20دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يېغىنىدا بەش نۇقتا:ئۇيغۇر ئاۋازى كەڭ ياڭرىدى.

20دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يېغىنىدا ئۇيغۇر ئاۋازى كەڭ ياڭرىدى.

2019-يىلى،29-ئىيۇن،شەنبە,ئافراسياپ

ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۇزۇلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يېغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى تارىختىكى ھەر قانداق چاغدىكىدىن كۇچلۇك ياڭرىدى.

ئالدى بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ،ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوساكاغا يېغىلىپ ،ختتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا نارازىلىق بىلدۇردى.

ئۇيغۇرلار،تېبەتلەر،تەيۋەنلىكلەر،خوڭكوڭلۇقلار جەم بولغان نامايىش خەلقئارا مېدىيادىن كەڭرى ئورۇن ئالدى.

رابىيە قادىر خانىممۇ ئ‍شتىراك قىلغان نامايىش ياپونىيە ۋە چەتئەل مىدىيالىرىنىڭ كەڭ تەشۋىق قىلىشىغا ئىرشتى.

بۇ قىېتىملىق نامايىش -ياپونىيەنىڭ ئەن ئەيىچ كەي،ياپونىيە ۋاقتى قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە فىرانسيە رادىئوسى،گىرمانىيە ئ‍ەينەك،ئەلجەزىرە ،خوڭكوڭ،تەيۋەن قاتارلىق جايلارنىڭ مىديالىرىدا:20 دۆلەت باشلىقلىرى يېغىنىدىكى كۆلەڭگىلەر تېمىسدا رابىيە قادىر دۇنيانى ختتاي لاگىرلىرىنى تاقاشقا بسم قىلىشقا چاقىردى تېمىسدا ئىلان قىلىندى.

ھىندى-تىچ ئوكيان ئېتتپاقى ئورۇنلاشتۇرغان كەچلىك مۇھاكىمە ۋە زياپەت يېغنىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسلىسى تونۇشتۇرۇلدى،رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شنزو ختتاي رەئىسى شى جىن پىڭغا خوڭكوڭ ۋە ئ‍ۇيغۇرلار مەسلىسدە ئۆزىنىڭ ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.

ياپونىيەلىك ئۇيغۇرلاردىن ئەخمەتجان 20 دۆلەت باشلىقلىرى گۇرۇھى ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنىغا قاتنىشالىغان بىردىنبىر ئۇيغۇر بولۇپ،ئۇ مۇخبىرلارغا ختتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۇمەنى رىئان سام،جامىس مىلۋارد،شون روبىرت قاتارلىق زىيالىيلارنى ياپونىيەگە تەكلىپ قىلىپ،ياپونىيە ئ‍ۇنۋىرستىتلىرىدا ختتاي-ئۇيغۇر-ئامېرىكا-ياپونىيە كۆپ قاتلاملىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە سۆزلىدى.

تىرامىپ بىلەن شى جىن پىڭ كۆرۇشكەن بولۇپ،سودا كىلىشمى ئىمزالانمىغىچە،داۋاملىق باج ئۆستۇرمەيدىغانلىقىنى ،خۇۋاۋىينىڭ ئامېرىكا شركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقىنى ۋاقتنچە ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۇردى.ئەمما بۇ سودا ئۇرۇشى تۇگىدى ،شى جىن پڭ غەلبە دىگەنلىك ئەمەس.

تىرامپ ئەردوغان بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتلەشتى.