قاتار خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى قوللاش قارارىنى قايتۇرىۋالدى

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

ئەردەم تەرجىمىسى

2019-8-20

قاتار ۋەكىلى ب د ت كىشلىك ھوقۇق كىڭىشىنىڭ پىرىزدىنتى كولىي سىكگە بىلدۈرۈشىچە، 12- ئىيۇلدىكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قوللىغان خەتتىن ئىمزاسىنى قايتۇرىۋىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئىيىتقان. مەزكۇر خەتكە  ئالدى- كەينى بولۇپ 50 دۆلەت ئىمزا قويغان بولۇپ، كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرمۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. جەنۋەدە تۇرۇشلۇق ب د ت نىڭ قاتار ۋەكىلى، ئەلچى ئەلى مەنسۇر 18- ئىيۇلدا كولىي سىكگە خەت يىزىپ، ماسلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يۇقارقى ئورتاق خەتنى قوللىشىمىز بىزنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتتىكى مۇھىم ئىشلىرىمىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ جەھەتتىن بىز بىتەرەپ بولۇپ، تەڭشەش ۋە قولايلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى قىلىشنى خالايمىز» دىگەن.

 

 

مەنبە:

https://www.bloomberg.com/news/articles/2019-08-21/qatar-withdraws-support-for-china-over-its-treatment-of-muslims?fbclid=IwAR3f-M8pgQOKiYomkcR5WW8_1NuU-VxMdbyOHY6JoXgV2yV3j4asasAJMgQ