شەرقى تۈركىستان دىكى ئوقۇتقۇچى ئازاپ ئىچىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ باستۇرۇش ئاستىدىكى تۇرمۇشىنى ئاشكارلىدى.

teaching-Chinese-in-a-primary-school-in-East Turkistan

teaching-Chinese-in-a-primary-school-in-East Turkistan

شىنجاڭ (ش ت)دىكى ئوقۇتقۇچى ئازاپ ئىچىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ باستۇرۇش ئاستىدىكى تۇرمۇشىنى ئاشكارلىدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

زىمىستان تورىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى

2019-9-12

ئاتا-ئانىسى قاماققا ئېلىنسىمۇ يەنە پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىشى كىرەك.

تۆت نەپەر ئوقۇتقۇچى «زىمىستان » تورىغا ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلىدى. ئۇلار ھەر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى، ئۇيغۇر تىلىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە پىسخىكىلىق ئازاپلاش قىلمىشلىرىنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ تۆت نەپەر مۇئەللىم شىنجاڭ(ش ت)نىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خىتاي ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىنىڭ ئەشەددى دەرىجىدە بولىۋاتقىنىغا قاراپ چىداپ تۇرالماي بۇ زوراۋانلىقلارنى ئاشكارلىدى. ئۇلار مۇنىلارنى دىدى:«خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىگە يول قويمايدۇ. ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ، ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلىرىنى بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى قاماققا سولىغان شۇ پارتىيە ھۆكۈمەتكە مەجبۇرى ھالدا سادىق بولۇشقا قەسەم بىرىشكە زورلايدۇ».

ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىش.

جاڭ مۇئەللىم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، «زىمىستان »تورىغا، ئۆتكەن يىلى مەكتىپىدە ئوموميۈزلۈك شىكايەت قىلىش يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى، بۇ يىغىندا ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇرچە گەپلەشكەن ئون ئوقۇغۇچىنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇشقا، ئەگەر تاپشۇرالمىسا مەكتەپتە نۆۋەتچىلىق قىلىش ۋاختىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق جازالىنىدىغانلىقىنى، يەنە مەكتەپ رەھبىرىدىن بىرى ئوقۇتقۇچىلارغا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇيغۇرچە گەپ قىلىدىغان، يەنى خىتايچە قوللانمايدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدىغا سىزىپ چىقىشنى بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ دىيشىچە مەكتەپ مۇدىرى خىزمەتچى خادىملار چوڭ يىغىنى ئاچقاندا، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» گە قاتتىق زەربە بىرىشنى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتاي تىلىدا سۆزلەشمەسلىكىنىڭ ئۆزى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بولىدىغانلىقى، دۆلەتتىن مائاش ئېلىپ تۇرۇپ خىتاي تىلى ئىشلەتمەي ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشنىڭ ئۆزىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى، بۇنداقلارنىڭ ئۇزۇنغا قالماي بىر تەرەپ قىلىنىپ تۈگەيدىغانلىقىنى سۆزلىگەنلىكىنى ۋە بۇ چاغدا ئۇيغۇر مۇئەللىملەرنىڭ قاتتىق جىددىيلىشىپ بىسىم ھېس قىلىشقانلىقىنى سۆزلىدى. ئۇنىڭ دىيشىچە ئۇيغۇرچە سۆزلىگەنلىكى بايقالغان ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا بىرىلىدىغان ھەر خىل جازالارنىڭ سەۋەبىدىن، مەكتەپمۇ «ئۆزگەرتىپ تەربىيلەش لاگىرلىرى»غا ئوخشاپ قالغان.
يەنە بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دىيشىچە، بەزى ئوقۇتقۇچىلار «ئالاھىدە ۋەزىپە»گە تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇلار مەخسۇس ئاتا-ئانىلىرى «قايتا تەربىيلەش مەركىزى»گە ئېلىپ كىتىلگەن ئوقۇغۇچىلارغا كۆز قۇلاق بولۇش، ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرۇش، ئەھۋالىنى، ئىدىيسىنى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنى خاتىرلەيدىكەن.
يەنە ئۇلارنى پات-پات ئاتا-ئانىسىغا خەت يېزىشقا، خېتىدە «پارتىينىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيگە ئەگىشىش، رەھمەت ئېيتىش، پارتىينى سۆيۈش» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بارلىق ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى يىغىۋېلىش.

يەنە بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دىيشىچە، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا، مەكتەپتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ، مەكتەپتىكى بارلىق ئۇيغۇرچە كىتاپلار يىغىۋېلىنغان، دىننى مەزمۇن ياكى ئاي يۇلتۇز رەسىمى ۋە ياكى كىرىس رەسىمىگە ئوخشاش بەلگە ۋە مەزمۇنلارنى يوق قىلىشقا بۇيرۇلغان. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار كىتاپلىرىنى يىرتىشقا مەجبۇر بولغان، ھەتتا ئاتا-ئانىلارمۇ ئۆيلىرىدىكى كىتاپلاردىن خاتىرجەم بولالماي، يۇقاردا دىيىلگەنلەردىن بىرەرى چىقىپ قېلىپ ئۆزلىرىنىڭمۇ «جازا لاگىرلىرى»غا ئېلىپ كىتىلىشىدىن قورقۇپ، ئۆيىدىكى ئۇيغۇرچە ۋە باشقا كىتاپلارنى يوق قىلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ داۋاملىق بىر يەرگە يىغىۋېلىنىپ، مەلۇم ئوقۇتقۇچى ياكى بىرە خادىمغا ئەگىشىپ قەسەم بىرىشكە زورلانغان. بۇ قەسەملەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە ئىكەن:«مەن شى جىن پىڭ رەئىسنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، كومپارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. ھېچقانداق دىننى ئىتقاتقا قېتىلمايمەن. ئۈچ خىل كۈچ بىلەن ئاداققىچە ئېلىشىپ، ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە ھەم قاتتىق زەربە بىرىمەن».
يەنە بىر ئوقۇتقۇچى مۇنىلارنى بىلدۈرگەن. «مەن داۋاملىق ئۇيغۇرچە سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جازالىرىنى ئوغىرلىقچە ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلار ماڭا كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ، دەرتلىرىنى تۆكىشىدۇ. ئۇلار ئۆز ئانا تىلىنى سۆزلىمەي داۋاملىق خەنزۇچە سۆزلەشنىڭ ئۇلارغا بەك تەس ھەم ئېغىر بېسىم بولىدىغانلىقىنى، مەكتەپتە ئوقۇماي دىسە ھۆكۈمەتنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئاۋارچىلىق سېلىشىدىن قورقىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ».
يەنە ئۇنىڭ دىيشىچە ھازىر شىنجاڭ(ش ت)دىكى نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار «بېسىم» دىگەن سۆزنى ناھايىتى كۆپ سۆزلىشىدىغانلىقىنى، بۇ پەقەت شىنجاڭ(ش ت)دىكى سىياسەتنىڭ ۋەھشىيلىكىلا بولماستىن، بۇ يەنە ئۇلارنىڭ ۋىجدانىدىن قوزغالغان، يوق قىلىۋېتىشكە مۇمكىن بولمايدىغان ئازاپنىڭ مەھسۇلى ئىكەن.
مەكتەپلەر سىرتتىن قاراشقا ناھايىتى راھەت ۋە ئاددى، لىكىن بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىيىشىچە، «مەجبۇرى مائارىپ» قالپىقى ئاستىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، نامى ئۆزگەرگەن بۇ «تەربىيلەش مەركەزلىرى»دە، خىتاي ھاكىمىيتىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ كەتمەكتە.

پايدىلنىش مەنبەسى؛  زىمىستان تورى

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن