ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

2019-9-4

6- سىنتەبىر، ئىستانبۇل سۇلتان ئەھمەد ئۇنىۋىرسىتىدا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ 60 يىللىق تەۋەللۇتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.    بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەڭگىۋار ئۇستاز مەرھۇم كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ ھايات سەمەرىلىدىن قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىرىشنى لايىق تاپتۇق.

 

ئاتاقلىق كومپىزوتور،  ئىسمى جىسمىغا لايىق كۆرەشچان سەنئەتكار  كۆرەش ھۆسەن 1959- يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئوقۇمۇشلۇق زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلغان. 1963-يىلى 4 ياشلىق كۆرەش كۆسەن خىتاي سىياسىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، كۇچا ناھىيىسىگە تارقاقلاشتۇرۇلغان. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ بىغۇبار بالىلىق دەۋرىنىڭ رىشتىسى قەدىمكى كۆسەن مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان كۇچا شەھىرىگە مەھكەم باغلانغان. ئۇنىڭ ئۆزىگە «كۆسەن»دېگەن تەخەللۇسنى تاللىشىمۇ شۇ سەۋەبتىن بولغان.

 

 

1978-يىلى كۆرەش كۈسەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتەپكە يۇقىرى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنغان. 1982-يىلى ئۇ ئاقسۇ سەنئەت مەكتەپتىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپكە سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يۆتكەلگەن. شۇ مەزگىلدە ئۇ «پۇل»، «ئايمۇ كەتتى خوشلىشىپ»دىگەن داڭلىق ناخشلىرىنى ئىجاد قىلغان. ئۇ:«چېلىكىم»، «دېمىدىممۇ»، «تىلىكىم»، «بىزدە شۇنداق ئادەت بار»، «مىياڭ – مىياڭ مۈشۈكىم»قاتارلىق بىر يۈرۈش بالىلار ناخشىلىرىنى ئىجاد قىلغان. يەنە كومپوزىتور ئىمىنجان يۈسۈپ ۋە نۇرمامۇتلار ئىجات قىلغان ناخشىلاردىن «شاماللار»، «ئون سەككىز ياشىم»قاتارلىقلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن بىلەن ئورۇنلاپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇ يىللاردا ئۇ «شۇنداق بىر جايدا ياشىسام دەيمەن»، «يايرىمنىڭ تويى»، «دوپپا»، «كىرىپ كەتتىڭ ھويلاڭغا»، «بىلەلمىدىم ھېچ»قاتارلىق بىر قاتار ناخشىلارنى ئىجات قىلىدۇ ۋە يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلاپ زىلزىلە قوزغايدۇ.

 

شۇ يىللاردا كۈرەش كۆسەن ئۆزى دىرېكتورلۇق قىلىۋاتقان «كۆسەن مەدەنىيەت – سەنئەت شىركىتى»نىڭ نامىدا سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ ھەرقايسى يۇرتلاردا ئويۇن كۆرسەتكەن مەزگىلىدە ئىيىتقان ناخشىلىرى، «ئويغان»قاتارلىق ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلغانلىقى سەۋەبىدىن يوپۇرغا ناھىيەسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆمىكىمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ. 1985- يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ كوللىكتىپ سورۇنلاردا ناخشا ئىيتىشى چەكلىنىدۇ.

 

1995- يىلى ئۈزلۈكسىز كىلىۋاتقان سىياسىي بىسىملار سەۋەبىدىن كۆرەش كۆسەن تۈركىيەگە كىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

دەل شۇ مەزگىللەردە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەشكىلاتى بولغان «ئۇيغۇر ئىتتىپاقى»نىڭ رەئىسى، مەرھۇم نۇرمۇھەممەت بوساقوف كۈرەش كۆسەننى قىرغىزىستانغا كېلىشكە دەۋەت قىلىپ تەكلىپنامە ئەۋەتىدۇ. كۈرەش كۆسەنمۇ تولۇپ – تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ۋەتەن چېگراسىغا يېقىن بېشكەك شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ «ئويغان تۈركىستان»ناملىق ئىككى قىسىملىق ناخشا لىنتىسىنى نەشىر قىلىدۇ ھەمدە مەخپى ئۇسۇللار ئارقىلىق ۋەتەن ئىچىگە ئىنقىلابىي ناخشىلار، ۋەتەن ئازادلىقى توغرۇلۇق يىزىلغان كىتابلارنى كىرگۈزىدۇ.

1997 –1997- يىلى 5- فېۋرالدا غۇلجا تىنىچلىق نامايىشى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانلىق تۈردە باستۇرۇلۇشى بىلەن ۋەزىيەت بىردىنلا جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى پۇل ۋە دىپلوماتىيە ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىغا بولغان بېسىم بىردىنلا كۈچىيىپ كېتىدۇ. ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى ۋەزىيەتنىڭ قىستىشى بىلەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دېموكراتىك ئەللەرگە كىتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. .

 

ئۇنىڭ ب د ت ئىشخانىسى ئارقىلىق سۇنغان ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ، شىۋىتسىيەنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئىرىشىدۇ.

 

مەرھۇم كۆرەش كۆسەننىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن:

«ئاتلاندۇق»

«سالام دەڭلار ۋەتەنگە»

كۆرەش ئۆلمەيدۇ

دەپتىم

مەن ئۆلمۈدۈم

رابىيە قادىر

ئۇ كەلدى

يامان بولدى

سۇلتان بولۇپ خان ئۆتكەن

 

قاتارلىق ئىنقىلابى ناخشىلىرى بار.   ۋەتەندە ئىجاد قىلغان ناخشىلىرىدىن يەنە:

 

ئەركەك شۇ

ئەمەلدار

تۇرمۇش

ھەيكەل

ھەسەتخور

ساختا ئاداش

بەندە

ئىت مىجەزلەر

 

قاتارلىق ئىجادىيەت ئەسەرلىرى بار.

 

 

2006- يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى مەرھۇم كۈرەش كۈسەن 47 يېشىدا شىۋېتسىيەدە تۇيۇقسىز يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ ۋاپات بولغان.