ياپونيەنىڭ ئەڭ چوڭ شوخلا قىيامى ئىشلەپ چىقارغۇچى شىركىتى شىنجاڭدىن شوخلا سېتىۋېلىشنى توختاتتى.

تەرجىمە قىلغۇچى: ئىدىقۇت

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 15- ئاپرېل

ياپونىيەنىڭ ئاساسلىق شوخلا قىيامى ۋە كۆكتات شەربىتى ئىشلەپچىقارغۇچى كاگومې 14- ئاپرېل چارشەنبە كۈنى شىركەتنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىن شوخلا قىيامىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ خام ئەشياسى بولغان شوخلا ئىمپورت قىلىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كاگومېنىڭ باياناتچىسى كازۇماسا كىتاگاۋا رېيتېر ئاگېنتلىقىغا: «كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىز ئويلاشقان ئامىل، ئەمما ئۇ يەردىكى سېتىۋېلىشنى توختىتىشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى ئەمەس.» دېدى.

ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب شىركەتلىرى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى – تەرۇز قىلدى دەپ ئەندىشە قىلماقتا. بىر قىسىم خەلقئارالىق مودا ماركىلىرى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىنى بايقۇت قىلغان ۋە مەزكۇر رايۇننىڭ پاختسىنى  مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى دېگەن.

بېيجىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى دېگەن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.  بىر قېتىم شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىسنى  رەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان خەلقئارادىكى داڭلىق ماركىلار خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ نىشانىغا ئايلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە نايك ، ئادىداس، Uniqlo، Burberry ۋە Lacoste قاتارلىق 20 نەچچە شىركەت بار.

كاگومېنىڭ باياناتچىسى كىتاگاۋا كازۇماسانىڭ ئېيتىشىچە، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دا قالغان شوخلا قىيامى بۇ يىل تۈگەيدىغانلقنى ئېيتقان. بۇ خەۋەر ئالدى بىلەن «نىككېي» تەرپىدىن خەۋەر قىلىنغان.

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) دىن سېتىۋېلىنغان شوخلا قىيامى كاگومې شوخلا قىيامىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %1 نى ئىگىلەيدۇ. كىتاگاۋا مۇنداق دېدى: «شىركەت خام ئەشيانى قەيەردىن چىقىرىشنى قارار قىلغاندا تەننەرخ ۋە سىجىللىق قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىدۇ.»

ھازىرغا قەدەر، خەلقئارادىكى كۆپىنچە دۆلەتلەر شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختا مەسىلىسىگە مەركەزلەشتى، پەقەت ئامېرىكىلا بۇ رايوندىن پاختا ۋە شوخلا ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. ئامېرىكا بۇ يىل 1- ئايدا خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختا ۋە شوخلا ئىشلەپچىقىرىشتا يەرلىك مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىق سەۋەبىدىن بۇ ئىككى مەھسۇلاتنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان) دا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قولغا ئېلىنغان ۋە ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەرشارى شىركەتلىرىنى «تەمىنلەش زەنجىرىنى يېقىندىن كۆزىتىش» كە چاقىردى.

خىتاي دۇنيادىكى ئاساسلىق شوخلا ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، 2019- يىلى شوخلا ئېكسپورتى دۇنيا ئومۇمىي ئېكسپورتىنىڭ %35 نى ئىگىلىدى، يەنى 62 مىليون 760 مىڭ توننا.  شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) خىتاي ئشلەپ چىقىرۋاتقان شوخلىلارنىڭ ئاساسلىق ئۆسۈۋاتقان رايونى. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركستان/ئۇيغۇرىستان، ت.) قۇياش نۇرى بىلەن تولغان، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى روشەن، قۇرغاق رايون بولۇپ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، بۇ خىل ئىقلىم شوخلا تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.

مەنبە:
https://www.voachinese.com/a/Japan-s-top-ketchup-maker-stops-using-tomatoes-from-Xinjiang-20210414/5853072.html

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن