سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت (G7) مىنىستىرلار يىغىنى لوندوندا ئېچىلدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 3-ماي

سانائەتلەشكەن 7دۆلەت(ئامېرىكا، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە) مىنىستىرلار دەرىجىلىك يىغىنى 3-ماي لوندوندا باشلاندى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا جەنۇبى كورېيە، ھىندىستان، جەنۇبى ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شۇنداقلا شەرقى جەنۇبى ئاسىيا بىرلىكى رەئىسى: بىرۇنېي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئىگىلىنىشىچە بۇ يىغىن 5-مايغا قەدەر داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى كېلەر ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان G7 پرېزىدېنتلىرى دەرىجىلىك يىغىنىغا تەييارلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان.فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بۇ قېتىملىق G7 مىنىستىرلار يىغىنىدا ئاساسلىقى كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، ئىران يادرو كېلىشىمى، شۇنداقلا شىمالى كورېيە ۋەزىيىتى قاتارلىقلار مۇنازىرە قىلىنىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بلىنكىن لوندونغا يېتىپ كېلىشى بىلەنلا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياپونىيە ۋە جەنۇبى كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتىن كېيىن جەنۇبى كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چۇڭ ئۇي يۇڭ مۇخبىرلارغا بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتناشقانلىقىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولغانلىقىنى شۇنداقلا ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدىننىڭ چاۋشيەن ئارىلى مەسىلىسىدىكى ئاكتىپ ۋە ئوچۇق پوزىتسىيەسىدىن خۇش بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە: ئانتونى بلىنكىن ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى توشىمىتسۇ موتاگى بىلەن چاۋشيەن ئارىلى يادرو قورال مەسىلىسىدە ئورتاقلىققا كەلگەن، شۇنداقلا جەنۇبى كورېيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىنىڭ ”چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسزلاندۇرۇش“ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرگەن.فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ قېتىملىق G7 يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا يالغان ھېساباتلار بىلەن ئۇچۇر تارقىتىپ بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى يېپىشقا تىرىشقان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ خىتايدىن كېلىۋاتقان ھەرخىل خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن