ئالبانىيەلىك پىرفېسسور، شىنجاڭدىكى (ش ت) «قايتا تەربىيەلەش لاگىرى»نى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ساراڭ بولۇپ قالغىلى تاس قالدى

گىرمانىيە ساداسى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 26- ئاۋغۇست

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: باتۇر قاراخانلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-26

ئولسى جازەشھى (Olsi Jazexhi) ئالبانىيەلىك پىروفېسسور ۋە مۇخبىر بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكىمىتى ئورۇنلاشتۇرغان شىنجاڭ (ش ت) زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىنكى ھېسس – تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ: مەن چوقۇم «يىغىۋېلىش لاگىرى» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئىشلىتىمەن، دېدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:

خىتايلىق دوسىتلار، مەن چىداپ تۇرالمىدىم!  مەن ئۆزەمنىڭ مېھمان ئىكەنلىكىمنى بىلىمەن، سىلەرنىڭ مېھماندوستلىقىڭلار ئۈچۈن رەھمەت. ئەمما مەن بۇ نۇقتىدا چوقۇم «يىغىۋېلىش لاگىرى» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىمەن. مەن زىيارەتكە بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى يالغان خەۋەر دەپ قارايتتىم. لېكىن بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ھەقىقەتەن چىداپ تۇرالمىدىم، ساراڭ بولاي دەپ قالدىم!

مەن ئەسلىدە ھەقىقەت ئارقىلىق ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يالغان خەۋەرلىرىنى پاش قىلىش مەقسىتىدە شىنجاڭغا (ش ت) بارغان. لېكىن مەن ئاتالمىش كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە كىرگەندىن كېيىن، ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسان قوبۇل قىلالمايدىغان كەڭ كۆلەملىك جىنايەتنى كۆردۈم.

خىتايلار باشقۇرىۋاتقان شىنجاڭدا (ش ت) ھۆكۈمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىجرائاتلار ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارغا ۋە ئىسلامغا ئېچىلغان ئۇرۇشتىن ئىبارەت. مەن بارغان مەسچىتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەھىمىنى ھېس قىلدىم. مەن ۋە تۈركىيەلىك بىر خىزمەتدىشىم قەشقەردە بازاردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا بىزگە ھەمراھ بولغان خىتاي بايقاپ قالدى. ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن ھېلىقى ئۇيغۇرلار ھەر تەرەپكە تاراپ كەتتى… بىزنى ئىچى قۇرۇپ، ئادەملەردىن خالىي مەسچىتلەرنى كۆرۈشكە ئېلىپ باردى. مەن ئامالسىز جامائەت بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇشنى تەلەپ قىلدىم.

بىز زىيارەت قىلىپ بارغان ئاقسۇدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى»دىكى يىگىت – قىزلارنىڭ ئۇ يەرگە قامالغانلىقىغا بىر- ئىككى يىل بولغانىكەن. ئۇلارنىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرى قانۇنسىز قۇرئان ئوقۇش، بىر كۈندە بەش ۋاقىت ناماز ئۆتەش، توردا دىنى ماتېرىياللارنى كۆرۈش … قاتارلىق ئىدى. لېكىن تەربىيەلەش مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچى بىزگە ئۇلارنى ئاشقۇن، تېروررچى دەپ تونۇشتۇردى. 

مەن بىلەن بىرگە بارغان ھىندىستانلىق بۇدىست بولۇپ، ئۇ بەكمۇ ھەيران قالغان ھالدا: ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار بىلەن بۇدىستلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش بار ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ خىتايغا ئوخشاش بۇنداق كۆلەملەشكەن سىستېمىلىق ھالدىكى كەمسىتىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئاتالمىش «تەربىيلەش مەركىزى» پۈتۈنلەي جورجى ئورۋىلنىڭ «1984» ناملىق ئەسىرىگە ئاساسەن ياساپ چىقىلغان. مەن 21 – ئەسىردىمۇ بۇنداق بىر ھاكىمىيەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەلمەي قالدىم، چاۋشىيەندىمۇ بۇنداق قىلمايدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مېنىڭ قارىشىم خىتاي ھۆكىمىتىدىن پەرقلىق بولۇشقا باشلىدى.

تۈركىيە، ھىندىستان، ئافغانىستان ۋە بىنگىلادىشتىن كەلگەن خىزمەتداشلىرىمىمۇ ناھايىتى ھەيران قالدى. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرى مەندىن تەسىراتىمنى سورىدى، مەن: «دەھشەت قورقۇنچلۇق! سىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇنداق كوللىكتىپ ھالدا خورلىشىڭلار ئەمەلىيەتتە خىتايغا زىيانكەشلىك قىلغانلىق، يۇگۈسلاۋىيەلىك مىلوشىۋېچنىڭ ئىزىدىن ماڭغانلىق!» دېدىم.

لاگىرغا تاشلانغان بۇ كىشىلەر ئالدى بىلەن جىنايىتىنى تونۇشى، ئۆزىنىڭ قانۇن – تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ قۇرئان ئوقۇغانلىقى ۋە ناماز ئۆتىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، ئاندىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. ئۈچىنچى باسقۇچتا ئۆزلىكىدىن تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلىشى لازىم. مەسىلەن: ئەگەر سىز ئۇيغۇر بولسىڭىز، ھەمدە ئاللاھقا ئىشىنىدىغان ۋە ناماز ئۆتەيدىغان بولسىڭىز جىنايىتىڭىزنى تونۇپ، پۇشايمان قىلغاندىن كېيىن، تەربىيەلىنىشنى تەلەپ قىلىشىڭىز كېرەك، يەنى مېڭە يۇيۇشنى تەلەپ قىلىشىڭىز كېرەك.

ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەقەت ئىككى خىللا تاللاش بار، يەنى تۈرمىگە كىرىش ياكى خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ مېڭە يۇيۇشىنى قوبۇل قىلىپ، ماركىسىزمغا ئىشىنىدىغان ھاماقەت بولۇش. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ماركىسىزمغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. مەن ئۇلاردىن ماركىسىزمغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى ئوقۇپ – ئوقۇمىغانلىقىنى سورىسام، ئۇلار ئوقۇپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاقسۇدىكى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ شارائىتى ناھايىتى ناچار بولۇپ، قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان. بۇ يەرلە مەخسۇس قەبىھ تېرورىستلارنى قاماش ئۈچۈن سېلىنغان تۈرمە بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەرگە كىچىك بالىلار (ياشلار) قامالغان.

بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى مىلوشىۋېچ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئالبانىيەگە ئوخشاپ قالىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئوچۇق – ئاشكارە ھالدا خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. خىتاي ئۇيغۇرلارغا تاشنى تاياققا تېڭىشتىن ئىبارەت سىياسەتنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. يەنى، مىللىي كىملىكى ۋە دىنى ئېتىقادىڭدىن ۋازكەچ، شۇنداق قىلساڭ ياخشى كۈن كۆرىسەن، بولمىسا يىغىۋېلىش لاگىرىغا كىرىسەن (دەۋاتىدۇ).

بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ماڭا شىنجاڭدا (ش ت) مۇشۇنداق تەربىيەلەش مەركىزىدىن 68 بارلىقىنى ئېيتتى. ئاقسۇدىكىگە ئوخشاش شارائىتى ناچار بولغان، يامان ئەمەس دەپ قارالغانلىرىنى بىزنىڭ ئېكىسكۇرسىيە قىلىشىمىزغا ئورۇنلاشتۇرغانىكەن. قالغان شارائىتى تېخىمۇ ناچار بولغانلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قېيىن.

نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار مەن بىلەن ئايرىم ئالاقلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى قىلىشىمنى ئۆتۈندى. كەچۈرۈڭلار، مەن ئۇنداق قىلالمىدىم. چۈنكى بىز ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغان جايلار ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىزنىڭ ئىختىيارى پائالىيەت قىلىش ئەركىنلىكىمىز يوق. مەن قەشقەردە سەھرادىكى كىشىلەرنى زىيارەت قىلغان كىشىلەر ئالدىن تاللانغان ۋە بېرىلىدىغان ئۆلچەملىك جاۋاپلارنى پىششىق يادلاپ بولغان كىشىلەر ئىدى. ئۇلاردىكى قاتتىق قورقۇنچنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. كىشىلەر بىزدىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئېكىسكۇرسىيەنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە خىتاي ئەمەلدارلار ئاغرىنىشقا باشلىدى.

لى فامىلىلىك بىر ئەمەلدار تەھدىت قىلغان تەلەپپۇزدا مەن بىلەن يەنە بىر كەسىپدىشىمغا: «قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىر قىسىم سەلبىي ئەھۋاللارنى خەۋەر قىلماسلىقىمىزنى، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا قايتا قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىمىز»نى ئېيتتى. كەسىپدىشىم قورققانلىقتىن ماقۇل بولدى. لېكىن مەن ئۇلارغا «مەن ئەسلىدە غەرپنىڭ يالغان – ياۋىداق تەشۋىقاتنى پاش قىلىش، سىلەرنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن كەلگەن. لېكىن مېنىڭ كۆرگەنلىرىم مېنى ھەيران قالدۇردى. سىلەر قانداقمۇ بۇنداق رەزىل قىلمىشنى سادىر قىلىسىلەر؟» دېدىم.

ئەمەلدار مەندىن «بىزنىڭ ئۇلارنى ھەقسىز تەربىيەلىشىمىز ۋە بېقىشىمىز ياخشى ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ يەنە مۇشۇنداق مەركەزدىن 68 ىنىڭ بارلىقىنى، ئىچىدە ئېيتىلغاندەك 1 مىلىيۇن كىشىنىڭ يوقلىقىنى، ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 مىڭ كىشىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇ 500 مىڭ كىشى بار دېگەن ۋاقىتتىكى كەيپىياتى ناھايىتى بىپەرۋا بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى ئىشتەك قىلاتتى.

مەن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ مېھماندوستلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئەمما ھەقىقەتنى ئېيتىشىم كېرەك. مېنىڭ خىتايغا قىلچىلىك دۈشمەنلىكىم يوق، مەن پەقەت بىر مۇخبىر. خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ تارىختىن ساۋاق ئېلىشىنى، يۇگۇسلاۋىيەدىن ئىبرەت ئېلىشىنى، بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىۋالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.  خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدا بۇ تەدبىرلەر تېرورزىمنىڭ ئالدىن ئېلىش دېيىلمەكتە. لېكىن بۇ خىل كوللىكتىپ تۇتقۇن قىلىش ۋە خارلاش ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. سىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىڭلار ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىلەرنىڭ بالدۇرراق ھۇشۇڭلارنى تېپىپ، بۇ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنى تاقىشىڭلارنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە قايتىپ تۇققانلىرى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەنبە:

阿爾巴尼亞教授訪問新疆“再教育營”後瀕臨崩潰