ھىرا ئانا تىل مەكتىپى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى 

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-24

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «ھىرا»دىگەن ئىسىم تىلغا ئېلىنسا لوقمانجاننى ئەسكە ئالىدۇ. شۇنداق، لوقمانجان كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك ئىشلارنى قىلغان، قىلىۋاتقان بىر ياش. لوقمانجان ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان كارۋان ئارىسىدىكى ياشقا ئەڭ چوڭ 77 ياشلىق ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئوغلى. يىگىت دادىدىن يىگىت ئوغلان چىقىدۇ.

لوقمانجان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بەش يىل جەريانىدا قاتتىق ئىزدىنىپ ھىرا ئانا تىل مەكتىپىنى قۇرۇش ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتتى ئۈچۈن تىنىمسىز ھەركەت قىلدى. 2015- يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى قۇرۇلغان بۇ مەكتەپ ھازىرغىچە 2000 نەپەردىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچى تەربىيلەپ چىقاردى. ھازىر ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچى 350 نەپەر، باشقا چەتئەل تىلى ئۇقۇۋاتقان كۇرسانتلار 170 نەپەر بولۇپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە يوقلۇقتىن بارلىققا، كىچىكلىكتىن زورلۇققا كېڭەيگەن نەتىجىسى كۆرنەرلىك بولغان ھىرا ئانا تىل مەكتىپىنى 4 ياشقا كىرگۈزدى. ھىرانىڭ ئاساسلىق كىرىمى چوڭلارنىڭ تۈرك تىلى، ئىنگىلىز تىلى، ئەرەب تىلى قاتارلىق تىل كۇرسىدىن كىرگەن بولۇپ، بۇ مەبلەغ بىلەن ئۇقۇش يېشىدىكى كىچىك ئۇقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ئۇقۇتۇش شۇنداقلا ئائىلىسىغىچە ھەقسىز ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ ئەكىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بۇ جەرياندا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن لوقمانجان ھېچ ۋايسىمىدى، يالغۇزلۇق ھىس قىلمىدى. ئۇنىڭ يۈرىكىدە بىر ئوت بار ئىدى. ئۇ بولىسمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى، مىللىي كىملىكى ئىدى. بۇ دەل لوقمانجان بارلىق كۈچى بىلەن كۈچەۋاتقان ئانا تىل مەكتىپىدە ئەمەلگە ئاشىدىغان ئارزۇ ئىدى. لوقمانجان دائىم مۇنداق دەيدۇ: ھازىرچە مۇستەقىل  دۆلىتىمىز بولمىسىمۇ، مۇستەقىل مائارىپىمىز بولسۇن. ئۇ بۇ ئىرادىسىدە ھەردائىم چىڭ تۇردى. ئۇ ھەركۈنى 14~15 سائەت ئىشلىسىمۇ بوشاشماي 10 پارچە دەرسلىك كىتاب نەشىر قىلدۇردى. يېقىندا يەنە 3~ 4پارچە كىتابى نەشىردىن چىقىدۇ. تۈرۈكچە -ئۇيغۇرچە يانچۇق لۇغىتى تۈزدى.

پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا«ھىرا»مەكتىپىدىن چاقىرىق ! قېرىنداشلىرىمىزنىڭ فىلىمنى ئاخىرغىچە كۆرىشىنى ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى قوللىغان ئاساستا تارقىتىپ قويۇشىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز! ئاللاھ بارلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن رازى بولغاي!

Posted by Hira Foundation on Thursday, August 22, 2019

تىرىشقان تاپار دىگەندەك لوقمانجاننىڭ ئوت يۈرەكلىكىنى، خىزمەتلىرىنى كۆرگەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار باللىرىنى ھىرا ئانا تىل مەكتىپىگە ئۇقۇشقا بەردى. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئۇقۇش نەتىجىسىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى. شۇنداق بىر شارائىتتا مەكتەپ كىچىك ئۇقۇغۇچى كۆپ سىنىپ يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرىنىۋاتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا لوقمانجان خەلقىمىزگە بىر مۇراجەتتە بۇلۇندى. شۇنداق، ھىرا يىڭىدىن قۇرۇلماقچى بولغان بىر مەكتەپ ئەمەس، 4 يىلدىن بىرى مېۋە بېرىپ كىلىۋاتقان بىر باغچە، تېخىمۇ كۆپ مېۋە بېرىش ئۈچۈن تەرەققىي قىلىشى كېرەك. كۆپچىلىك مېۋىسىدىن يەۋاتقان مۇنداق بىر باغچىنى تېخىمۇ چوڭايتىش ۋە كۈچلەندۈرش بۇنىڭدىن پايدىلنىۋاتقان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇرۇچى، شۇنداقلا كەلگۈسى مائارىپقا بولغان مەسئۇلىيتى. ۋەتەن ئىچىدە خەلقىمىز خالىغان، مەمەتئېلى تەۋپىق ئەپەندى باشلاتقان مەشئەلنى داۋاملاشتۇرۇشقا نائىلاج قالدۇق، كۈتۈلمىگەن ئاسارەتكە دۇچ كەلدۇق. ئەمدى ئەركىن دۇنيا بولسىمۇ بىرلىكتە ئىتپاقلىشىپ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان غۇنچىلىرىمىز ئۈچۈن بۇ ياشنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشايلى!