خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتا ۋاشىنگتون مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلالامدۇ؟(2)

ئاكتىۋىستلار ئۇيغۇر بايرىقىنى لەپىلدىتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرشىغا قارشى ناميىش قىلماقتا

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ۋولقان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-25

خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتا ۋاشىنگتون مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلالامدۇ؟

خىتاي مەسىلىسىگە كەلگەندە، بىزنىڭ چىن چۈئەنگۇونى جازالىشىمىز توغۇرلۇق مەسلىھەتلەر بولدى. بۇنداق قىلىش گەرچە يىتەرلىك بولمىسىمۇ روگىننىڭ دىگىنىدەك “ كۆزىمىزنى يۇمىۋالماسلىق“ قارارىمىزنى نامايەن قىىلىشى مۇمكىن. بۇ ئىشلار بىيجىڭدا ھىچ ئىشنى ئۆزگەرتمەسلىكى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە، ئاۋام پالاتا ۋە يۇقۇرى پالاتا تەرپىدىن ساقلىتىلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى تىخىمۇ مەجبۇرلاش خۇسۇسىيىتگە ئىگە. بۇ قارار ھۆكۈمەتنىڭ خىتاينىڭ زوراۋانلىقىنى ئەيىبلەش، نۇقتىلىق خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىغا قارىتا ماگنسكى ھەركەت قانۇنىنى ئىجرا قىلىش، باستۇرۇشقا ئىشلىتىلىۋاتقان تىخنىكىلارنىڭ ئىكسپورت قىلىنىشنى چەكلەش ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنى خىتايلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قوغداش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان ھەربىر خىتاي پۇخراسى قوغداشقا ئەرزىيدۇ. ئەمما خىتايدا قىلپ قالغان ئۇرۇق تۇققانلىرىنى قوغداش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە خىتاي توختىماستىن دىئاسپورادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ۋەتەندە قىلىپ قالغان ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇشقا تىرىشىپ كىلىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق چەتئەلدىكىلەرگە تەھدىت قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن سوپىيە رىچاردسون خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقى تۈركىستان. ت) باستۇرىشىغا خىلمۇ-خىل شەكلدە ئارلىشىپ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقان شىركەتلەرنى كۆزىتىشكە ئالدىرتىدۇبۇ ئىش بەلكىم ئەخلاقى جەھەتتىن كىشىنى قانائەتلەندۈرىدۇ. ئەمما ئۇ يەنىلا بۇ بوشلۇقلارغا باشقا دۆلەتتىكى تىجارەتلەرنىڭ قەدەم ئىلىپ كىرىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. خىتاي لاگىرلارنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشتا ھىچقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچۇرمايدۇ.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسىي پېلۇسى ”ھۆكۈمەت پەقەت خىتاي بازىرىدىكى ئامىركا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئادىل تىجارىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس يەنە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقوقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىقتىسادى كۈچىنى پىشاڭ قىلىش ئۈچۈن ئەخلاقى بىر جاسارەت كۆرسىتىشى كىرەك “ دىدى. ئوخشاشلا، خوڭكوڭ نەزەرگە ئىلىنغىنىدا ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىن فىرانچىسكو بەنكوسمى “ ئامېرىكا تىجارەت كىلىشىمى ئۈچۈن سۆھبەتلىشىۋاتقاندا بىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەككى: تارىخ بۇ سۆھبەتتە نىمىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغىننى ئەسلىمەيدۇ بەلكى ئامېركانىڭ بۇ كىشىلىك ھوقوق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قايسى يىرىدە ئورۇن تۇتقانلىقىنى خاتىرىلەيدۇ“دېدى.
ئەمما نېمە قىلىش كېرەك، كىشىلىك ھوقۇق بېجىنى يۈرگۈزەمدۇق؟ بارلىق سودىغا باج قويامدۇق؟ مەقسىتىمىز لاگېرلارنى تاقاشمۇ ياكى شىنجاڭنى (شەرقى تۈركىستان.ت) ئازاد قىلىشمۇ؟ خوڭكوڭنىڭ جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنىنى بىكار قىلىشمۇ ياكى دېموكراتىك تۈزۈمگە مەجبۇرلاشمۇ؟
ۋە باشقا دىنى ئەركىنلىككە ھۇجۇم قىلىش، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى سولاش، ھاكىممۇتلەق ئىجتىمائىي كىرىدىت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش، ئاكادېمىكلەرنىڭ ئىلىم ئالمشتۇرشىنى چەكلەش، ۋە ئىنتېرنېتنى چەكلەشكە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق زوراۋانلىقلىرىغا، يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن مىللەتچىلىك كۈچىنىڭ سەۋەب بولۇشنى ئىشەندۈرىدىغان بېرە يېتەرلىك سەۋەب بارمۇ ؟ ئەگەر بولمىسا پەقەت بىر ئىش قىلىشلا ئۆز مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ ھەرگىز زۇلۇمغا ئۇچۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئەمەس.

 

دوگ باندوۋ Doug Bandow بولسا كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى. ئۇ بۇرۇن رونالد رىگاننىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى بولغان ۋە ”تاشقى ھاماقەتلەر: ئامېرىكانىڭ يېڭى يەرشارى ئىمپېرىيىسى (Foreign Follies: America’s New Global Empire)“ قاتارلىق بىرقانچە كىتابنىڭ ئاپتورى بولغان.

 

مەنبە: https://www.theamericanconservative.com/articles/saving-chinas-uighurs-can-washington-do-the-impossible/?fbclid=IwAR03iy5T–msdEcxkQeZmjDjMf9gsXVAJ_uzfVt_QkewY1xEIV5HljVS76E