زىننەتگۈل تۇرسۇن كىرزىسى ۋە توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاش

 

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

يازغۇچى: ئۆگدۈلمىش

2019-7-29

شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ھاياتىدا ۋە شەرقى تۈركىستان داۋاسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان مۇھىملىقىنى تېخىمۇ پەرق ئەتتۈرمەكتە. شەرقى تۈركىستانلىقلار بىلەن تۈركىيەلىكلەرنىڭ بىر مىللەت بولۇشى يەنى تۈرك بولۇشى يەنە بىر تەرەپتىن تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دىنى ئەقىدە ۋەئۆرفى ئادەتلەرنىڭ بىردەكلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن تۈركىيە ئىككىنچى ۋەتەن مەۋقەسىدە تۇرۇپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ سۆيگۈ ۋە مۇھەببىتىمۇ ئاناتولىيەدىكى تۈركلەرنىڭ قارىنداشلىق بېغى بىلەن سۇنغان قوللىرىدىن مىننەت ۋە ھۆرمەت بىلەن ئۆزىنى تاپماقتا ۋە بۇ مۇھەببەت بىر مىللەت بولۇشنىڭ بەرگەن ماددى ۋە مەنىۋى تۇيغۇلىرىنى ھىچبىر زامان يوقىتىپ قويمىدى.

مۇسۇلمان مەملەكەتلەردە مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلار مىسىردىكى تۇتقۇن ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى تالاپەتلەردىن كېيىن تۈركىيەگە ۋە تۈركىيەنى كۆۋرۈك قىلىپ ياۋرۇپا ۋە باشقا دىموكراتىك دۆلەتلەرگە كۆچتى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ تەۋرەپ كەتتى ۋە كۆچۈپ كىتەلىگەنلىرى كۆچۈپ كەتتى. تۈركىيەدىكى مۇھاجىرلار ئارىسىدىمۇ ئىزچىل ئەندىشە ۋە تەشۋىش داۋام ئېتىپ كەلمەكتە، 2018.يىلى كاناداغا كۆچمەنلىككە تىزىملاتقانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىلىكى بۇنىڭ بىر تىپىك كۆرۈنىشىدۇر.

خىتايلار ۋەتىنىمىزدە جازا لاگىرى قۇرۇشنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى يىپەك يولى پىلانى بىلەن بۇ يول ئۈستىدىكى گۈزەرگاھلاردا يەر ئالغان مۇسۇلمان ۋە تۈرك مەملىكەتلىرىنىڭ سىياسى ھاكىمىيەتلىرى بىلەن قويۇق ئىقتىسادى ئالاقە قۇرۇشقا باشلىدى، بىر تەرەپتىن بۇ خىتايلارنىڭ ئىقتىسادىنى لوندونغا باغلاش بولسا يەنە بىر تەرەپتىن بۇ گۈزەرگاھلاردىكى دۆلەتلەرنى چاناققا ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسى ئىقتىسادى تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ئىدى. ئىقتىسادى جەھەتتىن قەرز قىلىۋېتىش پىلانى بولسا سىياسى جەھەتتىن خىتاينىڭ پۈتۈن سىياسى مەنپەئەتلىرىنى قاندۇرۇش ئالدىنقى پىلاندى بولدى، خىتاي ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سىياسى مەنپەئەت ئەلۋەتتە شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىشخالىدا داۋاملىق قېلىشى ئىدى، بۇنىڭلىق بىلەن بۇ پىلاننىڭ بىر لىنىيەسىنى بېسىپ ئۆتىدىغان تۈركىيەدە بەزى ئىقتىسادى پىلانلارنى ئىشقا سېلىش، ئىقتىسادى كۈچنى ئاشۇرغانچە سىياسى بېسىمنى ئارتتۇرۇش نىشانىدا بولدى.

تۈركىيەگە كەلسەك، 2002. يىلىدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى (ئاق پارتىيە)، ھاكىميەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن 2008. يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا يولغا قويغان رىئال سىياسى، ئىقتىسادى سىياسەت، كىشلىك ھوقۇقنىڭ تەكىتلىنىشى ۋە ياخشىلىنىشى، دىموكراتىيە، ھۇقۇقنىڭ ئۈستۈنلىكى، پارلامەنتنىڭ ئۈنۈمى ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ جايىدا ئىشلىشى نۇقتىسىدىن تۈركىيە تارىخىدىكى ياخشى بىر دەۋىرنى پەيدا قىلدى. ئاق پارتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ پارتىيەدە ئورۇن تۇتقان لاياقەتلىك دەۋلەت ئادەملىرى، ھەر ساھەدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2011.يىلىدىكى سايلامدا ئاق پارتىيە تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئاۋاز نىسبىتىگە ئېرىشتى. بۇنىڭغا پاراللىل بىر شەكىلدە 2003.يىلىدىن كېيىن دۇنيادىكى چوڭ بانكالارنىڭ تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز تارقىتىشى تۈركىيەگە ئوخشاش ئوتتۇرا ھال تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلدى ۋە تۈركىيەگە ئىنتايىن كۆپ ئەرزان باھالىق قەرزلەر كىردى، بۇ ئەرزان باھالىق قەرزلەر ھەم دەۋلەتنىڭ كاپالىتى بىلەن خۇسۇسى شىركەتلەرگە زور مىقتاردا نەق پۇل تەمىنلىدى،بۇنىڭلىق بىلەن تۈركىيەدە كىشىلەرنىڭ قولىغا زور مىقتاردا پۇل بىرىلىشكە ۋە بۇ پۇللار بىلەن رىئال كۈندىلىك ئىھتىياچ ماددىلىرىدا، ئالاھىدە ئىھتىياچ ۋاستىلىرىدا تەلەپنى قاندۇرغىدەك بىر يەرگە كەلدى،ھەتتا تەلەپتىن ئاشقۇدەك دەرىجىدە پۇل موللىقى شەكىللەندى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسىنىڭ ھاكىمىيەتكە كېلىشى بىلەن تەڭ تۈركىيەدە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلىشىدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە سىياسى مەۋجۇدىيىتىنى نامايەن قىلىش، سىياسى ھاكىمىيەتكە ئارلىشىش ھەتتا سىياسى ھاكىمىيەتكە ئىگە بولۇش پۇرسىتى بولمىغان، بولغان تەقدىردىمۇ سىياسى ھەربى ئۆزگىرىش بىلەن قىسقا مۇددەتتە ھاكىمىيەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغان سىياسى ئوڭچىل مۇھافازاكار تەبىقە رەسمى ھالدا سىياسى مەۋجۇدىيىتىنى كۆرسىتىشكە، ئىقتىسادى جەھەتتىن ئىككىنجى ۋە ئۈچۈنجى سىنىپتىن بىرىنجى سىنىپقا چىقىشقا باشلىدى، ئەممە بۇلارنىڭ كۆپى دىگۈدەك سىياسى ھاكىمىيەتنىڭ بەرپا قىلغان قولايلىقلىرى ۋە ئەرزان قەرز پۇللىرىنىڭ كەڭ تۈردە بازارغا سېلىنىشىدىن شەكىللەنگەن ئىدى. كۆپىنچىلىرى ئىشلەپچىقىرىشتىن زىيادە تىجارەت ۋە يېرىم خام ماددە پىششىقلاپ ئىشلەش، مۇھافازەكار سىنىپلارغا خىتاپ قىلىدىغان بەزى ئالاھىدە خىزمەت قاناللىرىدىن مەنبەلەنگەن قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادى چارقنىڭ چۆرگىلىشى ئىدى. تۈركىيەدىكى ئىنشائات كەسىپىنىڭ راۋاجلىنىشى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنىكىدۇر،ئىھتىياچتىن ئارتۇق تۇرالغۇ ئۆينىڭ مەۋجۇت بولۇشى، بۇ ئۆيلەرنىڭ تۆۋەن تەبىقە تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىش ئىمكانىنىڭ بولماسلىقى مىليونلارچە بوش ئۆيلەرنى شەكىللەندۈردى. يەنى تۈركىيە ئىقتىسادى ئۇلى بوش بىر ئىقتىساد ھالىغا كەلدى.

2013.يىلى ئىستانبۇلدا يۈزبەرگەن گەزى پاركى(Gezi Parkı) ۋەقەسى ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاستە ئىستىپاسىنى تەلەپ قىلغان بىر ھەرىكەتكە ئۆزگىرىپ كەتتى ۋە تۈركىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات تەشكىلاتلىرىنىڭ قول تىقىشى بىلەن خارەكتېرى ئۆزگىرىپ كەتتى، ئىككى يىل ئاۋۋال ئەرەب دۆلەتلىرىدە پەيدا بولغان مەنزىرەنىڭ ئەندىشىسى ۋە بۇ ۋەقەدە بىۋاستە ۋەزىپىدىكى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئىستىپاغا زورلىغان بەزى ھەرەكەتلەر، باشتا ئەردوغان بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاكىميەتتىكى ئاق پارتىيىنىڭ چوڭ بىر سىياسى بۇرۇلۇشقا كىرىشىگە سەۋەب بولدى. 2008. يىلى دۇنيا مىقىياسىدا شەكىللەنگەن ئىقتىسادى كىرزىس تۈركىيەگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ كىيىنكى يىللاردا ئاستا ئاستا ئۆزىنى ھىس قىلدۇرۇشقا باشلىدى، باشتىن بېرى ئاق پارتىيە بىلەن بىرلىلكتە يولغا چىققان بەزى كىشىلەر بۇ يىللاردا ھەم دەۋلەتنىڭ باشقۇرۇلۇش شەكلى ھەم ئەردوغاننىڭ پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىتى سەۋەبلىك بۇ سەپتىن ئايرىلىشقا باشلىدى ۋە بەزىلىرى يېڭى پارتىيە قۇرۇش يولىغا كەتكەن بولسىمۇ غەلبىلىك بولالماي باشقا پارتىيەلەردىن مىللەت ۋەكىلى بولۇشقا باشلىدى. بۇ ئايرىلىش 2013.يىلىدىكى گەزى پاركى ۋەقەسىدىن كېيىن ئەردۇغاننىڭ ۋە ھۈكۈمەتنىڭ تۇتقان قاتتىق پوزىتسىيەسىدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىشكە ۋە كىشىلەرنىڭ ئەردوغاننى تەرك ئېتىشىگە قاراپ ئۆزگەردى. ئەردوغان ئاستا ئاستا يالغۇزلىشىشقا باشلىدى. 2015. يىلى 17. ئىيۇن ئۇمۇمى سايلامىدا 39 پىرسەنتلىك ئاۋاز بىلەن يالغۇز ھالەتتە ھاكىمىيەتكە كىلەلمەسلىكى بىلەن ئاق پارتىيەنىڭ سىياسى كۈچى ۋە ئەردوغاننىڭ يىڭىلمەسلىكى تالاش تارتىش قىلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ شۇ يىلى 11.ئايدا يەنە غايەت زور ئۈستۈنلۈك بىلەن يالغۇز ھاكىمىيەتكە كەلدى. بۇ مەزگىلدە يىللاردىن رىقابەتلىشىپ كېلىۋاتقان مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيسى بىلەن ئاق پارتىيە يېقىنلىشىشقا باشلىدى. مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيسى(م ھ پ) سۆز ۋە ئۇسلۇبتا ئەڭ ئوڭ قانات مىللەتچىلەرنى تەمسىل قىلغان پارتىيە بولسا ئاق پارتىيە قۇرۇلۇش نىزامى ۋە غايىلىرى نوقتىسىدىن مەركەز ئوڭ ۋە ئۈممەت چۈشەنچىسىدىن مەنبەلەنگەن بىر پارتىيە ئىدى، يەنى بۇ ئىككى پارتىيە تۈرك مىللەتچىلىكى نۇقتىسىدا كەسكىن توقۇنۇشلارغا ئىگە ئىدى. تۈركىيەدىكى كۈرت سىياسى ھەرىكىتىنىڭ ھەل بولىنىشى ئۈچۈن ئاق پارتىيە ئۈممەت چۈشەنچىسى ئاستىدا بۇ ئىشنى ھەل قىلىشقى كۈچەپ باققان بولسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە سەمىمىيتىنىڭ يىتەرسىزلىكلى تۈپەيلى بۇ ئىش ئاقمىدى، بولۇپمۇ خەلقنىڭ كۈرت مەسىلىسىدە ئاق پارتىينىڭ تۇتقان سىياسىتىگە قارشى چىقىشى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئارتتى، پۈتۈن بۇلار ئاق پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشى ۋە بۇندىن كېيىن دەۋلەت سىياسىتىدە م ھ پ تەرەپكە قېيىشىنى شەكىللەندۈردى.

پۈتۈن بۇلار بىلەن بىللە سۈرىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ ۋە ياۋرۇپانىڭ دەسلەپتە تۈركىيەنى سۈرىيەگە قىزىقتۇرۇپ ئىش باشلانغاندىن كېيىن يالغۇز قويۇشى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە پاتقىقىغا كىرىپ قېلىشى، تۈركىيەگە زور مىقتاردا سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ كېلىشى، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپانىڭ بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر كۈرت دەۋلىتىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشى، مىسىردىكى ھەربى ئۆزگىرىشتە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپانىڭ ھەتتا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ قارمۇ قارشى سىياسى مەيداندا بولۇشى، ئاق دېڭىزدىكى تەبئى بايلىق تالىشىش ۋە سۈرىيەدىكى بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلانغان رۇسيەنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتنى قوللاپ سۈرىيەدە مەۋجۇتلۇققا ئېرىشىشى تۈركىيەنى خەلقئارالىق ئېقىملاردا بەزى تاللاشلارغا مەجبۇر قىلدى. ئامېرىكىنىڭ 2000دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى يۈك ماشىنىسى بىلەن كۈرت قوراللىق كۈچلىرىگە ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى بېرىشى، دائىشنىڭ كىلىشىۋالغاندەكلا كۈرتلەرگە ناھايتى ئاسان يېڭىلىپ كۈرتلەرنىڭ يېڭى تۇپراقلارغا ئېرىشىپ تۈركىيەنىڭ جەنۇبى چىگىرىسىدا زور بىر ھەربى تەھدىدكە ئايلىنىشى ئامېرىكان سەناتوسى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيەتىنىڭ كۆپ قېتىم قارمۇ قارشى مەيدانغا قويۇپ قويدى ۋە ھەتتا 2016. يىلى 15.ئىيۇل ھەربى ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشىدا ئامېرىكىلىق ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ قولى بارلىقىدىن شۈبھىلىنىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن تۈرك-ئامېرىكا دىپلوماتىك كىرزىسى ئەڭ ناچار ھالەتكە كەلدى. 2018.يىلى بۇ كىرزىس راھىب(پوپ) برانسوننىڭ تالاش تارتىشى بىلەن زىرۋىگە چىقتى، تۈرك لىراسىنىڭ كۇرسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ تۈرك ئىقتىسادى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشقا ئاز قالدى.  تۈركىيەدە ئامېركا ۋە ياۋرۇپانىڭ ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتىگە قارىتا شۈبھە ۋە گۇمان يۇقىرى كۆتىرىلىشكە باشلىدى. قارشى تەرەپمۇ ئەردوغاننى دىكتاتورلىشىش بىلەن داۋاملىق ئەيىپلەشنى داۋام قىلدۇردى، گەرچە سۈرىيە مەسئەلەسىدە رۇسيە بىلەن تۈركىيە نۇرغۇن توقۇنۇشقا ئىگە بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ مەيدانىغا نىسبەتەن رۇس تەرەپ تۈرك تەرەپكە بەزى جەھەتلەردىن يول قويدى ۋە بىر بىرى بىلەن بىرلىككتە ھەرىكەت قىلدى. رۇسيە، ئىران ۋە تۈركىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە ئاساسەن بىر يەرگە كەلدى، تۈركىيەمۇ ئادتىرتتىن ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئىتىراپ قىلىشقا باشلىدى. خىتايمۇ پۇلنى كۆتىرىپ رۇسيەنىڭ ھەيۋىسىدە سۈرىيەدە بازار تاپتى.

2015.يىلىدىن كېيىن تۈركىيەگە كىرىدىغان ئەرزان پۇللارنىڭ ئازلىشى ھەتتا ئۈزىلىشى، ئارقىدىن ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا بىلەن بولغان سۈركىلىشلەرنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى، تۈركىيەدە تىرورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىپ ساياھەتچىلىكنىڭ چىكىنىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئەمەس ئىنشائاتقا سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئايلىنىش قىممىتىنىڭ بولماسلىقى كىشىلەرنىڭ يانچۇقىدىقكى پۇللارنى ئازايتىۋەتتى.  تۈركىيە ئىقتىسادى ئىنشائاتنى ئاساس قىلغان، سانائەتلىششنى تاماملىيالمىغان، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئۆز-ئۆزىنى قامدىيالمايدىغان، ئختىساسلىق كىشىلەر تۈركىيەنى تەرك ئېتىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى،فەتۇللاھچى تېرور تەشكىلاتىنى تازىلاش داۋامىدىمۇ تۈركىيەدە دىموكراتىيە جەھەتتىنمۇ كۆرىنەرلىك چىكىنىشلەر مەيدانغا كەلدى. فەتۇللاھچىلارنى تازىلاش كىيىنكى زاماندا بىر ئىجتىمائى مەسىلىگە ئايلىنىپ كەتتى ۋە ھۈكۈمەت بۇنى ئۆتىچىلەرنى جىمىقتۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلىۋالدى. بۇنىڭلىق بىلەن ئىچكى جەھەتتە ھۆكۈمەتكە بېسىم ئارتسا تاشقى جەھەتتىن ئاق پارتىيە ھۈكۈمىتى، م ھ پ نىڭ يىتەكلىشىدە يېڭى سىياسى كۈچ ئىزدەشكە باشلىدى، تۈركىيەدە بۇرۇندىن مەۋجۇت بولغان ئاۋراسىياچىلىق ئېقىمى ۋە دوغۇ پەرىنچەك گوروھى بۇ ۋاقىتتا كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلەشكە باشلىدى، ئاق پارتىينىڭ سىياسى چۈشەنچە قۇرۇلۇشى بولغان سەتا ۋەقفى(Siyaset, Ekonomi ve Toplum Araştırmaları Vakfı) بۇ تىپتىكى ئاۋراسىياچىلىق ئېقىمىنىڭ يېيلىشى ئۈچۈن ھۈكۈمەتنى رۇسيە ۋە خىتايغا يېقىنلىشىشىقا دەۋەت قىلىپ كەلدى. تۈرك مىللەتچىلىكىنىڭ بۆشۈكى دەپ قارىلىۋاتقان م ھ پ مۇ بۇ نوقتىدا 80.يىللاردا قان-پىچاق بولۇشقان كومىنىست دوغۇ پەرىنچەك گوروھى بىلەن ئورتاق مەيدانغا كېلىپ ھۈكۈمەتنى داۋاملىق بىر شەكىلدە شەرققە ئىتتىرىپ كەلدى. م ھ پ نىڭ تۈرك مىللەتچىلىكى چۈشەنچىسى، بۇ ھەرىكەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالپ ئارسلان تۈركەشنىڭ ئېيتقىنىدەك پەقەت ۋە پەقەت تۈركىيە چىگراسى ئىچىدىكى تۈركلەرنىڭلا مىللەتچىلىكى ئىدى، ئاق پارتىينىڭ ئۈممەتچىلىكى بولسا يېقىن جۇغراپىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان، تۈركلىكنى يەكلەيدىغان ئۈممەتچىلىك ئىدى. يەنى تۈرك مىللەتچىلىكى بولسۇن، ئاق پارتىينىڭ سىياسى ئۈممەتچىلىك پىكىرى بولسۇن نەتىجە ئىتىبارى بىلەن تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان تۈركلەرنى بەك ئۆز ئىچىگە ئېلىپ كەتمەيتى. بۇ چۈشەنچىدە ئاق پارتىينىڭ ئۈممەتچىلىك چۈشەنچىسى نىسپى جەھەتتىن شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇملاردىن راھاتسىز بولسىمۇ، جۇغراپىيەنىڭ ئۇزاقلىقى ۋە تۈرك ئىسلام چۈشەنچە ۋە پەلسەپەسىدىن ئۇزاق بولغاچقا تۈركىستان ئۇلارغا يات بىلىنەتتى. ئەمما تۈرك خەلقىنىڭ قەلبىدە شەرقى تۈركىستاندا ياشايدىغان تۈركلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادى ئىدى ۋە بۇ چۈشەنچە بىلەن خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى سەزگۈرلۈك ھىچبىر زامان ئاجىزلاپ باقمىدى، بۇ سەزگۈرلۈك ھۈكۈمەتكە ۋە دەۋلەتكە زور بېسىم ئېلىپ كىلەتتى، ھەتتا بۇ سەزگۈرلۈك تۈركىيەدە مەلۇم سىياسى چۈشەنچە تەرەپدارى بولسىمۇ دەۋلەت تەربىيەسى ئالغان بىروكراتلاردا ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە ئىدى.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سەۋەبلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ رۇسي-خىتاي بلوكىغا قاراپ يۈزلىنىشى، ئىقتىسادى جەھەتتىن خىتاي مەبلىغىنىڭ تۈركىيەگە ئېقىپ كىرىشى، سودىدىكى خىتاينىڭ ئۈستۈنلىكى ۋە ئەسلىدىنلا  كومىنىست تەرەپدارلىرى بولغان بەزى سىياسى گوروھلارنىڭ ھۆكۈمەت پولىتىكالىرىدا كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولىشى، خىتاينى تۈركىيەدە نوپۇز ساھىبى قىلىشقا باشلىدى، ئاق پارتىيە دەۋرىدىن بۇرۇن دەۋلەت تەربىيەسى ئالمىغان نۇرغۇن بىروكراتلار دەۋلەتنىڭ مۇھىم يەرلىرىدە خىزمەت قىلىشقا باشلىدى، م ھ پ نىڭ پەقەتلا سۆزدە تۈرك مىللەتچىلىكى قىلىشى، خىتاي ۋە رۇسيە سىياسىتىدا ھۈكۈمەتنىڭ قورقماي ئالغا قەدەم ئېتىشىنى تېزلەتتى. خىتايلارنىڭ پىلانلىق بىر شەكىلدە تۈركىيەگە سىىڭىپ كىرىشى بىلەن تۈركىيەدە ئىچىدە غايەت زور خىتاي كۈچىنى شەكىللەندۈردى. 2018. يىلى تۈركىيەنىڭ پارلامېنت تۈزىمىدىن پرېزدېنتلىق تۈزۈمىگە ئۆتۈشى جەريانىدىكى پىلانسىزلىق تۈپەيلى بىروكراتىك ئايلىنىشتا ئاستىلاش، لاياقەتسىز كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئۇرۇنغا كىرىۋېىلىشى، مەنپەئەتنى مەركەز قىلغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئورۇننى ئىگەللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، خىتاي لوبىچىلىقى ھىچبىر دەۋلەت تەربىيەسى ئالمىغان لاياقەتسىز كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىقتىسادى جەھەتتىن باغلاش بىلەن ئىشلىرىنى ئىزچىل راۋاجدا تۇتۇپ كەلدى. 2014. يىلىدىن باشلانغان سۈرىيەگە بېرىش دولقۇنى، ئارقىدىن ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ كىشىلەرنى سۈرىيەگە بېرىشتىن توسقانلىق تۈپەيلى ئۈچ يىلغا يېقىن نەزەربەنت ئاستىدا تۇتۇلىشى، تىرورغا باغلانغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۈركىيەدىكى قايتۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىشى بۇلارنى ئوپئۇچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەمدى مەسئەلەگە كەلسەك، زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ قايتۇرىۋېتىلگەنلىك خەۋىرى بىر تۇغقىنى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشەنگەن بولسىمۇ بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمىدى، چۈنكى بىر ئاي بۇرۇن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مائارىپ جەمئىيىتىگە بۇ توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسى بار ئىدى، مائارىپ جەمئىيىتى ئۆزىگە چۈشكەن بۇ مەسئۇلىيەتنى خەلققە يەتكۈزۈپ كىشىلەرنى خاتىرجەم بولۇشقا چاقىرغان ئىدى، بىر ئاي ئۆتمەي بۇ خەۋەرنىڭ چىقىشى، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان يالغان خەۋەرلەردەك بولۇشى ئىھتىمالىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ خەۋەرنىڭمۇ يالغان بولۇشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى ۋە دەۋلەت تارماقلىرى بىلەن ئالاقىدە بولۇندى، ئاخىرىدا تاجىكىستان ئارقىلىق قايتۇرۇۋەتكەنلىكى دەلىللەنگەندەك بولسىمۇ كۆچ ئىدارىسى يەنە بۇ خەۋەرنىمۇ رەت قىلدى. قايتۇرۇۋەتكەنلىك تەرىپى كۈچلۈكتەك تۇرسىمۇ بۇ باياناتتىن كېيىن يەنە بەزى سۇئال ئىشارەتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

بۇ خەۋەر چىققاندىن كېيىن تور دۇنياسىدا دەرھال تۈركىيەدىكى دەرنەك ۋە تەشكىلاتلارنى ۋە بەزى شەخسلەرنى نىشانغا ئالغان ھاقارەتلەر ۋە تۆھمەتلەر چىقىشقا باشلىدى، ئىزچىل ھۈكۈمەت بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈركىيەدىكى مەنپەئەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداش يولىنى تۇتۇپ كەلگەن مائارىپ جەمىيىتى ۋە رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئىسمى ئوچۇق ۋە يېپىق نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن نۇرغۇن تەنقىد ۋە ھاقارەتلەرگە قالدى، تۈركىيەدىكى دەرنەكلەرنىڭ ئىچىدە تەسىر دائىرىسى ۋە نوپۇزى جەھەتتىن ئەڭ چوڭ بولغان بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلىيەتكە تۇتۇلىشى ۋە بەزى كۈتۈشلەرنىڭ بولۇشى تەبئى، ھەتتا ئۇزۇندىن بۇيان مائارىپ جەمىيىتى ۋە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركىيەدە پارتىيچىلىك قىلدى دەپ ئەيىپلەندى، ئەمما مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىۋاستە ئىزاھاتى بۇنىڭ بىر پارتىيچىلك ئەمەس بەلكى بىر تاكتىكا ئىكەنلىكى شەكلىدە بولۇپ، مائارىپ جەمئىيەتى ھۈكۈمەت بىلەن قۇرغان نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىرىدە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىرلارنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلدى، بەلكى بۇنىڭدىن باشقا دەرنەكلەر ھۈكۈمەت بىلەن بۇخىل دىئالوگقا كىرسە بولاتتى ئەمما بۇ دىئالوگقا كىرىشنى  قاملاشتۇرالىغانلار يەنىلا مائارىپ جەمىيەتى بولدى. تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىرلارنىڭ نۇرغۇن مەسئەلەلەرى بولسىمۇ يەنە نۇرغۇن مەسئەلەلەر مائارىپ جەمئىيەتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھەل بولدى، يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ۋەتەنداشلىق بېرىلىش مەسئىلىسىدىمۇ دەۋلەت ماقاملىرى بىلەن جىددى كۆرۈشۈشلەر بولۇندى.  زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭ قايتۇرۋېتىلگەنلىكى خەۋىرى بىلەن تەڭ زىننەتگۈل تۇرسۇن قاتاتلىق كىشىلەرنىڭ سۈرىيەگە بېرىشىغا سەۋەپ بولغان بەزى قەھرىمانلار تۇيۇقسىز تور دۇنياسىدا زىننەتگۈلچى بولۇپ كەتتى، پۈتۈن گۇناھنى ئەينى ۋاقىتتا سۈرىيەگە بېرىشنى توسقان مائارىپ جەمىيىتىگە ئارتىپ قويدى، ۋەھالەنكى بۇنداق بىر كىرزىس جەريانىدا تەشكىلات ۋە دەرنەكلەرنىڭ سوغوققانلىق بىلەن مەسئەلە ھەل قىلىشقا ئەقىل ئۇپىرتىشى كېرەك ئىدى،كىشىلەر تور دۇنياسىدا بىر دەۋلەتتىن كۈتۈلىشى كېرەك بولغان نەرسىلەرنى مائارىپ جەمىيىتىدىن كۈتتى ۋە بۇ جەرياندا توپىلاڭدىن توغاچ ئوغىرلايدىغانلار قولتۇققا توغانچنى قىستۇرۇپ بولدى.

تۈركىيەنىڭ مەۋجۇت رىئال سىياسى ھالىتىنى بىلمىگىنىمىزدە بۇ ئىشلارنىڭ نىمىشقا بولىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيمىز، كۆڭلىمىزدە دەۋلەت كۈچىگە ئىگە دەپ قارىۋالغانلارنىڭ بىر دەرنەك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالساق قۇرۇق قاقشاشتىن باشقىنى قىلالمايمىز، بۇ كىرزىستىن چىقىشىمىز ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ رىئال سىياسى ئىقتىسادى ھالىتىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ مىللەت  ئەقلىنى بىر يەرگە ئەكەلمىسەك بۇ ئىشنىڭ ئىچىدىن چىقالمايمىز. بولۇپمۇ زىيالىلارنىڭ جىم تۇرۇۋېىلىشى، چىقىش يولى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ئىشلەپ چىقارمىغانلىقى بىزدىكى چوڭ بىر نوقسان. تۈركىيە سىرتىدىكىلەرنىڭ دەرھال تۈركىيەنى ئەيىپلەشكە ئۆتىشى، تۈرك دۈشمەنلىكى چاپىنىنى كىيىشى، تۈركىيەدىكى دەرنەكلەردىنلا بۇ ئىشنى كۈتۈپ سۈكۈتتە تۇرۇۋېىلىشىمۇ ئەقىلغە مۇۋاپىق بىر ھەل قىلىش چارىسى ئەمەستۇر. بىز چوڭ بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى، قىيىنچىلىقلاردا بىرلىشەلەيدىغانلىقىمىزنى، كىرىزسنى ھەل قىلىشتا چاققان ۋە تەدبىرلىك ئىكەنلىكىمىزنى ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىسپاتلىيالمىساق، ھەرخىل تاكتىكىلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا ۋە باشقا دۇنيادىكى دۆلەتلەردە تۈرك بۈيۈك ئەلچىلىكلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، تۈركىيە ئىمزا قويغان كىشىلىك ھوقۇق كىلىشىملىرىنى ئۇنۇتماسلىقىمىز، خەلقئارالىق چوڭ مېديالارنى قوزغاشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك، مەلۇم بىر دەرنەككە تىغ ئۇچىنى قارىتىۋېىلىش ھەتتا تۆھمەت قىلىش، چاپانچىلىق بىلەن ئەيىبلەش ھىچبىر زامان چارە-تەدبىرگە كىرمەيدۇ. تۈركىيەگە باتناش بىلەن بۇ ئىش ھەرگىز ھەل بولمايدۇ، تۈركىيەنىڭ دەۋلەت پولىتىكاسىدا شەرقى تۈركىستاننىڭ مەزمۇت ئورنىنى تۇرغۇزۇش تامامەن بىزگە باغلىق بىر مەسئەلە، 2009.يىلى ئۇمۇميۈزلۈك ۋەتەنداشلىق بەرگەن بىر دەۋلەت نىمە بولدى دە بۇگۈنكىدەك بۇ ھالەتكە كەلدى ئانالىزىنى ياخشى قىلىشىمىز لازىم.

 تۈركىيەدە 2019.يىلى 6.ئاينىڭ 23.كۈنىدىكى ئىستانبۇل سايلىمىدا ئاق پارتىينىڭ سۈرىيەلىكلەر باشتا بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆچمەنلەرگە قارىتا تۇتقان سىياسەتلىرىنى كۆز ئالدىغا ئېلىپ كەلسەك، خىتاينىڭ يانچۇقچى ۋە چاپانچىلىرىنىڭ بۇ سىياسى ئاتموسفېرادىن قانداق پايدىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس، تۈركىيە سىرتىدىكى دەرنەكلەر قولىدىن كېلىشىچە تۈركىيە ئىچىدىكى دەرنەكلەر بىلەن بىرلىشىپ بۇ ئىشنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىش، تۈركىيەدىكى دەرنەكلەر بولسا بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋە قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن، قانۇنى ھۇقۇقنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن چارە تەدبىر ئىزدىمىكى لازىمدۇر. شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلەر ۋە تەبلىغ قىلىپ بەرگەنلەر بىر ياسىنىپلا زىننەتگۈلچى بولىۋېلىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس، ھەيران قالارلىق ئىش بولسا مىللەتنىڭ پۈتۈن ئىشىدىن مەلۇم دەرنەكنى مەسئۇل تۇتۇپ، مەلۇم كىشىنى ھۇجۇم قىلىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇۋېىلىپ، مەسئەلىنى ھەل قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ سوسيال مېديادا غەليان قىلىشتۇر.  زىننەتگۈل مەيلى نىمە سەۋەپتىن قايتۇرۇلغان بولسۇن ئۇنىڭ سۈرىيەگە بارغانلىقى تۈپەيلى ئەيىپلەش خاراكتېرلىك جۈمىلەرمۇ كەلگەن مۇسىبەتتە ئازاردىن باشقا نەرسە ئەمەس، ھىچبىر شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلىشى، بولۇپمۇ ئىككىنچى بىر ۋەتىنىمىز بولغان تۈركىيەدىن خىتايغا قايتۇرۇلىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىشتۇر. ئەمما بىزنىڭ ئوينايدىغان رولىمىز ۋە تاكتىكىمىز تۈركىيەنىڭ دەۋلەت گېنلىرىنى يېردىن قوزغىيالىسا بۇ ئەڭ توغرا ھەل قىلىش ئۇسۇلى بولىدۇ. قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا زىيالىلارنىڭ سۈكۈتنى تاللىماسلىقى، تاماشىبىن بولماسلىقى، بەدەل تۆلىشى لازىم. مىللەت ئەقلىنى ئىشقا سېلىش لازىمدۇر. سۈرىيەگە بارغانلار رىئال بىر مەسئەلەدۇر، بۇ ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىشىگە سەۋەب بولماسلىقى لازىم. بۇ بىر چوڭ يارا ھالەتكە كەلسە مىللەتنى تەڭ چۈرۈتۈپ ماڭىدۇ، ئۇلارغا ئىگە چىقىشىمىز، قىلغانلىرى خاتا بولغان تەقدىردىمۇ خىتاينى خوش قىلىدىغان ھەرقانداق غەۋغادىن ئۇزاق تۇرۇش يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ نەۋرىلىرى بولغان بىزلەرگە ئەڭ يارىشۇر.

 

 

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن