ياش چاقچاقچى ھەمراھ قەييۇمنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئۈچۈن 9 يىللىق قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى (ۋاشنگتون)، 2021- يىلى 15- ماي

يېقىندا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ۋەتەندىن يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئېنىقلىشىمىزچە، داڭلىق ياش چاقچاقچى ھەمراھ قەييۇمغا 9 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ 2014- يىلى تىجارەت سەۋەبلىك تۈركىيەگە زىيارەتكە بارغانلىقىنى باھانە قىلىپ، «ۋەتەننى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك قىلىش» جىنايىتىنى ئارتقانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى. مەزكۇر خەۋەرنى ھەمراھنىڭ ئامېرىكىدىكى دوستلىرىدىن ئالىمجانمۇ جەزىملەشتۈردى.

ئاگېنتلىقىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، ھەمراھ 1985- يىلى جېلىليۈزى ناھىيىسىنىڭ گەمە كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيسگە ئىگە. ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىشقەدەم چاقچاقچىسى ھېسام قۇربان بىلەن تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بولغانلىقى ئۈچۈن كىشلەر ئۇنى «ئىككىنچى ھېسام» دەپمۇ ئاتىغان. داڭلىق چاقچاقچىلاردىن ھېبى، ئەنۋەر قاتارلىقلار ئۇنىڭ تەبئىي چاقچاق تالانتى، تېز ئىنكاسى ۋە تىك ماھارىتىگە ئاساسەن «ئەڭ ئستىقباللىق خەلق قىزىقچىسى» دەپ تەرىپلىگەن.

كېين ھەمراھ تەقۋادارلىقى سەۋەبلىك، «ھەزىلكەشلىك بىلەن كىشلەرنى كۈلدۈرمەيمەن» دېگەن ئەقىدىسى بىلەن چاقچاقچىلىق ساھەسدىن چېكىنگەن. 2016- يىلى كەڭ جەمئىيەتنىڭ تەكلىبى بىلەن سەھنىگە قايتىپ كەلگەن، ناھايىتى تېزلا ئاپتونوم رايون بويىچە، بارلىق سەھنىلەرنى قېزىتىپ كەلگەن روزاخۇن، ئارافات، جاۋدەت قاتارلىق ياش چاقچاقچىلار بىلەن سورۇنلارنى قىزىتىشتىن، سەھنىلەرنى قىزىتىشقا قاراپ تەرەققىي قىلغان. ئۇ ئوكيان تېلېۋىزىيەسى ۋە ئاتالمىش شنجاڭ تېلېۋىزىيەسى ھەمكارلىقىدىكى «چايخانا چاقچاقلىرى» پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدە مېھمىنى ۋە قىزىقچىسى بولغان. قسقىغىنە ئىككى يىل ئىچىدە تۆتتىن ئارتۇق كارخانا بىلەن ئېلان ھەمكارلىقى ئورناتقان.

چاقچاقچىلىق – ئۇيغۇر خەلق ئېغىز تىلى مەدەنىيىتىنىڭ بىر مۇھىم قىسمى بولۇپ، تارىخىي رىۋايەتلەردىكى نەسىردىن ئەپەندىدىن باشلانغان قىزىقچىلىق ئەنئەنىسىگە تۇتىشىدۇ. چاقچاقچىلىق ۋە قىزىقچىلىق ئۇيغۇرلاردا ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۆز ئالدىغا ھەر خىل شەكىللەردە راۋاجلىنىپ كەلدى. بۇ ئەنئەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئەسىرلەر بويى ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن سەلەي چاققان (1790 – 1850)، تۇرپاندا ياشاپ ئۆتكەن موللا زەيدىن (1815-1881) قاتارلىق ۋەكىللىك شەخسلەردىن كېيىن، 20-ئەسىردە ئىلىدا يەنە بىر ئاتاقلىق خەلق قىززىقچىسى – «زامانىمىزنىڭ نەسىردىن ئەپەندىسى» ھېسام قۇربان (1930-2013) مەيدانغا چىقتى، ھەمدە ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە بۈگۈنكى كۈندە ئىلى رايونىدا ھېسام قۇرباننى مەركەز قىلغان بىر توپ كەسپىي چاقچاقچىلار قوشۇنى رەسمىي شەكىللەندى. چاقچاقچىلىق ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىش ئۇسۇلى بولۇپ، غۇلجىنى مەركەز قىلىپ ئومۇملاشقان بۇ مەدەنىيەت شەكلى ئاساسەن كوللىكتىپ مەدەنىيەت ھادىسىسى بولغان مەشرەپنىڭ جانلىق پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنى دۈشمەن سۈپىتىدە يوقىتىش ھەرىكىتىنى سىستېمىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە مەدەنىيەت ۋەكىللىرىنى تۇتۇپ، باستۇرۇپ، يوقتىپ كەلمەكتە. ئىلمىي دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئۇيغۇر تىل ئوقۇتقۇچىلىرى، ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىغا بولغان باستۇرۇشنى مەركىزىي نۇقتىغا قويغان.