خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى

تەجەللى ئابدۇلمەلىك
ئۇيغۇر ئاگېنلىقى ، 2021-يىلى 16-مارت

لى كېچياڭ: ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلدى، بۇ ئىككى دۆلەتكە ۋە دۇنياغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت «خىتاي»ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت «ئامېرىكا» ھەمكارلاشسا پايدا ئالىدۇ، ئەكىسچە زىدىيەتلەشسە زىيان تارتىدۇ.

قىرىق يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت تارىخىمىزدا، خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بەزى ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈردى، ئەمما توسالغۇلارنى يېڭىش ئارقىلىق داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى. بۇ دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ماس كەلگەن ئىدى.

ئىككى دۆلەت پرېزىدېنتلىرى شى جىنپىڭ بىلەن جوۋ بايدىن ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ، بىر – بىرىنىڭ ئاساسىي مەنپەئەتى ۋە نېگىزلىك ئەندىشىلىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، بىر – بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىن ساقلىنىپ، سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىيات ئۈچۈن تىرىشىدۇ. خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى زىددىيەتلىك ئەمەس، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىق پرىنسىپىغا ئاساسەن ئىلگىرىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ھەر ئىككى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىزدىن كۈتكىنىمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە.

تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش، مەدەنىيەت مىراسلىرى، تەرەققىيات باسقۇچى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم جەھەتتە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوخشىمىغان دۆلەتلەر. بەزى ئوخشىماسلىق ۋە كېلىشمەسلىكتىن ساقلىنىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس، ھەتتا بەزىلىرى بىر قەدەر شىددەت تۈسىنى ئېلىشى مۇمكىن.ئەمما، ئەڭ مۇھىمى بۇ ئوخشىماسلىق ۋە كېلىشمەسلىكلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش. خىتاي ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە تالانتى بار. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەرلىكنى ئاساس قىلغان سۆھبەت ۋە ئورتاقلىشىشقا موھتاج. بىز ھەر ساھە ۋە ھەر قاتلاملاردا دىئالوگ ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئىشلارنى تېزلا ھەل قىلالمىساقمۇ، بۇ خىل پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا ۋە گۇماننى تۈگىتىشكە ياردەم بېرىدۇ. بۇ بىزنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇشىمىز ۋە ئازايتىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرى بار. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشالايدىغان نۇرغۇن ساھە بار. ئۆتكەن يىلى، خىتاي – ئامېرىكا سودىسى 4 ترىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %8.8 ئاشتى.

ئىككى دۆلەت ئورتاق مەنپەئەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەتنى كېڭەيتىشى كېرەك. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە يەر شارىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.بىز دېققىتىمىزنى كەلگۈسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، توسالغۇلارنى يېڭىپ، خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئومۇمىي مۇقىملىققا قاراپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

ئىلاۋە: لى كېچىياڭنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى سۆزلىرى دۇنياغا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قانداق شەكىلدە تەرققىىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى چۈشىنىشىمىز ۋە يېقىن كەلگۈسىدىكى ئىش تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشىمىز لازىم دېگەن مەقسەتتە تەرجىمە قىلىىپ يوللاندى.

بەلكىم بۇلار كۆزىڭىزدىن قاچقان بولۇشى مۇمكىن