خىتاي بىزگە دۈشمەنمۇ؟

 

(ئابدۇللا توختى ئارىش)

گەپنىڭ راستىنى دېگەندە مەن بۇ سۇئالنى سوراشتىن ئۆزۈممۇ خىجىل بولىمەن، ئەسلى ھەر بىر ئۇيغۇرغا ئىنتايىن ئىنىق بولىشى كېرەك بولغان بۇ مەسىلىنىڭ بىزنى مۇشۇنداق سۇئال سوراشقا مەجبۇر قىلىشى ئىچىنارلىق بىر ئىش.

خىتاي بىزگە دۈشمەنمۇ؟ ئەسلى بۇ سۇئال چىڭقى چۈشتە ئاپتاپنىڭ تەپتىدە پىشانىسىدىن جىپ جىپ تەرلىرى ئىقىپ، پىژغىرىم ئىسسىقتا ھاسىراۋاتقان ئادەمدىن ئاسماندىكى پارلاپ تۇرغىنى قۇياشمۇ دەپ سورىغاندەكلا سۇئال بولۇپ، بۇ سۇئالغا ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان، ئەڭ دەلتۈش ئادەممۇ ئاسماندىكىسى قۇياش دەپ جاۋاب بەرگەن كەبى ھەر بىر ئۇيغۇر خىتاي بىزگە دۈشمەن دېيەلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئارىمىزدىن ئەقلى گەجگىسى ئۆتۈپ قالغان ئەمەس، تاپىنىدىن چۈشۈپ قالغان بىر تۈركۈم كىشىلىرىمىزنىڭ چىقىشى، ھەتتا بۈگۈن نەچچە مىليۇن قىرىندىشىنى ”جازا لاگىرلىرى“ غا قاماپ، ئۆزلىرىنىڭ 30 يىل ئىلگىركى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرلىرىنى قۇل قىلىپ، قىزلىرىنى خاتۇن»قىلايلى دېگەن چاقىرقىنى ئەمىللەشتۈرىۋاتقان ۋە بۇ قىرغىنچىلىقنى قەتئىي ھىمايە قىلىۋاتقان بىر مىللەتنى دۈشمىنىم دېيەلمەسلىكى بۇ سۇئالغا قايتىدىن جاۋاب بىرىشكە مەجبۇرلاپ قويدى.

شۇڭا مەن ئۆز قارىشىمنى تۆۋەندىكى تۆت نوقتا بويىچە شەرھىلەپ ئۆتىمەن.

  • خىتاي ئۇيغۇرلارغا تارىخى دۈشمەن.

نېمە ئۈچۈن خىتايلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى دۈشمىن دەيمىز؟ چۈنكى خىتايلار ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان دۇنياغا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا «ۋەتىنىمىزنى خىتاينىڭ ئايرىلماس بىرقىسىمى» دېگەن ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىپ كەلدى. ئەسلى ئۇلارنىڭ مۇشۇ چاقىرقىنىڭ ئۆزىدىلا مەنتىقىسىزلىق بولۇپ، ئەگەر بىرەر نەرسە ساڭا ئەزەلدىن تەئەللۇق بولسا ئۇنى سەن داۋراڭ سىلىپ، ساڭا تەئەللۇق ئىكەنلىكى جاكارلىشىڭغا ھاجەت قالمايدۇ. مەسىلەن خىتاي سىچۋەننى، شەنشى، خىبىينى «بۇ جايلار ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دەپ دەۋراڭ قىلمايدۇ، دېمەك ئۇ جايلار ئەسلىدىنلا خىتاينىڭ بىر قىسمى، ئەمما ۋەتىنىمىز خىتايلار تاجاۋۇز قىلىپ بىسىۋالغان بىر زىمىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەرخىل يالغان تارىخلارنى ئويدۇرۇپ، ئۇ جاينىڭ ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەنلىكىنى داۋراڭ قىلىش ئىھتىياجى تۇغۇلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە مىلادىن ئىلگىركى 110- يىللىرى خىتايلارنىڭ دىيارىمىزغا ئەلچە ئەۋەتىپ، 50 يىلدىن كىيىن دىيارىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسى تەسىسى قىلىشى ( بۇنى راس دەپ تۇرغاندا) ۋە ھازىرقى زامان خىتايلىرىنىڭ شۇنى دەۋا قىلىشى پەقەت بىرلا ھەقىقەتنى كۈچلەندۈرىدۇ،يەنى خىتايلار تارىختىن بىرى دىيارىمىزغا تاجاۋۇز قىلىپ ئىگەللىۋىلىشتىن ئىبارەت دۈشمەنلىك غەرىزىدە بولۇپ كەلگەن، ھەمدە شۇ تارىخى دەۋىرلەردىن باشلاپ بىز بىلەن دۈشمەن ئىكەنلىكىنى تاجاۋۇزچىلىقلىرى ئارقىلىق ئاشكارە ئىپادە قىلغان، شۇڭا تارىختىن بىرى خىتايلار بىلەن ئوتتورىمىزدىكى مۇناسىۋەت پەقەت دۈشمەنلىك مۇناسىۋىتى بولۇپ كەلگەن. بۇ نوقتىنى كۆكتۈرۈك ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى مەڭگۈ تاشلاردىكى خىتايلار ھەققىدىكى پۈتۈكلەر ھەم ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارغا تارىخىتا سىلىق تۆلەپ كەلگەن بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىدىكى ئاتقا يىپەك تىگىشىش سودىسىدا بۈگۈنكى خىتايلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرى بولغان تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۆلەشكە تىگىشلىك قەرىزى ئۇيغۇر ئىمپىريىسىنىڭ يىقىلىشى بىلەن تۆلەنمىگەن بولۇپ بۈگۈنكى قەدەر بۇ قەرىز بىزنىڭ ئېلىشىمىزنى ساقلاپ تۇرماقتا.  خىتايلارنىڭ دىيارىمىزغا ئىككىنچى قىتىملىق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى گاۋشەنجى باشچىلىقىدىكى خىتاي قوشونىنىڭ تالاستا مۇسۇلمان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن شەرمەندىلەرچە مەغلۇب قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا، خىتايلار بىرىنچى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى بولۇپ 800 يىللاردىن كېيىن ئىككىنچى قىتىملىق تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا پۇرسەت تاپقان ھەمدە  ئىلگىركىدەكلا شەرمەندىلەرچە مەغلۇب بولۇپ قاچقان. شۇنىڭدىن تاكى 1880-يىلىدىكى مانجۇ قوشۇنلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزگە قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا غەلبە قىلىغىنىغا قەدەر مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت  مۇڭغۇل، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەرگە ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا بولۇپ ياشىغان. 1911-يىلى خىتايلارنىڭ مانجۇ ئىمپىريەسىنى ئاغدۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇشى بىلەن مانجۇلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ۋارىسلىق قىلىش تۈرۈتكىسىدە ۋەتىنىمىز ھەقىقى تۈردە خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان، يەنى خىتايلار ئۈچىنچى قىتىملىق تاجاۋۇزچىلىقى مانجۇلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. بۇ نوقتىلاردىن كۆرىۋىلىش تەس ئەمەسكى خىتايلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخى بىر دۈشمەن بولۇپ، بۇ بىزنىڭ ھەرۋاقىت ئىسىمىزدىن چىقىرىشقا بولمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر.

  • خىتايلار ئۇيغۇرلارغا مىللىي دۈشمەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئەجدادلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولغان ھونلار بىلەن خىتايلار ئوتتورىسىدىكى ئۇرۇشلار بولسۇن، ياكى ئۇلارنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستانغا ئىلىپ بارغان قانچە قىتىملىغان تاجاۋۇزچىلىق ھەركەتلىرىدە بولسۇن، بىر نوقتا ئايانكى خىتايلار ئىزچىل تۈردە ھون، ئويغۇر، تۈرك قەۋىملىرىگە داۋامىلق دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ كەلگەن، ئەجدادلىرىمىز كۈچەيگەن دەۋىرلەردە ئۇلارغا مەلىكىلىرىنى بىرىپ، ئولپان تۆلەپ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئورۇنسا، ئۇلار ئازراقلا ئاجىزلاشقان ھامان يۇرتلىرىغا بىسىپ بىرىپ يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان.

زۇزۇڭتاڭ ۋەتىنىمىزنى ھەقىقى تۈردە خىتاي تىرىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش تاجاۋۇزچىلىق ئۇرىشىدا تۈمەنلىگەن ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغان بولسا، گۇمىنداڭ ھاكىمىيەت بىشىغا چىققاندىن كېيىنمۇ ھەم قەتلىئامنى توختىتاتمىغان، بۇ جەرياندا يۈزمىڭلارچە ئۇيغۇرنى ھەرخىل باھانە-سەۋەبلەر بىلەن قەتلى قىلغان. ھەتتا 1937- يىلى قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىدە ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن 300 دىن ئارتۇق سەرخىللارنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۋەتكەن. خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىلى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن ۋاڭجىن ۋەتىنىمىزدە قەتلىئام ئىلىپ بارغان بولۇپ، يىغلاۋاتقان بوۋاققا « ۋاڭخۇزى كەلدى»دېسە يىغلاۋاتقان بوۋاقمۇ يىغىدىن توختايدىغان قورقۇنۇچلۇق ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. 1952- يىلى يۈزلەرچە ئۆلىما قەشقەردە تەربىيەلەش باھانىسىدە يىغىپ، ئۆزلىرى ئوقىغان مەكتەپنىڭ (تەربىيەلىگەن جاينىڭ نامى ئىسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ) بىغىغا ئۆزىنىڭ ئورىكىنى كولاتقۇزۇپ شەھىد قىلىپ كۆمىۋەتكەن ( شۇ قېتىمقى قەتلىئامدىكى شەھىدلەرنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى شەرقى تۈركىستاندىكى بىر دىنى ئالىمغا دادىسىنىڭ قەبرىسىنى ئىستىخارە سىلىش ئارقىلىق تىپىپ قايتىدىن قەبرە تۇرغۇزغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن). خىتاي كومپارتىيەسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن 1952 -يىلىغىچە ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى يىزا قىشلاقلىرىغىچە تارقالغان 3178 دىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك مەدرىسلەرنى چىقىپ تاشلىغان ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئاتىزىملىق ئىدىيەلىرىنى تارقىتىدىغان كۇفرى مەكتەپلىرىگە ئۆزگەرتكەن. ئۇلار تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن ھەرخىل نامدىكى ھەركەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقنى دەرىجىگە ئايرىپ، سىنىپى كۆرەشلىرى ۋە ئاتىنى بالىغان، بالىنى ئاتىغا ئۆچ قىلىدىغان كومىنىزىم ئىدىيەسى ئارقىلىق، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىللىرىنى ۋەيران قىلغان. «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش» جەريانىدا نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرۋەتكەن، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى» داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىل زىيالىي، ئۆلمالىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلسا، يەنە بىر قىسمىنى تۈرمىلەرگە تاشلاپ ھاياتىنى نابۇت قىلغان، بۇ جەرياندا مەسجىدلەرنى چوچقا قوتىنى، مەدەنىيەت ئۈگۈنۈش ئۆيى دېگەندەك ھەرخىل ئورۇنلارغا ئۆزگەرتكەن، ئۇيغۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مازارلىرى، تارىخى كىتابلىرىنى كۆيدۈرۈش، بۇزۇپ چىقىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيتتىنى يوقاتماقچى بولغان. 1978 – يىلىدىن كېيىن ۋەزىيەت بىر مەزگىل ياخشىلانغاندەك قىلسىمۇ ئەمما«شەرقى تۈركىستان»دىن ئىبارەت بۇ زىممنىڭ ھەقدارلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلمىغۇچە بۇ زىمىنغا ھەقىقى ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان خىتايلار، ئۇيغۇرلارنى تەلتۈكىس يوق قىلىشنىڭ پىلان، باسقۇچىلىرى ۋە ئىستىراتىگىيەلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا باشلىغان، ھەمدە ھەرخىل شەكىلدىكى زۇلۇمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئاممىۋى نارازىلىق، قارشىلىق ھەركەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ ئاممىۋى قەتلىئامغا شارائىت ھازىرلىغان. 1985-يىلىدىكى ئوقوغۇچىلار ھەركىتى، 1989- يىلىدىكى بارىن ئىنقىلاۋى، 1997-يىلىدىكى غۇلجا قەتلىئامى، 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامى، 2013- يىلىدىكى خوتەن «خانئىرىق قەتلىئامى»، 2013 -يىلىدىكى ئاقسۇ ئايدىڭكۆلدىكى «رامىزان قەتلىئامى» ، 2014- يىلىدىكى ياركەنىت  «ئېلىشقۇ قەتلىئامى» قاتارلىقلار بۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى قەتلى قىلىش مەقسىتىگە يەتسە، ئۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتۇپ سولاپ يوق قىلىش مەقسىتىگە يەتكەن. يۇقارقىلاردىن بىر نەرسە ناھايىتى رۇشەنكى خىتايلارغا «شەرقى تۈركىستان»دىن ئىبارەت بۇ زىمىن ۋە ئاستىدىكى بايلىقلار كىرەككى ئۇنىڭ ئۈستىكى، ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئەسلا كېرەك ئەمەس. بۇ نوقتا 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن ئىتبارەن ۋەتىنىمىزدە كەڭ كۆلەملىك تەسىسى قىلغان «جازا لاگىرلىرى»غا مىلىيۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى، ئۇيغۇر تىلىنى، يىزىقىنى چەكلەپ، باللىرىمىزنى مەجبۇرى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ”بالىلار لاگىرى“غا يىغىۋىلىشى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايلارغا مەجبۇرى يادلىق قىلىشىنى، قۇرئانلىرىمىزنىڭ كۆيدۈرۈپلۈپ، مەسجىدلىرىمىزنىڭ ۋەيران قىلىنىشى قاتارلىقلار ئوچۇق ئىلىپ بىرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق بولۇپ بۇ نوقتا رۇشەن گەۋدىلىنىدۇ. بۇ يەردە يەنە بىر ئوچۇق سىلىشتۇرما بار بولۇپ، خىتاي گومىنداڭى 1937-يىلى 300دىن ئارتۇق ئۇيغۇر زىيالىسىنى قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىدە كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن (بۇ ھازىر تەيۋەندە ئۆزلىرىنى دېمكىراتىك شەكىلدە ھاكىمىيەت باشقۇرۋاتىمىز دېگەن گومىنداڭ خىتايلىرىنىڭ قىلغان قەتلىئاملىرى بولۇپ، ئۇلار تاكى ھازىرغا قەدەر 1911 – يىلىدىن 1949- يىلىغىچە «شەرقى تۈركىستان» ئىلىپ بارغان ئىنسان قىلىپىدىن چىققان قەتلىئاملىرى ۋە سىياسەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن بىرەر ئېغىز بولسىمۇ كەچۈرۈم سورىغىنى يوق) بولسا،  1952- يىلى يۈزلەرچە ئۆلىما قەشقەردە قەتلى قىلىنغان ، مانا بۈگۈن مىڭلارچە ئۇيغۇر سەرخىللىرى خىتاينىڭ «جازا لاگىرى»دا بىر تەرەپتىن قىرغىن قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن ئۆلۈم جازاسى، مۈددەتسىز قاماق جازاسى ياكى نەچچە ئون يىللارچە كىسىلىش ئارقىلىق يوق قىلىنماقتا. بۇ نوقتىلاردىن رۇشەنكى خىتاينىڭ ھەر رەڭلىكى خەن، تاڭ سۇلالىلىرىدىكىلىرى بولسۇن، مەيلى گومىنداڭ، گۇڭسەنداڭچىسى بولسۇن ھەممىسى ئوخشاش بولۇپ، ھەتتا بۈگۈن كومپارتىيەگە قارشى تۇرۇپ خىتاينىڭ دىمكىراتىيەلىشىشى ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتىمىز دېگەن دېمكىراتىك خىتايلار بولسۇن ئۇيغۇرلارغا ياخشىلىق كەلگەن ئەمەس، بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن پەقەت دۈشمەنلىكلا كەلگەن، ياخشى سىياسەتلەرنىمۇ يۈرگۈزگەن دېمەكچى بولساق پەقەت كۈچىيىپ بولغىچە بىزگە ھەقىقى يۈزىنى كۆرسەتمىگەن خالاس، شۇڭا بارلىق ئۇيغۇرلار بو نوقتىنى ئىنىق تونۇپ يېتىشى، خىتاينىڭ ئويغۇرلارنىڭ مىللىي دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك.

  • خىتايلار ئۇيغۇرلارغا دىنى دۈشمەن.

ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغۇنىدەك قارىخانىلار شاھزادىسى، ساتۇق بۇغراخان ئىسلامنى قۇبۇل قىلىش بىلەن ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ قەۋىم كۇفرى قاراڭغۇلىقىدىن ئىسلامنىڭ يورۇقلىقىغا چىقتى، شۇنىڭدىن باشلاپ شەرقى تۈركىستاننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە تارقالغان تەۋھىد ئەقىدىسى تامام ئۇيغۇرلارنى ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار تۈرك دۇنياسىدا تۈنجى بولۇپ ئىسلامى دۆلەتنى قۇرۇپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىسلاملىشىشغا ئالاھىدە توھپىلەرنى قوشقان،  شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك مەدەنىيەتلەشكەن دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپخاس ھاجىپ، جامال قارشى قاتارلىق يىتۈك ئالىملار يىتىشپ چىققاندۇر. ئۇيغۇرلار ئۆزدەۋرىدىن تاكى ھازىرغىچە ئىسلامنى ئۆزىدىكى ئۇيغۇر روھىتى بىلەن زىچ يۇغۇرۇپ تۈرك ئىسلام مەدەنىيتنىڭ شەكىللىنىشىدە ماتۇرلۇق روللارنى ئوينىغان، شۇنداقلا ئوتتورا ئەسىر ئىسلام تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئەھمەد يەسەۋى، سەككاكى، نەۋائىلارنى ساناش مومكىن.

ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقى (پارسى مەنبەلەر ئۇيغۇرىستان دەپ ئىلىنغان) غالدان باشچىلىقىدىكى مۇڭغۇللار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغاندىن كېيىنكىئىسلامىنىڭ چۈكۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىلىم – مەرىپەتنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى،  خەلىقنى جاھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرۈتكىسى، شۇنداقلا ۋەتىنىمىز «شەرقى تۈركىستان» نىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتتا قاپسىلىپ قىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، تۈنجى نازىل بولغان ئايىتى «ئوقۇ» بىلەن باشلانغان قۇرئاننى چۈشەنمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆزنىڭ دوسىت –دۈشمەنلىرىنىمۇ پەرىق ئىتەلمىگۈدەك ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. چۈنكى ئىنساننى كۇفرى قاراڭغۇلىقىدىن ئىسلامنىڭ نۇرىغا چىقىرىدىغان بۈيۈك كەلىمە«تەۋھىد»نىڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاللاھنىڭ دوستىنى دوست تۇتۇش، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى دۈشمەن تۇتۇشتىن ئىبارەت ئەقەللى شەرتلىرىنى چۈشەنگەن بولسا ئىدى، ھىچ زامان يادلارنى باشلاپ كىلىپ  ئۆز خانلىقىغا قارشى چىقمىغان، ئۆز ئەمىرى ياقۇپ بەگىنى ئۆلتۈرۈپ دۈشمەنلىرى بولغان زۇزۇڭتاڭنى ئالقىش قىلىپ كۈتىۋالمىغان، شۇنداقلا 1949- يىلى ھەم خىتاي كومپارتىيەسىنى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە رەت – رەت بولۇپ، داقا دۇمباق، ناغرا – سوناي ئارقىلىق قارشى ئالمىغان بولاتتى.

ئەگەر ئاللاھنىڭ كالامى قۇرئاندىكى مۇنۇ ئايەتلەرنى ئۆزىمىزدە ئۆزلەشتۈرگەن بولساق ئىدۇق: «ئى مۆمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار ﷲقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار (ئۇ چاغدا مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار)، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارغا پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ [1]. ئەگەر ئۇلار سىلەرنى يەڭسە سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، سىلەرنى تىللايدۇ، سىلەرنىڭ مۇرتەد بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ [2]» (سۈرە مۇمتەھىنە 1-، 2- ئايەتلەر)1911- يىلىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىدا قۇرئان كۆتۈرۈپ كەلگەن تۇڭگان ۋە ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقا ئۇ گۇرۇپپىنىڭ ۋەدىلىرىگە ئالدىنىپ تاغدىن چۈشمىگەن، مىللەتنىڭ بەرگەن خەلىپىلىكىدىن دارىنلىق مەنسىپىنى ئەۋزەل كۆرمىگەن بولار ئىدۇق. چۈنكى قۇرئانغا ئىشەنمەيدىغان بىر زالىم كۇفىر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئوردا موللىلىرىنىڭ تۇتقان قۇرئانىغا ئەمەس، ئۇنىڭ كىم ئۈچۈن قۇرئان تۇتىۋاتقانلىقىنى چۈشەنگۈدەك بىر تەۋھىد بىزدە كەملىك قىلدى، شۇ ۋاقىتتىكى زالىم ھۆكمىراننىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ۋە بىزنىڭ مىللىي دۈشمىنىمىز ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت قۇرئاندىكى رۈشەن ئايەتلەر ئەسلىرىمىزگە كەلمىدى. شۇ ۋەجىدىن دۈشمەنلىكى شۇ قەدەر رۇشەن بولغان ھىلىگەر خىتتايلارغا ئالداندۇق. بۇ خاتالىق بىزدە 1933 – يىلىدا يەنە ئوخشاشلا يۈز بەرگەن بولۇپ، بىز ئوخشاشلا يەنە ئاللاھنىڭ دۈشمىنى زالىم خىتاي ھۆكمىرانلىرى بىلەن زالىملارنىڭ زالىمى بولغان يەنە بىر چوڭ دۈشمەن سېۋىت كومىنىستلىرىنىڭ ياغلىما ۋەدىلىرىگە ئالداندۇق، مۇستەقىل دۆلەتنىڭ رەئىسلىكىدىن بىر ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئارتۇق بىلىپ، دۈشمەننىڭ قۇرغان ئالدام خالتىسىغا ئىككىنچى نەۋبەت يەنە چۈشتۇق. ئۇيغۇرلاردا بىر گەپ بار «ئىشەك بىر سىپىلغان كۆرۈككە، ئىككىنچى سىپىلمايدۇ» ئەمما بىزدە ئىشەكچىلىكمۇ ئەقىل قالمىغانمۇ ئەيتاۋۇر ئۈچىنچى نۆۋەت يەنە ئالداندۇق. 1945- يىلى ماناس دەرياسىنىڭ بويىغا كىلىپ بولغان «شەرقى تۈركىستان» مىللىي ئارمىيەسى سىۋىت كومىنىستلىرى بىلەن خىتاي گومىنداڭچىلىرىنىڭ ھىيلە – نەيرەڭلىرىگە ئالدىنىپ شۇ كۆۋرۈكتىىن ئۆتەلمەي قاق بەش يىلغا يىقىن ۋاقىت كۆۋرۈك ساقلاپ يىتىپ، ئازاد بولايلا دەپ قالغان ۋەتەننى ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي دۈشمىنىمىز بولغان خىتاي كومىنىستلىرىغا قوش قوللاپ تۇتقازدۇق، ھازىر ئۆتكەن تارىخىقا قارايدىغان بولساق شۇ قېتىمقى يۈرۈشكە قاتناشقان جەڭچىلىرىمىزدىن قانچىلىكى ھاياتتۇر؟ ئۇلار ھامان ئۆلۈپ تۈگىدى، ئەگەر شۇ چاغدا خىتاي كومىنىستلىرىنى كىرگۈزمەستىن ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەن تەكبىر سادالىرى بىلەن ئىتىشقان بولساچۇ؟ بەلكىم ئۇلار خىتاي ۋە سىۋىتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كومىنىست ئىمپىريالىسىتلىرى تەرىپىدىن يوق قىلىناتتى، ئەمما تارىخى باشقىچە يىزىلاتتى،ھىچ بولمىسا تارىختا شەھىد دەپ نامى قالاتتى، دىنى ئۈچۈن، ۋەتىنى ئۈچۈن، مىللىتى ئۈچۈن شەھىد بولغان دەپ ھەر دۇئادا يادلىناتتى.  يا رەب، دۇنيادا نەدىمۇ مۇنداق ئارقا – ئارقىدىن تۇمشىقىدىن ئىلىنىدىغان بىزدىن ئۆزگە بىر قەۋىم بولسۇن؟

خىتايلار ۋەتىنىمىز «شەرقى تۈركىستان»غا يېڭىلا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي دىنغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەدرىس، قازىخانا قاتارلىق ئورگانلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۆلمالىرىمىزنى قەتلى قىلىپ يوق قىلدى. تاكى 1994- يىلى ئۈرۈمچىدە «ئىسلام دارىلفۇن» نامىدا بىر مەكتەپنى ۋۇجۇدقا چىقارغانغا قەدەر دىنى تەلىم تەربىيە ئورگانلىرىمىز ئاساسەن يوق بولدى، ھەتتا مۇشۇ «ئىسلام دارىلفۇن»نىمۇ خەلقئاراغا مۇسۇلمانلارغا دىنى ئەركىنلىك بەردۇق دەپ كۆز كۆز قىلىشقا، شۇنداقلا زالىم كومىنىستلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان «ۋەتەن ۋە دىن ساتقۇچى» موللىلارنى تەربىيەلەش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار 30 مىلىيۇندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ۋەتىنىمىزدە ھەر يىلى پەقەت 40 مۇسۇلمانلا دىننى ئۈگىنەلەيدىغان، ئۇنىڭدىن باشقا مۇسۇلمانلار دىننى ئۈگەنسە قانۇنسىز دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، زالىمنىڭ زىندانىدىن ئورۇن ئالىدىغان ئاتالمىش ”دىنى سىياسىتى» ئۈچۈن خىزمەت قىلدى، شۇنچە يىلدىن بىرى زالىملارنىڭ قارانچىقۇغا ئايلانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ خىتاينىڭ مۇشۇ سىياسىتىگە ئالدىنىپ كەلدى، توغرىسى كۆز يۈمۇپ كەلدى.

يىقىنقى يۈز يىللىق تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق بىزنىڭ دىنى ئاڭ ۋە پىكىردىن يىراقلىشىشىمىز ۋەتەننىڭ مۇنقەرىز بولۇشىدىكى تۈپكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەسنادى ئەگەر بىزدە 1911 – يىللىرىدا مىللىي ئاڭ تېخى شەكىللەنمىگەن، تارىختىكى ئۇيغۇر خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىچنىشلىق تارىخىلار ئۇنتۇلغان تەقدىردىمۇ، ھەركۈنى نامازلىرىمىزدا ئوقىلىۋاتقان قۇرئاننىڭ روھى بولغان بولسا ئىدى، ۋەتەننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى باشقىچە بولار ئىدى.

دۈشمەننى دۈشمەن دەپ تونىماسلىق بىزگە تاكى بۈگۈنكى قەدەر قان قىنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، بىز 2016- يىللىرى ۋەزىيەتنىڭ چىڭىشقا باشلىغان، 2017 – يىلى خىتاي چاپاننى تەتۈر كىيىپ بولغان شۇ دەۋىرلەردە ھەم بۇ ئەھۋاللارنى قايتىلىدۇق. 2016- يىلى 10- ئايدا خوتەندىن ئامانگۇل باشچىلىقىدىكى تەشۋىقات ئۆمىكى ئەزھەر ئۈنۋېرسىتتىدا ئوقىۋاتقان مىڭلارچە ئوقوغۇچىلىرىمىزنى ئېلىپ كىتىش ئۈچۈن تەشۋىقاتقا چىققان بولۇپ، ئۇ شۇ قېتىمقى تەشۋىقاتىدا ئەگەر ھازىر دىننى ئۈگۈنىۋاتقانلار ۋەتەنگە قايتسا ئۇلارغا دىنى مەكتەپلەرنى قۇرۇپ، دىننى ئۈگۈنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بىرىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەرگەن، ئۇنىڭ شۇ ياغلىما گەپلىرىگە ئالدانغان 1000گە يىقىن مۇسۇلمان قىرىندىشىمىز ئۇلار بىلەن بىرگە كىرىپ كەتكەن، ئەمما ئۇلار كىرىپ  ئۇزاق ئۆتمەي خىتايلار ئۇلار ئۈچۈن قۇرۇپ بەرگەن ئىسلام مەكتەپلىرىگە ئەمەس، ئادەم يوق قىلىش ماشىنىلىرىغا ئايلانغان «جازا لاگىرلىرى»غا ئىلىپ كىتىلگەن. بۇ يەردە يەنە بىر قىستۇرۇپ ئۆتىدىغان ۋەقەلىك مەن دۈبەيدە 2017-يىللى 5- ئايلاردا بىر قانچە مىھماننى يولغا سالغىلىقى ئايرىدورۇمغا چىقتىم، بىر يىقىنىمىز بۇ يەردە ئۈچ ئائىلىلىك قىرىندىشىمىزنى ۋەتەنگە يولغا سالغىلى چىقىپتۇ،ئۇلار ئەزھەردە ئوقىۋاتقان تالىبلار بولۇپ ئۇلارغا دېدىم:

  • ئەي قىرىنداشلار خىتاينىڭ ئەپتى بەشرىسى ئاشكارە بولدى، ئۇلار چاپاننى تەتۈر كەيدى، ئەمدى ئىشەنگۈدەك ھىچ يەر قالمىدى، قايتماڭلار، ئەگەر قايتساڭلار سىلەرنى يوق قىلىۋىتىدۇ دەپ يالۋۇردۇم، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى «ئىسلام دارىلفۇن» مەكتىپىدىن ئۇقۇشقا چىقاتقانلىقىنى، ھۆكىمەتنىڭ ئۆزى چىقاتقانلىقىنى، مۇھەممەد سالىھ دۈموللامنىڭ ئۇلارغا تېلېفۇن قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ دادېسى بىر مەسجىدنىڭ ئىمامى بولۇپ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئەگەر ئۇ كىرمىسە دادىسىنى قويۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى دەپ تۇرىۋالدى. ئۇلارغا:
  • ئەگەر مۇھەممەد سالىھ داموللام ئۆزىگە ئىگە بولالىغان بولسا ھەرگىز سىلەرگە تېلېفۇن قىلمايتتى، ئۇ ئامالسىزلىقتىن تېلېفۇن قىلدى، شۇنچە ئەھۋاللار بۈنى بىلىشكە يىتەرلىكتۇر، ئەگەر بەك كىرىپ كىتىمىز دېسەڭلار دادىسىنى سولىۋالغان بۇ قېرىندىشىمىز كىرىپ كەتسۇن، قالغىنىڭلار خوتۇن باللىرىڭلارننى ئىلىپ تۈركيەگە كىتىڭلار دەپ شۈنچە چۈشەندۈرۈپمۇ، ئاللاھنى ئارىغا سىلىپ تۇرۇپ قەسەم ئىچىپمۇ ئۇلارنى قايتماسلىققا كۆندۈرەلمىدىم، ئۇلار كىرىپ كەتتى، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۇلارنى يولغا سىلىپ قويغان يىقىنىمىزدىن ئەھۋالىنى سورىدىم، ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى ئايرىپىلاندىن چۈشۈشىگە ئېلىپ كىتىلگەنچە ھىچ خەۋىرى يوقكەن.

ھەتتاكى بىر قىسىم دىنى ئۆلمالىرىمىز خىتاي كومپارتىيەسىگە شۇ قەدەر ئىشەنگەن ئىدىكى،ئۇلار يېڭى كىرگەندە ئۇلارنى كۈيلەپ شېئىرلار يازغانكەن. بىر قېتىملىق پاراڭ ئارلىقىدا بىر داموللام شۇنداق دېدى، مەركەزنىڭ سىياسىتى توغرا، مۇشۇ تۆۋەندىكىلەر ئىشنى بۇزىدۇ دەپ، مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم، داموللام ئۇنداقتا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەركىزىدىكى سىياسىتى توغرا بولسا، قۇرئاندىكى سىراتەل مۇستەقىمنى ئاللاھىم بىزگە خاتا چۈشۈرۈپ قالغانمۇ؟ بۇ كۈتۈنلمىگەن سۇئالىمدىن ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ كەتكەن ئىدى. يەنە نۇرغۇن ئۆلىمالىرىمىز ئىسلامنىڭ شەرئى ئەھكاملىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن شەرھى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىسىشىغا پەتىۋا چىقىرىپمۇ ئۈلگۈرگەن ئىدى. دېمەك بىزنىڭ دىنى روھىمىزگە سىڭگەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنى دۈشمەن دېمەسلىكتىن ئىبارەت تەۋھىدىمىزدىكى بۇ كېسەل بىزنىڭ مەھكۇملىقلىرىمىزنىڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇپ، دىنى نوقتىدىن خىتاي ھەم ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ھەم ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنىدۇر.

  • خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيلىقتا دۈشمەندۇر.

خىتاينىڭ ئومومىي مىللەت ئىدولوگىيەسىدە مەن مەركەزچىلك ئىدىيەسى سىڭەن بولۇپ، يەنى ئۆزلىرىنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويۇش، باشقىلارنى پەس كۆرۈش خاھىشى ناھايىتى يوقىرى، بەلكىم ئۆز دۆلىتىگە جۇڭگۇ يەنى مەركەزدىكى دۆلەت دەپ نام قويىشىمۇ بو نوقتىنى ئەكىس ئەتتۈرسە كېرەك. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنى ئۆزىدىن باشقىلارغا ھۆكۈمىرانلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق دەيدىغان ھۆكۈمىرانلىق ئېدىيەسى شەكىللەنگەن، ئۇلار ناھايىتى شەخسىيەتچى بولۇپ، شەخسى مەنپەئەتلەرگە يىتىش ئۈچۈن ھىچقانداق ۋاستە تاللىمايدىغان، ئىنساننىڭ ئەسلى تەبئىيتىگە يات ئەخلاقى قاراشلارنىمۇ توغرا سانايدىغان پەسكەش ئەخلاقى ئاڭ شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار ھوقۇق – مەرتىۋە، پۇل – بايلىق توپلاش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلىرى، خوتۇن-باللىرىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغان، شۇلار ئۈچۈن قىز، خاتۇنلىرىنى باشقىلارغا سولاپ بىرىدىغان ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ھىچ بىر قەۋىمدە يوق بولغان، پەس ئەخلاقى چىرىندىلىك تاكى ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن.

ھەتتاكى ئۇلارنىڭ مىللىي پىسخىكىسىغا تارىختىكى تاجاۋۇزچىلىقنى بۈگۈن ئۈچۈن دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدىغان مەينەپ پىسخىكىسى سىڭىپ كەتكەن، ئۇلاردا ئاساسى ئورۇندا تۇرغان تارىختا چىڭگىزغان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھۆكۈمىرانلىق قىلغان بارلىق زىمىنلار خىتايلارغا تەئەللۇق بولۇپ، بۇ جايلارنى قايتىدىن ھۆكۈمىرانلىق ئاستىغا، تەسىر دائىرىگە ئىلىشتىن ئىبارەت بىر ئىستەك ئۇلارنى كىچەك كۈندۈز ئارامىدا قويمىغان، دېمەك ئۇلار ھازىرقى جەنۇبى خىتاي دېڭىزىدىن ياۋرۇپاغىچە، كاۋكازدىن باغداتقىچە پۈتكۈل جۇغراپىيە خىتاي ھۆكۈمىرانلىقىنىڭ ئاستىغا كېرىشى كېرەك دېگەنگە ئىشىنىدۇ، شۇنداقلا شۇ ئىدىيە بويىچە ھەركەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايلارغا ھۆكىمىرانلىق قىلىۋاتقان كومىنىزىم ئېدىيەسى يەنى خۇداسىزلىق ئىدىيەسى خىتايلاردىكى شەخسىيەتچىلىك، مەن مەركەزچىلىك، چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ،ئەمەلىيەتتە خىتاي كومىنىستلىرىدىكى «خودا يوق»دېمەكلىكى «مەن خۇدا» دېگەن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلارغا خۇدا بولۇشتىن ئىبارەت بۇ رەزىل مەقستىگە يىتىش ئۈچۈن تۈنجى قەدەمدە ۋەتىنىمىزدە «جازا لاگىرلىرى» تەسىس قىلىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىبادىتىنى كومپارتىيەگە، ئاللاھقا بولغان ھەمدۇ-سانالىرىنى شىجىنپىگ قا قىلىشقا مەجبۇرلىشى بونوقتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسى بۇنىڭدا غەلبە قىلسا (ئاللاھ ئۇنداق بولۇشتىن ئۆزى ساقلىسۇن) ئۇنداقتا ئۇلار خاتىرجەم ھالدا ئوتتورا ئاسىيە، جەزەرەتۇل ئەرەب، جەنۇبى ئاسىيا، ھەتتا ياۋرۇپالارغا بىمالال قول سالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە خىتايلارنىڭ ھازىر ئېلىپ بىرىۋاتقان «بىر يول بىر بەلباغ» پىلانى، ئەنە شۇ رەزىل نىيەتلىرىنىڭ باشلانمىسى بولۇپ، ئۇ دەل مانا مۇشۇنداق 3 تىرلىيۇندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىدىغان، 70تىن ئارتۇق دۆلەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بۇ پىلان ئارقىلىق دەسلەپ ئۇ دۆلەتلەرنى قەرىزگە بوغۇپ ئۇلارنىڭ پورت ۋە زىمىنلىرىنى قەرىزگە ھېسابلاش ئىگەللىۋىلىش، دۆلەتنىڭ جان تۇمۇرى بولغان تۆمۈر يول، تاش يول، ئاۋىئاتسىيە، تېلگىراف، ئېلىكتىر ئىستانزىسى، پورت قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسسىھەلەرگە مەبلەغ سىلىپ، ئۇ قەرىزلەرنى قايتۇرالمىسا بۇ ئۇل ئەسلىھەلەرنى قەرىزگە ھېسابلاپ ئېلىۋىلىش ئارقىلىق ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇش تاكتىسىنىڭ بىر قىسمى، بۇنىڭ تىپىك مىسالىدىن بىرى سىرلانكىنىڭ ھەمبانتوتا (Hambantota) پورتىنى ياساشقا قەرىز بەرگەن پۇلغا ھېسابلاپ 99 يىللىق ئىجارىگە ئىلىۋىلىشىدۇر. بو پورت قورلىشىنى ئەسلى خىتايلار لاھىيەلەپ ياسىغان بولۇپ، ئەمما بو پورتنىڭ قۇرلىشى پۈتكەندىن كېيىن سىرلانكا ھۆكىمىتى ھەقىقى تۈردە ئىشلىتەلمىگەن، چۈنكى پورتنىڭ لاھىيەلىنىش ۋە ياسىلىشىدا ئېغىر مەسىللەر كۆرۈلگەن، پورت دۆڭ ياسالغاچقا چوڭ تىپتىكى پاراخۇتلار كىرەلمىگەن، سىرلانكا ھۆكۈمىتى بۇنى لاھىيەلەپ ياسىغۇچى خىتاي تەرەپكە ئېيتقاندا لاھىيە بويىچە ياسالغانلىقىنى، لاھىيە پۈتكەندىن كېيىن سىرلانكا ھۆكىمىتى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئىمزا قويغانلىقىنى دەپ ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان، شۇنداق قىلىپ سىرلانكىلىقلار ئۇ پورتنى ياساش ئۈچۈن ئالغان قەرىزى بەدىلىگە پورتنى خىتايغا 99 يىللىق ئىجارىگە بىرىشكە مەجبۇر بولغان. خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى مەبلەغ سالغان پورت ۋە باشقا ئۇلئەسلىھەلىرى ئاسىيا، ئافرىقا، ئەرەب ئارىلى ۋە ياۋرۇپا قاتارلىق رايونلاردا خىلى كۆپ بولۇپ، ھەتتا بەزى ياۋرۇپادىكى ئىتالىيە، گىرىتسىيە قاتارلىق دۆلەرلەردىن يۇقىرى سومما بىلەن پورتلىرىنى ئىجارە ئالغان. خىتاينىڭ ئىقتىساد ئارقىلىق مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇش سىتراتىگىيەسىنى تونۇپ يەتكەن مالايسىيا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر بۇ تۈردىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ دوللىرىغا ئىشتىھا ساقلاۋاتقان، ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەر، تۈركىيەدىن ۋەتىنىمىزگە قوشنا بولغان قان قىرىنداشلىرىمىز بولغان تۈركىي تىللىق دۆلەتلەرگىچە، دىنى قىرىنداشلىرىمىز بولغان ئەرەب دۆلەتلىرىگىچە ھەممىسى خىتايلارنىڭ بۇ قاپقىنىغا دەسسىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىگە تارقالغان ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەردە تەسىس قىلغان «كۇڭزى ئىنىستىتوتى»، ھەرخىل خىتاي جەمىئىيەتلىرى، خۇاۋىي قاتارلىق شىركەتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تارقالغان ئىستىخبارات تارماقلىرى ئارقىلىق ئىلىپ بارغا ئىستىخبارات سەتچىلىكى، شۇنداقلا ئۇ دۆلەتلەردىكى يۇقىرى تېخنىكىلىك شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان خىتايلار ئارقىلىق تېخنىكا ئورغۇلىشى، ھەمدە خىتايغا مەبلەغ سالغان چەتئەك كارخانىلىرىنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بىرىشكە قىستىشى قاتارلىق سەتچىلىكلەر خىتاينىڭ دۇنياغا بىر خەۋىپلىك كۈچ شەكىلدە قەد كۆتۈرۋاتقانلىقىدىن، شۇنداقلا ئىنسانلار مەدەنىيەتلەشكەن 21- ئەسىردە ھەرگىزمۇ يۈز بەرمەيدۇ دەپ قارالغان، ئەمما يەنىلا يۈز بەرگەن ئىنسانىلىق ئۈچۈن نومۇس بولغان «جازا لاگىر»نى تەسىس قىلىشى، شەرقى تۈركىستاندا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بىرىشى،روھانگىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەتلى قىلىنىشىنى مادددىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىنسانىلىققا بىر تەھدىد شەكىللەندۈرۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە، بۇ نوقتىلاردىن ھەم خىتاي ئۇيغۇرنىڭ ئىنسانىلىققا قارشى دۈشمىنىدۇر.

دېمەك يۇقارقى نوقتىلاردىن ئىنىقكى خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى بىردىن بىر دۈشمىنىمىز بولۇپ، خىتاينىڭ ئومومىيسى بىزگە دۈشمەندۇر. ئۇلارنىڭ ھىچ رەڭ، ھىچ شەكىللىكىدە ھىچ پەرىق يوقتۇر. گۇمىنداڭچى، گۇڭسەنداڭچى خىتايلارنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بارغان قەتلىئاملىرى، شۇنداقلا بۈگۈنكى دېمكىراتچى تەيۋان گۇمىنداڭچىلىرىنىڭ نومۇسىزلىقى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دېمكىراتچى خىتايلارنىڭ «شەرقى تۈركىستان»نىڭ مۇستەقىللىقىغا تۇتقان پوزۇتسىيەسى ھەممىسى ئوخشاشلا بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى بىزگە ئوقتۇرماقتا. شۇڭا خىتاينىڭ ھەرقاندىقىنى ۋەتىنىمىز «شەرقى تۈركىستان»دىن قوغلاپ چىقىرىش بىز ئۈچۈن نۆۋەتتىكى، ھازىرقى ۋە ئاداقكى مەجبۇرىيەتتۇر ۋە ۋەزىپىدۇر. بىر نەرسە خاتا چۈشۈنۈلمەسلىكى كىرەككى دۈشمەن دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ھەممىنى بىر باشتىن قەتلى قىلىش دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى بىزنى ئۇلاردىن ھەرۋاقىت ھۇشيار بولۇش،ئۇلارغا ئىشەنمەسلىككە، ئۇلارغا ياخشىلق قىلماسلىققا، دوست بولماسلىققا ئۈندەش ئۈچۈندۇر. بىز يوقاتماقچى بولغان خىتايلار پەقەت ۋەتىنىمىزدە ئۆزىنىڭ زۇلۇم قامچىلىرىنى ئوينىتىۋاتقان شىنجىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى مالىيى چىڭچۈەنگۇ باش رول ئىلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭ قوراللىق قولچىماقچىلىرى بولۇپ، بەلكىم بىرەر مىليۇن ئەتراپىدىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا خىتايلارنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس، بەلكى ۋەتەندىن ھەيدەپ چىقىرىشلا بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر.