دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختۇش ئۇچۇن ھەرىكەتكە ئۆتىشى كېرەك!

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن (سىياسىي ئوبزور)
بريۇسسېل ئەتىگەنلىك گېزىتى
لوندون، بريۇسسېل، 2021- يىلى 6- ماي
ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇرجان

ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۇنيانى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىمەن.

مەن، خىتاينىڭ لوپنۇر يادرو سىناق مەيدانىدىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چەت ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇرمەن.

بالىلىقىمنى ئەسلىسەم، يادىمغا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ قىزىل قوغدىغۇچىلىرى، ئاچارچىلىق ۋە ئاتوم – يادرو قوراللىرى سىناقلىرىدىن كېلىپ چىققان قۇم-بورانلىق چاڭ-توزانلار كېلىدۇ.

مەن 1991- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ شەھىرىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئىشقا كىرىپ، ئالتە ئايدىن كېيىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىشتىن بوشتۇلدۇم. شۇنىڭ بىلەن 1990- يىللىرىدىكى مىليونلىغان ئىشسىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنىڭ مەنزىللىرى خۇشاللىقتىن مەھرۇم بولدى. مەن ئۆز ۋەتىنىمدە ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈنلا، نۇرغۇنلىغان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىك، تەڭسىزلىك ۋە ئىرقىي كەمسىتىشتىن قۇتۇلالماي، ئاخىرى ئەنگلىيىگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەپ، 20 يىلدىن بۇيان لوندوندا ياشاپ كېلىۋاتىمەن.

ئەمەلىيەتتە، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ مەندەك 16 ياشلىق بىر بالىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىشى تولىمۇ مەنتىقسىزلىق ئىدى. مېنىڭ باشقا ھىچ بىر جىنايىتىم يوق ئىدى. مەن پەقەت 1985- يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «12- دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار» نامايىشنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەپ، باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ، ئۆزۈم تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ئىشلەپ، مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى ئىشىكىگە چاپلاپ قويغان ئىدىم. گەرچە بۇ ۋەقە بۈگۈندىن 35 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ھېلىھەم ئېسىمدە يىپ يېڭى تۇرۇپتۇ. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى مېنى شۇ ۋەقەدىن كېيىن ھەقىقىي «ئۆكتىچى» قىلدى ۋە مەن بۈگۈنگە قەدەر مۇساپىرچىلىقتا سۈرگۈندە ياشاشقا مەجبۇر بولدۇم.

بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن خىتاينىڭ شاڭخەي ياكى بېيجىڭنى بولىۋېلىشنى ئىستىمەيمىز ۋەياكى خىتاي زېمىنىنى بولۇۋېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋېلىشنى ئويلىشىپمۇ باقمىدۇق. بىز ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىدە خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئامان قېلىشنى، ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىمىزدە، ئىززەت-ھۆرمىتىمىز ۋە ھوقۇقىمىز بىلەن تىنچ ياشاشنى، تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ۋە بارلىق مىراسلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلىمىز.

ئېتنىك كېلىپ چىقىش ۋە تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تۈركى خەلقلەرگە مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر مىللىتى 10-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەلتەنەتلىك 4000 يىللىق تارىخىدا، ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتى (840-742)، گەنجۇ ئۇيغۇر دۆلىتى (1036-870)، ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى (1363-866)، قاراخانىيلار دۆلىتى (1212-840)، ئۇيغۇر سەئىدىيە دۆلىتى (1694-1514)، قەشقەرىيە- يەتتە شەھەر دۆلىتى (1878-1865)، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى (1934-1933) ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (1946-1944) قاتارلىق دۆلەتلەرنى قۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، زېمىنى غەربىي ياۋروپادىنمۇ چوڭ. بۈگۈنكى خىتاينىڭ % 40 تىن ئارتۇق تەبىئىي بايلىقلىرىنى ئىشغالىيەتتىكى ئۇيغۇر ۋەتىنى تەمىنلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىۋاستە ياردىمى بىلەن ئىشغال قىلىنىپ،  بەش يىلدىن كېيىن يەنى 1955-يىلى رەسمى ھالدا خىتاي ئاساسىي قانۇنى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن. 

مۇستەملىكە قىلىنىش

ئۇيغۇرلار- تارىخىي، مەدەنىي ۋە جۇغراپىيىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بولۇپمۇ 1933 ۋە 1944- يىللىرى قۇرۇلغان، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىنى «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتاشقا مايىل.

ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى، بولۇپمۇ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆز ۋەتىنىنى «ئۇيغۇرىستان» دەپ ئاتايدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىنى «شىنجاڭ» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، بۇ نامنىڭ ئۆزىلا، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ بىر مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت سىياسىي دەلىلنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ. بۇ نامنىڭ خىتاي تىلىدىكى مەنىسى «يېڭى تېررىتورىيە» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئەسلى خىتاي تىلى لوغىتىدىكى مەنىسى «مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاتالغۇ مانجۇ ئىمپېرىيىسى 1884- يىلى ئۇيغۇر ۋەتىنىنى ئىشغال قىلغاندا تۇنجى قېتىم قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ نامنى  ئۆزلىرىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ ھېسابلايدۇ.  

2016- يىلدىن باشلاپ، خىتاينىڭ باشلىقى شىجىنپىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي تازىلاش سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئۇنىڭ رەھىمسىز باستۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر ۋەتىنىدە كەڭ كۆلەمدە زامانىۋى «يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش» تۈرمىلىرى تىپىدىكى جازا لاگېرلار تورىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى قامىدى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بىر قىسىم لاگېرلارغا 10 مىڭغا يېقىن مەھبۇسلار قامالغان. 

خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىپلا قالماي، يەنە ئاكادېمىك، يازغۇچى، شائىر، سەنئەتكار، ئوقۇتقۇچى ۋە دوختۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى يوقىتىش نىشانى قىلدى. بېيجىڭ تەرەپ دائىم بۇ لاگېرلارنىڭ «ئۇيغۇرلارنى قايتا تەربىيىلەش» ۋە «كەسپىي تەربىيىلەش» ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى داۋراڭ قىلىپ كەلدى. ئەمما بۇ زىيالىيلارنىڭ قايتا تەربىيىلىنىشكە ياكى ئاتالمىش «ھۈنەر كەسىپ» بويىچە تەربىيىلىنىشلەرگە ھىچ بىر ھاجىتى يوق ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتى بىلەن بولغان ئۆز -ئارا ئالاقىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغاچقا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى بىلەلمىگەنلىكى ئۇچۇن ئازابلانماقتا.  

مېنىڭ ئاتام 2017- يىلى 11- ئاينىڭ 4- كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. مەن ئاتامنىڭ ۋاپات بولغانلىق مۇسىبەت خەۋىرىنى تۆت كۈندىن كېيىن بىر دوستۇم ئارقىلىق بىلدىم. مەن ئاتا-ئانامنىڭ يالغۇز پەرزەنتى ئىدىم، شۇڭا ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇش، بولۇپمۇ بۇ دۇنيادا ئازغىنە ئۆمرى قالغان كېسەلچان ئاتامنى ئاخىرقى كۈنلەردە بېقىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم، ئەپسۇسكى 2016- يىلى خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسى مېنىڭ  ئۆز ۋەتىنىمگە بېرىش ئۇچۇن قىلغان ۋىزا ئىلتىماسىمنى رەت قىلدى. 2018- يىلى يانۋاردىن كېيىن، ياشىنىپ قالغان ئاپام بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقەممۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى، شۇنىڭدىن يۇرتۇمدىكى باشقا تۇغقانلىرىم بىلەنمۇ ئالاقىلىشالمىدىم. 

ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق يوق قىلىۋېتىش

2019- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى، مەن گۇگۇل يەرشارى خەرىتىسىدىن ئاتامنىڭ مەقبەرىسى جايلاشقان قەبرىستانلىقنىڭ تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بايقىدىم. ھېسابلاپ كۆرسەم، مەرھۇم ئاتام ئۆز قەبرىسىدە ئاران 623 كۈن يېتىپتۇ. 

ئاقىۋەتتە، ئەجدادلىرىمىز ئەلمىساقتىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ۋەتىنىم تۇپرىقىدا رەھمەتلىك  ئاتامنىڭ جەسىدىنى قويىدىغان ئالقاندەك يەرنىڭمۇ چىقمىغانلىقى مېنى قاتتىق ئازابلايدۇ. ئەجدادلىرىمىز ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قەبرە قىلىپ ياتقان ئەشۇ ۋەىنىم تۇپرىقىدا مەرھۇم ئاتامنىڭ  قەبرىسىز قېلىشى، جەسەد سۆڭەكلىرىنىڭ ۋەھشىلەرچە چەيلەنگەنلىكى، روھىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ئويلىسام،  خىتاي ھاكېلمىيىتىگە قاتتىق غەزەپلىنىمەن. 

يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنى يوق قىلىشقا ئەسەبىيلەرچە كىرىشىپلا قالدى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى- خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تىكلىنىشتىن مىڭ يىل بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى ئۆز قەلبىگە مەھكەم تىكلەپ بولغان.

مەن مەن بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى شۇنداق  ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بەلكىم خىتاي ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بەلگىلىك شەكىلدە ئۆزگەرتەلىشىڭ مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇرنىڭ بۇ زۇلۇمغا قارشى چېۋەر قوللىرى ۋە زېرىك ئەقلىنىڭ ھىچ بىر ۋاقىت سۈكۈتتە تۇرمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن.

نۇرغۇنلىرىڭلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ 2017- يىلدىن باشلاپ سېسىق نامى پۇر كەتكەن جازا لاگېرلىرىدىن باشلانمىغانلىقىنى، بەلكى 1949- يىلى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى بىلەن تەڭ  باشلانغانلىقىنى بىلىسىلەر. ھازىر ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزگەن ئىرقىي تازلاش جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلدى. مەن غەربتىكى تېخىمۇ كۆپ دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ كېچىكمەي بۇ تېزىملىككە ئاۋاز قوشۇپ، تېزرەك قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ قېلىش ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان پرىنسىپاللىق ۋە  ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىدۇر.

دۇنيا خەلقى، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ 70 يىللار ئاۋال دۇنياغا مۇراجىئەت قىلغان «ئەمدى قايتا تەكرارلانمايدۇ» دەپ قارالغان ئىنسانلىق تراگېدىيەلىرىنىڭ 21- ئەسىردە قايتا تەكرارلىنىشىنى تاماشا قىلپ، كۈتۈپ قاراپ تۇرماسلىقىمىز لازىم.

دۇنيا خەلقى ئۇيغۇرلارنى قوغدىشى ۋە ئۇلارنى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسىمۇ ئەمما دۇنيانى ھازىرغىچە كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئالداش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن جاۋابكارلىقسىز قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنماقتا. دۇنيانىڭ خىتاي ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرىگە سۈكۈت قىلىشى، ئاقىۋەتتە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر.

ئىنسانلارنىڭ ئىرقىي، دىنىي ئېتىقادى، رەڭگى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ  قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممە كىشىلەرنىڭ بۇ دۇنيادا تىنچ ئامان ۋە خاتىرجەم ھالدا خۇشال خۇرام ياشىشى ھەممىمىزگە مەنپەئەتىگە باغلىنىشلىق زور مەسىلىدۇر. شۇڭلاشقا، مەدەنىي دۇنيا، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك.

مەنبە:
https://brusselsmorning.com/2021/05/06/the-world-must-act-on-chinas-uyghur-genocide/