خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتا ۋاشىنگتون مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلالامدۇ؟(3)

ئاكتىۋىستلار ئۇيغۇر بايرىقىنى لەپىلدىتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرشىغا قارشى ناميىش قىلماقتا

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ۋولقان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-27

خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتا ۋاشىنگتون مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلالامدۇ؟

دوگ باندوۋ Doug Bandow بولسا كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى. ئۇ بۇرۇن رونالد رىگاننىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى بولغان ۋە ”تاشقى ھاماقەتلەر: ئامېرىكانىڭ يېڭى يەرشارى ئىمپېرىيىسى (Foreign Follies: America’s New Global Empire)“ قاتارلىق بىرقانچە كىتابنىڭ ئاپتورى بولغان.

ئەگەر ئالاھىدە مەمۇرى رايون ئۆزىنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتىنى يوقاتسا ئۇنداقتا تەبىي ھالدا ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سودا ئىمتىيازلىرىنى يوقىتىشى كىرەك. قانداقلا بولمىسۇن سودا مەنپەتىدىكى ئورنىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشى بىيجىڭ ھۆكۈمىتىنى نىيىتىدىن ياندۇرالمايدۇ. ئەگەر مىللىيونلىغان نامايىشچىلار خوڭكوڭ ۋە بىيجىڭنى تەۋرىتەلمىسە ئامىركىنىڭ ئىقتىسادى جازاسىمۇ كار قىلمايدۇ. ئالاھىدە مەمۇرى رايون ئىقتىسادى جەھەتتىن خىتايغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەتمەيدۇ، خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمى قايتۇرۇپ ئالغىلى تېخى ئارانلا ئوننەچچە يىل بولغان تۇپراقنى كونترول قىلالمايدۇ.

ئامېرىكا كارخانا تەتقىقات ئورگىنىدىن مىچەل ماززا ئامېرىكانى بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدا( شەرقى تۈركىستان .ت) ئىلىپ بارغان ۋەھشىيلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلدى. ئەگەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىنى قەيەردە قىلىشنى قارا قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى رەت قىلسا بۇ ئەھمىيىتى بار جازا بولغان بولىدۇ. ماززا بايان قىلىپ بۇ خىل يەككە تەرەپلىك چەكلەش تەنھا ئۈمىد بولۇپ ۋاشىنگتون بەلكىم باشقىلارنى قايىل قىلىپ بىللە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ قارارنى بىكار قىلىشىنى، باشقا ئورۇن بېكىتىشنى تەلەپ قىلالىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئۇرۇنۇش پەقەتلا ئەخلاقى شۆھرەت ھەرىكىتى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر سودىگەر ۋە ساياھەتچىلەر ئايروپىلاننى تولدۇرۇپ خىتايغا قاراپ ئۇچسا ئەكسىچە تەنھەرىكەتچىلەر ۋەتىنىدە قاپسىلىپ قالسا بۇ بەلكىم غەيرىي بايانات بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

ھازىرغا قەدەر ھۆكۈمەت ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە قارشىلىق قىلىپ كەلدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى مايك پومپىيو نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىنى كۆپ قېتىملىق سۆھبەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قەيت قىلدى. ھالبۇكى نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت كىشىلىك ھوقۇقنى پەقەتلا ئۆزىنىڭ مەلۇم ئۆچ كۆرىدىغان رەقىبلىرىگە قارشى تاشقى سىياسەت قورالى سۈپىتىدە كۆردى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى جازالاش باشقا  شىمالى كورىيەنى يادروسىزلاشتۇرۇشتەك مۇھىم سىياسىي مەقسەتلىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالاتتى.

ئامېرىكانىڭ قىممەت قاراشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلار پەقەت خىتايلا ئەمەس. مەسىلەن: ئىستانبۇل شەھەر باشلىقىنى قايتا سايلاش رىقابىتى مەزگىلىدە بىلومبۇرگدىن ئېلى لەيك بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا – تۈركىيە ئارىسىدىكى مۇھىم كۈندىلىك مەسىلە ھالىتىدە تۇتۇلۇشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇردى ئەمما ئامېرىكا نىمىمۇ قىلالايتتى؟. دەسلەپتىلا ئۆكتىچىلەرنىڭ غەلىبىسىدىن رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋەھىمە ھېس قىلدى. ھوقۇقنى قولدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۇنۇڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ، ھوقۇق ئارقىلىق ۋاشىنگتوندىن كۈلىدىغان ھەرقانداق تەھدىتكە جاۋاب بېرەلەيتتى. بۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكانىڭ ئۆكتىچى بىلەن ئىتتىپاق بۆلىشى  بىر كۈچلۈك ئامېرىكىغا قارشى تۇيغۇسى بولغان مىللەتچى مەملىكەتكە نىسبەتەن  ھوقۇققا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر يۈك بولاتتى. ئامېرىكانىڭ ئارىلىشىشى بەلكىم ئەردوغاننى قولىدىن كۈلىدىغان بارلىق ئاماللار بىلەن پارتىيىسىنىڭ غەلىبىسىنى ساقلاشقا سەۋەب بولاتتى.

تارىخ ئاخىرلاشمىدى شۇنداقلا قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى پۈتكۈل دۇنيانى قاپلىدى. ئەپسۇس، ئامېرىكانىڭ ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىش ئۈمىدى ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قابىلىيىتىدىن تېخىمۇ ئېشىپ كەتتى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە قاماپ قويۇشىغا ئوخشاش يولسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا سالماقلىق يەنىلا گۈزەل پەزىلەت ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ ياخشىسى بەلكىم ھۆكۈمەتلەرنى بىر خەلقئارا ئىتتىپاق تەشكىللەپ بۇ خىل قورقۇنچلۇق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش بولسا كېرەك.

مەنبە : https://www.theamericanconservative.com/articles/saving-chinas-uighurs-can-washington-do-the-impossible/?fbclid=IwAR03iy5T–msdEcxkQeZmjDjMf9gsXVAJ_uzfVt_QkewY1xEIV5HljVS76E