ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو ئابلىكىم يۈسۈپنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى

تەييارلىغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-09-15

2019-يىلى 13- سېنتەبىر، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيو ۋاشىنگتوندىكى بىر يىغىندا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، ئۇيغۇر مۇھاجىر ئابلىكىم يۈسۈپنى قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزلىرىنىڭ تەرجىمىسى:

«مەن سىلەرگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي. مەن سىلەرگە ئابلىكىم يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەرمەكچى، ئۇ خىتايدىكى شىنجاڭ (ش ت) دېگەن يەردىن كەلگەن. ئۇ پاكىستاندا ياشاۋاتقان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە، يەنى 2017- يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي ھۆكىمىتى ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ھالدا باستۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، خىتاي ھۆكىمىتى ئابلىكىم يۈسۈپكە ئوخشاش ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ ئەكىلىشكە باشلىغان. دەرۋەقە، ئابلىكىم يۈسۈپمۇ بېيجىڭغا قاراپ ئۇچىدىغان تاق يۆلىنىشلىك ئايروپىلانغا چىقىشقا مەجبۇر قالدى، لېكىن خۇدا ئۇنىڭغا كۈلۈپ قارىدى. بۇ ئايروپىلان دوھادىن (قاتار پايتەختى) ئايلىنىپ ماڭىدىغان بولۇپ، دوھادا، بەلكىم ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكتىكى ئەڭ ئاخىرقى سائەتلىرى بولىشى مۇمكىن بولغان پەيتتە، ئۇ تەۋەككۈل قىلىپ ھەرىكەت قىلدى. ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزىۋېلىشقا چاقىرىق قىلدى، بۇ (ئامېرىكا) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ خىزمەتچىلىرىمىز دەرھال ھەرىكەتكە كەلدى. بىزنىڭ ئەلچىخانىمىزنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارنىڭ ئۆزىدە تۇرۇپ دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇلار قاتار ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئابلىكىم يۈسۈپنى بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاندىن قايتۇرۇپ چىقتى. بىز ب د ت پانالانغۇچىلار ئىشخانىسى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ تەقدىرىدىن ئاگاھلاندۇردۇق ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەلچىخانا خادىملىرىمىز بىلەن بىزنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز ئارىسىدىن ئۇ تۇرۇپ تۇرالايدىغان، ھېچ بولمىسا ۋاقىتلىق تۇرۇپ تۇرىدىغان بىر ئۇچۇش پىلانى ئىزدىدۇق. ئەڭ ئاخىرىدا ھەممە دۆلەتلەر خىتاينىڭ قارشىسىدا تۇرۇشنى خالىمىدى، ھەممە دۆلەت ئابلىكىم يۈسۈپنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. بۇ سەۋەپتىن بىزگە پەقەت بىرلا تاللاش قالدى، بىز ئۇنى ئامېرىكا ئېلىپ كەلدۇق. ئۇ ۋاقىتتا بىز قاتار تەرەپنىڭ سەۋر قىلىپ تۇرالمايۋاتقانلىقىنى، ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ بىر نەچچە سائەت ئىچىدە مەجبۇرىي بېيجىڭغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقىرىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. شۇڭلاشقا ۋاشىنگتوندىكى خادىملىرىمىز ۋە نەق مەيداندىكى خادىملىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىدا، نورمالدا ئامېرىكىغا كىرىش ئۈچۈن نەچچە ھەپتە كېتىدىغان تەكشۈرۈش جەريانى ئۈچۈن پەقەت نەچچە مىنۇت كەتتى. بىز ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان زاماتلا، بىزنىڭ بىر دىپلوماتىمىز، خەلقئارا ئەركىنلىك ئىشخانىسىدا ئىشلەيدىغان تالانتلىق ياش دىپلومات ئۆزىنىڭ كرېدىت كارتىسى بىلەن كېيىنكى نۆۋەتچى ئايروپىلاندىن بىر ئورۇن زاكاس قىلدى. 13 سائەتتىن كېيىن ئابلىكىم يۈسۈپ ئامېرىكىغا يىتىپ كەلدى.»

مەنبە: 02:10-04:35