تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە كەلگۈسى (3)

خىتاي - تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى رەسمى ھالدا 1971-يىلى باشلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇناسىۋەتلەر ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ ئۆتتى.

تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە كەلگۈسى

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ۋولقان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-16

(بۇ تەرجىمە ماقالە دەيلى ساباھ تورىغا يازغۇچى مۇھەممەت ئەلى گۈلەر تەرىپىدىن يىزىلغان يازما بولۇپ تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنى چۈشىنشىتە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. مەزمۇنى كۆپ ۋە ئۇزۇن بولغاچقا قىسىمغا بۆلۈپ ئىلان قىلدۇق.)

مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ

ئەردوغاننىڭ پىكرىچە ھازىر بۇ مەسىلىدە ھەرئىككى تەرەپنى قانائەتلەندۈرىدىغان بىر ئۇسۇلنى تىپىپ چىقىشتا  كەم ئۇچرايدىغان پۇرسىەت بار.  بۇ نىمە دىگەندە، جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەردوغان تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا  ئاخىرى يېڭى بىر ئۇسۇلنى قوللاندى يەنى خالىغانچە زىيادە ئۆتكۈر ۋە تۇيۇقسىز بايانات بېرىش شەكلىدىن  ئۆزىنىڭ كۆز قارشىنى ساقلاپ تۇرۇپ مۇۋاپىق شەكلىدە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمى.

بۇ يېڭى ئۇسۇل خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى جانلىق  ۋە ئىزچىل ساقلاش ئۈچۈن  پايدىلىق ئىدى. خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات قانىلىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەردوغان “ خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى خەلقلەر خىتاينىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئاستىدا خۇشال- خۇرام ياشاۋاتىدۇ ”دېدى دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدىن تېخىچە شۇ ۋاقىتتا زادى نېمە دېيىلگەنلىكى توغرىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولمىدى.

شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ئەگەر جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەردوغان شۇنداق دېگەن بولسا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى نائېنىق بولغاندىكىن ئۇنى دېمەسلىكى مۇۋاپىق ئىدى. چۈنكى مۇناسىۋەتلەر پەقەتلا ئۆزئارا ئورتاقلىقنىلا ئاساس قىلىشى كېرەك ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتايدىكى تۈركىيە ئەلچى خادىملىرى:  ئەسلى بۇ تېكىست “ تۈركىيە، خىتاينىڭ شىنجىڭىدىكى كىشىلەر تىنچلىق ۋە گۈللىنىش ئىچىدە خۇشال ياشاۋاتىدۇ“ دەپ تەرجىمە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ۋە تۈركىيە تەرەپنىڭ خاتا تەرجىمە قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

قانداق تەنقىدلەر بار؟

ھازىر ئېقىپ يۈرگەن بىرمۇنچە تەنقىدلەر ئارىسىدا تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بارغانسېرى يىقىنلىشىۋاتقانلىقىمۇ بار. بەزىلەرنىڭ مەسلىھەتى بويۇنچە بولغاندا بولسا  تۈركىيە جەزمەن خىتاي بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى كېرەك ئىكەن.  مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ناھايىتىمۇ ئاسان ئەمما مۇناسىۋەت قۇرۇش تولىمۇ قىيىن. بۇ يەككە شەخسلەر ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدۇ .بولۇپمۇ دۆلەتلەر ئارىسىغا كەلگەندە تېخىمۇ شۇنداق. خىتاي بىلەن ئامېرىكا ۋە خىتاي بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مىساللارغا قاراپ باقايلى. ئامرېكا بىلەن خىتاي ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادى ئۇرۇش ئىچىدە بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ دۆلەت خادىملىرى ھەمىشە ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ. 1937-يېلىدىن 1945-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياپونىيە خىتايغا تاجاۋۇز قىلغان، خىتايلار بۇ ئىشلاردىن ھازىرغىچە غەزەپلىنىدىغان بولسىمۇ ئەمما خىتاي ياپونىيە مۇناسىۋىتى 100مىليارد دوللارلىق تىجارەت ھەجمى بىلەن كۈنسېرى ياخشىلىنىپ كەلدى. شۇڭلاشقا تۈركىيە ئۆزىنى ھەرقانداق دۆلەت بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتتىن ئايرىۋەتمەسلىكى كېرەك.

قوشۇمچە قىلغاندا، تۈركىيە خىتاي ئارىسىدىكى 23 مىليارد دوللارلىق تىجارەت ھەجمىدىن تۈركىيە 20 مىليارد دوللارلىق ئىمپورت قىلىپ ئاران 3 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت قىلسا بۇنىڭ پەخىرلەنگۈدەك نېمىسى بار دەپ ئويلاپ قىلىشىمىز مۇمكىن. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى جەزمەن ھەرخىل يوللار بىلەن ياخشىلىنىشى كېرەك. بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سىلىشىدا ئېشىش بولۇۋاتقان بۇ مۇناسىۋەت جەزمەن ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كېرەك. بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشى ھەرگىز ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يول قويۇلغانلىق دەپ قارالماسلىقى كېرەك.  تىجارەت ھەجمىنىڭ قانچىلىك بولۇشى ۋە خىتاي مەبلىغىنىڭ قانچىلىك سىلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى ھەمىشە قوللاپ كەلگەندەك يەنە قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىم .

ھەر ئىككى تەرەپ ئوچۇق ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پىكىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىپ كەلگەن مەسىلىگە ھەرئىككى تەرەپ ئۈچۈن چېكىت قويۇشقا تىرىشىلىشى كېرەك. تۈركىيە ۋە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ياكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دۈشمىنى ئەمەسلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىشى كېرەك.

تۈركىيە ۋە خىتاي ئىككىلا تەرەپ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۈچىنچى بىر تەرەپلەر تەرىپىدىن پەيدا قىلىنغان ۋاكالەت ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن كۆرە بىۋاسىتە دىئالوگ قۇرۇشى كېرەك. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا خەلقئارالىق ۋەكىللەر ئۆمىكى بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ۋاكالەتسىز ئورگانلارنىڭ (ن ج و) خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى (شەرقى تۈركىستان. ت) ئاتالمىش تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا قارىتا زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇلۇپ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ساق- سالامەت ياشاۋاتقانلىقىغا خاتىرجەم قىلدۇرۇلۇشى ۋە تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈشى كېرەك.

خەلقئارالىق ن ج و لارنىڭ بىۋاسىتە ساھە تەكشۈرۈشى ئارقىلىق  دەل شۇ يەردە بولۇۋاتقان ئىشلار توغرىلىق ئوبيېكتىپ دوكلاتنى دۇنياغا سۇنغىلى بولىدۇ.  مۇسۇلمان ۋە تۈرك دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  دۇنيا جامائىتى بۇنىڭغا جەزمەن ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولىدۇ. تەربىيىلەش لاگېرلىرىنىڭ مېتودى ۋە قۇرۇلمىسىمۇ مۇنازىرە قىلىنغان بولۇشى كېرەك. تۈركىيە رەھبەرلىك قاتلىمى بۇ مەسىلىنى ن ج و لار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا مەسلىھەتلىشىشىگە قويۇپ بېرىشى كېرەك.

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتەلىگۈدەك قابىلىيىتى بار. تۈركىيەگە نىسبەتەن چەكلىك دائىرە ئىچىدىكى ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادىدىن باشلاپ مائارىپىغا قەدەر ۋە باشقا ھوقۇقلىرىنى قوللاش . خىتاي تەرەپتىن بولسا ئۇيغۇرلارغا تېررورىست مۇئامىلىسى قىلىشتىن ۋاز كېچىپ ئۇلارنى ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقراسى دەپ كۆرۈش ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزئارا بىر-بىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشنىڭ پۇرسىتى دەپ بىلىش.

تۈركىيەنىڭ بالقاندىن تارتىپ ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىغا قەدەر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن قارايدىغان ئۇسۇلىنى خىتايمۇ چۈشىنىشى كېرەك. ئەگەر تۈركىيە ئۇ باشقا مەسىلىلەردىمۇ سۈكۈت قىلسا خىتاي ئاندىن تۈركىيەنى ئامېرىكانىڭ ۋە ياۋروپانىڭ  يالاقچىسى دەپ ئەيىبلىسە بولىدۇ. ئەكسىچە ئوننەچچە يىللاردىن بۇيان ھەرئىككى دۆلەت ئىلگىرىلەپ كېلىۋاتىدۇ. ھەم ھەرئىككىسىلا ئۆز قىممەت قاراشلىرى ۋە سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتا  بېسىملارغا باش ئەگمەي كەلدى.

ئاخىرىدا ئۇنتۇلماسلىقى كېرەككى ئىقتىسادى كۈچكە تايىنىپلا سۆزلەش ھېچقانداق دۆلەتنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشلىرى ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىغا رەددىيە بېرىشكە يەتمەيدۇ. ئامېرىكامۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي كۈچىگە ئىشىنىپ ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە قارشى تۇرۇپ كەلگەچكە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىدىن مەھرۇم قالدى.

بىزنىڭ ھەممىگە قۇچاق ئاچالايدىغان،  ئۇرۇشنى ئەمەس ھەمكارلىقنى ياقىلايدىغان، چەكلەشنى ئەمەس دىئالوگنى ۋە بۇزۇشنى ئەمەس بەلكى قۇرۇشنى ياقىلايدىغان رەھبەرلىككە ئېھتىياجىمىز بار .

تۈركىيە دۆلىتى ئۇيغۇرلارغا ساتقۇنلۇق قىلدى ياكى ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋەتتى دېگۈچىلەرگە ،مەيلى سىز ياقتۇرۇڭ ياكى ياقتۇرماڭ، بېرىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاۋاب شۇكى: ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەرۋاقت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كۈن تەرتىپتە بولۇپ كەلدى، بۇ مەسىلە تاكى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئۈستەل يۈزىدە قالىدۇ.

ئاپتور : مالايسىيا مالايا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر  دوكتور كاندىداتى . مۇھەممەت ئېلى گۈلەر.

مەنبە: https://www.dailysabah.com/op-ed/2019/08/16/turkey-china-relations-and-beyond