يەكەن ئېلىشقۇ قەتلىئامى

تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر پىدائىلىرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-26

 

خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى ”شەرقى تۈركىستان“غا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بىرى ”شەرقى تۈركىستان“ خەلقىگە توختاۋسىز زۇلۇم قىلىپ كەلدى. «ئېلىشقۇ قەتلىئامى» خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ  شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلۇمىنىڭ يەنە بىر يارقىن كارتىنىسى. بۇ قەتلىئام بۇنىڭدىن دەل بەش يىل بۇرۇن 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى رامىزاننىڭ 28-كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى  دائىمقىغا ئوخشاش قولىدا تاياق توخماقتىن ئۆزگە نەرسە بولمىغان بىگۇناھ خەلىقنى ئوققا تۇتتى. بۇ قەتلىئامدا تەخمىنەن 2مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنى شېھىت قىلىندى.

ئۇنداقتا،بۇ شېھىتلەرنىڭ توپلىنىشىغا نىمە سەۋەپ بولدى؟ قانداق روھ ئۇلارنى ئوق ئالدىدا مۇستەھكەم تۇتۇپ تۇردى؟ خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ يىللاردىن بېرى «شەرقى تۈركىستان» خەلقىگە قاراتقان «ئادەم كېرەك ئەمەس، تۇپراق كېرەك»دىن ئىبارەت ئىنسانلىققا قارشى، خىيانەتكىرانە سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىكى نەپرەت ئۇچقۇنلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى. «5-ئىيۇن» قىرغىنچىلىقىدەك زور قىرغىنچىلىقىنىڭ يارىسىدا يۈرگەن خەلىقكە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن ھەقسىز، ئادالەتسىز، بىر تەرەپلمە، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتى ئاساس قىلىنغان مۇستەملىكە سىياسەتلەر، شۇنداقلا دىننى ئىتقادقا ھەددىدىن ئاشقان ھالدا تاجاۋۇز قىلىش سىياسەتلىرى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىماقتا ئىدى. دەل مۇشۇنداق كۈنلەردە يەكەن ناھىيەسىدە ۋە ئېلىشقۇ بازىرىدا خەلىقنى قاتتىق نارازى قىلىدىغان ئىشلار ئارقا- ئارقىدىن يۈز بەردى. رامزان باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەس خىتاي شوپۇرنىڭ بىر ئائىلە ئۈچ كىشىنى (بۇنىڭ ئىككىسى ھامىلدار ئايال، بىرى 15 ياشلىق ئوغۇل، ھامىلە بىلەن بەش كىشى جاندىن ئايرىلغان) سوقۇپ ئۆلتۈرگەن بولسا، بەشكەن بازىرىدا نەچچە كۈن ئىلگىرى چوڭى 70 ياشلىق بوۋاي، كىچىكى 5 باشلىق بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوققا تۇتۇلغان ئىدى. خەلىق ئۆزىنىڭ ھەققانى ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن شۇ جايدىكى يەرلىك ھۈكۈمەتكە مۇراجەت قىلغان بولسىمۇ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان، ئەكىسچە قاتتىق مۇئامىلىگە، تەھتىتكە، تۇتقۇنلىققا ئۇچرىغان. بۇ خىل ناھەقچىلىككە تاقىتى تاق بولغان خەلىق ئاخىرى خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشىلىقىنى بىلدۈرگەن. مانا بۈگۈن 7-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچتە تەراۋىھتىن يانغاندا ھىجابى سەۋەبلىك تۇتۇپ كىتىلگەن ئاياللىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بىر قانچە كىشى ساقچىخانا ئالدىغا يىغىلغان، ئەمما ئۇلار بىلەن ساقچىلار ئوتتورسىدىكى توقۇنۇش يۈز بىرىپ، بۇ ھەركەت خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئومومىي قارشىلىق ھەركتىگە ئايلىنىپ كەتكەن. خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى بۇ ۋەقەگە قارتا ھېچقانداق ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماي قولىدا كالتەك-توقماق ئۆزگە قۇرالى بولمىغان 2مىڭدىن ئارتۇق خەلىقنى ئوققا تۇتۇپ قىرغىن قىلغان. تىيەنئەنمىن مەيدانىدا ئۇقۇغۇچىلارنى قانداق قانلىق باستۇرغان، 5-ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر خەلقىنى قانداق قىرغىن قىلغان بولسا بۇ قېتىممۇ خەلقنى ئەنە شۇنداق ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلغان.  ھەتتا خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى  ئۈچۈن نەچچە يىللار غالچىلىق قىلغان ئۇ ئىككى ئۇيغۇرنىمۇ ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۋەتكەن . بۇ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئۇ غالچىنىڭ ئايالىنى زىيارەت قىلغاندا دەلىللەنگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى خەلىقئارانىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق ئۈچۈن بۇ قەتلىئامنى قاتتىق يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنغان، بۇ قەتلىئامنىڭ شاھىتلىرىنى ھەممىسىنى تۇتۇپ سولىغان. بۇ ناھاقچىلىككە چىدىمىغان ئابابەكرى رېھىم ئىسىملىك 21 ياشلىق ياش يىگىت VPN  ئارقىلىق، تام ئاتلاپ تورغا چىقىپ بۇ ۋەقەنى خەلىقئاراغا ئاشكارلىغان. ئاز ئۆتمەي خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى بۇ ياشنىمۇ تۇتۇپ سولاپ، قاتتىق قىيناپ يالغان مەلۇمات تارقاتقان جىنايىتىگە قول قويدۇرۇپ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلغان.

شۇنداق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ «شەرقى تۈركىستان»دىكى مۇستەملىكە سىياسىتى داۋام قىلماقتا. شۇنداقلا ئەڭ ئەۋجىگە چىقىپ ئۈچ مىليۇندىن ئارتۇق «شەرقى تۈركىستان» خەلىقىنى جازا لاگېرلىرىغا مەھكۇم قىلماقتا. لىكىن زۇلۇمغا باش ئەگمەيدىغان ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئاۋازسىز قويمىغان ھەم مەڭگۈ قويمايدۇ. «ئېلىشقۇ قەتلىئامى»نىڭ شېھىتلىرى بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلىدۇر. بۇ ھۆر خەلىق ھۆرلىككە، مۇستەقىللىقكە ئېرىشكەنگە قەدەر كۈرەش قىلىدۇ.