جېڭ خانىم جازا لاگىرلىرى توغرىسىدىكى يالغانچىلىقلارغا ئۆز كەچۈرمىشلىرىدىن رەددىيە بەردى

2019-يىلى 10- ئىيۇل

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: بانۇ سۇتۇق

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

ياخشىمۇسىلەر، مېنىڭ ئىسمىم جېنىفې جېڭ، مەن BBC  نىڭ شىنجاڭدىكى جازا لاگىرى توغرىسىدا ئىشلىگەن ”جۇڭگونىڭ ئىدىيە ئۆزگەرتىش لاگىرى“ ناملىق ئون ئىككى مىنۇتلۇق سىنئالغۇسىنى كۆرۈپ چىقتىم. شىنجاڭدا مىليونلىغان كىشى جازا لاگىرلىرىغا قامالغان بولۇپ، BBC نىڭ مۇخبىرلىرى شىنجاڭدىكى بىر جازا لاگىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۇ يەردىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈنۈشكە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. سىنئالغۇدا ئۇ يەردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، رەسىم سىزىپ ئىنتايىن خوشال ياشاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئادىمىمۇ لاگىرنىڭ ئىنتايىن ياخشى بىر جاي ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكىلەرنىڭ كارىۋات رەتلەش قاتارلىق ھەر خىل بىلىملەرنى ئۈگىنىپ خىزمەت تېپىشقا ئاساس سېلىۋاتقانلىقىنى، ئاشقۇنلۇق ئىدىيىسىنى تۈزىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بۇ سىنئالغۇنى كۆرگەندىن كېيىن،  مەن جۇڭگونىڭ جازا لاگىرىدا يېتىپ چىققان  بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جازا لاگىرىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكى، خىتتاينىڭ سىرتقى دۇنياغا قارىتا قانداق يالغانچىلىق قىلىدىغانلىقىنى پاش قىلىش مەقسىتىدە بۇ سىنئالغۇنى ئىشلىدىم.

مەن چىنلىق، ھىسداشلىق ۋە سەۋىر قىلىشقا تەرغىپ قىلىدىغان فالۇن گۇمپىسىنى مەشىق قىلىش سەۋەبى بىلەن بېيجىڭدىكى ئاياللار لاگىرىدا 2000-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە ياتتىم. 1999-يىللىرى فالۇن گۇمپىسىنى مەشىق قىلىدىغانلارنىڭ سانى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن بولغاچقا، كوممۇنىستىك پارتىيە بىزنى باستۇرۇشقا باشلىدى. مەن شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىدىيىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن لاگىرغا قامالدىم. لاگىردىكى ھاياتىمىز ئاساسلىقى ئۈچ خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. بىرى تۈگىمەس قىيىن-قىستاققا ئېلىنىش، ئىككىنچىسى، تۈگىمەس ئېغىر ئەمگەكتە قۇلدەك ئىشلەش، ئۈچىنچىسى، بەدەن ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئېلىنىۋىلىشىنى ساقلاش. ئۇ دىگەنلىك بەدەن ئىچكى ئەزالىرىغا مۇھتاج بولغانلارغا ماس كېلىدىغان ئەزالىرى بار تۇتقۇنلار ئۆلتۈرۈلۈپ ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى سېتىلىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق زور پايدا ئېلىنىدۇ. لېكىن بۈگۈن بۇ توغرىسىدا سۆز قىلمايمەن، پەقەت لاگىردا تۇرغان ۋاقتىمدا بېشىمدىن ئۆتكەن ئۈچ ئىشنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. بۇ ئۈچ ئىشنى BBC ئىشلىگەن سىنئالغۇغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن ھەم بۇ ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە سىنئالغۇغا ئېلىشنى رۇخسەت قىلغان لاگىرلاردا كۆرۈنۈشكە ئېلىنغان ئەھۋاللارغا نىمە ئۈچۈن ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆپچىلىككە ئاشكارىلىماقچىمەن.

بىرىنچى ئىش لاگىردىكى تاماق توغرىسىدا: لاگىردىكى تاماقلار ئىنتايىن ناچار. ئەمما بىر كۈنى لاگىرغا زىيارەتچىلەر كېلىدىغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزگە تۇيۇقسىزدىنلا گۆشلۈك تاماق بەردى، بىز لاگىردا ئەزەلدىن ئۇنداق تاماق كۆرۈپ باقمىغان، يەپ باقمىغان ئىدۇق. ئەگەر بىزگە ئادەتتە شۇنداق ئالاھىدە تەييارلانغان تاماق بەرگەن بولسا خوشاللىقتىن يايراپ كەتكەن بولاتتۇق. ئەمما شۇ كۈنى ئۇ مەززىلىك تاماقنى يىيىشمۇ بىزگە قىيىن – قىستاققا ئېلىنشقا ئوخشاپ قالدى. نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى زىيارەتچىلەرگە تۇتقۇنلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بىزگە بېرىلگەن گۆشلۈك تاماق ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، قارىماققىلا تۈگىتەلمەيدىغاندەك قىلاتتۇق. ئەمما ئۇ ۋاقىتتىكى مەسىلە بىزگە تاماق يىيىشكە بېرىلگەن ۋاقىت ئىنتايىن قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقچى يە دىگەندە يەيتۇق، توختا دىگەندە دەرھال توختىشىمىز كېرەك ئىدى. بېرىلگەن ۋاقىت ئىنتايىن قىسقا بولغاچقا بىز تاماقنى تۈگىتەلمىدۇق. ئەمما تاماقنى ئاشۇرۇپ قويۇشقىمۇ، ئاشقان تاماقنى كامارغا ئېلىپ كېتىپ، چۈشتىن كېيىن ياكى يەنە بىر ۋاقلىق تاماق ئورنىدا يىيىشكىمۇ رۇخسەت قىلىنمايتتى. بېرىلگەن ۋاقىت ئىنتايىن قىسقا بولغاچقا، بىز تاماقنى ساراڭلارچە تېز يىسەكمۇ تۈگىتەلمىىدۇق. مەن ئۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالالمايمەن، چۈنكى شۇ كۈنى مىزىلىك تاماقنىڭمۇ قىيىن-قىستاق بولىدىغانلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدىم. مېنىڭ يېنىمدىكى تۇتقۇن ئايال تاماقنى شۇنچە يەپمۇ تۈگىتەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تاماق ئېھتىياتسىزلىقتىن تۆكۈلۈپ كەتكەن ھالغا كېلىۋالدى-دە، تاماق قاچىسىنى يەرگە چۈشۈرىۋەتتى. شۇنداق قىلغاندا ئۇ تاماقنى تۈگىتەلمەسلىككە باھانە تاپقان بولاتتى. لېكىن كۆرۈپ تۇردۇمكى، ئۇ يەردىكى تاماقنى تازىلاۋاتقاندا ئۆزىنى يىغلاشتىن ئاران تۇتىۋالدى. چۈنكى ئۇ ئادەتتە كۆرگىلىمۇ بولمايدىغان شۇنچە مەززىلىك تاماقنى تاشلىۋىتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىدىن قاتتىق ئازاپلانغان ئىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، شۇ كۈندىن كېيىن بىز لاگىردا ياكى مەززىلىك تاماق بولسۇن، ياكى كۆپرەك تاماق بولسۇن، قەتئى كۆرۈپ باقمىدۇق.

يەنە بىر يېرى، ئۇ كۈنى زىيارەتكە كەلگەنلەر ھەتتا مۇخبىرلار ئەمەس، بەلكى باشقا لاگىرلاردىن كەلگەن ساقچىلار ۋە ئۇلارنىڭ نازارەتچىلىرى ئىدى. مانا ئۇلار مۇشۇنداق ئۆزى بىلەن بىر تارماقتىكىلەرگىمۇ ئالدامچىلىق قىلىدىغان تۇرسا، سىز سىرىتتىن كەلگەن تۇرۇغلۇق،  بىر مۇخبىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارالىق مۇخبىر تۇرسىڭىز لاگىردا راسىت ئەھۋالنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلالامسىز، سىزگە لاگىر ئىچىنى سىنئالغۇغا ئېلىش رۇخسىتى بېرىلگەن ھالدىمۇ ھەقىقەتنى تېپىشنى ئۈمىد قىلالامسىز؟

مەن سۆزلىمەكچى بولغان ئىككىنچى ئىش گۈل ھەققىدىكى ئىش.  10 – ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگونىڭ دۆلەت بايرىمى. بۇ كۈندە لاگىرغا زىيارەتچىلەر كەلمەكچى ئىكەن. شۇڭا لاگىرنى چىرايلىق قىلىپ بېزەش ئۈچۈن كۆپلىگەن تەشتەك گۈللەرنى ئەكىلەپ مەيدانغا گۈزەل شەكىللەرنى چىقىرىپ تىزدى، بۇ ئارقىلىق زىيارەتچىلەرگە لاگىر مۇھىتىنىڭ چىرايلىق ھەم ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى بولۇشتى. نەچچە يۈزلىگەن تەشتەك گۈللەر تىزىلدى. ئەمما بىر كۈنى توساتتىن گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر يېغىپ كەتتى. لېكىن زىيارەتچىلەر تېخى لاگىرغا كېلىپ گۈللەرنى كۆرمىگەن ئىدى. گۈللەرنىڭ يامغۇر سەۋەبىدىن ۋەيران بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ساقچىلار تۇتقۇنلارنى گۈللەرنى تېز سۈرئەتە دالدىغا يۆتكەشكە بۇيرىدى. چاتاق يېرى يامغۇر بەك قاتتىق يېغىۋاتقان بولغاچقا كۈنلۈك تۇتقىلى بولمايتتى، لاگىردىغۇ ئەسلىدىنلا بىزگە كۈنلۈك بېرىلمەيدۇ. لېكىن مېنىڭ پەقەت بىر جۈپلا ئايىغىم بولغاچقا، ھۆل بولۇپ كەتمىسۇن دېدىم، تېزراق قۇرۇتۇش ئىمكانىيىتىمۇ بولمىغاچقا ئەتىسى كىيىدىغانغا ئايىغىم يوق بولاتتى. شۇڭا گۈللەرنى يالىڭاياق ھالدا توشۇشقا مەجبۇر بولدۇم. يولدا ئۇششاق تاشلار، ھەتتا ئۇششاق ئەينەكمۇ بار ئىكەن. پۇتۇم بىردەمنىڭ ئىچىدىلا قاناشقا باشلىدى. شۇڭا قاتتىق يامغۇردا يالىڭاياق مېڭىپ شۇ گۈللەرنى توشۇشقا مەجبۇر بولدۇم. يامغۇر توختاپ، شۇ گۈللەر قايتا تىزىلغاندىلا زىيارەتچىلەر لاگىرنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيتتى. لاگىرنى باشقۇرغۇچىلار لاگىرنىڭ چىرايلىق كۆرۈنۈشىگە، گۈللەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق يامغۇردا پۈتكۈل ئۈستى-بېشىمىزنىڭ ھۆل بولۇپ ئاغرىپ قېلىشىمىزنى، پۇتلىرىمىزنىڭ يارىلىنىشىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ، ئەسلا پىسەنت قىلمايدۇ. يەنى لاگىرنىڭ زىيارەتچىلەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈشى ئۈچۈن بىز تۇتقۇنلار شۇ قۇربانلىقنى بېرىشىمىز كېرەك.

ئۈچىنچى ئىش چاغان مەزگىلىدە يۈز بەرگەن. لاگىر باشقۇرغۇچىلىرى تۇيۇقسىزلا كامىرلارنىڭ ئىچى ھەم تېشىنى بىزەشنى قارار قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر كامىرغا ئالتۇن بېلىق قاچىلانغان ئىدىش ئەكىرىپ قويدى. ھەر كۈنلۈك ئېغىر مەجبۇرىي ئەمگەكتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىز يەنە بۇ ئىدىشلارنى تازىلاش، سۈيىنى ئالماشتۇرۇش، بېلىقلارغا يەم بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ ئۇنىڭ كۆرۈنۈشىنىڭ ھەر دائىم ياخشى تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. بۇنداق قىلىشنىڭ مەقسىدىمۇ زىيارەتچىلەرگە بىزنىڭ ئۇ يەردىكى تۇرمۇشىمىزنى خاتىرجەم، ئەرمەك بېلىقلارنىڭ گۈزەللىكىدىن زوق ئېلىۋاتقان ھالەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئەڭ دەسلىۋىدە نۇرغۇن ئالتۇن بېلىق بار ئىدى، ئەمما كامىرلارنىڭ زەي بولۇشى سەۋەبىدىنمىكىن ئۇلار ئۆلۈپ كېتىشكە باشلىدى. بېلىقلارنىڭ باھاسى قىممەت بولغاچقا لاگىر باشقۇرغۇچىلار بۇنىڭغا يەنە پۇل خەجلەشنى خالىمىدى. كېيىنچە بۇنىڭغا ئامال تاپتى. يەنى لاگىردىكىلەرنى يوقلاشقا كەلمەكچى بولغانلارغا ئالتۇن بېلىق ئەكىلىش تەلىۋىنى قويدى. لاگىردىكىلەرنى يوقلىماقچى بولغانلار قاتتىق قىش كۈنىدە بازارلارغا بېرىپ ئالتۇن بېلىق ئىزدەپ سېتىۋىلىشقا، نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولدى. قىش كۈنلىرى بولۇپ تېمپىراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن بولغاچقا، بېلىقلارنىڭ مۇزلاپ ئۆلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن،  ئۇلار بېلىق قاچىلانغان يالتىراق خالتىلارنى كىيمىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئىسسىق تۇتۇپ لاگىرغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈشكە تىرىشتى. يوقلاش كۈنى ۋاقتى بېكىتىلگەن كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇنلارنى يوقلاپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا كۈندە كېلىشى ۋە مەجبۇرىي ئالتۇن بېلىق ئېلىپ كېلىشى نەتىجىسىدە لاگىرغا ئېلىپ كېلىنگەن ئالتۇن بېلىقلار تۇيۇقسىزلا كۆپىيىىپ كەتتى، ئېدىشلار يىتىشمەي قالدى. ئۇزاق ئۆتمەي بېلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. شۇندىن كېيىنلا لاگىر باشقۇرغۇچىلار كامىرلاردا ئالتۇن بېلىق بېقىشنىڭ ئاقمايدىغان ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنى توختاتتى.

مەن يۇقىرىدا سۆزلەپ بەرگەن ئۈچ ئىشتىن جازا لاگىر سېستىمىسى ۋە لاگىرنى باشقۇرغۇچى ساقچىلارنىڭ لاگىر ئىچكى ئەھۋالى توغرىسىدا ھەر ۋاقىت سىرتقى دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بىلىۋىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن لاگىردىكى ۋاقتىمدا نيۇياڭگىر ئۈگىنىشكە، بۇ ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەنلىكىمىزنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلاندىم. زىيارەتچىلەر كەلگەندە بۇ ئۇسۇلنى ئويناپ، يۈزىمىزدە خوشاللىقىمىزنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلاندۇق. يەنە ئېسىمدە قېلىشىچە، بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى قەۋەتتە چېنىقىش ئۆيى، كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى قاتارلىقلار بار ئىكەن، لېكىن بىزگە ھىچقاچان بۇلاردىن پايدىلىنىش پۇرسىتى بېرىلمىگەن ئىدى. ئەمما لاگىرغا زىيارەتچىلەر كەلگەن ۋاقىتتا بىز قارت، ۋاسكېتبول ۋە شاھمات ئويناۋاتقان، كىتاپ ئوقۇۋاتقان ھالغا كەلگەن كۆرۈنۈشنى ياساشقا، بۇ ئارقىلىق لاگىردا خوشال تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىمىزنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلاندۇق. مەن دۇنيانىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئېيىتقانلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىنى، جۇڭگودىكى دىنىي باستۇرۇشنى تۈگىتىش،  دىنى ئېتىقادى ۋە سىياسى قارىشى سەۋەپلىك تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك ئىش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممىڭلارغا رەھمەت.

 

مەنبە:

Jennifer's Comments on BBC's "Inside China’s 'thought transformation' camps"

Unprecedentedly, BBC was allowed to go inside one of the notorious camps in Xinjiang, where millions of Uighurs are illegally detained, and reportedly tortured. What could they find out? What can those happy faces in BBC's program tell us? Let me, a labor camp "insider", who was also once detained in a Chinese labor camp, tell you three small stories, for you to decide, what you should make out of BBC's "Inside China’s 'thought transformation' camps"

Posted by Tibet.Net on Monday, July 8, 2019