“ ج ك پ “ غا  كەلگۈسىدە كىلىدىغان ئەڭ چوڭ خىرىس پارچىلانغان ئىچكى زىددىيەتتىن بولىدۇ

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

فرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىدىن ئېممىي

تەرجىمە قىلغۇچى: ئەرتىكىن

2019-8-4

 

جېن پېررىي كەبېستان- فىرانسىيەلىك داڭلىق جەمىيەتشۇناس، سىياسىيون ۋە يىراق شەرق سىياسەتچىسى. ئۇ ھازىر خوڭكوڭ بابتىس ئۇنىۋېرسىتى سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى. ئۇزۇندىن بۇيان خىتتاينىڭ سىياسەت ۋە ئىجتىمائي ئىقتىساد مەسىلىلىرىنى كۆزىتىپ كەلمەكتە. 2018-يىلى ئۇنىڭ يېڭى ئەسىرى <خىتتاينىڭ كەلگۈسى: دېموكراتىيە ياكى مۇستەبىتلىك> ناملىق كىتابى نەشىردىن چىققان بولۇپ، خىتتاينىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئۇنىڭ يۈلىنىشىگە قارىتا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان.

يېقىندا، كەبىستان ئەپەندى فىرانسىيەگە قايتىش ئالدىدا، فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ خىتتاينىڭ سىياسي تۈزۈمى ۋە دىموكراتىك كەلگۈسىگە بولغان ئېتىماللىقى، بىر يول-بىر بەلباغ تەشەببۇسىنىڭ تەسىرى-ئاقىۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان(شىنجاڭ) دىكى قايتا تەربىيەلەش لاگىرى مەسىلىلىرگە بولغان كۆز قارىشىنى سۆزلەپ ئۆتكەن.

 

مۇخبىر: سىز < خىتتاينىڭ كەلگۈسى: دېموكراتىيە ياكى مۇستەبىتلىك > ناملىق كىتاپىڭىزدا خىتتاينىڭ كەلگۈسىدىكى دىموكراتىيەلىشىش يۈزلىنىشىنى قانداق ئانالىز ۋە قىياس قىلدىڭىز؟

كەبىستان: مەن نىسبەتەن نائۈمىدمەن، سەۋەبى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىق سەۋەبى ئىككى.

ئالدى بىلەن، خىتتاي داۋاملىق ھالدا بىر پارتىيە ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، مۇستەبىت تۈزۈمگە قارشى ياكى بىر پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلارغا قارىتا باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا ج.ك.پ ئۆكتىچى- ياۋا پارتىيەلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدۇ. چۈنكى، ياۋا پارتىيە پەيدا بولسا، ئاكتىپ پائالىيەتچىلەر تۇتۇلىدۇ، مەجبۇرى سولىنىپ قاماقتا ياتىدۇ.

ئىككىنچىدىن، خىتتاي پۇقرالىرىنىڭ كۆپچىلىكى دىموكراتىيەنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە، خىتتاينىڭ ئاستا-ئاستا دىموكراتىيەگە قاراپ تەرەققى قىلىشىنى خالايدىغان ئاز بىر قىسىم سەرخىللارمۇ يوق ئەمەس. لېكىن، ئۇلارنىڭ سانى ئاز ۋە ئۆز كۆز قارىشىنى ئاۋام بىلەن ئورتاقلىشى ئۈچۈن پىكىر بايان قىلىدىغان ئىمكانىيىتى يوق دىيەرلىك.
ئۇندىن باشقا، مەن بۇ كىتابىمدا خىتتاينىڭ سىياسى قىممەت قارىشىغا قارىتامۇ ئانالىز يۈرگۈزدۈم. مېنىڭ ئويۇمچە، خىتتاينىڭ سىياسى كۆز قارىشى ناھايىتى ئەنئەنىۋى بولۇپلا قالماي يەنە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. ج.ك.پ 1949 ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن باشلاپ 70 يىل ۋاقىت ئۆتتى. خىتتاينىڭ دىموكراتىيەگە قاراپ تەرەققى قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىنىڭ ئويۇمچە، خىتتاي قۇرۇقلىقىدا بۈگۈن دىموكراتىيە مەدەنىيىتى كەمچىل دىيىششكە بولىدۇ. ئەمما بۇمۇ كەلگۈسىدە تەرەققى قىلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھازىر خىتتاينىڭ ئوتتۇرا قاتلام بۇرژۇئاسىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز، لېىكىن ئۇلار ئادەتتە دىموكراتىيەنى بەك تەلەپ قىلىپمۇ كەتمەيدۇ. ئۇلارغا كېرىكى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتى خالاس. شۇڭلاشقا بىر پارتىيە ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىگە ھازىر تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
مۇخبىر: ئېتراپ قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ج.ك.پ يۈز ياشقا كىرەي دەپ قالدى. ھاكىمەت يۈرگۈزىۋاتقانغىمۇ 70 يىل بولدى، ئەجەبا ج.ك.پ نىڭمۇ ئۆزگىچە بىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، قاتتىق كۈچ بىلەن باسۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟
كەبىستان: مەنچە، ج.ك.پ دىن ئىبارەت بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەقىقەتەن كۈچى بار. 90 مىلىيون ئەزاسى بار بولۇپ، ئومۇمى سانى پۈتۈن گېرمانىيە نوپۇسىدىنمۇ ئارتۇق. لېكىن، نىمە ئەھمىيىتى بار؟ ج.ك.پ نىڭ پىروبلىمى- بۇ بىر پۈتۈنلەي يېپىق بىر تەشكىلات. پارتىيە ئەزاسى بولمىغان كىشىلەر ئۇنى ئىتراپ قىلمايدۇ، پائالىيەتلىرىگىمۇ قىزىقمايدۇ.  شۇڭلاشقا، مەنچە ج.ك.پ كەلگۈسىدە ناھايىتى چوڭ خىرىسقا دۇچ كىلىدۇ. چۈنكى،ئەگەر  بىر پارتىيە ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇلسا، چوقۇم ئىنتايىن مەخپى جەمىيەت ھالىتىنى ساقلاش كىرەك بولىدۇ.  ناۋادا ئاشكارلىنىپلا قالسا، بۆلۈنۈپ كىتىش خەۋپى تۇغۇلىدۇ. بەلكىم، ئوخشىمىغان ئۈچ -تۆت گوروھقا بۆلۈنىشى مۇمكىن. مەنچە پارتىيە ئىچىدىن ئەركىنلىك گوروھى، ئىسلاھاتچىلار گوروھى، كونسىرۋاتىپلار گوروھى ۋە دىكتاتورلار گوروھى دىگەندەكلەرگە بۆلۈنىشى مۇمكىن.
شىجىنپىڭ كونسىرۋاتىپلارغا تەۋە بولۇپ، كۈچلۈك دۆلەت، كۈچلۈك ئارمىيەچىلەر پىرقىسىغا تەۋە.
شۇڭلاشقا، مەنچە ج.ك.پ نىڭ يەنىلا كەلگۈسى بار، چۈنكى، ھازىرچە خىتتايغا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، يىتەكلىيەلىگۈدەك، ئۇنىڭ ئورنىنى باسقۇدەك باشقا كۈچ يوق. لېكىن، كەلگۈسىدىكى ئەڭ چوڭ خىرىس ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت. بۇ زىددىيەت ج.ك.پ نىڭ ئىچىدىن بۆلۈنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئەتىلا يۈز بىرىدىغان ئىش ئەمەس.

مۇخبىر: پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، سىزچە خىتتاي دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچمۇ؟
كەبىستان: شۇنداق دىيىشكىمۇ بولىدۇ. لېكىن خىتتاينىڭ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئاجىزلىقلىرى بار. بۇنى خىتتايلىقلار ئۆزى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ. بۇ بىر يۇقىرى-تۆۋەنلىك تەبىقە مۇناسىۋىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بىر تۈزۈم. لېكىن، ئىتتىپاقلىقى كەمچىل. ھەربىر شەخس ئۆز مەنپەئەتىگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. چوڭ شىركەتلەرمۇ پەقەت ئۆز پايدىسىنىلا ئويلايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، مەنچە بۇ دۆلەتتە يەنە ئىناقلىق كەمچىل، ۋەھالەنكى توقۇنۇش بەك كۆپ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە قانۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىمۇ بار. ئەلۋەتتە، شىجىنپىڭنىڭ ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ. بىراق بۇ ھوقۇقنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىغا نىسبەتەن گۇمان بار. مەنچە سەرخىللار توپىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا پىكرى بار. بولۇپمۇ 2018-يىلى مارتتىكى ئاساسي قانۇن ئۆزگەرتىش(رەئىسنىڭ ۋەزىپى ئۆتەش مۇددىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش) دىن كىيىن. نۇرغۇن سەرخىللارنىڭ ئۇنىڭ مەقسەتلىك ھالدا مۇددەتسىز رەئىس بولۇش پىلانىغا پىكرى بار بولدى. بۇ بىر چىكىنىش قارارى بولدى. دېڭ شڭياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋىتىش ئىدىيەسى بىلەن قارشى، شەخسكە چوقۇنۇشنىڭ ئەسلىگە كىلىشى، ئۆمۈرلۈك داھىي بولۇش قىلمىشى ئىدى. بۇ دەل دېڭ شىياۋپىڭ ئەنسىرگەن ۋە قارشى تۇرغان نۇقتىسى ئىدى. چۈنكى، بۇنداق بولغاندا مازېدوڭدەك دىكتاتورنىڭ قايىتىدىن باش كۆتۈرۈش خەۋپى بار ئىدى.
ئەلۋەتتە، دىكتاتورلۇق، خىتتاينى خەلقئارادا نىسبەتەن كۈچلۈك قىلىدۇ. بىراق دۆلەت ئىچىدە يەنە كەمچىللىك بار. مەسىلەن، ھوقۇقنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ بىرىش ياكى داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇش مەسىلىسىدە ھېچقانداق تۈزۈم ياكى ئورۇنلاشتۇرۇش يوق. ھەر بىر قېتىم ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بىرىش خۇددى سىياسىي ئۆزگۈرۈشكە ئوخشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ناھايىتى چوڭ بىر كەمچىلىك.
خىتتاي-ئامرىكا ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشىغا قارىتا، مەنچە خىتتاي قوللانغان يەرشارىلاشقان ئقتىساد سىياسىتىدە تەرەققىيات يۈز بەردى. بۇنى يەنە <دۇنيا سودا تەشكىلاتى> نىڭ تۈزۈملىرىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ ئېرىشكەن تەرەققىيات دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئېكىسپورت كۆپ، ئىمپورتنىڭ ئاز بولۇشى، تاشقى سودىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىدى.

مىنىڭچە، ھازىر ئامرىكىدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئىنتايىن چوڭ پىكرى بار بولۇپ، خىتتاينىڭ پوزىتسىيەسىنى بەك ھەددىدىن ئاشقانلىق دەپ قاراپ، بۇنداق داۋاملىشىۋىرىشىنى خالىمايدۇ.
ياۋروپا ئىقتىسادى – ئەركىن ئىقتىساد ، دۆلەت كارخانىلىرىغا تولۇقلىما بەرمەيدۇ. لېكىن خىتتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل دۆلەت ئىگىلىدىكى كارخانىلارغا تولۇقلىما بېرىدۇ.

ياۋروپا بازىرى – ئېچىۋىتىلگەن  بازار. لېكىن خىتتاي بازىرى يېپىق بىر بازار.  بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئادىل رىقابەت دىگەن ئۇقۇم مەۋجۇت بولمايدۇ.

شۇڭلاشقا، مەنچە ئۆزگىرىش قىلىش ۋاقتى كەلدى. خىتتاي ئىقتىسادى يۇمشايدۇ، تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرىتى ئاستىلاپلا قالماستىن، يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرىز مەسىلىسىمۇ كۆتۈرلۈپ چىقىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، كۆپلىگەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ زىيىنىمۇ بار. مەسىلەن، كۆپچىلىك ئىزچىل ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق ۋە قولايلىق دەپ قاراۋاتقان يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈريول. ئۇنىڭ بىلەت باھاسى بەك ئەرزان. لېكىن، يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈر يولسا بولسا زىيىنىغا ماڭىدۇ ۋە زىيىنى ئاز ئەمەس. بۇمۇ بىر دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە. ئەگەر شۇنچە كۆپ دۆلەت كارخانىلىرى ئىزچىل زىيان تارتسا، خىتتاي ھۆكىمىتى داۋاملىق تولۇقلىما بەرسە، خىتتاي ئىقتىسادى ۋە ئۇنىڭ ساغلاملىقىغا ھېچ بىر پايدىسى بولمايدۇ. بۇندىن باشقىمۇ خىتتاي ئىقتىسادى كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ خىرىسلارغا دۇچ كىلىدۇ.

مۇخبىر: خىتتاي ئىقتىسادىنىڭ چىكىنىشىمۇ خەلقئارادا ئەندىشە پەدا قىلماقتا. چۈنكى شىجىنپىڭ ھوقۇققا ئولتۇرغاندىن باشلاپ <بىر يول- بىر بەلباغ> تەشەببۇسى ۋاستىسى بىلەن، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئاتالمىش<پۇل چېچىش>  دىيىلىۋاتقان، يۇقىرى سوممىلىق قەرىز تارقاتتى. خىتتاي ئىقتىسادى تەرەققىيات قەدىمىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتتاينىڭ يۇقىرى سوممىلىق قەرىزنى قۇبۇل قىلغان دۆلەتلەر ئىقتىسادىمۇ خەۋپكە دۇچ كىلەمدۇ؟
كەبىستان: ئىھتىيات قىلىش كىرەك. ئەمەلىيەتتە ھەممە دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق خەۋپكە دۇچ كىلىشىمۇ ناتايىن. بەزى دۆلەتلەرنىڭ خىتتايغا بولغان قەرزى بەك كۆپ، بولۇپمۇ جىبۇتي. بۇ دۆلەتنىڭ قەرىز سوممىسى مەزكۇر دۆلەت مىللى دارامىتىنىڭ يۈزدە-يۈز پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ قەرىز سوممىسى ئىچىدە سەكسەن پىرسەنتى خىتتايغا بولغان قەرزىدۇر. بۇنىڭغا ئوخشىغان نوپۇسى ئارانلا بىر مىليون بولغان بۇنداق كىچىك دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتكىدەك يۇقىرى سان.
ئۇندىن باشقا، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش مەسىلە مەۋجۇت.       يېقىنداگېرمانىيەدىكى بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتتاينىڭ تەرەققي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تارقاتقان قەرىز سوممىسى،< دۇنيا ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئورگىنى>نى ئېشىپ چۈشكەن. بۇ نەتىجە ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ، بىراق يەنىلا تەخمىنى سان. چۈنكى، خىتتاينىڭ بۇ قەرىز سوممىلىرى ئىچىدىكى بىر بۆلەك پۇل خىتتايدىن ئەسلا ئايرىلمايدۇ. نامدا دۆلەت قەرزى- ئەمەلىيەتتە بولسا بانكىدىن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار ھىسابىغا ئاغدۇرۇلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دۆلەت كارخانىسى قەرىزدار دۆلەتتە مەلۇم بىر تۈرنى تاماملايدۇ. لېكىن پۇل خىتتايدىن ئايرىلمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر يەنىلا خىتتاينىڭ قەرزىنى قايتۇرىشى كىرەك. ئەگەر پۇل بولمىسا، نېفىت بىلەن قايتۇرىدۇ. مەسىلەن: ئانگولا، ۋېنىزۇئىلا، كونگو دەل شۇنداق.  ئەمما، نېفىتى يوق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن چوڭ قىيىنچىلىق.
شۇڭلاشقا، بۇ يىلقى <بىر يول – بىر بەلباغ> مۇنبىرىدە ، شىجىنپىڭ ناھايىتى ئوچۇق بايان قىلدى. ئېھتىيات قىلىش كىرەك. گەرچە بۇنى ئۆز-ئۆزىنى تەنقىت قىلدى دىگىلى بولمىسىمۇ، ئۇ قەرىز بېرىشتىن بۇرۇن، مەزكۇر دۆلەتنىڭ قەرىز قايتۇرۇش ئىقتىدارى بار-يوقلىقىغا قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ كۆپ دۆلەت كارخانلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى ئېلىپ كىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. نۆۋەتتە ئافرىقا قىتئەسىدىكى يېرىمدىن كۆپ ئۇل مۇئەسسەسسە قۇرۇلۇشىنى خىتاي كارخانىلىرى ھۆددىگە ئالغان. خىتاينىڭ تۆھپىسى چوڭ، لېكىن يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇنىڭ سىجىل تەرەققى قىلىش قىلالماسلىقىغا قاراش كىرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ھېچبىر تەرەپكە پايدىسى يوق.

مۇخبىر: سىز نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) ۋەزىيىتىگە قانداق قارايسىز؟
كەبىستان: شەرقىي تۈركىستان(شىنجاڭ) ھەقىقەتەن بىر تراگىدىيە! لېكىن، مەنچە بۇ بىر ۋاقىتلىق ئىدىيە ۋە كۆز قاراش مەھسۇلى بولۇشى كىرەك. بۇ كەلگۈسى خىتايغا نىسبەتەن ھېچ ياخشى ئەمەس.
ئەلۋەتتە،مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ھەربىر دۆلەت تېرورچىلارنى كونترول قىلىشى كىرەك. بىراق،قانداقسىگە  يىگىرمە پىرسەنت ئۇيغۇر نوپۇسىنى(خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتىشى بويىچە) لاگىرغا سولىنىدۇ؟ بۇلارنىڭ مېڭىسىنى تەل-تۆكۈس يۇيۇش ئۈچۈنمۇ؟ بۇ سولانغانلار ياخشىلىنامدۇ؟

ئۇلار لاگىردىن ئايرىلغاندىن كىيىن، خىتتايلارغا تېخىمۇ ئۆچ – ئاداۋەت تۇتىدۇ. بۇندىن كىين ئۇيغۇر-خىتتاي قانداقمۇ بىرگە ياشىيالىسۇن؟ قانداقمۇ ئىناق جەمىيەت قۇرالىسۇن؟  بۇ نۇقتىنى مەن چۈشەنمىدىم.
ھازىر بىز ئۇيغۇرلار بىلەن خىتتايلارنىڭ بىرگە ياشىيالمايدىغىنىنى بىلىمىز. شۇڭا بۇندىن كىيىن تېرورچىلار ۋە تېرورلۇق پائالىيەتلەر تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر مەسىلە. خەلقئارا جەمىيەتمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئېتىبار بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتايدەك چوڭ بىر دۆلەت ئالدىدا، قايسى بىر دۆلەت ئېغىز يېرىپ گەپ قىلالىسۇن؟
كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرىمۇ ئاۋاز چىقىرىشقا پېتىنالمىدى. ئالدىنقى بىر مەزگىل تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئازراق ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن، شىجىنپىڭنىڭ تۈركىيە پرېزدىنتىنى بېيجىڭغا تەكلىپ قىلىپ، زىيارەت قىلدۇرىشى بىلەن ئۇمۇ ئاغزىنى يۇمدى. چۈنكى، خىتتاي ئۇنىڭغا كۆپلىگەن تۈر ۋە پۇل بەرگەنىدى. خىتتاي ھۆكۈمىتىگە نۇرغۇن قەرىزگە بوغۇلغان پاكىستان ھۆكۈمىتىمۇ ئوخشاش. بىردىنبىر پىكىر بايان قىلىشقا پېتىنغان يەنىلا ئامرىكا بىلەن ياۋروپا. ئەمما ئۇلار خىتتايغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگىزەمدۇ؟ مېنىڭچە مۇمكىن ئەمەس!

فىرانسىيە خەلئارا رادىيوسى خەۋىرى.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن