نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى: خارۋارد ئۇنىۋېرسىتى خىتتاينىڭ «بەشمو ئارمىيىسى» ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى

بېيجىڭدىكى بىر تورخانا.

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى خىتتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016-يىلى 20-ماي

خىتتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-25

خىتتاي دۆلەت ئىچىدە ئىنتېرنېتنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، خەلقنىڭ ھۆكۈمەت كونتروللىقى ئاستىدىكى تور سۇپىلىرىدا نېمىنى كۆرۈشى ياكى ئېلان قىلىشىنى چەكلەپ تۇرىدۇ.

بىراق سۆز ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. خىتتاي ھۆكىمىتى يەنە تۇلۇق سانىنى ئېنىقلاش ئىنتايىن قىيىن بولغان كىشىلەر ئارقىلىق تور مۇنبەرلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا ئۆزىنىڭ مەيدانىنى قوللاپ بارىكاللا ئېيتقۇزىدۇ. خەلق ئاممىسى ئومۇمەن بۇ كىشىلەر بىر تېما يوللىسا 5 موچەن تاپىدۇ دەپ قارايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنى «بەشمو ئارمىيىسى» دەپ ئاتايدۇ.

يېڭى بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئالاقىسى خەلق ئامىسىنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ يېقىن ئىكەن.

خارۋاردا ئۇنىۋېرسىتى تەتقىقاتچىلىرى ئېلىپ بارغان بۇ تەتقىقاتتا بىلدۈرۈشىچە، بەشمو ئارمىيىسىنىڭ ئىچىدىكى ھەممە ئەزاسى تېما سانىغا قاراپ پۇل تاپىدىغان ئەركىن خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئەمەس ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ تەتقىقاتقا كۆرە، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكۈمەت خادىملىرى ئىكەن. ئۇلار يەرلىك باج ئىدارىسى ياكى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا ئىشلەيدىكەن ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسىدا خىتتاي كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ پرىنسىپلىرىنى تەشۋىق قىلىدىكەن.

ئۇلارنىڭ تېما يوللىشىمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە. گەرىي كىڭ (Gary King), جېننىفېر پەن (Jennifer Pan)، مارگارىت روبېرتس (Margaret E. Roberts) بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، خىتتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسىدا 488 مىليون دانە تېما ئويدۇرۇپ چىقىرىدىكەن ياكى يوللايدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتتايدىكى تور بەتلەردە يوللانغان ھەر 178 تېمىنىڭ ئىچىدە بىر دانە خىتتاي ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يوللانغان تېما بار. تېمىلار پارتلىغاندەك كۆپ يوللىنىدىغان ۋاقىت كۆپىنچە سىياسىي سەزگۈر ۋەقەلەرگە ئۇدۇل كېلىدۇ، مەسىلەن نامايىش ياكى دۆلەت خاراكتېرلىك سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خەلقنىڭ دىققىتىنى شۇم خەۋەردىن يۆتكەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

خىتتاينىڭ تور يۈزىدە جامائەت پىكىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش قوراللىرى بىر مۇرەككەپ سىستېمىغا ئايلانغان. بۇ تەتقىقات بەلكىم بۇ سىستېمىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ، لېكىن يۇشۇرۇن بولغان قىسمىنى ئېچىپ بەرگەن بولىشى مۇمكىن. خىتتاينىڭ ئەڭ داڭلىق قورالى بولسا تور مۇداپىئە سېپىلى (防火长城). بۇ سۈزۈش ۋە توسۇش چارىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇرەككەپ سىستېما بولۇپ، خىتتاي دۆلىتى ئىچىدىكى خەلقنىڭ فەيسبۇك، تۋىتتېر ۋە گۇگۇلنى ئىشلىتىشىنى، شۇنداقلا «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» گە ئ‍وخشاش  خەلقئارا مېديالىرىنى زىيارەت قىلىشىنى توسايدۇ.

بىراق ئۇنىڭ يەنە خىتتايلارنىڭ كۈچى ۋە پۇلىغا تايىنىشى كېرەك بولغان ئىقتىدارىمۇ بار. خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتى «خىتتاي مېدياسى تەتقىقات پروگراممىسى» نىڭ تەھرىرى داۋىد باندۇرسكىنىڭ (David Bandurski) بىلدۈرۈشىچە، كىشىلەرنىڭ توردا ئىنكاس يوللىشىغا تۈرتكە بولۇش، كومپارتىيىنىڭ ئۇزۇندىن بېرىقى جامائەت پىكىرىگە يىتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« ئالدىنقى شەرت شۇكى كومپارتىيە بۇ يېتەكچىلىك قىلىش كۈن تەرتىپىدە تېخىمۇ دانا ۋە ئىقتىدارلىق بولۇشى كېرەك.»

خىتتاينىڭ ئەڭ ئالى تور نازارەت قىلىش ئورگىنى بولغان دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا دەرھال ئىنكاس بىلدۈرمىدى.

خىتتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، خىتتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ھەرىكەتلەرنى قوللاندى. دۆلەت ئىچىدە، خىتتاي ئىنتېرنېت تورىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتتى، تەنقىدىي سۆز قىلىشنى چەكلىدى، يەنە تور يۈزىدە شى جىنپىڭنىڭ ئوبرازىنى ئۆستۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت سىرتى ۋە ئىچىدىكى ئاڭلىغۇچىلارغا قارىتا رەقەملىك تەشۋىق قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىر، فەيسبۇك ۋە تۋىتتېرغا ئوخشاش خىتتايدا چەكلەنگەن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا خىتتاي كومپارتىيىسىگە قارايدىغان «خەلق گېزىتى» ئوخشاش خىتتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.

بەزىدە، بۇ ئامېرىكا شېركەتلىرىدە ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان زىتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، تۋىتتېر خىتتايدا چەكلەنگەن بولۇپ، تۋىتتېر ئابونتلىرى ئارىسىدا بىر تۈركۈم قارشى پىكىردە بولغۇچى خىتتايلار بار. بىراق ئالدىنقى ئايدا، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تۋىتتېرنىڭ خىتتاي ئىشلىرى مەسئۇلى تۋىتتېرىدا خىتتاينىڭ مەركىزى تېلېۋزىيە ئىستانسىغا، «بىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ دۇنياغا قالتىس خىتتاي ھېكايىسىنى سۆزلەيلى!» دېگەن ئۇچۇر يوللىدى.

بۇ تەتقىقات دوكلاتىدا بايقىلىشىچە، خىتتاي دۆلىتى ئىچىدە، بېيجىڭ ئاساسلىق ئوبزورچىلارغا تېما يوللىتىش ئارقىلىق جامائەت پىكىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. ئۇ تېمىلارنى مەيدانغا چىقىرىشتىكى مەقسەت بولسا «قەرەللىك ھالدا خەلقنىڭ دىققىتىنى بۇراش، تېمىنى ئۆزگەرتىش» بولۇپ، قانداقتۇر ھۆكۈمەت بىلەن مەيدانى ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرگە رەددىيە بېرىش ئەمەس ئىكەن. دوكلاتتا مۇنۇلار يېزىلغان:«ئۇچۇر كونترول قىلىش جەھەتتە، دىققەتنى بۇراش بولسا تېخىمۇ دانا بىر ستراتېگىيە، چۈنكى كىشىلەر ئېلىپ بارغان ھەرقانداق بىر مۇنازىرىدە، بىر كۆز قاراش ئىنتايىن ئاز ئەھۋالدا قارشى تەرەپنىڭ قارىشىغا خاتىمە بېرىدۇ.»

بۇ دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، يۇقىرى دەرىجىدە ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش بۇ ستراتېگىيەنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان. بۇ ھەرىكەتلەردە، بەزى خەۋەرلەر ياكى ۋەقەلەر چاقماقتەك تىز تارقالغاندا، شىددەت بىلەن ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

خىتتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسىگە قاراشلىق مەلۇم يەرنىڭ تور تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ 2013-يىلى ۋە 2014-يىلىدىكى زور مىقداردىكى ئىلخەتلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەن . بۇ ئىلخەتلەرگە ئاساسەن، دوكلاتتا 43 مىڭ تال ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان تېما دەلىللەنگەن، ھەمدە ئىنكاس يېزىش ھەرىكىتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە كۆپلىگەن مىساللار بېرىلگەن.

بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مىسال بولسا، 2013- يىلىدا خىتتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ (ش ت) رايونىدا يۈز بەرگەن ئىسياندىن كېيىن، بۇ تور تەشۋىقات ئىشخانىسى (ئۈستىدىكى ئىلخەتلىرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئىشخانا) ئۇ رايوندىكى (ش ت) ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خىتتاي چۈشى توغرۇلۇق نەچچە يۈز ئىنكاس يوللىغان. خىتتاي چۈشى بولسا شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خەلقئارا تەسىرىنى تەكىتلەيدۇ.

بۇ تەتقىقاتتا 43 مىڭ تېمىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك كېلىش مەنبەسى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ تېمىلارنىڭ 200 ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر تەرىپىدىن يوللىنىلغانلىقىنى بايقىغان. 20% تېما بۇ تور تەشۋىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن يوللانغان، باشقا ئىنكاسلار بولسا بازار دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يېزىلغان، ھەتتا ئالاقىدار بولمىغان بۇ رايوندىكى تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ بايقالغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئوبزورچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرى بولۇشى، تىز ۋە ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشقا پايدىلىق بۇلىشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتتايدا يوللىنىدىغان تېمىلارنىڭ ئۇمۇمىي سانىنى بېكىتىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرىنىڭ خىتتايدىكى بىر ناھىيىدە 2013-يىلى بىر يىل ئىچىدە ھۆكۈمەت يوللاشقا ئۇيۇشتۇرغان تېمىلارنىڭ سانىغا قارىتا ئىگەللىگەنلىرىگە ئاساسەن، ئۇ يەردىكى ھەر بىر ئىنتېرنېت قوللانغۇچىغا توغرا كىلىدىغان ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى تېمىنىڭ سانىنىڭ پەرز قىلىپ چىققان.

دوكلات ئاپتورلىرى يەنە نەزەرىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت جامائەت پىكىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە، ئوبزورچى تېپىپ تېما يوللاتقۇزۇشنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا تېخىمۇ دوستانە دەپ قارىغان، تەكشۈرۈش كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىكەن. ئوبزورچىلارنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى بولسا، «ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش قىلماي تۇرۇپمۇ ئاكتىپ ھالدا جامائەت پىكىرىنى كونترول قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.»

خىتتاي ئابونتلارنىڭ ئومۇمەن ھەممە ئادەم زىيارەت قىلالايدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە مۇلارزىمەتلىرىدىن ئايرىلىشىغا ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاشمۇ قىيىنلاشماقتا. ئۇلارنىڭ ئۈندىدارغا ئوخشاش كۆچمە پاراڭلىشىش دېتاللىرىنى قوللىنىشى ئېشىۋاتماقتا. ئۈندىدار دىتالىدا، پەقەت بۇ ئەپ ئارقىلىق  ئالاقىلىشىدىغان دوستلارلا قارشى تەرەپنىڭ يوللىغان تېمىلىرىنى كۆرەلەيدۇ.

مەنبە:

https://cn.nytimes.com/china/20160520/c20fiftycent/dual/