قۇتۇلغىلى بولمايدىغان شىنجاڭ پاختىسى: خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلار غەرب ۋە خىتايدىن قايسىسىنى تاللايدۇ؟

ئاپتورى: پېتېر س.گودمان ، ۋاڭ يۆمېي ، ئېلىزابېت پاتون
«نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتى، 2021- يىلى 6- ئاپرېل

تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 12- ئاپرېل

خىتاي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن نەپ ئالدى دەپ ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، بۇلتۇر دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كىيىم – كېچەك پارچە سېتىش شىركىتى H&M شۇ رايوننىڭ پاختىسىنى سېتىۋىلىشنى توختىتىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدى.

بىراق ئالدىنقى ئايدا H&M يېڭى بىر قارشىلىققا دۇچ كەلدى، بۇ قېتىمقى قارشىلىق خىتايدىكى ئىستىمالچىلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار «شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىسىنى ئىشلەتمەسلىك» ۋەدىسى خىتايغا قىلىنغان ھۇجۇم دېگەن قاراشتا چىڭ تۇردى. ھۆكۈمەتنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن، غەزەپ – نەپرەتكە تولغان بايقۇت قىلىش سادالىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىنى بىر ئالدى. H&M قاتارلىق يەرشارى خاراكتېرلىق داڭلىق ماركىلار بىر مىليارد 400 مىليون ئاھالىسى بار بۇ دۆلەتنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتەك خەتەرگە دۇچ كەلدى.

بۇ بىر مەيدان جامائەتچىلىك غەزىپى خىتاينىڭ خام ئەشيالىرىغا ۋە زاۋۇتلىرىغا تايىنىپ قالغان خەلقئارالىق كىيىم – كېچەك داڭلىق ماركىلىرى ئۇچرىغان بارلىق قىيىنچىلىقلارنىڭ مەنبەسىنى ئاشكارىلىدى. بۇ قىيىنچىلىقلارنى كىشىلەرگە تونۇش بولغان، كەمبەغەل دۆلەتلەردىكى ئېكسپىلاتاتسىيىلىك خىزمەت شارائىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىناۋەت كرىزىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خېلىلا مۇرەككەپ ئىدى.

ئەگەر تەمىنلەش زەنجىرىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىسىنى چىقىرىۋەتمىسە، ئامېرىكىنىڭ ئىمپورتنى چەكلەش بۇيرۇقىغا ئاساسەن، بۇ كىيىم – كېچەك شىركەتلىرى ۋاشىنگتوننىڭ قانۇنىي جازاسىغا ئۇچرايدۇ، ئەمگەك پائالىيەتچىلەر ئۇلارنى ئۇيغۇرلارنى شەرمەندىلەرچە باستۇرغانلارنىڭ شېرىكى دەپ ئەيىبلەيدۇ.

ئەمما، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىسىدىن ۋاز كېچىش ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلدى، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشنى خىتاي ئىستىمالچىلار غەربنىڭ خىتاي تەرەققىياتىغا بولغان سۈيقەستى دەپ قاراپ، غەزەپ بىلەن ئەيىبلىدى.

يەرشارى خاراكتېرلىق ماركىلار ياكى شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بازىرىنى قوغدايدۇ، ياكى خىتايدىكى بازىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. ھەر ئىككىلىسىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش ئىنتايىن قىيىن بولماقتا.

بىر نەچچە كىيىم – كېچەك ماركىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋاشىنگتون ساندلېر، تراۋىس ۋە روسېنبېرگ (Sandler, Travis & Rosenberg) ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن نىكول بايۋنېس كوللىنسون (Nicole Bivens Collinson) مۇنداق دەيدۇ: «دەل بۇ پەيتتە ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقىنى <ئامېرىكا ياكى خىتاينىڭ بىرسىنى ئۆزىنىڭ بازىرى قىلىپ تاللاش> تۇر.»

بۈگۈنكى يەرشارىلاشقان دەۋردە، خەلقئارالىق كىيىم – كېچەك ماركىلىرى بىرما ۋە بېنگال (بانگرادىش) قاتارلىق دۆلەتلەردە زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئىشچىلاردىن پايدىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن تەنقىدلىنىشكە ئادەتلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ۋاستىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىدە بىخەتەرلىك ئەھۋاللىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

بۇ ماركىلار ئاللىقاچان ئۈنۈملۈك تاكتىكىلارنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئۇلار تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ھەرىكەت ئۆلچەملىرىنى ئېلان قىلدى، ھەمدە تەپتىشلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ھېچ بولمىغاندا قارىماققا تەلەپكە ماس كەلگەندەك كۆرۈنۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

ئەمما خىتايدا تېخىمۇ ئېغىر خەتەر مەۋجۇت. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) خىتاي پاختىسىنىڭ %85 نىڭ كېلىش مەنبەسى بولۇپلا قالماي، يەنە بىر خىل باستۇرۇش شەكلىنىڭ ۋەكىللىك سۆزى بولۇپ قالدى — ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ خىل باستۇرۇشنى ئاللىقاچان ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ رەسمىي بېكىتتى. بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا سولانغان بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىماقتا.

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.)غا مۇناسىۋەتلىك مەينەت ئىشلار مۇشۇنداق ئېغىر بولۇپ، ترام ھۆكۈمىتى بىلەن بايدىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ رايوننىڭ پاختىسى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان كىيىم – كېچەكلەرنى سېتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولىۋاتىدۇ.

كىيىم – كېچەك ماركىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئىستىمال بازىرىنى ئاللىقاچان قورالغا ئايلاندۇرۇپ بولغان بولۇپ، بۇ ماركىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. مىللەتچىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاش ئۈچۈن، بېيجىڭ خەلقئارالىق ماركىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئائىت خەۋەرلەرگە دىققەت قىلماسلىققا قىستاۋاتىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلارنىڭ پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن ئىستىمالچىلىرى بولغان بازىرىدا سېتىلىش مىقدارىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقى بىلەن بېسىم قىلىۋاتىدۇ.

ھالبۇكى، بۇ خىل ئىككىدىن بىرىنى تاللاشنىڭ ئارقىسىدا، خىتاي يەنىلا دۇنيا كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مەركىزىدە تۇرماقتا.

باشقا چارە تېپىش ئۈچۈن نۇرغۇن خەلقئارالىق ماركىلار ئىشلەپچىقىرىشنى خىتاي زاۋۇتلىرىدىن ۋيېتنام، كامبودژا ۋە بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ زاۋۇتلىرىغا يۆتكەۋاتىدۇ. ئەمما زاۋۇت يۆتكەش ئۇلارنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىسى بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى يوقىتالمايدۇ.

ۋاشىنگتون خەلقئارا سودا جەمئىيىتى خەلقئارا پاختا مەسلىھەت كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ۋيېتنام، تايلاند، ھىدىستان، پاكىستان ۋە بېنگال قاتارلىق 14 دۆلەتكە پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن پاختا، 190 دۆلەتكە يۇڭ يىپ ئېكىسپورت قىلىدىكەن.

دۇنيادىكى بارلىق پاختا مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىنىڭ يېرىمىغا يېقىنى خىتايدىن ئېكىسپورت قىلىنىدىغان بولۇپ، خام ئەشيانىڭ زور مىقدارى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىسىدىن كېلىدۇ.

لوندون مەسلىھەت بېرىش شىركىتى GlobalData نىڭ كىيىم – كېچەك ئانالىزچىسى لىئوۋنى بەررىي (Leonie Barrie) مۇنداق دەيدۇ: «تەمىنلەش زەنجىرى ئۇزۇن، ئەمما ئاشكارا ئەمەس، ئېتىزلىقتىن تارتىپ، مال جاھازىسىغىچە بولغان چىگىت ئايرىش، يانجىش، توقۇش، بوياش ۋە ئاخىرقى پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق جەريانلار خىتاينىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ياكى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. مەلۇم بىر ماركىنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلىقىغا كېپىللىك قىلالمايدۇ.»

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.)غا تۇتاشقان ئۇزۇن سەپەر

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىسىدا تىكىلگەن كىيىم – كېچەكلەر دۇنيانىڭ ھەممىلا جايىدا بار بولۇپ، بۇ نەچچە يۈز يىلدىن بېرى يەرشارى ئىقتىسادىنى شەكىللەندۈرگەن كۈچ كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجە.

قۇللۇق تۈزۈمنىڭ توقۇلما مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم مۇناسىۋىتى بار. پاختا تارىخى بىلەن رەھىمسىز قۇللۇق تۈزۈمى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، زور ساندىكى ئادەملەرنىڭ جاپالىق ھالدا ھوسۇل يىغىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلىشىگە تايىنىدۇ.

پاختىنىڭ زور پايدىسى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېكىنزارلىقنى ئافرىقىدىكى قۇل سودىسىغا يۆتكەشكە تۈرتكە بولغان. ھازىرقى زاماندا، پاختا سودىسى دائىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە بولغان ئەيىبلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك مىسالى ئۆزبېكىستان.

خىتاينىڭ بىر كەمبەغەل دۆلەتتىن، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىش جەريانى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم – كېچەك ساھەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. خىتاي تۆۋەن مۇئاشلىق ئىشچىلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ دەخلى قىلىشىغا ئۇچرىماسلىقى ۋەدىسى بىلەن چەتئەل كارخانىلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ ماركىلار خىتاينى بىر چوڭ ئېكىسپورت دۆلىتىگە ئايلاندۇردى. ئۇلار يەنە غايەت زور مەبلەغ سېلىپ، كۈندىن – كۈنگە زورىيىۋاتقان خىتاي ئىستىمالچىلىرىغا مەھسۇلات سېتىۋاتىدۇ.

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) نىڭ بىپايان زېمىنى بار بولۇپ، يەر كۆلىمى تېكساس شىتاتىنىڭ ئىككى ھەسسىسى، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت زاپاس مىقدارىغا ئىگە. مۇنبەت تۇپراق ۋە يېتەرلىك قۇياش نۇرى ئۇنى پاختا تېرىيدىغان مۇنبەت زېمىنغا ئايلاندۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشچىلارنى خورلاشقا ئائىت ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى زور كۆلەملىك پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاپتوماتلىشىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا جار سالدى. ئەمما زور كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.)دا، قول بىلەن پاختا يىغىش ئادەتتىكى ئەھۋالدۇر. يەرلىك ھۆكۈمەت بۇلتۇر شۇ يەردىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم پاختىنىڭ قول بىلەن يىغىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېكىسپلاتاتسىيەگە ئۇچرىغانلىقىغا دىققەت قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىيىم – كېچەك ماركىلىرى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) بىلەن چەك – چېگرانى ئېنىق ئايرىش يولىنى ئىزدىمەكتە. نايىك (Nike)، بۇربەررىي (Burberry) ۋە PVH لار ئەمدى ئاسىيادىن پاختا سېتىۋالماسلىققا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مال تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا كېپىللىك بەردى.

بىراق تەمىنلەش زەنجىرى مۇتەخەسسىسلىرى دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ دائىم تەكشۈرۈش تەرتىپلىرىگە ھۈنەر ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىۋاتىدۇ.

ئەنگىلىيە شەففىېل ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Sheffield) خەلقئارا ئەمگەك مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جەنىۋىۋ لېبارون (Genevieve LeBaron) مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئىشلىتىۋاتقان ھالقىلىق قورال بولسا تەمنىلەش زەنجىرىنىڭ خىزمەت شارائىتى دوكلاتىغا بېسىلغان رېزىنكە تامغا بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ نۆۋەتتىكى ئەھۋاللارنى چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشكە ئۇرۇنمايدۇ.»

شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دا تەمىنلەش زەنجىرى توغرىسىدىكى ئىزدىنىش تىرىشچانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق چەكلىمىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماقتا. ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن كىيىم – كېچەك شىركىتىمۇ ئۆز مەھسۇلاتلىرىغا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دا ئىشلەپچىقىرىلغان ئامىللارنىڭ يوقلىقىغا تولۇق ئاساسلىرى بىلەن كېپىللىك قىلالمايدۇ. كۆپلىگەن ماركىلار ئۈستىدىكى تەپتىش خىزمەتلىرىمۇ ئۇنچىلىك دەرىجىدە قاتتىق ئەمەس.

ھەر قايسى چوڭ كىيىم – كېچەك ماركىلىرى ياخشى پاختا تەشەببۇسى تەشكىلاتى (Better Cotton Initiative) بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. بۇ تەشكىلاتنىڭ باش شىتابى جەنۋە بىلەن لوندوندا بولۇپ، ۋەزىپىسى پاختا كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ تەشكىلات توختىماستىن ئېلان قىلىنىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك دوكلاتلىرى سەۋەبىدىن، بۇلتۇر كۈزدە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.)دىكى پائالىيەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئەمما رېيتېر ئاگېنلىقىنىڭ بىر خەۋىرىدە، بۇ ئورگاننىڭ خىتاي شۆبىسى يېقىندا، 2012- يىلىغىچە سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.)دىكى تەكشۈرۈشلەردە «مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئەمەلىي ئەھۋالنى بايقىمىغانلىقى» نى ئېلان قىلغان.

بۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يېقىندا ئېلان قىلغان، مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋەرلىرىدىن «ئېغىر ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ھۆججەتلەر بىلەن زىت كېلىدۇ. ياخشى پاختا تەشەببۇسى تەشكىلاتى قانداق قىلىپ بۇ خۇلاسىنى چىقارغانلىقىغا ئائىت زىيارەت تەلىپىنى رەت قىلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت دېرىكتورى جوۋ ۋۇدجراف (Joe Woodruff) ئېلخېتىدە: «بىز پايدا ئالمايدىغان بىر كىچىك تەشكىلات.» دەپ يازىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بولسا Zara غا ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان ئىسپانىيە Inditex گۇرۇھى ۋە بۇلتۇرقى سېتىلىش مىقدارى 37 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن نايىك قاتارلىق دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۆپ پۇل تاپالايدىغان كىيىم – كېچەك تىكىش كارخانىلىرى ۋە پارچە سېتىش كارخانىلىرىدۇر.

غەزەپلەنگەن خىتاي ئىستىمالچىلار

كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىسىغا بولغان باياناتلىرى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يەڭگىللەتمەكتە يوق، ئەكسىچە خىتاي ئىستىمالچىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

خىتاي ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ نايىك ئاياقلىرىنى تاشلىۋەتكەنلىك رەسىملىرىنى ئېلان قىلغان.

ئىچكى مۇڭغۇلدىكى بىر ماشىنا رېمۇنت دۇكىنى نايىك ياكى H&M ماركىلىق كىيىم كىيگەن خېرىدارلارنىڭ كېلىشىنى چەكلەيدىغان لوزۇنكا ئاسقان.

خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر شيامېندا، 24 ياشلىق سەي بولى نايىك ۋە يۇنىكلو (Uniqlo) قاتارلىق ماركىلاردىكى كىيىم – كېچەك ۋە ئاياقلارغا بولغان ياخشى كۆرۈشىنىڭ ئورنىغا نەپرەتنىڭ ئالماشقانلىقىنى، بۇ ماركىلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ ئابرويىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «غەرب ماركىلىرىنىڭ خىتاي ئىستىمالچىلاردىن پۇل تاپماقچى بولغانلىقى بەك بىمەنىلىك.»

بۇ ماركىلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايدا ئۇزۇن مۇددەت قارشى ئېلىنىشنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ بىر قەدەم ئېغۋاگەرچىلىكتىن ساقلىنىشقا ئۇرۇنماقتا. Inditex ئۆز تور بېتىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىسىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدىكى ۋەدىلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى.

ھالبۇكى، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى مەجبۇرىي ئەمگەك توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىسا، بۇ ماركىلار خىتايدىن باشقا جايلاردا تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچرىشى مۇمكىن.

«ئەگەر ئۇلار توغرا ئىش قىلسا، خىتايدا ناھايىتى ئېغىر سودا خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ،» دەيدۇ ئىشچىلار ھوقۇقى ئىتتىپاقى (Worker Rights Consortium) نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى سكوت نوۋا (Scott Nova)، «ھالبۇكى، ئۇلار پۈتۈن دۇنيادىكى ئىستىمالچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى قەستەن قوللىغان ماركىلاردىن بىزار بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ بىر غايەت زور ئەخلاقى سىناقتۇر.»

خىتاينىڭ سىرتىدا

كىيىم – كېچەك ماركىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) ماجىراسى ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەشتەك ئەڭ يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە تۈرتكە بولىۋاتىدۇ.

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، خىتاي ئەمگەك كۈچلىرى تەننەرقىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ساھەلەر ئىگىلىكلىرىنى ۋيېتنام، كامبودژا ۋە بېنگال قاتارلىق تەننەرقى تۆۋەن دۆلەتلەرگە يۆتكىدى. ترام ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرگە بېسىم قىلىش ئارقىلىق، خىتايدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىشى، بۇ يۈزلىنىشنى تېخىمۇ بىر قەدەر ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالغا سىلجىتتى.

ۋاشىنگتون جورجىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (Georgetown University) نىڭ سودا مۇتەخەسسىسى پىئەترا رىۋولى (Pietra Rivoli) مۇنداق دەپ ئىپادە بىلدۈردى: «ئىشلەپچىقىرىشنى خىتايغا كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئىقتىسادىي كۈچلەرنىڭ ئەمدى ھېچقانداق رولى قالمىدى.»

شۇنداق بولسىمۇ، خىتاينىڭ يەنىلا باشقىلار نۇسخىلىيالمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرى بار — دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پورت، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ خېمىيىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن تارتىپ، پلاستىك ماتېرىياللارغىچە بىر قاتار ئالاقىدار كەسىپلىرى بار.

باشقا دۆلەتلەردىمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بار. بۇلتۇر كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشىمىغان سىياسى كۆز قارىشى بارلارنى قاتتىق باستۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەييار كىيىملەردىن باج كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتتى.

بەزىبىر دۇنياۋىي داڭلىق ماركىلار ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدىن تېخىمۇ كۆپ پاختىلارنى خىتايغا ئىمپورت قىلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلماقتا. ئۇلار بۇ پاختىلار ئارقىلىق ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىغا سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارماقچى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىسىنى خىتاي بازىرىغا ئىشلەتمەكچى. ئەمما، بۇ خىل مېتود كىيىم – كېچەك كارخانىلىرىنى ھازىرقى ئۇچرىغان ئوخشاش خەۋپكە يۈزلەندۈرۈشى مۇمكىن.

كەسىپ مەسلىھەتچىسى كولىنسون (Nicole Bivens Collinson): «ئەگەر بىر ماركىغا <ئۇلار داۋاملىق مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئەمما پەقەت خىتاي بازىرىدىلا سېتىلىدۇ.> دېگەن خەتكۈچ چاپلانسىلا يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ.

ئالدىنقى ھەپتە، H&M بىر پارچە يېڭى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئىستىمالچىلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۆتۈندى. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) تىلغا ئېلىنمىغان بۇ بىر پارچە دوكلاتتا: «بىز خىتايدىكى خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە نۆۋەتتىكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىمىز، خىتاي بىزگە نىسبەتەن بىر ئىنتايىن مۇھىم بازار.» دەپ يېزىلغان.

كىيىم – كېچەك ماركىلىرىنىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشىگە گۇمانىي قاراپ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۆز دۆلىتىنى ھاقارەتكە ئۇچرىدى دەپ قاراپ كەلگەن خىتاي ئىستىمالچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ساھەلەر بۇ باياناتتىن نازارى بولغان.

خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا، H&M غا بولغان تەنقىدلەر يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا.

بىر پارچە يازمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ساڭا نىسبەتەن خىتاي يەنىلا بىر مۇھىم بازار، ئەمما خىتايغا نىسبەتەن سەن پەقەت بىر زۆرۈر بولمىغان ماركا، خالاس.»

مەنبە:
https://cn.nytimes.com/business/20210407/xinjiang-china-cotton-brands/

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن