گېرمانىيەدە «ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى» تالىىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگىنتىلىقى

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

2019-6-15

6-ئاينىڭ 15ـ كۈنى گېرمانىيەنىڭ مېيۇنخىن شەھىرىدە ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكىنىڭ ساھىپخانىلىق قىلىشى بىلەن «ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى»تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى.
بۇ پۇتبول مۇسابىقىسى ئىككى كۈن داۋاملىشىدىكەن.
بىلگىيە،فىرانسىيە،شىۋىسيە، گوللاندىيە، نورۋىگىيە قاتارلىق ياۋرۇپانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئالتە ئۇيغۇر كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.
مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن پاراتتىن ئۆتۈش ۋە شەرقى تۈركىستان دۆلەت مارىشى ئورۇنداش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. پاراتتىن ئۆتكەندە گىرمانىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئۇقۇغۇچىللىرى ئۇيغۇر مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ ئۆتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىممۇ پاراتتىن ئۆتۈشكە قاتناشتى.


ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىم مۇھىم سۆز قىلدى ھەمدە مۇكاپات  سوممىسىنى ئىلان قىلدى.ئۇ بۇ قېتىملىق پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەھمىيتى توغرىسىدا توختىلىپ ياشلىرىمىزنى ئۆزئارا تۇنۇشتۇرۇش،ئىناق-ئىتپاقىلىق ۋە مىھىر مۇھەببەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش دىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىملىق مۇسابىقە خىتاي ھۈكۈمىتىگە يەنە بىر سىگنال دىگەن ئىپادىلەرنى قوللاندى.

مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ تۇنجى خەۋىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، دىققىتىڭلار داۋاملىق ئۇيغۇر ئاگىنتلىقىدا بولسۇن!