ختتاي ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرىنى ئامېرىكىغا قارشى بىرلەشمە بايانات ئىلان قىلغۇزدى!

ختتاي ئۇيغۇر ۋە قازاق زىيالىيلىرىنى ئامېرىكىغا قارشى بىرلەشمە بايانات ئىلان قىلغۇزدى!

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى،ۋاشنگىتون.

2019-يىلى 19-ئىيۇل،تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئامېرىكا دۆلەت ئ‍شلىرى مەھكىمىسى باش كاتىۋى مايىك پومپىيو بىر يىلدىن بىرى ختتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىلارغا قاراتقان دىنى ،مىللى سياستىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كەلگەن بولۇپ،.16 ۋە 17-ئىيۇل ۋاشنگىتوندا ئۆتكۇزۇلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا منستىر دەرىجىلىك دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى يېغىنىدا مايىك پومپىيو:ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياستى بۇ ئەسردىكى داغ-،ختتاي ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدەنىيتىنى يوق قىلماقتا،دىنى ئىتىقادىنى ۋەيران قىلماقتا-دەپ سۆزلىگەنىدى.

19-ئىيۇل ختتاينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇر،قازاق ،ئۆزبەك قاتارلىق مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ نامىدىن بىرلەشمە بايانات ئىلان قىلىپ،مايىك پومپيوغا رەددىيە بەرگەن،بۇ باياناتتا مۇنداق دىيىلگەن:« مايىك پومپىيو ئەپەندى ،بىز سزنىڭ يېقىندىن بىرى جۇڭگو ۋە شنجاڭنىڭ دىنى ئەھۋالى ھەققىدىكى مەسئۇلىيەتسز ۋە يالغان بايانلىرىڭىزغا دىققەت قىلدۇق…..

يېقىنقى بىر مەزگىلدە، شنجاڭدا دىنى رادىكال ئىدىيە قاتتىق ئەۋج بولغان بولۇپ، زوران-تىرورلۇق ۋەقەلىرى پات-پات يۇز بىرىپ،كىشلەرنىڭ ھاياتى،مال-مۇلكى ئىغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەنىدى، خەلق ئاممىسى ھەر كۇنى قورقۇنچ ۋە جىددىيلىك ئىچىدە ياشايتتى،…….خەلق ئاممسنىڭ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ،زوراۋانلىقنى بىخ ھالىتىدە يوقتىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا قانۇن بويىچە كەسپى تەربىيلەشنى يولغا قويدۇق…«

بۇ خەتتە يەنە رايوندا تىچلىق،بىخەتەرلىك ،مۇقىملىق ئ‍شقا ئاشقانلىقى تەكىتلەنگەن.ختتاينىڭ دىن،مىللى ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.ئۇيغۇر مەدەنىيتى،تىل-يېزىقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.مەسجىد ۋە دىنى ئالىملارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكى،دىنى مەكتەپلەرگە كۆپلەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقى دېيىلگەن.خەتتە يەنە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئ‍ىچكى ئ‍شلىرىغا ئارىلىششنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەتنىڭ مەجبۇرى ئىلان قىلغۇزۇلغانلىقى ئوچۇق كۆرۇنۇپ تۇرىدۇ.سۇئال مۇنداق باشلىنىدۇ :بۇ كىشلەر مايىك پومپيونىڭ بۇلارنى دىگەنلىكىنى قانداق بىلىدۇ؟