گېرمانىيە ئاۋازى مەخسۇس زىيارىتى: بېيجىڭنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يۈرىكى

گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019-يىلى 6- ئىيۇل

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-09

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

گېرمانىيەلىك شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئادرىئان زېنز گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىدىيىسىنى كونترول قىلىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرماقچى بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادنى ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتىدىن يېراقلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن كىشىلەرنىڭ ئۆز كىملىكىگە بولغان تونۇشى ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئۆزگەرمەيدۇ.

گېرمانىيە ئاۋازى: سىز يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقاتىڭىز بولسا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئۇيغۇر بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىشى توغرىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتى بولۇپ، دوكلاتتا كەڭ كۆلەملىك ھالدا ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» ئەتراپىدا كۆرۈنۈشكە باشلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ھەمدە 2015- يىلىدىن 2018-يىلىغىچە پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا يەسلىسىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى 8% ئەتراپىدا بولغانلىقى، لېكىن شىنجاڭدا بولسا 82% ، ئۇيغۇرلارنى ئاساسلىق رايونلاردا بولسا يەسلىسى سانىنىڭ كۆپىيىشى 148% ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن، سىز بۇ تەتقىقات يەكۈنىگە قانداق ئېرىشتىڭىز؟

ئادرىئان زېنز: مىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىم مائارىپ سىستېمىسى ۋە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلىشىگە ئالاقىدار، مەن ئۆزۈمنى خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت مائارىپ سىستېمىسىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىمەن دېسەم بولىدۇ، بولۇپمۇ تىبەت مائارىپ سىستېمىسى توغرىسىدا مۇتەخەسسىس.

 يەسلى ۋە مائارىپ سىستېمىسىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان ستاتىستىكا دوكلاتى بار. سىز قەيەردىن ئىزدەشنى بىلىشىڭىز كېرەك، ھەر يىلى باشلانغۇچ مەكتەپلەر، يەسلىلەرنىڭ قەرەللىك ستاتىستىكىسى ۋە ئۇچۇرلىرى بار.

دۆلەتنىڭ ئاتا-ئانىلىرى لاگىردىكى بالىلارغا قارىتا مەقسەتلىك ھالدا مەلۇم بىر تەدبىر قوللانغانلىقى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىگىلەپ ئىسپاتلاش بەكراق قىيىن. مەن مەخسۇس سىستېما ئىلمىنى تەتقىق قىلغان، مەن سىستېمىنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. مەن قايسى ئاتالغۇلارنىڭ نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، مەن يەنە كۆپ ۋاقتىمنى چىقىرىپ قاراتمىلىق ھالدا خىتاي مېدياسىدىكى ئالاقىدار خەۋەرلەرنى تەتقىق قىلىمەن. بۇلارنى چۈشەندۈرۈش بەك قىيىن، يىغىپ ئېيتقاندا، سىزنىڭ كۆپ تەجرىبىڭىز بولىشى، يېتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولىشىڭىز، كۆپ ۋاقتىڭىز ۋە تەلىيىڭىز بولىشى كېرەك. بىر ئىشنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا باشقا بىر ئۇچۇرنى بايقاپ قالىسىز، كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئوخشىمىغان تۈردىكى سانلىق مەلۇماتلار. مەن ئىنتايىن تەلەيلىك، بايقىغانلىرىم ئۆزۈمنىڭ مۆلچىرىدىكىدىن جېق ئېشىپ كەتتى.

گېرمانىيە ئاۋازى: بۇ ھەپتە بولسا «5-ئىيۇل» قانلىق ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسى، ئۇزۇندىن بېرى شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىزچە شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) رايونىدا يېقىنقى بىر قانچە يىلدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش نېمە؟

ئادرىئان زېنز: مىنىڭ قارىشىمچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىنتايىن قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتىدۇ، 10 يىل ئىلگىرى، ئۇيغۇرلار نىسبەتەن نورمال، ئاددى تۇرمۇش كەچۈرەلەيتتى. 2016- يىلى چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى (شەرقى تۈركىستان-ت) باستۇرۇش ئەھۋالى كۈنسېرى ئېغىرلاشتى: بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى، ھەر يەردە تەكشۈرۈش پونكىتى، كۆپلىگەن قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى، شۇنداق دېيىشكە بۇلۇدىكى، شىنجاڭدا (شەرقىي تۈركىستان-ت) نورمال تۇرمۇش ئاللىقاچان مەۋجۇت ئەمەس. ئەلۋەتتە، ئىنتايىن كۆپ ساندىكى ئائىلىلەر بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئائىلىلەر خانىۋەيران بولدى، بەزى كىشىلەر ئۇزۇن مەزگىللىك قاماققا ئېلىندى.

گېرمانىيە ئاۋازى: سىز ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشىڭىزدە، شىنجاڭدىكى (شەرقى تۈركىستان-ت) قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا تەخمىنەن بىر مىليون ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدىڭىز، بۇ سان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مېديالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. سىز بۇ ساننى قانداق ستاتىكا قىلغانلىقىڭىزنى ئاددى قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرەمسىز؟

ئادرىئان زېنز: مەن يېقىندا ستاتىكا قىلغان سان ئاللىبۇرۇن بىر مىليوندىن ھالقىپ، تەخمىنەن بىر مىليون بەش يۈزمىڭغا يەتتى. دەسلەپكى بىر مىليون بولسا مۇھاجىرەتتىكى بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ھۆججىتىدىن ئېلىنغان. مەن سۈننىي ھەمراھ رەسىمىنى سېلىشتۇردۇم، قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش ھۆججەتلىرى، قۇرۇلۇش دائىرىسىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى باھالاپ، سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقتىم. ئەڭ دەسلەپتە مەن چىڭخەيدا بىر يېرىم يىل نەق مەيدان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردىم. تېمام خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىدى، بولۇپمۇ تىبەتلەرگە ئالاقىدار مەسىلىلەر، تىبەتلەر ۋە خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاساس بولۇپ، مۇھىم نۇقتىسى ئاز سانلىق مىللەت مائارىپى ئىدى. مەن سانلىق مەلۇماتنى باھالايدىغان بىر ئۇسۇلنى تەتقىق قىلىپ چىقتىم، 2016-يىلى شىنجاڭغا (شەرقى تۈركىستان-ت) قارىتا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ باھالاش ئېلىپ باردىم، ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ستاتىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە ھەرخىل ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى ئىشلەتتىم، ھەرقايسى قاتلام بۇيىچە، يەنە بىخەتەرلىك ئارمىيىسى ۋە ساقچى قۇبۇل قىلىش ئېلانلىرى، قۇرۇلۇش ھۆددىگە بېرىش ئېلانلىرى ۋە ئەسلىھە سېتىۋېلىش ئۇچۇرلىرى …قاتارلىقلارنى ستاتىكا قىلىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن قايتا تەبىيىلەش لاگېرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىخچام تەسۋىرلەپ چىقتىم. يېقىنقى 1.5 مىليون ستاتىكا سانىنى، مەن ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق ياردەم سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىتا ئانالىز ئېلىپ بېرىپ ئېرىشتىم، مەسىلەن 2018- يىلىدا، ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتى 1.6 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىنى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئاجراتقان بولۇپ، بۇ پۇل پەقەت تەربىيىلەش لاگېرىغا ئىشلىتىلگەن. بەزى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، مەن بۇ ساننى مۆلچەرلەپ چىقتىم.

گېرمانىيە ئاۋازى: قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىنماقتا. سىز ئېلان قىلغان دوكلاتتىمۇ بەزى ياتاقلىق مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى، مەكتەپتە ئۇيغۇرچە گەپ قىلىش چەكلىنىدىغانلىقىنى، نازارەت قىلىشنىڭ ھەر يەردە مەۋجۇت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان-ت) بۇنداق خىلمۇخىل تەدبىرلەرنى قوللىنىشتىكى مەقسىتى نېمە؟

ئادرىئان زېنز: ئۇلار ئۇمۇمىي ۋەزىيەتنى كونترول قىلماقچى، ئۇيغۇرلارنى گەپكە كىرگۈزۈپ، خىتايچە سۆزلىتىپ، ئۆزىنى خىتايلىق (جۇڭگۇلۇق) دەپ قاراتماقچى. خۇسۇسەن ياش بىر ئەۋلادنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى، بولۇپمۇ دىنىدىن يېراقلاشتۇرماقچى. كومپارتىيىنىڭ سۆزىگە كىرگۈزۈپ، كونترول قىلغىلى بولىدىغان يېڭى ئولتۇراق ئۆي، يېڭى مەھەللىلەرگە كۆچۈرۈۋاتىدۇ، ئۇ يەردە كۆزىتىش كامېراسى بار، ئوڭاي كۆزەتكىلى بولىدۇ. قىسقىسى ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىسى بولسا ياش بىر ئەۋلاتنىڭ يۈرىكىنى ئىشغال قىلىش.

گېرمانىيە ئاۋازى: ئۇلار بۇ مەقسەتكە يېتەلەمدۇ؟

ئادرىئان زېنز: قىسمەن يېتەلىشى مۇمكىن. لېكىن ئىنسانلارنىڭ ئۆز كىملىكىگە بولغان تونۇشىنى ئۇنداق ئوڭايلا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.

گېرمانىيە ئاۋازى: سىزچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى قانداق ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؟

ئادرىئان زېنز: شۇبھىسىز بۇ يەرلىك خەلق ئاممىسى ئۈچۈن جاراھەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ يادروسى ئۈچۈن، بۇ بىر ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان مەڭگۈلۈك جاراھەت. مىنىڭ قارىشىمچە، بۇ خىلدىكى سىياسەتلەر بەك خەتەرلىك، ھەمدە بەك چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىدۇ، مۆلچەرلىگىلى بولماسلىق ئېھتىماللىقى بەك يۇقىرى. كىملىككە بولغان تۇنۇش كىشىلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلىنىدۇ. ئەگەر تاجاۋۇزغا، باستۇرۇشقا ئۇچرىسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوت بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ، ئەڭ ئېغىر ئەھۋال بولسا، ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلماقتا، ئۇلار بىر مۇۋاپىق پۇرسەت كۈتۈۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ مەيدانغا كېلىدۇ، قوزغىلاڭ قانلىق باستۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى پۈتۈنلەي بۇزۇلىدۇ. شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) جازا لاگېرىغا ئايلىنامدۇ؟ ۋەياكى ئۇ يەردە بىر گۇرۇھ رادىكال كۈچلەر شەكىللىنەمدۇ؟ چۈنكى ناۋادا نورمال دىنى پائالىيەتلەر چەكلەنسە، ئۇلار بەلكىم رادىكال كۈچلەر دىننى قوغدايدىغان پۇرسەت دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەسلىدىكى نورمال كىشىلەرمۇ، خىلمۇخىل ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن بەلكىم رادىكاللىق خاھىشى شەكىللىنىشى مۇمكىن.

گېرمانىيە ئاۋازى: ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىرە لايىھە يوقمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى تېرورىزمنىڭ كېڭىيىشىدىن ئەنسىرەۋاتامدۇ ياكى باشقا بىر نەرسىدىن قورقىۋاتامدۇ؟

ئادرىئان زېنز: مەسىلە شۇكى، كومپارتىيە خۇداگۇيلۇققا (يەنى خۇدانىڭ بارلىقىغا) قارشى، دىننىڭ ئورنى كومپارتىيىنىڭ ئورنىدىن تۆۋەن بۇلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ، بۇ پرىنسىپقا ئاساسەن، ئۇلار چوقۇم ئامال قىلىپ خەلق ئاممىسىنى كونترول قىلىشى كېرەك. ئەركىن ئىتىقاد بۇنىڭغا قارشى كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ زەربە بېرىش ئوبىكتى خىتايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن تىغ ئۇچى ئالاھىدە ھالدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان، چۈنكى ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مەدەنىيىتى بولۇشنىڭ ئۆزى مۇستەقىللىقنىڭ بەلگىسى. دېڭ شياۋپىڭ دەۋرىدە، بىر مەزگىل كونتروللۇق بوشاشتۇرۇلغان بولۇپ، يەرلىك خەلق ئاممىسى نىسبەتەن ئەركىنلىككە ئېرىشىپ، ئىنتايىن ئاكتىپ نەتىجە قازىنىلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى رەھبەرلەر قەدەممۇ قەدەم كونتروللۇقنى كۈچەيتتى، تاكى بۈگۈنكى ئېغىر ئەھۋالغا كەلگۈچە. ھەل قىلىش چارىسى يوق، بۇخىل سىياسەت ئاخىر كېلىپ توقۇنۇش بىلەن نەتىجىلىنىدۇ، ھازىرقىسى شۇنداق بىر ئەھۋال.

گېرمانىيە ئاۋازى: بەزى تورداشلار مۇنداق دەيدۇ، شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت)، تىبەت قاتارلىق بىر قىسىم رايونلاردا، ھازىرقى تۇرمۇش ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكىسىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار سىياسەتلەرگە ئېرىشىدۇ، بېجىڭ ھەريىلى زور مىقداردا ئىقتىساد ئاجرىتىپ بۇ رايونلارنى يۆلەيدۇ، نېمىشقا ئۇلار بۇ تەرەپلەرنى كۆرمەيدۇ، نېمىشقا يەنىلا رازى بولمايدۇ؟

ئادرىئان زېنز: مەنمۇ بۇخىل كۆز قاراشنى كۆپ ئاڭلىدىم، مەيلى ھۆكۈمەت بولسۇن ۋەياكى خەلق بولسۇن، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەتىۋارلاشقا ئېرىشتى دەپ قارايدىكەن، چۈنكى ئۇلارغا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى جەھەتتە ئېتىبار قىلىش بار، ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ زور سوممىلىق ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن ئۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىنىڭ ئۆز كىملىكى ۋە قەلبىدىكى ئەركىنلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. مەنىۋىيەت ۋە مەدەنىيەت ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم نەرسە. خىتايلار يەنىلا بۇ نۇقتىنى چۈشەنمىدى. ئۇلارنىڭ ماددى تۇرمۇشى بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھەقىقەتەن كۆپ ياخشىلاندى، گەرچە شۇنداق بولسىمۇ «5-ئىيۇل» قانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى. خىتايلار بۇ بەكلا ھەددىن ئاشقانلىق، بىز چوقۇم ئۇلارغا كىم ئىكەنلىكىمىز تونۇتۇپ قويۇشىمىز كېرەك، ئۇلارغا بىر دەرس بېرىشىمىز كېرەك دەپ قارىدى. لېكىن مەسىلە شۇكى كوممۇنىزم خاتا ئۇسۇل قوللاندى، ماددى نەرسىلەر بىلەن ئىنساننى رازى قىلغىلى بولمايدۇ، بۇ مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغىنى كىملىك، ئىتىقاد ۋە ئەركىنلىك قاتارلىقلاردۇر.

 

*ئادرىئان زېنز (Adrian Zenz) گېرمانىيەدىكى ياۋروپا مەدەنىيەت ۋە تېئولوگىيە ئىنىستوتىنىڭ (uropean School of Culture and Theology) خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى مۇتەخەسسىسى.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

https://p.dw.com/p/3Lgec