مۇستەبىت ئىتتىپاق vs دېموكراتىك ئىتتىپاق؟ خىتاي خەلقئارا يېڭى تەرتىپكە رەھبەر بولۇشقا ئۇرۇنماقتا

ئاپتورى: ستىۋىن لى مايېرز
«نيۇ يورك ۋاقتى» گېزىتى، 2021- يىلى 30- مارت
تەرجىمە قىلغۇچى: بىلمەسجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 1- ئاپرېل

بايدىن «دېموكراتىك ئىتتىپاق» قۇردى. خىتاي ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەكچى.

ئالياسكىدا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن دۈشمەنلىك پۇراپ تۇرىدىغان بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن بىر نەچچە كۈن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە غەربنىڭ مۇداخىلىسى ۋە جازالىرىنى ئەيىبلىدى.

شۇنىڭغا ئەگىشىپلا، ۋاڭ يى ئوتتۇرا شەرققە بېرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىتتىپاقداشلىرىنى زىيارەت قىلدى، ئىراننىمۇ زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى شەنبە بىر ئومۇمىيۈزلۈك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ كولومبىيە بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، يەنە شىمالىي كورىيەنى قوللايدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بەردى.

گەرچە ئەمەلدارلار بۇ دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقتىنىڭ مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەرمەكچى بولغان ئۇچۇرى ناھايىتى روشەن ئىدى: خىتاي ئۆزىنى ئاساسلىق رىقابەتچى ئورۇنغا قويۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى، دائىم دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى يېتەكچى پرىنسىپ قىلغان خەلقئارالىق تەرتىپكە جەڭ ئېلان قىلدى.

«بۇ تەرتىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.» دېدى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گۈيلىندە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي.ۋ.لاۋروف (Sergey V. Lavrov) بىلەن ئۇچراشقاندا.

ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكىنى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئەيىبلىدى، شۇنداقلا ئامېرىكىنى «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ يەرشارى تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش» قا دەۋەت قىلدى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ خىتاي مۇستەبىت سىياسىتىگە جەڭ ئېلان قىلىشى، پەقەت بېيجىڭنىڭ ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارشى دۆلەتلەر ئىچىدە، دۇنياۋى باشلامچى بولۇش قارا نىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى بارا – بارا ئېشىۋاتقان خىتاينى، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئىچكى سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىشىغا قارشى تۇرۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى ئۆز قىممەت قارىشىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە قىلماقچى بولغان خىتاينى ئاشكارىلاپ بەردى.

«ئۇلار بىر ئامال قىلىپ: <پەقەت بىزلا تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت. بىز بۇزغۇنچى ئەمەس، رەزىللىك مەنبەسىمۇ ئەمەس.> دېگەن بەس – مۇنازىرىنى قوزغىماقچى.» دەيدۇ يونسەي ئۈنىۋېرسىتىتى (Yonsei University) نىڭ خىتاي مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان پروفېسسورى جون دەلۇرىي (John Dlury) خىتاي ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە توختالغاندا.

نەتىجىدە، دۇنيا بارا – بارا ئوخشىمىغان لاگېرلارغا بۆلۈنۈپ (گەرچە بۇ نۇقۇل ھالدىكى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بۆلۈنۈش بولمىسىمۇ)، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر ئىككىلىسى قوللىغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقچى بولىۋاتىدۇ.

بايدىن ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى تۇنجى قېتىملىق پرېزىدېنت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ نۇقتىنى ئېنىق شەرھىلەپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ بىر خىل باشقۇرۇش ئەندىزىسىدىكى گېئو – پولىتىك رىقابەتتىكى تاشقى سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننى سېلىشتۇرۇپ: «ئۇلار مۇستەبىتلىكنى بولسا كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىش، دېموكراتىيە بولسا كۈندىن – كۈنگە مۇرەككەپلىشىۋاتقان دۇنيادا ئاقمايدۇ، دەپ قارايدۇ.» دېدى. ئۇ كېيىن بۇ رىقابەتلىشىشنى «21- ئەسىردىكى دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىكنىڭ ئېلىشىشى» دەپ ئاتىدى.

خىتايغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكا دۇنيانى ئوخشاش بولمىغان گۇرۇھلارغا بۆلۈۋەتتى. بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شى جىنپىڭ مۇشۇ مۇقامنى توۋلىدى، ئۇ بۇ يىل شىۋىتسارىيەنىڭ داۋوس شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىسادى مۇنبىرىدە، كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسلەك كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى ئۈستىگە ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە «بىر ياكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ بۇيرۇقۋازلىقى» بىلەن بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

«خەلقئارادا <گۇرۇھۋازلىق>، <يېڭى سوغۇق ئۇرۇشى> قىلىش، چەتكە قېقىش، تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش، ھە دېسىلا مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش، جازالاش، سۈنئىي ھالدا ئايرىمىچىلىق ھەتتا پۈتۈنلەي ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش — دۇنيانى پەقەت بۆلگۈنچىلىككە، ھەتتا قارشىلىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ.» دەيدۇ شى جىنپىڭ.

يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بېرى تاشقى دۇنيانىڭ خىتاي سىياسەتلىرىگە بولغان تەنقىدىگە قارىتا، خىتاي ب د ت قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ يۈكسەك ئورنىنى تەرىپلەپ كەلگەن بولۇپ، بېيجىڭنىڭ بۇ تەشكىلاتلاردىكى تەسىر كۈچى بەك زورىيىپ كەتكەن ئىدى.

ۋاڭ يى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى 80 نەچچە دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى ھەرىكەت ئۇسۇلىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئامېرىكا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ غەربىي رايوندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە قاماش قىلمىشلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىدى.

نەتىجىدە، دۇنيا بارا – بارا ئوخشىمىغان لاگېرلارغا بۆلۈندى (گەرچە بۇ نۇقۇل ھالدىكى ئىدېئولوگىيىلىك بۆلۈنۈش بولمىسىمۇ)، خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەر ئىككىلىسى قوللىغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ جاكارلىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) سىياسىتى ۋە خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشىدا، ۋاڭ يى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سالماننىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەمەلىيەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان باياناتىدا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) نى تىلغا ئالمىغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان ئىتتىپاقدىشى رۇسىيە. پۇتىن ئۇزۇندىن بېرى ئامېرىكىنىڭ زوراۋانلىقىدىن ۋە يەرشارى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىن دىپلوماتىيە سىياسىتى قورالى شەكىلدە پايدىلىنىۋاتقانلىقىدىن نارازى بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي ۋە رۇسىيە بارا – بارا يېقىنلاشتى، بولۇپمۇ پۇتىننىڭ 2014- يىلى قرىمنى يۇتۇۋىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە غەربنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن. گەرچە ئىككى دۆلەتنىڭ رەسمىي ئىتتىپاقلىشىش ئېھتىماللىقى يەنىلا ئىنتايىن يىراق بولسىمۇ، خىتاي – رۇسىيە دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى ئامېرىكىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋىتىمۇ  چوڭقۇرلاشتى. خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيسى بىلەن رۇسىيە ھەربىي قىسمى قەرەللىك ھالدا بىرلەشمە مانېۋىر ئېلىپ بارىدىغان بولدى، شۇنداقلا ئىككى قېتىم ياپونىيە دېڭىز قىرغىقىدا ھاۋادىن بىرلەشمە چارلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئەڭ يېقىنقىسى بۇلتۇر دېكابىردا ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

مۇشۇ ئايدا خىتاي – رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئاي شارىدا ئورتاق تەتقىقات پونكىتى قۇرۇپ، ئىككى ئۆزئارا رىقابەتلىشىۋاتقان ئالەم بوشلۇقى تۈرىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىرىگە خىتاي، يەنە بىرىگە ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ.

رۇسىيە ۋىلادىۋوستوك يىراق شەرق فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ خەلقئارا تەتقىقات پروفېسسورى ئارتيوم لۇكىن مۇنداق دەيدۇ: «بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ھەرىكەتلىرى ۋە پوزىتسىيىسى رۇسىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە دۈشمەنلىشىش ۋە ھاقارەت، شۇنداقلا موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ ئۆزئارا قوشۇلۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ ئويلىغاندەك ئىش بولدى.»

خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن رۇسىيە ئەمەلدارلىرى كۆپ قېتىم ئامېرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلىش سالاھىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئىراق، ئافغانىستان ۋە لىۋىيەدىكى ھەربىي مۇداخىلىسىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتتى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئۆزى قارشى تۇرغان دۆلەتلەردە ئاممىنى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن ئالياسكىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى ياڭ جيېچى ئامېرىكىنىڭ ئىرقچىلىقىنى ۋە ساقچىلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى، شۇنداقلا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى قىلىپ كۆرسەتتى.

ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت كېڭىشى ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇقىغا ئائىت بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە جورج فليود (George Floyd) نىڭ ساقچىغا يېلىنىپ تۇرۇپ ئېيتقان «مەن نەپەس ئالالمىدىم!» دېگەن سۆزى بىر كىچىك تېما قىلىنغان.

شۇ كۈنى ھۆكۈمەت ئەقىل ئامبىرى خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى يۈەن پېڭ: «ئامېرىكا چوقۇم دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى تۆۋەنلىتىپ، دۇنيا ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا كۆپرەك سۆھبەتلىشىشى كېرەك.» دېدى.

بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شى جىنپىڭنىڭ شىمالىي كورىيە توغرىسىدىكى بايانلىرى ۋە ۋاڭ يىنىڭ ئىران زىيارىتى خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو تۈرلىرى توغرىسىدىكى تالاش – تارتىشلارنى ھەل قىلىشىقا قىزىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بايدىن ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئوچۇق مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن. ئالياسكىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ئانتونىي بىلىنكېن بۇ ئىككى دۆلەت ئۆزلىرى بىلەن خىتاينىڭ «مەنپەئەتلەر گىرەلەشكەن» يوشۇرۇن رايونلار، دەپ ئاتىدى. باشقا رايونلاردا بولسا ئىختىلاپلار كېڭەيمەكتە.

بايدىن سايلانغاندىن كېيىن، خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى بىرلىك سەپ تۈزۈشىگە داۋاملىق قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنى ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، ترامپ ۋاقتىدىكى قارشىلىشىشنى داۋاملاشتۇرماسلىققا چاقىرىق قىلدى. خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن بايدىن ھۆكۈمىتىنى سىرتتا قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

بۇ تىرىشچانلىقلار ئۈنۈمىنى كۆرسەتمىدى. بايدىننىڭ تاكتىكىسى ئالدىنقى ھەپتە دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) مەسىلىسىدە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى. خىتاي بۇنى دەرھال ئەيىبلىدى.

ۋاڭ يى: «ھېكايە توقۇپ، يالغان سۆزلەپلا خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا خالىغانچە ئارىلىشىدىغان دەۋر ئەمدى كەلمەسكە كەتتى.» دېدى.

خىتاي ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ خەلق سايلىغان ئەمەلدارلىرى ۋە ئالىملىرىغا جازا يۈرگۈزدى، شۇنداقلا شەنبە كۈنى كانادا ۋە ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم كىشىلەرگە ئوخشاش جازا يۈرگۈزدى. بۇ كومىتېت بىر ھۆكۈمەت ئاپپاراتى بولۇپ، مۇشۇ ئايدا شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. جازاغا ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ خىتايغا ساياھەت قىلىشى ياكى خىتاي شىركەتلىرى ۋە شەخىسلەر بىلەن سودا قىلىشى چەكلەندى.

برۇسسېلدىكى رۇسىيە – ياۋروپا – ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى فاللون (Theresa Fallon) خىتاينىڭ ياۋروپالىقلارغا قاراتقان جازاسى ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ جازا ئەمەلدارلارنى خىتايغا قارشى تەشكىللىنىشكە مەجبۇرىلايدۇ دېدى.

بۇ جازالار يەنە خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، چۈنكى جازاغا ئۇچرىغان ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. خىتاي ئىستىمالچىلىرى يېقىندا H&M ۋە نايىك قاتارلىق ئاساسلىق غەرب ماركىلىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، بۇمۇ ئوخشاش تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. كۆپلىگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بۇندىن بۇرۇن قايسى تەرەپنى قوللاشنى ئېنىق ئىپادىلىمىگەن، ئۇلار سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىككى قۇتۇپلىشىشتەك ئىدېئولوگىيە ئىختىلاپىدىن ساقلىنىشنى ئويلىغان بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ئالاقىسىنىڭ بارا – بارا چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىدىندۇر.

ھالبۇكى، مۇناسىۋەتلەردە ھەر قېتىملىق يېڭى بۇرۇلۇش ھاسىل بولغاندىن بېرى، (بىر – بىرىگە قارشى) لاگېرلار تېخىمۇ روشەن ھالدا شەكىللىنىشكە باشلىدى. فاللون مۇنداق دەيدۇ: «خىتايلار دائىم تىغمۇ تىغ قارشىلىشىپ كەلمەكتە، ئۇلار دائىم باشقىلارنى سوغۇق ئۇرۇش قىلىش ئويى بار دەپ ئەيىبلەيدۇ، چۈنكى مېنىڭچە ئەسلى ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق نىيىتى بار.»

مەنبە:
https://cn.nytimes.com/china/20210330/china-us-russia/

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن