جامائەت پىكىرىگە دۇچ كەلگەندە، ياپونىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە يەنىلا سۈكۈت قىلىپ تۇرالامدۇ؟

ئاپتورى: بېن دولېي، خىساكو ئۈئېنو
«نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتى، 2021- يىلى 2- ئاپرېل
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 4- ئاپرېل

توكيودا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر خالمات روزى بۇلتۇر يازدا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئىنىسىنىڭ ۋىدېئولۇق تېلېفونىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئىنىسى ئۇنىڭغا بىر ئادەم بىلەن، يەنى خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى بىلەن ئۇچراشتۇرۇشنى ئېيتىدۇ.

خىتاي ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن ياپونىيەنى زىيارەت قىلماقچى بولغان بولۇپ، بۇ بىخەتەرلىك خادىمى روزىدىن بەزىبىر سوئاللارنى سورىغان: روزى ۋە باشقا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى قارشىلىق پائالىيىتى پىلانلىماقچىمۇ؟ بۇ تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى كىم؟ ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ خادىم ئىككىنچى قېتىملىق ۋىدېئولۇق تېلېفوندا ئەگەر خالمات روزى ھەمكارلاشسا، ئۇنىڭ خىتايدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشى غەمخورلۇققا ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بېرىدۇ.

بۇ خادىمنىڭ غەرىزى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ روزىنىڭ خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى ئىناۋىتىگە زىيان سالىدىغان ھەر قانداق بىر ئىش قىلىشىنى توسۇش ئىدى. بۇ خادىمنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى دەل ئەكسىچە نەتىجە بەرگەن. روزى ياپونىيە ئاممىۋى رادىئو – تېلېۋىزىيە شىركىتى NHK نى تەكلىپ قىلىپ، ئىككىنچى قېتىملىق ۋىدېئولۇق ئالاقىنى مەخپىي ھالدا سىنغا ئالدۇرۇپ، مىليونلىغان كۆرۈرمەنلەرگە كۆرسەتكەن.

بۇ سىن كۆرۈنۈش كىشىلەرنى بېيجىڭنىڭ چەتئەلدىكى ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنى قانداق قىلىپ ئۆزىگە تارتىدىغانلىقى ۋە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىشتەك تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن، ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ياپونىيىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولغان.

كۆپ يىللاردىن بېرى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە ئەكسىچە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاتتىق تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇرلايدىغان بېسىمنى ئاشۇردى. ياپونىيە بۇندىن بۇرۇن سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇپ كەلگەنلىكتىن، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىردەك بولماي كەلگەن ئىدى.

بۈگۈنگە قەدەر ياپونىيە ئۇيغۇرلار تەقدىرىگە نىسبەتەن پەقەت «جىددىي كۆڭۈل بۆلۈش» پوزىتىسيىسىنىلا ئىپادىلەپ كەلگەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار «قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرى» غا قامالغان بولۇپ، تەنقىدچىلەر بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئىرقىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ياپونىيە يەتتە دۆلەت گۇرۇھى ئىچىدىكى، ئالدىنقى ئايدا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) ۋەزىيىتى بويىچە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش بىرلەشمە ھەرىكىتىگە قاتناشمىغان بىردىنبىر دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىتاي ھاكىمىيەت بېشىدىكى كومپارتىيە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدىكى ئەيىبلەشنى رەت قىلدى، شۇنداقلا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىدە ھېچقانداق بېسىمغا باش ئەگمىدى ۋە بۇ سىياسەتلەر «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» قا زەربە بېرىشتا زۆرۈر دەپ قارىدى. ئەمما، ياپونىيە غەربنىڭ خىتاينى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا مەجبۇرلاش تىرىشچانلىقىغا پۈتۈنلەي قوشۇلسا، ئۇنداقتا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئاسىيا ئاۋازىنى كۆپەيتكەن بولىدۇ.

غەرب ئەللىرىگە ئوخشاش، ياپونىيە خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشىمۇ بارا – بارا قاتتىقلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) مەسىلىسى، بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭ دېموكراتىيىسىگە بولغان باستۇرۇشى ۋە ياپونىيە ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە خىتاي ھەربىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

توكيودىكى كاندا خەلقئارا تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئىچىرو كاروگىنىڭ دېيىشىچە، خىتايغا بولغان كۆپ يىللىق مۇجىمەل مۇئامىلىدىن كېيىن، «جامائەت پىكىرىدە روشەن بۇرۇلۇش بولدى»، ھەمدە «تۇيۇقسىز ئىنتايىن كەسكىن ھالەتكە كەلدى.»

بەزى تەرەپلەردە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتتىقلاشتى. ئالدىنقى ئايدا، ئامېرىكىنىڭ ئىككى نەپەر ئىچكى كابىنېت ئەمەلدارى توكيونى زىيارەت قىلغاندا، ياپونىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر پارچە بىرلەشمە بايانات ئىمزالاپ، خىتاينىڭ ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىدىكى «تەھدىت سېلىش ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى» ئارقىلىق «خەلقئارا تەرتىپ» كە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەنقىدلىدى.

بىراق، ياپونىيە رەھبەرلىرىنىڭ ۋە كارخانىلىرىنىڭ خىتايغا بولغان ھەرىكىتىنى كېچىكتۈرىشىنىڭ كۈچلۈك سەۋەبلىرى بار، چۈنكى خىتاي ياپونىيەنىڭ ئېكىسپورتى ۋە مەبلەغ سېلىشىدىكى مۇھىم بازار. خۇددى شۋىتسىيە كىيىم – كېچەك پارچە سېتىش شىركىتى H&M نىڭ ئالدىنقى ئايدا، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىچىلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەيىبلەشلىرىدىن قايغۇرغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ بايقۇت قىلىش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغاندەك، ھەر قانداق بىر تەنقىد تۈسىنى ئالغان پىكىر ناھايىتى تېزلا ئەكىس نەتىجە بېرەتتى.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، خىتايدا 200 نەچچە شۆبە دۇكانلىرى بولغان ياپونىيە پارچە سېتىش شىركىتى مۇجى مۇشۇنداق ئەيىبلەشلەرنىڭ بولۇشىغا قارىماستىن، شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) پاختىلىرىنى داۋاملىق ئىشلىتىدىغانلىقىنى يېقىندا ئېلان قىلدى.

ھالبۇكى، ئىقتىسادىي ۋە گېئوپولىتىكىلىق خەۋپنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا قارىماستىن، سانى بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقان قانۇن تۇرغۇزغۇچىلار ياپونىيەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلماقتا. پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتكە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە جازا يۈرگۈزۈش ھوقۇقىنى بېرىدىغان قانۇن چىقىرىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. ھەر ساھەدىكى ياپونىيە سىياسىئونلىرى باش ۋەزىر يۇشىخىدە سۇگانى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت زىيارىتىنى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىككىنچى قېتىم كېچىكتۈرۈشتىن بۇرۇن، بۇ زىيارەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا دەۋەت قىلماقتا.

ياپونىيە ئۇيغۇر جامائىتى گەرچە 3000 غا بارمىسىمۇ، بىراق ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنى ھەرىكەت قوللىنىشقا دەۋەت قىلىشى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. بۇنىڭدا روزىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى. بۇلتۇر ئۇنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك خادىمى بىلەن بولغان سۆھبىتى تارقىتىلغاندىن بۇيان، ياپونچىنى ناھايىتى راۋان سۆزلەيدىغان روزى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى ۋە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى دەپسەندىچىلىك ۋەقەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش پارلامېنت گۇرۇپپىسىغا قاتناشتى.

يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ ياپون ئوقۇرمەنلىرى باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنىمۇ بىلىشكە باشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇرۇن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغان ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى بايان قىلىنغان، بازىرى ئىتتىك رەسىملىك كىتابمۇ بار.

ياپونىيە ئىچىدە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان تونۇشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلارمۇ خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە بارغانسىرى دىققەت قىلىشقا باشلىدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىغا بولغان نارازىلىق — ياپونىيە زوراۋان ئوڭ قانات كۈچلىرىنىڭ ئىشى، دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. ئوتتۇرا ئېقىمدىكىلەر ۋە سولچىللار بۇنى ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تىنچلىقپەرۋەرلىكنى تاشلاپ، رايون زومىگىرى بولۇشنىڭ باھانىسى دەپ قاراپ كەلگەن ئىدى.

ئەمما، خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى قىلمىشلىرى كۆپلىگەن لىبېرال ئەربابلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتتى. ھەتتا ياپونىيە كومپارتىيەسىمۇ بۇنى «ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ ئاتىدى.

ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى، ياپونىيە كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي ئىستراتېگىيىچىلىرىنىڭ بىر بولغان كاسائى ئاكىرا يېقىندا بىر زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا: «خىتاي بۇنى ئىچكى ئىشىمىز دەيدۇ، ئەمما بىز چوقۇم بۇنى خەلقئارالىق مەسىلە سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك.»  دېدى.

بۇلتۇر يازدا، توكيو بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئويلىشىش ئۈچۈن ياپونىيە قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنىنىڭ 40 قا يېقىن ئەزاسى بىر كومىتېت قۇرۇپ چىقتى. بۇ يىل فېۋرالدا، ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان كونسېرۋاتىۋ پارلامنېت كومىتېتى ئەزالىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا ئېقىمدىكىلەر ۋە سولچىل ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.

ئۆكتىچى پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى شىئورى يامائونىڭ دېيىشىچە، بۇ تەشكىلاتلار قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، كانادا ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى قىلمىشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلىشقا بېسىم قىلىۋاتىدۇ.

پارلامېنت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ تېخىچە ياپون نۇسخىسىدىكى «يەرشارى ماگنىتسكىي قانۇنى» ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ بۇ قانۇنى بۇرۇن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاپ كەلگەن ئىدى.

بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ قانچىلىك رول ئوينىيالايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. روزىنىڭ قارىشىچە، قانۇن تۇرغۇزغۇچىلار خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەيدىغان باسقۇچقا كېلەلمەيدىكەن، ئەمما ئۇ يەنىلا ياپونىيىنىڭ جازا يۈرگۈزىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

روزى 2005- يىلى ياپونىيەگە ئىنژېنېرلىق كەسپىدە ئاسپرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا توكيوغا يېقىن بولغا چىبا ناھىيىسىدە بىر قۇرۇلۇش شىركىتى ۋە بىر كاۋاپخانا ئاچقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا سىياسىيغا ئارىلاشماي، خىتاي ھۆكۈمىتى پايدىسىز دەپ قارىغان ھەر قانداق پائالىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.

ئۇ 2018- يىلى ئايالىنىڭ ئائىلىسىدىكى بىر قانچە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھەممە ئىشلار ئۆزگەرگەن. قاتتىق بىخەتەرلىك رېجىم ئاستىدا، ئۇ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئاساسەن ئالاقە قىلالمىغان.

بۇ كەچۈرمىشلەر روزىنى ئۆز ئوي – پىكىرلىرىنى ئاشكارا سۆزلەشنىڭ زۆرۈرلىكىگە ئىشەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خىتايدىن يىغىۋىلىش لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىدىغان قارشىلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ياپونىيە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مۇھىم ئاۋازىغا ئايلىنىپ، مېدىيالاردا كۆرۈنۈشكە باشلىدى، سىياسىي ئەربابلار بىلەن كۆرۈشتى ۋە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزدى. تاسادىپىي ھالدا ئىنىسىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ دىققىنى تارتقانلىقىنى بىلىپ يەتتى.

روزىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ياپونىيە ئاممىۋى رادىئو – تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا كۆرۈنگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلىشىشقا ئۇرۇنمىغان. ئۇنىڭ ئائىلىدىكىلىرىگە قىلغان تېلېفونىنىمۇ ھېچكىم ئالمىغان.

ئۇ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن ئەنسىرەيدۇ. لېكىن ئۇ ئەھۋالنى سۆزلەشنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر، بۇ يەردىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى بىلىدۇ.»

مەنبە:
https://www.nytimes.com/2021/04/01/world/asia/japan-uyghurs-xinjiang.html
https://cn.nytimes.com/asia-pacific/20210402/japan-uyghurs-xinjiang/

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن