ئالدامچىلىق، زورلۇق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق: ئاۋىستىرالىيەنىڭ مىللىي ھاياتى خاتىرىسىدىكى پەۋقۇلئاددە بىر كۈن

ئاپتورى: پېتېر خارچېر
سىدنىي سەھەر خەۋەرچىسى، 2021- يىلى 10- ئاپرېل
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 20- ئاپرېل

ئىرقىي قىرغىنچىلىق؟ كىمگە ، بىزگىمۇ؟ بۇ ئاۋىستىرالىيەنىڭ مىللىي ھاياتى خاتىرىسىدىكى پەۋقۇلئاددە بىر كۈن بولدى. خىتاينىڭ ئاۋىستىرالىيەدىكى ۋەكىلى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئۆيىنى ئېچىپ، ئۇلارنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇر ئاز سانلىق مىللەتلىرى ئۈچۈن پەقەت ئەڭ ياخشىسىنىلا خالايدىغانلىقىغا قايىل قىلماقچى بولدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، كانادا پارلامېنتى، گوللاندىيە پارلامېنتى ۋە ئەنگىلىيە ئاۋام پالاتاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەڭ ئېغىر جىنايەت – ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلىدى. ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتىمۇ، پارلامېنتمۇ ئۇنداق قىلمىدى، تېخىچە.

ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دۇنيا مىقياسىدا قۇرۇلماقتا. بايدىن ھۆكۈمىتى بۇ ھەپتە خىتاينىڭ كېلەر يىلى قىشلىق ئولىمپىكنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بايقۇت قىلىشنى جاكارلاش ياكى جاكارلىماسلىق توغرىسىدا ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەنگىلىيە يەھۇدىي ۋەكىللەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى مارى ۋان دېر زىل خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىسىگە مۇنداق دەپ خەت يازدى: «بۈگۈن كىشىلەرنىڭ پويىزلارغا مەجبۇرىي چىقىرىلىۋاتقانلىقى، دىنىي زاتلارنىڭ ساقاللىرىنىڭ مەجبۇرىي كېسىلگەنلىكى، ئاياللارنىڭ تۇغماس قىلىنغانلىقى ۋە جازا لاگېرلىرىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللار قاتارلىق خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋە ناتسىست گېرمانىيەسىدە يۈز بەرگەن ئىشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقنى ھېچكىم ھېس قىلالمايدۇ.»

ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاۋسترالىيەدىمۇ قۇرۇلماقتا. كانبېررادىكى ئاۋام پالاتاسى ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى ئاۋام پالاتاسىنى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر ۋە سىستېمىلىق دەخلى – تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا داۋاملىق نەپرىتىنى بىلدۈرۈش» نى خاتىرىلەشكە ۋە ب د ت نى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

بۇ قارارنى ئىككى چوڭ پارتىيەنىڭ ھېچقايسىسى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلمىگەن، پەقەت لىبېرالىستلار پارتىيىسى ئارقا سەپ پارلامېنت ئەزاسى كېۋىن ئاندرېۋس شەخسىي قانۇن لايىھە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى، ئىشچىلار پارتىيىسى ئارقا سەپ پارلامېنت ئەزاسى كىرىس خەيېس قوللىدى.

لىبېرالىستلار، ئەمگەكچىلەر، پۇقرالار ۋە يېشىللار پارتىيىسىدىن ئون ئىككى پارلامېنت بۇنى ئەزاسى قوللىدى، ھېچكىم قارشى تۇرمىدى. ئاندرېۋس مۇنداق دېدى: «بۇ ئىشنى قوللايدىغانلار بەك كۆپ، مېنىڭچە قارشى بېلەت تاشلايدىغان ھېچكىم يوق.»

بۇنىڭدىن مۇستەسنا ھالدا، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بېيجىڭ ئاللىقاچان يولغا قويغان 20 مىليارد دوللارلىق سودا جازاسىغا قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ جازا يۈرگۈزۈشىدىن ئەنسىرىگەن بولۇشى مۇمكىن.

دۇنياۋى داۋالغۇش كۈچىيىۋاتقان بۇ پەيتتە، ئاۋسترالىيە مېدىيالىرىدا بىر يىلدىن بۇيان كۆرۈنمىگەن  باش ئەلچى چېڭ جىڭيې پارلامېنت بىناسىدىن نەچچە يۈز مېتىر يىراقلىقتىكى رەسمىي تۇرالغۇسىدا تۇيۇقسىز ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچماقچى بولدى. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىن كەلگەن بىر ۋىدېئو ئۇلىنىشىدا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار «پاكىت» بىلەن تەمىنلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى تامغا يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتە «شىنجاڭ قالتىس زېمىن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان.

چېڭ ۋە ئۇنىڭ مەنسەپداشلىرى ئاۋىستىرالىيە مۇخبىرلىرىغا، ھەتتا سابىق سوۋېت كومپارتىيىسىمۇ خىجىل بولۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە ئىككى سائەتلىك ھوقۇق تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەنئەنىۋىي كىيىم – كېچەكلەر بىلەن ياسانغان، خۇشاللىققا چۆمگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇسۇل ئويناۋاتقانلىقى، قەد كۆتۈرگەن ئېگىز بىنالار ۋە ئاپئاق تاغ چوققىلىرى تەسۋىرلەنگەن بەش پارچە سىن فىلىمى كۆرسىتىلگەن.

بىر ئەمەلدار زور كۆلەمدە قاماققا ئېلىشقا ئائىت بايانلارنى «پۈتۈنلەي يالغانچىلىق» دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ ئۇيغۇرلار قامالغان ئېگىز سېپىللىك لاگېرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلەرگە ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش ۋە كومپيۇتېر ماھارەتلىرىنى ئۆگىتىدىغان «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن.

ئاۋسترالىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مەسئۇلى ئېلېيىن پېرسون پەقەت: «ئەگەر شىنجاڭ ھەقىقەتەن شۇنداق <قالتىس زېمىن> بولسا، ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى نېمىشقا مۇخبىرلار ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق نازارەتچىلىرىنى ئۇ يەرگە كىرگىلى قويمايدۇ؟» دەپ سورىدى.

دەسلەپتە بېيجىڭ ئەمەلدارلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى رەھبىرى، چىلىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مىچېل باچىلغا 2019- يىلى ئىيۇندا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) نى زىيارەت قىلسا بولىدىغانلىقى ئېيتقان بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە ۋىزا بېرىلىشنى ساقلاۋاتىدۇ. دېمەك، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ھەقىقەتنى ئىپادىلەيدىغان ياخشى ئىش – ئىزلىرى يوق.

غايەت زور مىقداردىكى يېڭى تۈرمە – لاگېرلارغا ئائىت ئىسپاتلار ئوتتۇرىغا چىققاندا، شى جىنپىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتى بۇنداق لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلدى. ئۇلار ئاخىرىدا ئۇلار ئاخىرىدا بۇ سىستېمىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئەمما ئۇلار بۇ جايلارنى، ئالتە مېتىر ئىگىزلىكتىكى تاملار ۋە قاراۋۇل مۇنارلىرى بىلەن قورشالغانلىقىغا قارىماي، خۇددى ئاۋسترالىيەدىكى تېخنىكا ۋە ئۈزلۈكسىز تەلىم – تەربىيە ئىنىستىتۇتلىرى (TAFE) غا ئوخشاش كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 400 بەتلىك ئىچكى ھۆججىتى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، زور كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان يىغىۋىلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتلىنىپلا قالماستىن، بەلكى بۇ سىستېمىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ «قەتئىي رەھىم قىلماسلىق» چاقىرىقى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

شۇنداقتىمۇ كسپىي جەھەتتىن پىشقان ئاۋىستىرالىيە مۇخبىرلىرى چېڭنى بۇ ئالدامچىلىقنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان بەزىبىر ھەقىقىي سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە قىستىدى.

مەسىلەن، چېڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىكى تەخمىنەن 1 مىليون ئۇيغۇرنىڭ سولانغانلىقىغا ئائىت دوكلاتنىڭ ھەممىسىنىڭ «ساختا خەۋەر» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. كەسىپدېشىم ئانتونىي گاللوۋىي: «ئەگەر بىر مىليون دېگەن سان ساختا بولسا، <قايتا تەربىيىلەش> مەركەزلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانى قانچىلىك؟» دەپ مەنتىقىلىق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى. چېڭ جاۋاب قايتۇرمىدى. گاللوۋىي قايتا سورىغاندا، چېڭ يەنىلا جاۋاب بەرمەي تۇرىۋالدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان ئايال – رابىيە قادىرنىڭ سۆزلىرىگە مۇراجىئەت قىلدىم. ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭ تىكلەپ چىققان «نەمۇنىلىك ئۇيغۇر»، باي سودىگەر، كومپارتىيە ئەزاسى ۋە خىتاي خەلق سىياسى مەسلىھەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئىدى.

ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ باستۇرۇلىشىغا قارشى سۆزلەشكە باشلىغاندا، ئالتە يىللىق كېسىلگەن ۋە ئاخىرىدا دىپلوماتىك كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە 2005-يىلى قويۇپ بېرىلىپ، ئامېرىكىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ۋاشىنگىتوندا تۇرىۋاتىدۇ. ئۇ بارلىق ئىمتىيازلىرىدىن، بايلىقلىرىدى، ئائىلىسىدىن ئايرىلدى. ئەمما ئۇ ئەزەلدىن سۈكۈت قىلىپ باقمىغان بولۇپ، «مۇسۇلمان دالاي لاما» دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ياشانغان ئايال ھازىر 76 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ناھايىتى كەسكىن ئىدى. ئۇ بەش قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

چېڭنىڭ كانبېررادىكى تەشىۋىقات نامايىشى ئېلىپ بارغان كۈنى دەل مېنىڭ رابىيە قادىر بىلەن سۆزلەشكىنىمگە ئۈچ يىل بولغان كۈن ئىدى. ئۇنىڭ 2018- يىلى سىدنېيدىكى زىيارەتتىكى سۆزلىرى مېنىڭ زىل زىلىگە سالغان ئىدى.

ئۇ ماڭا «يىغىۋىلىش لاگېرى» دەپ ئاتىغان مەركەزلەردە ئاز دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ 37 تۇغقىنىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ يۇرتىدىكى بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ئىدى.

مەن ئۇنىڭ سۆزلىرى توغرىسىدا خەۋەر يازدىم، ئەمما تەخمىنەن 10 مىليون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئومۇمىي نوپۇسىدىن 1 مىليون مەھبۇسنىڭ بولۇشى قارىماققا سەل غەيرى تۇيۇلدى، شۇڭا مەن باشقا مۆلچەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆۋەنرەك مۆلچەرلەنگەن سانلار، مەسىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ 120،000 ئۇيغۇرنىڭ دوكلاتى دېگەندەك. ئەلۋەتتە ، بۇ ۋە باشقا تەپسىلاتلاردا توغرا ئىسپاتلاندى. ئەلۋەتتە بۇ ۋە باشقا بارلىق تەپسىلاتلارنىڭ توغرىلىقىنى رابىيە قادىر ئىسپاتلىغان ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ھەپتە ئۇنىڭدىن بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدىم. «مەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەقسىدىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن.» دېدى ئۇ تەرجىمانى ئارقىلىق، «ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى ئۇيغۇر خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش.» ئىككى ياشتىن 12 ياشقىچە بولغان بالىلار دۆلەت تەرىپىدىن ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىدۇ، قىزلارغا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر بالىلىرىنى تۇغالمايدۇ. بەزى ئۇيغۇر ئاياللار مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىۋاتىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇل بولسا ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي يۆتكەش بولۇپ، بۇ زاۋۇتلاردىن خىتاي ئىشچىلار خالىغان ۋاقىتتا كېتەلەيدۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ بۇ زاۋۇتلاردىن كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

«تەلىيىمىزگە يارىشا، يېقىندىن بېرى ئامېرىكا، ئاۋىستىرالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەركىن دۇنيا ئويغاندى، مەن ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئاخىرقى مەقسىتىگە يېتىشىنى توسۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

قانچىلىك ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالدى؟ بەزى خىتاي ئەمەلدارلار قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «ئوقۇش پۈتتۈرگەن» لىكىنى ۋە ئۆيلىرىگە قايتانلىقىنى ئېيتتى.

رابىيە قادىر ئۆيگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىنغانلارنىڭ سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچارلاپ كەتكەنلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ لاگېر ستاتىستىكىسىدا ھېسابلانمايدىغانلىقى، ياكى ئۇلارنىڭ «مېڭىسى پۈتۈنلەي ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

ئەمما ئۇ قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ ئورنىنى يېڭى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنىڭ ئورنىغا قامايدىغانلىقىنى ئېيتىپ: «جازا لاگېرلىرىدىكىلەرنىڭ ۋە جازا لاگېرلىرىغا كىرىپ – چىققانلارنىڭ ئومۇمىي سانى بەش مىليون ئەتراپىدا.» دېدى. بۇ دېگەن ئومۇمىي نوپۇسنىڭ يېرىمى دېگەن گەپ. بەزىلەر لاگېرلاردا ئۆلدى، ئەمما كۆپىنچىسى تېخى ھايات. مانا بۇ خىتاي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قەبىھ تالانتى.

شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىشىغا يول قويۇش ئارقىلىق، ناتسىست ئۇسلۇبىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈمىد قىلدى. ئەمما بىر مىللەتنى زور كۆلەمدە قىرىپ يوقىتىش ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بىردىنبىر ئېنىقلىمى ئەمەس ئىدى. ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى «بىر خەلقنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش مەقسەت قىلغان» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن.

داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر، مەسىلەن ئالدىنقى ئايدا كانادانىڭ رائۇل ۋاللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى ئۈچۈن دوكلات يازغان 50 مۇتەخەسسىس خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ھەقىقەتەن بۇ ئېنىقلىمىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پۈتۈن دۇنيا بويىچە بۇ پىكىرگە قوشۇلىدىغان پارلامېنتلارنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

رابىيە قادىرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىچۇ؟ ئۇ 2014- يىلى قولغا ئېلىنغان بىر سىڭلىسىنىڭ «دەھشەتلىك قىيىن – قىستاق سەۋەبىدىن 2017- يىلى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى» نى، قالغان 36 كىشىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بېيجىڭ ئۇلاردىن پايدىلىنىشنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇلىنى تاپتى. تۇغقانلىرىم  ماڭا ۋە ئامېرىكىغا قارشى سۆزلەشكە مەجبۇرىلىنىۋاتىدۇ. بالىلىرىم ئۇلار ئۈچۈن ماتېرىياللارنى ياخشى تەييارلاپ بېرىۋاتىدۇ. مەن بالىلىرىم ۋە نەۋرىلىرىمنىڭ مېنى ئەيىبلەپ ۋىدېئوغا چىقىشقا مەجبۇرىلانغانلىقى، مۇستەبىت ھاكىمىيەت قىلالايدىغان ئەڭ يۇقىرى چەك دەپ قارايمەن.»

رابىيە قادىرنىڭ «شىنجاڭ قالتىس زېمىن.» شۇئارىغا باشقىچە ئىپادىسى بار، ئۇ بولسىمۇ «قانغا بويالغان گۈزەل زېمىن.» باش ئەلچى چېڭنىڭ بۇ ھەپتە قويغان ئويۇنىنىڭ ئەڭ مۇھىم پەيتى قايىل قىلىش كۈچىنى يوقاتقان تەشۋىقاتى ئەمەس، بەلكى باشقىلارغا تەھدىت سېلىشىدۇر.

بۇ قېتىمقى تەشۋىقات يىغىندىن چىققان ئاساسلىق خەۋەر چېڭنىڭ «خىتاي تەنقىدتىن ئىبارەت بۇ ئاچچىق دورىنى يېمەيدۇ.» دېگەن  ئاگاھلاندۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر ئاۋسترالىيە جازا يۈرگۈزسە «ئوخشاش شەكىلدىكى» جاۋابقا ئېرىشىدۇ. بۇ شى جىڭپىڭ رىجىمىنى مۇلايىم، كۆيۈمچان ھاكىمىيەت سۈپىتىدە كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ مەغلۇبىيىتى بولۇپلا قالماستىن، جورجى ئورۋېل (George Orwell) نىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى چۈشەنچىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بارلىق مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئالدامچىلىق ۋە قورال كۈچى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئالدامچىلىقى ئاشكارىلانغان ھامان، ئۇلار مۇقەررەر ھالدا پۈتۈنلەي قورال كۈچىگە تايىنىدۇ.»

مەنبە:
https://www.smh.com.au/world/asia/fraud-force-and-genocide-an-extraordinary-day-in-the-annals-of-australia-s-national-life-20210409-p57hyy.html

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن