ئۇلۇس ماجىراسى ھەققىدىكى قاراشلىرىم :مۇرات ئاتامان

بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىتى تارىخ بېتىدىن، ئىنسانىيەت لۇغىتىدىن پاك-پاكىزە ئۆچۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ھايات-ماماتلىق بىر ۋەزىيەتتە، بىزنىڭ بۇ ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلىرىمىز، ئىنقىلاچىلىرىمىز ئۆز مەۋجۇدىيتىمىزنى قانداق ساقلاپ قېلىش ھەققىدە باش قاتۇرماستىن ئەكسىچە ئاللىبۇرۇن ئېنىق بولۇپ بولغان كىملىكىمىز ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىشى بىزنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى ھەم ئۈمۈدسزلەندۈردى .
يېقىنقى كۈنلەردە تالاش-تارتىشقا سەۋەپ بولۇۋاتقان بۇ ئۇلۇس تېمىسى ئادەمنى بەكلا سەسكەندۈرۈش دەرىجەسىگە بېرىپ يەتتى. ئادەمنى ئەڭ ئېچىندۇرىدىغنى بولسا بۇ تېمىلاردە كەسكىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋە تالىشىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر داۋاسىدا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، مىللەتنىڭ ئۈمۈدى بولغان تەسىرى كۈچلۈك زىيالىيلار قوشۇننىڭ بولۇشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قوپاللارچە، ئۆز سالاھىتىگە ياراشمىغان ھالدا جەڭ ئېلان قىلشلىرى ۋە بىر-بىرىگە تىرە تاراقشىتىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشلىرى بولدى.

توغرا ، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە تارىخىنى بىلىش بەكلا مۇھىم، ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى بۇ ئەھۋالىمىزدا بىزگە ھەممىدىن بەك مۇھىم بولغىنى ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى تالىشىشتىن بەكرەك مەۋجۇتلىقىمزنى قانداق ساقلاپ قېلىش. بىز بۈگۈن ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ۋە تارىخى ئۈچۈن ئەمەس ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلشىمىز كېرەك، چۈنكى بىز ھايات بولغاندا ئۆزىمىزنىڭ كىملىگىنى يارىتالايمىز، يوقالغان تارىخىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز، دۈمبىمىزگە كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن يېزىلغان ساختا تارىخلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلىيالايمىز. بىز ھازىر ھايات-ماماتلىق بىر پەيتتە، بىز ھازىز ئۆز تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ئارغامچىغا ئېسلىغلىق. بىز يا بۇ ئارغامچىغا ئېسلپ چىقىپ كېتىپ ھايات قالىمىز ياكى ئارغامچىنى قويىۋېتىپ ئۆلىمىز، تارىختىن پۈتۈنلەي يوقايمىز. بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز شۇ قەدەر خەتەرلىككى قانداق قىلىپ ھايات قېلشنىڭ چارىسنى ئىزدىشىمىز كېرەك! قانداق قىلىپ شۇ ئاخىرقى ئۈمۈدىمىز بولغان ئارغامچىغا ئېسىلىپ يۇقىرىغا يامىشىپ چىقىپ جېنىمىزنى ساقلاشنىڭ ئامالىنى قىلىشىمىز كېرەك.
بىزنىڭ بۇ تالاش-تارتىشلىرىمىز خۇددى كۆيۈۋاتقان ئۆينى ئاۋال سۇ چېچىپ ئۆچۈرمەستىن بەلكى ئۇ ئۆينىڭ قاچان، كىم تەرپىدىن سېلىنغانلىقىنى مۇنازىرە قىلغانغا ئوخشاش ئەخمىقانە بىر ئىش.
ھەي قىرىنداشلار! بىزنىڭ كىملىگىمىز، كىلىپ چىقىشىمىز داڭلىق تارىخچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئېنىق دەللىل -ئىسپاتلار بىلەن يېزىلىپ بولۇنغان. ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق تارىخچىسى تۇرغۇن ئالـماسنڭ ” ئۇيغۇرلار“ ، ” ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى “دىگەن كىتابىدا ئۇيغۇر نامىنىڭ ئەسلى كىلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ قاچاندىن بۇيان بۇ نامنى قوللانغانلىقى، مەمتىمىن بوغرانىڭ” شەرقى تۈركىستان تارىخى “دىگەن تارىخى كىتابىدا شەرقى تۈركىستان نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە ئىككى جۇمۇرىيتىمىزنىڭ نىمىشقا شەرقى تۈركىستان دىگەن نام بىلەن ئاتىلىپ قالغانلىقى شۇنداق ئېنىق يىزىلغان. ئەجىبا مۇشۇ ئولۇس -پۇلۇس تىمىسىدا مۇنازىرە قىلىۋاتقانلارغا، شۇ تىمىغا قىزىقىۋاتقانلارغا شۇ كىتاپلار يەتمەسمۇ؟ ياكى بۇلارنىڭ مەقستى مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىقىتىنى ئۆزىگە تارتىپ ئۆزىنى بازارغا سېلىشمۇ ؟

بىزنىڭ قىلۋاتقان بۇ ئىشلىرىمىزنى مۇستەقىل بىر بايراق ئاستىدا خاتىرجەم ياشاۋاتقان بىر مىللەتمۇ بەلكى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر ئارتۇقچە دەپ بىلىدۇ. بىزگە ھازىر بۇ تىمىلاردا كىچە-كىچە ۋاقىت چىقىرىپ مۇنازىرە قلىشنى كىم قويۇپتۇ؟ بىزنىڭ پۈتۈن دەرتنى بىر يەرگە قايرىپ قويۇپ شۇنى تالاشقۇدەك شارائىتىمىز ۋاقتىمىز بارمۇ ؟

بىزدە بىر ماقال تەمسل بار ”يىتىمگە ھالۋىنىڭ نىمە كېرىكى“دەپ . شۇنىڭغا ئوخشاش بىزگە ھازىر بۇنداق تىمىلاردا تالاش-تارتىش قىلىش قەتئى ياراشمايدۇ. بىز بۇنداق تۈكى يوق تىمىلاردا مۇنازىرە قىلىپ ئاخىرىغا چىقىپ بولغىچە ۋەتەندە بىز تالىشىۋاتقان ئۇيغۇرمۇ ئولۇسمۇ قالـمايدۇ. بىزگە قالىدىغنى تالان-تاراج بولغان قانغا بويالغان بىر زېمىن خالاس.

مەن بۇ يازمىنى بەزى دوستلىرىمىز دىگەندەك توڭڭىدە يىزىپ قويۇپ ئۆزۈمنى كۆرسىتىش، ياكى نوچى بولۇش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بۇلىۋاتقان ئىشلار مېنى راھەتسىز ۋە بىئارام قىلغانلىقى ئۈچۈن يازدىم. مەن ئۆزۈم يازمىلىرنى ۋە سۆھبەتلىرنى قىزىقىپ ئاڭلايدىغان شۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىردىن نۇمۇس قىلىپ يازدىم. پىروگراممىلىرنى خىزمەت ۋاقىتلىردىمۇ قۇلاققا تىڭشىغۇچ سېلىۋىلىپ قاچۇرماي ئاڭلايدىغان شۇ تەشۋىقات ساھەسىدە تىنىمسىز تۆھپە قۇشۇۋاتقان دوستلىرىمىزنىڭ ئورۇنسىز نەرسىلەر ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلۋاتقانلىقىدىن نۇمۇس قىلىپ يازدىم.

ئەگەر بۇ يازمنى ئوقۇغاندىن كىيىن گىپىڭ بارمۇ دەپ ماڭا جەڭ ئىلان قىلىدىغانلار بولسا بىكار ئاۋارە بولـماڭ. مېنىڭ ئۇنداق زۆرۈرىيەتسىز تىمىلاردا سۆھبەت قىلىشقا بىر سىكونت ۋاقتىم يوق.
ئەگەر ماڭا لاگىردىكى قېرىنداشلىرىمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆلۈمگىمۇ مېڭىشقا مەن بىلەن بەسلىشىدىغانلار بولسا ئالدىڭنى قىلىڭلا!- دەپ جەڭ ئىلان قىلسىڭىز مەن ھەر قانداق دوئىلغا سىز بىلەن چىقىشقا ھازىرمەن.

ئاللاغ ھەممىمىزنى بۇ مىللەت ئۈچۈن خەيرىلىك ئەۋلاتلاردىن قىلسۇن! كۆزلىرىمىزدىكى، قۇلاقلىرىمىزدىكى، قەلىبلىرىمىزدىكى ھەقىقەتنى تۇسۇۋالغان پەردىلەرنى يوق قىلسۇن !
ئاللاغ ھەممىمىزنى بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئاۋال مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ئاندىن ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جان ۋە قان بېرەلەيدىغان خەيىرلىك ئەۋلاتلاردىن قىلسۇن !

ئاخىردا سۆزۈمنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاتىغان ۋەتەنسۆيەر يازغۇچى ئابلىكىم باقىنىڭ ”ۋەتەن“دىگەن مۇنۇ شېئىرى بىلەن ئاياغلاشتۇرىمەن.

سېنىڭ ئۈچۈن پىدادۇر جېنىم،
سېنىڭ ئۈچۈن قۇرباندۇر تېنىم.
سېنىڭ ئۈچۈن ئاقسۇن پاك قېنىم،
ئاھ، نە شەرەپ ئەزىز ۋەتىنىم.

ئا.ئىلتەبىر باقى