يولغا قويۇشقا بولىدىغان قانۇن نىزاملاردۇر.كەرى لام تۇنجى قېتىم بۇ قانۇننى ئېلان قىلدى. بۇ خىلدىكى قانۇنلار باشقا دېموكراتىك ئەللەردىمۇ بار، ئەمما پەرقلىق بولۇپ، بۇنىڭ پەرقىنى تۆۋەندە بايان قىلىمىز.

باش ئەمەلدار كەرى لام نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى ئالدىدا يۇمشاق ۋاسىتە قوللىنىپ ئارقىدىن قورال ئىشلىتىدۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا بۇ « جىددى ئەھۋال نىزامنامىسىنى» ئېلان قىلىدۇ؟

كەرى لام بېيجىڭ تەرەپتىن بېكىتىلگەن ئەمەلدار، ئۇنى خوڭكوڭ خەلقى سايلاپ چىقمىغان. ئۇنىڭ نوقتىسى بېيجىڭدا بولىدۇ. دۆلەت بايرىمىنى چىرايلىق ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئويلىغان خىتاي ھۆكۈمىتى چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ كەرى لامنى يۇمشاق بولۇشقا بۇيرىغان.

دۆلەت بايرىمى ئاخىرلىشىپ ئىككى كۈن ئۆتۈپ 4-چېسلا تۇنجى قەدەمدە نىقابنى چەكلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق قانۇنلارنى ئېلان قىلىدۇ؟ ھاياتلار كۆرىدۇ. چۈنكى خىتاي شەرقى تۈركىستاندا دەسلەپ كىيىم -كېچەك، ساقال-بۇرت ئىشلىرىغا جەرىمانە قويۇش، تۇتۇپ سولاشتىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە يەتكەن. زالىملارغا لەنەت بولسۇن!

بۇ قېتىملىق نىقاپ چەكلەش نامايىشچىلارغا يولغا قويۇلغان بولۇپ، نىقاپ، چوڭ ماسكا تاقاش چەكلەنگەن. ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلار يەڭگىل بولسا 1300دوللار جەرىمانە ۋە 6ئايلىق قاماق جازاسى، ئېغىر بولغانلار 3000دوللار جەرىمانە ۋە 1يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

بۇ خىلدىكى قانۇن  نىزاملار ئامېرىكا، گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ بار بولۇپ، ئەمما ئىجرا قىلىش ۋاستىسى خىتاي ۋە خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدىكى يەرلەردىن پەرق ناھايىتى چوڭ بولۇپ كەلگەن.

خىتاينىڭ نىقابنى چەكلىشى نامايىشچى ئاممىنىڭ يۈزىنى ئېچىپ كامىراغا چۈشكەنلەرنى تۇتۇش، باشقا خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇققا چىققانلارنى تۇتۇش بولىشى مۇمكىن. ياكى ھۆكۈمەتتە ئىش بېجىرىشنى قىيىنلاشتۇرۇش بولىشىمۇ مۇمكىن. ياكى بىز بىلمىگەن قارا نىيەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان بۇ ھەقتىكى قىلمىشلىرى ھېلىھەم تۇرۇپتۇ.

ئەمما دېموكراتىك ئەللەر ھېچقاچان نامايىشقا چىققان، ئۆزىگە قارشى پىكىر قىلغانلارنىڭ سوتسىيال ياردەم پۇلنى توختاتقان ئەمەس. ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى مەكتەپتىن توختاتقان ئەمەس، بىر «جىنايەت»نى ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىغا چاتقان ئەمەس. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ساقچىلىرىنىڭ ھۇقۇقى چەكلىك دائىرىدە بولىدۇ، خىتايدەك مىلتىقى بار ھاكىمىيەت بولغان ئەمەس. مىلتىقىنى چەكلىك دائىرىدە قوللانغان. ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ خەلقىگە ئۇنداق قاتتىق قول، قارا نىيەت بىلەن چارە قوللانغان ئەمەس. فىرانسىيەنى مىسال قىلساق ئالدىنقى قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك نامايىشتا خەلقتىن تەخمىنەن 2000 كىشى يارىلانغان، قوغدىنىش ئەسلىھەلىرى تۇلۇق تەييارلانغان ساقچى تەرەپتىن 1300دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. ئەمما خوڭكوڭدا ساقچى تەرەپ باشلانغۇچ

مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ھاياتىمغا خەۋپ ئەكەلدى دەپ قول تاپانچىسىدا ئاتقان، قان تۆككەن. مانا بۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ئارىلىشىپ 22 يىلدىن كېيىنكى خوڭكوڭدا يۈز بەرگەن ۋەقە. مانا بۇ خىتاي بىلەن دېموكراتىك ئەللەردىكى ھۆكۈمەتنىڭ پەرقى.

يەنە مىسال قىلساق،1970-يىلدىكى كەنت شتات ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى (Kent state university ) نامايىشىنى باستۇرۇشتا ساقچى ئىشلىتىلمىگەن، پەقەت شتات دەرىجىلىك قوغداش ئەترىتى قوللىنىلغان. ئەينى ۋاقىتتا نامايىشچىلار ئەسكەرى قىسىمنىڭ مەمۇرىيەت بىناسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان، كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە قوغداش ئەترىتىنى تاش ئېتىپ ئۇرۇپ، ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ۋەزىيەت پۈتۈنلەي كونترولسىز ھالەتكە يەتكەن. قوغداش ئەترىتى ئوق چىقىرىپ تۆت كىشى ئۆلگەن. بۇ ئىش 400 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس تاشلاپ نامايىش قىلىشىغا، 900 ئالىي مەكتەپنىڭ دەرس توختىشىغا، پايتەخت ۋاشىنگىتوندا 100 مىڭ كىشىلىك چوڭ نامايىشقا سەۋەپ بولغان. ھۆكۈمەت مەخسۇس گۇرۇپ تەشكىللەپ ئوق چىقىرىش سەۋەبلىرىنى  تەكشۈرگەن. قوغداش ئەترىتى ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ نامايىشچىلار ئارىسىدا مەخسۇس نىشانچىلار يۇشۇرۇنغان بولىشى مۇمكىن دېگەن گۇمان بىلەن ئوق چىقىرىلغان دېيىلگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئوق چىقىرىپ نامايىشچى خەلقنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى خاتا دېيىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە رەزىنكە ئوقلار ياسالغان.

دېموكراتىك ئەللەر ئۆزى خەلقىنى قارا قول بىلەن باستۇرمىغان. ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقا ئىنسانلارنىڭ ھۆرلىكى، ھاياتى بىلەن كارى يوق قانلىق باستۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان ھەرقانداق بىر كۈچ تارىخنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز